گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

uqur
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 321 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 120|ئىنكاس: 0

ئاتا-ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يوقلىما
48
 : ئالى ئەزا
 دەرىجىسى : Rank: 3Rank: 3
 يوللانغان يازمىسى : 72
 نادىر تېمىسى :(0)
 جۇغلانما : 2373
تۆھپە : 212
قىزغىنلىق : 459
تىللا : 1171
قۇشۇلغان: 2011-6-3
يوقلىما: 2011-12-14

توردا يوق

ئەزا مېدالى
 ئۇلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا مائارىپچى شەرەپلىك ئەز
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 21:02:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
: ئاتا-ئانىلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

1. بالىڭىزغا چېنىقىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلەمسىز؟

بالىڭىزنى ھەمىشە كىچىك، كۆپ ئىشلارنى قىلالمايدۇ، دەپ قارىماي، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۇنى كاللىسىنى ئىشلىتىپ بېقىشقا ئۈندەڭ، شۇنداقلا قىلىپ بېقىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ، چېنىقىش ئارقىلىق بالىلار ئىشەنچكە ئىگە بولىدۇ، قەيسەر ئىرادە بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىلەيدۇ. رېئال تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار ھېچقانچە بىلىمى بولمىسىمۇ، بالىلىرىغا ئىلىم _ ھۈنەر ئۆگىتەلمىسىمۇ، ئەمما ئۇلاردا كىچىكىدىن قەيسەر خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆمۈرلۈك نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
2. بالىڭىزنى ئايدا بىرەر قېتىم بولسىمۇ كىتابخانىغا ئېلىپ بارامسىز؟

مەقسەتلىك ھالدا بالىڭىزغا مۇۋاپىق كىتابلارنى تاللاپ بېرەمسىز؟ بالىدا كىچىكىدىن تارتىپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەندە، ئۇ كېيىن زور نەپكە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ رولىنى ئويناپ، بالىلىرىغا دەرسلىكتىكى بىلىملەرنى ئۆگىتىشكە ئامراق كېلىدۇ، بىزچە بۇ يەنىلا بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، پايدىلىق كىتابلارنى كۆرگەنگە يەتمەيدۇ. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭغا بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىشتە. شۇڭا، ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن بىللە كىتاب كۆرۈڭ.
3. بالىڭىزغا ئاتاپ گېزىت _ ژورناللارغا مۇشتەرى بولامسىز؟

نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار دائىم بالىلىرىغا كىيىم _ كېچەك، ئويۇنچۇقلارنى ئېلىپ بېرىدۇ، ئەمما ئۇلارغا ئاتاپ گېزىت _ ژورناللارغا مۇشتەرى بولۇشنى ناھايىتى ئاز ئويلايدۇ. ئۆيدىكىلەر بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قىزىقارلىق گېزىت _ ژورناللارنى ئوقۇش بالىلىق چاغلىرىمىزدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك، ئەڭ بەخىتلىك ئىش ئىدى. كۆپرەك گېزىت _ ژورناللارغا مۇشتەرى بولغاندا، بالىلارنىڭ بىلىمى يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆپىيىپ بارىدۇ.
. بالىڭىزغا بەزى توسالغۇلارنى يېڭىشنى ئۆگىتەلەمسىز؟

بالىلارغا ئۆزى قول سېلىپ بەزى كىچىك قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنى ئۆگەتكەندە، بالىلاردا مۇستەقىل ئىش قىلىش، مەسىلىلەرنى مۇستەقىل بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يېتىلىدۇ. بۇنىڭدا ئاتا _ ئانىلار چوقۇم پاراسەتلىك بولۇشى كېرەك. بالىلارنىڭ بۇنداق ئىقتىدار يېتىلدۈرىشىنىڭ كەلگۈسى ھاياتىغا نىسبەتەن مەلۇم پايدىسى بولىدۇ.

5. بالىڭىزنى جاھاننىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ تەربىيىلەمسىز؟

ئۆيىڭىزدە بىرەر گلوبۇس، دۇنيا خەرىتىسى ياكى جۇڭگو خەرىتىسى بارمۇ؟ ھەر قېتىم تېلېۋىزوردىن خەۋەر كۆرگەندە، بالىڭىز بىلەن بىللە خەۋەر ئېيتىلغان جاينى تېپىپ چىقالامسىز؟ كونىلار << كۆپ ئىزدىنىش جاھاننى كۆپرەك چۈشەنگەن بىلەن باراۋەر >> دېگەن. بالىغا جاھاننى كۆپرەك تونۇتقاندا، ئۇ ئۆيدىن چىقمايمۇ جاھاننى << چۈشىنەلەيدىغان >> بولىدۇ بالىڭىزنى ئۆي ئىشلىرىغا سالامسىز؟

نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار بالىلىرىنى ئاياپ ھەم ئۇلارنى ئوبدان قىلالمايدۇ، دەپ ئۆي ئىشلىرىغا سالماي، << كۆڭۈل قويۇپ كىتاب ئوقۇش >> قىلا ئۈندەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئاتا _ ئانىلارمۇ ھامان قېرىيدۇ، بالىلارنىڭمۇ كېيىن ئۆز ئائىلىسى بولىدۇ، سىز بالىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايسىز. شۇڭا، ھازىردىن باشلاپ بالىڭىزغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنى، ئۆي تۇتۇشنى ئۆگىتىڭ.
8. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىڭىز بىلەن پاراڭلىشامسىز؟

نۇرغۇن ئاتا _ ئانىلار بالام گەپ ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالدى، دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بالىغا كۆپ كۆيۈنمىگەنلىكتىن، ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن كۆپرەك سىرداشمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ مىسكىنلىكىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن بولىدۇ. مەكتەپتىكى ئوخشاشمىغان يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى تەكشۈرىشىمىزچە، ئىنتىزامچان، ئەخلاق _ پەزىلەتتە، ئۆگىنىشتە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى يېتىشتىن بۇرۇن ئاتا _ ئانىلىرى بىلەن پاراڭلىشىدىكەن، ئۇلارغا مەكتەپتە بولغان ئىشلارنى زوق _ شوخ بىلەن سۆزلەپ بېرىدىكەن، ئاتا _ ئانىلىرىمۇ بېرىلىپ ئاڭلايدىكەن. مېنىڭچە، ئاتا _ ئانىلار بالىلىرى بىلەن قانچىكى سىرداشسا، بالىلار ئۇلارنىڭ گېپىنى شۇنچە ئاڭلايدىغان بولىدۇ، بولمىسا ئاڭلىمايدۇ. شۇڭا، بالىڭىز بىلەن كۆپرەك سىردىشىڭ.
مەنبە:قەلب تورى


http:www.sayram.biz/ تورىغا مەرھەمەت
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.

ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-12-16 19:01 , Processed in 0.113295 second(s), 32 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش