گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 267 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 364|ئىنكاس: 7

شائىر قەھرىمان روزى ئەرچىن توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوقلىما
13
تېما
14
قىزغىنلىق
72
تىللا
189
تۆھپە
38
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 00:26:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


قەھرىمان روزى ئەرچىن 1967-يىلى 30- دېكابىردا باي ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، ھازىر باي ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئۇنىڭ ھازىرغىچە 550 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى 30پارچىدىن ئارتۇق نەسرى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان.1993 -يىلى «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان ياش ئەدىبلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت مۇھاكىمە يىغىنىدا بىر پارچە شېئىرى 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا،1994-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئۇيۇشتۇرغان «كارۋان يولى» بەدىئىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا بىر پارچە شېئىرى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1996-يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» (قەشقەر) ژورنىلى ئويۇشتۇرغان «ئانا يۇرت- ئالتۇن دىيار» تېمىسىدىكى شېئىر- نەسر مۇسابىقىسىدا ئىككى پارچە نەسىرى 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2001-يىلى «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئاپتور بۇلۇپ باھالىنىپ تەقدىرلەنگەن. 2008-يىلى «ئاي قوشىقى» تېمىسىدىكى بىر يۈرۈش شېئىرلىرى17- قېتىملىق خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ۋە شاڭخەي- ئاقسۇ ھەمكارلىقىدىكى «پۇجياڭ لوڭقىسى» بويىچە بىر ياخشى ئەدەبىي ئەسەر-شېئىر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «يۈرەكسىز سۆيگۈ»، «تارىم ناۋاسى»، «قەشقەردىكى يەر شارى»، «سېنى ئۇنتالمايمەن»، «تاغ بوۇلاقلىرى»، «غايىپ بولغان قەھرىمان»...قاتارلىق بىرلەشمە توپلاملارغا شېئىر- نەسىرلىرى تاللىنىپ كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم ناخشا تېكىستلىرىگە مۇزىكا ئىشلىنىپ، مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغان. جۇڭگو يازغۇچىلار نەشىرياتى نەشر قىلغان خەنزۇ يېزىقىدىكى «شىنجاڭ يېڭى دەۋر ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ «نەسىرلەر توپلىمى»دا نەسرلىرى، خەنزۇ يېزىقىدىكى «سالغا تېشى» ناملىق بىرلەشمە توپلامدا شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان، يەنە بىر تۈركۈم شېئىر- نەسرلىرى خەنزۇچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان، 5 پارچە شېئىرى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىنغان. ئۇ 1999- يىلى «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن. قەھرىمان روزى ئەرچىن ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ خەلق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلىرى(ئېغىز ئەدەبىياتى)جەمئىيىتىنىڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. باي ناھىيەلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى.

  مەنبە: خەلق تورى



قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

Rank: 1

تېما
14
قىزغىنلىق
72
تىللا
189
تۆھپە
38
توردا
1 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-30 02:11:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھىرمان ئاكا گەرچە سىز بۇ توربەتتە بولمىسڭىزمۇ ئۈزىمىزنىڭ يۇرتىدىن چىققان شائىرلىرمىزنى ھەممە دوسلار بىلىپ يەتسۇن ھەمدە بۇندىن كىيىنلەردىگىلەرمۇ ئۈگىنىش ئۈلگىسى بولسۇن  دىگەن مەقسدەە (خەلىق تورى) دىن كۈرۈپ كۈچۈرۈپ ئېلىپ چىقتىم .
بۇرۇن بىر يوللانغان ئىدى بۇ تىما لىكىن بۇنداق تەپسىلى رەسىملىك ئەمەسكەن شۇڭا قايتا يوللاپ چىقتىم .


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
29
تىللا
105
تۆھپە
10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 15:36:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىمان ئاكا !سىزنىڭ تەرجىماھالىڭىزنى بۇ توردا كۆرۈپ بەكمۇ خوشال بولدۇم ،مەن سىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى شاگىرتىڭىز جۈمە ،ئۇزۇن بولدى ئالاقە قىلىشالماي قالدۇق ،قايسى كۈنى مۇشۇ توردا قۇربانكامنىڭ تەرجىمھالىنى كۆرۈپ ،سىزنىڭكىمۇ بارمىدۇ دەپ ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم ،بۈگۈن كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم ،سىزگە مۇۋاپەقيەت،سالامەتلىك  يار بولسۇن !


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
85
تىللا
213
تۆھپە
95
توردا
20 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-4 21:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن خۇدايىم بۇيرسا بىر نەرسنى بىلگدەك بولسام تۇنۇيتۇم بۇ شايىر ئاكامنى بەك ئىسىل ئادەمدە بۇ


Rank: 1

تېما
0
قىزغىنلىق
77
تىللا
247
تۆھپە
10
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-5 10:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە شېئىرغا ئانچە قىزىقىپ كەتمىسەممۇ ئەرچىنكامنىڭ تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ 95-يىللىق سانىغۇ دەيمەن، شۇ ساندا‹‹ئۈزۈك-ئۈزۈك››دېگەن بىر شېئىرىنى ئوقۇپ ناھايىتى ياقتۇرغانىدىم.


Rank: 4

تېما
8
قىزغىنلىق
842
تىللا
3418
تۆھپە
215
توردا
23 سائەت

مۇنبەر مەسئۇلى رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 00:11:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىمان ئاكا !سىزنىڭ تەرجىماھالىڭىزنى بۇ توردا كۆرۈپ بەكمۇ خوشال بولدۇم ،مەن سىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى شاگىرتىڭىز جۈمە ،ئۇزۇن بولدى ئالاقە قىلىشالماي قالدۇق ،قايسى كۈنى مۇشۇ توردا قۇربانكامنىڭ تەرجىمھالىنى كۆرۈپ ،سىزنىڭكىمۇ بارمىدۇ دەپ ئىزدەپ تاپالمىغان ئىدىم ،بۈگۈن كۆرۈپ بەك خوشال بولدۇم ،سىزگە مۇۋاپەقيەت،سالامەتلىك  يار بولسۇن !(ئىلگىرىكى خىزمەت ئورنۇمدىكى  ئىنىم يوللۇق شاگىرت خىزمەتدىشىم جۈمەنىڭ ئىنكاسى)


ئەسسالام! ئىنىم جۈمە، تىنچلىقمۇ؟ بىز ئۇزاق بولدى ئالاقە قىلمىدۇق، قەشقەردىكى يېڭى خىزمەت ئورنىڭىزغا كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟ مەن سىزنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىۋاتىمەن.
مېنىڭ چچ نومۇرۇم يەنىلا شۇ بۇرۇنقى نومۇرۇم: 763126417
تېلېفون: 13899245167
مۇشۇ نومۇر ئارقىلىق پات- پات  سالاملىشىپ تۇرايلى. ئامان بولۇڭ!


Rank: 1

تېما
3
قىزغىنلىق
103
تىللا
133
تۆھپە
18
توردا
15 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-23 01:02:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەھرىمەن روزى ئاكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادى پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپەقىيەتلىك بولۇشىنى ۋەتېخىمۇ روناق تېپىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .


http://www.nazugum.com/
http://www.attirgul.net
http://attirgul.blogbus.com/

Rank: 1

تېما
1
قىزغىنلىق
71
تىللا
131
تۆھپە
12
توردا
0 سائەت
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-28 17:40:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىخاديەتلەرگە تەشەككۈر ئېيتش بىلەن بىر ۋاقتا  قەھرىمان روزى ئاكنڭ ئىشلىرنڭ ئۇقۇشلۇق ئائىلسنڭ ئىناق _ئىتپاق  قەلمنڭ تېخمۇ كۈچلۈك بۇلشنى تىلەيمەن


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-16 04:20 , Processed in 0.109294 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش