گۈزەل باي تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 266 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 5

دۇنيا بۇيىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەت قايسى؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 3Rank: 3

يوقلىما
40
تېما
135
قىزغىنلىق
682
تىللا
947
تۆھپە
325
توردا
92 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا يازغۇچى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز مائارىپچى ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  مۇنبەر قىززىقچىسى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 22:52:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئامېرىكا تور سانلىق مەلۇمات شىركىتى (PandoNetworks) نىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، كورىيەنىڭ ئىنتېرنېت (چۈشۈرۈش) سۈرئىتى دۇنيا بۇيىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن، 2-ۋە 3-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر رومىنىيە، بولغارىيە،…قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ئىكەن. ئامېرىكا 26-ئورۇندا، جۇڭگو 80-ئورۇندا تۇرىدىكەن، جۇڭگو شياڭگاڭنىڭ تور سۈرئىتى بىر ئاز تېز بولۇپ، سېكۇنتىغا 992KB ئىكەن. دۇنيا بۇيىچە تور سۈرئىتى ئەڭ ئاستا دۆلەت ئافرىقىدىكى كۇنگو جۇمھۇرىيىتى بولۇپ، سېكۇنتىغا 13KB ئىكەن.
كورىيەدە تور سۈرئىتىنىڭ دۇنيا بۇيىچە تېز بولۇشى، بۇ دۆلەتتە رىقابەت ئىنتايىن كەسكىن بولۇپ، 99-يىلى قۇرۇلغان «HANARO خەۋەرلىشىش» شىركىتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ شىركەت مۇقىم تېلېفون بازىرىنى ئېگەللىگەن بولۇپ، رىقابەتتە پۇت دەسسەپ تۇرۇش ئۈچۈن، شۇ يىللىرى ئامېرىكىنىڭ ADSL تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈپ، دۇنيا بۇيىچە تۇنجى ADSL ئىنتېرنېت مۇلازىمەت كەسپىنى ئاچقان. بۇ يىل 6-ئايدا ئايلىق ئىجارىسى 28 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 170 يۈەن) بولغان كەڭ بەلباغ مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن كورىيەلىكلەرنى ھەيران قالدۇرغان. كورىيەدە ئىنتېرنېتنىڭ ئادەتتىكى ئائىلىلەر ئۆلچىمى 100Mbs بولۇپ(بىزنىڭ بۇ يەردە 2Mbs غۇ دەيمەن)، 10 يىلدىن بۇيان 100 ھەسسە تېزلەشكەن. 2012-يىلىغا بارغاندا، تور سۈرئىتىنى 1Gbps غا، 2020-يىلىغا بارغاندا 10Gbps قا كۆتۈرۈش پىلانلانغان.

كەلگۈسىدە، كورىيەنى IT (ئۇچۇر تېخنىكا) ساھەسىدە كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، پۈتۈن مەملىكەتتە تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېتنى زور كۈچ بىلەن ئومۇملاشتۇرۇش چاقىرىق قىلىندى.

گەرچە جۇڭگو ئىقتىسادىي جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما، تور سۈرئىتى جەھەتتە 80-ئورۇندا تۇرىدۇ، بۇنداق بولۇشىنىڭ ئاساسىي سەۋەبى جۇڭگودا خەۋەرلىشىش شىركەتلىرى ئارىسىدا رىقابەت كەسكىن ئەمەس. ئىنتېرنېتنى ئاساسىي جەھەتتىن جۇڭگو تېلېگىرافى كونترول قىلىۋالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە جۇڭگو تېلېگىرافى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە جۇڭگو ليەنتوڭ قاتارلىق 3 چوڭ شىركەتلەر يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىنى ئۆز-ئارا يۆتكەپ ئىشلىتىش ئەھۋالى مەۋجۈت.
دۆلىتىمىزدىكى نوپۇزلۇق ئەرباپلارنىڭ قارىشىچە، ناۋادا، بۇ ئۈچ چوڭ شىركەتلەر ھەقىقىي رىقابەتلىشىدىغان بولسا، تور سۈرئىتى دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن، ئەمما، تور ھەققى دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەدىن يۇقىرى ھالەتكە خاتىمە بېرىلگەن بولاتتى. دۆلىتىمىزنىڭ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قورۇلۇشىمۇ تېخىمۇ تېز ساغلام تەرەققىي قىلغان بولار ئىدى دېيىشمەكتە.

مەنەبە:ئالىم ئەخەت بىلوگى




Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
539
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
795 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 23:15:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلۇپمۇ بىزنىڭ بايدا تېلگىراف شىركىتىنىڭ تورىنى ئىشلەتمەي ئامال يوق، باشقا شەھەرلەردە تۆمۈر يولنىڭ، تور ئالاقە شىركىتىنىڭ.....دېگەندەك تورلىرى باركەن


Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
13
قىزغىنلىق
309
تىللا
1608
تۆھپە
161
توردا
265 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز ئىشەنچىلىك ئەزا  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 23:31:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمىسىمۇ جۇڭگودا ھەجەپ ئاستىكىنا بۇ،مەن كومپىيوتىرىمنىڭ تور سۈرئىتىنىڭ بەك تىز بولۇشىنى بەك ئۈمىد قىلاتتىم لىكىن..........


كىشىگە كىشىنى مۇھتاج قىلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

تېما
30
قىزغىنلىق
539
تىللا
2110
تۆھپە
77
توردا
795 سائەت

تىرىشچان ئەزا  ئۇلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا مۇنبەر مەلىكىسى ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز  تىما يوللاش ماھىرى  چوڭ باشقۇرغۇچى

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-28 23:53:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەسسۇر2 يوللىغان ۋاقتى  2011-9-28 23:31
دىمىسىمۇ جۇڭگودا ھەجەپ ئاستىكىنا بۇ،مەن كومپىيوتىرىم ...

نىمە ئامال! كورىيەگە كۆچۈپ كىتىشنىڭ ئورنى يوق-تە


Rank: 3Rank: 3

تېما
13
قىزغىنلىق
325
تىللا
1350
تۆھپە
185
توردا
106 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئالى ئەزا شەرەپلىك ئەز

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 15:43:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىمىز شۇ تور سۈرتىنىڭ تېز بۇلشىنى ئارزۇ قىلىمىز.بىزدە نىمە ئامال بۇنىڭغا


سۈكۈت قىلىش -ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان كىشلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش

Rank: 2

تېما
7
قىزغىنلىق
143
تىللا
280
تۆھپە
94
توردا
10 سائەت

رەسمى ئەزا تىرىشچان ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-29 17:13:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى بارلىق قېرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر.
بىز شۈكرى قىلساق بولغىدەك،بىزتەرەپتە تېلگىرافنىڭ 4 ئېمبى
پۇلنى كۆپرەك تۆلىسەك 8 ئېمبى بار،
تۈمۈر يولنىڭ توۋىنى  2  ئېمبى،  ئىككىنجى يىلى 1ئېمبى قۇشۇپ بىرىدۇ.
ئايلىقى.  تېلگىرافنىڭ 4 ئېمبى 100 يۈەن بىردانە يانتېلفۇن قۇشۇپ بىرىپ 100 يۈەن قول تېلفۇنغا قاچىلاپ بىرىدۇ.
تمۈر يولنىڭ يىللىقى 680 يۈەن 200 يۈەن ئۆي تېلفۇنىغا قۇشۇپ بىرىدۇ،يان تېلاۇنىڭىز 138 شىركىتىنىڭ بولسا ئايدا 10 يۈەندىن بىر يىل 120 يۈەن قۇشۇپ بىرىدۇ.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

ئەسكەرتىش : گۈزەل باي توربىتىدە ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى بۇزىدىغان ، مىللى بۆلگۈنچىلىك خاراكتىرىدىكى ، باشقا شەخس ياكى ئورۇنلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىدىغان ، قورقۇتۇش ياكى تەھدىت سېلىش خاراكتىرىدىكى ، ساختا ياكى ئالدامچىلىق مەقسىتىدىكى ئېلان قاتارلىق مەزمۇنلارنى يوللىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ ، مەيلى تىما ئىنكاس ياكى قىسقا ئۇچۇردا بولسۇن يوقارقىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلسە ، بىكىتىمىز شۇ كىشىنىڭ بارلىق ماتىرىيالى ۋە تورغا چىققاندىكى IP سىنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بىرىدۇ. !!!!!!!!!!!!! 24سائەتلىك نازارەت ۋە پاش قىلىش قوللىنىلغان.ئەرىز -شىكايەت ۋە قانۇسىز يوللانما ئۇچۇر پاش قىلىش تېلىفۇن نۇمۇرى :13999989457

يانفۇندا چىقىش ئادىرسى|گۈزەل باي تورى

GMT+8, 2011-11-15 22:56 , Processed in 0.106024 second(s), 27 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش