ياتلاشتۇق
مۇھەممەتجان راشىدىن
يامان كۈنلەردە تۇققانتۇق، روناق تاپقاندا ياتلاشتۇق،
پالازدىن تەستە ئايرىلساق، كىگىز باسقاندا ياتلاشتۇق.
سارايلار بۇزدىمۇ ئىشنى، گىلەم ئاسقاندا ياتلاشتۇق،
تامام ئۇنتۇلدى ھەم زاغرا، توغاچ ياققاندا ياتلاشتۇق.
ئۇچۇپ چىقتۇق دىسەك كۆككە، قانات قاققاندا ياتلاشتۇق...
تىزىق مونچاق ئىدۇق بىزلەر، ئانام بوينىدىكى گويا،
سۇزۈك ئالما ئىدۇق بەش تال، ئاتام قوينىدىكى گويا.
ئۇچار قۇشلار ئىدۇق ھەمدە، ئاشۇ ھويلىدىكى گويا،
تۇگەل لەغمەن ئىدۇق ياكى، چومۇش چويلىدىكى گويا.
بىراق بىزنى جاھان ھەريان، ئۈزۇپ تاتقاندا ياتلاشتۇق...
ئوتۇن تەرگەن ئىدۇق بىر چاغ، يۇرۇپ جاڭگالدىمۇ بىللە،
بوران چىقسا ماكان ئەتكەن، ئىدۇق ئازگالنىمۇ بىللە.
ئېقىن ئەتتۇق، چېپىپ كەتمەن، چېقىپ داڭگالنىمۇ بىللە،
باراتتا بىرگە بولغانتۇق، ئېچىپ رامزاننىمۇ بىللە.
چىرايلىق ئۆي تۇتۇپ ئەمدى، ئوتۇن يارغاندا ياتلاشتۇق...
ئانام كەتتى بىرەر ئۆيدە، تۈزۈك تۆت كۈن تۇرالماستىن،
ئېلىندى تاختىغا نانلار، ئازاپلاندى سورالماستىن.
دادامنى مەنمۇ كەتكۈزدۇم، بىرەر ئوغلاق سويالماستىن،
مىراس ماجراسىغا چۇشتۇق، تېخى قىلچە ئۇيالماستىن.
شۇلار ھەسرەت بىلەن نىمجان تىنىپ ياتقاندا ياتلاشتۇق...
زۆرۇر بولسا مالاي قىلدۇق، شۇلارغا نەۋرە باققۇزدۇق،
كېلىنلەر چاچ تاراپ يۇردى، شۇلارغا ناننى ياققۇزدۇق.
تېزەك يىققاننى ئاز كۆرۇپ، شۇلارغا ئۆچكە ساغقۇزدۇق،
تېخى غالۋارىدۇق بەزەن، جاھاندا يوقنى تاپقۇزدۇق.
باقار چاغدا باھانە كۆپ، بەدەر قاچقاندا ياتلاشتۇق...
ئاتا كەتتى، ئانا كەتتى، دىمەك بىزدىنمۇ ياز كەتتى،
قېرىنداشلىق بىناسىنىڭ يامان يەرىگە دەز كەتتى،
ئىچەرگە ئاش، كىيەرگە تون، چالارغا بىللە ساز كەتتى.
ئارادىن سەلتەنەت تاجى، ئاجايىپ ئىمتىياز كەتتى،
شۇلار كەتتى، يوغان ھويلا غېرىپ قالغاندا ياتلاشتۇق...
ئۇزاق ئوتمەي سۈكۈت پۇتتى، مىراس ۋەجىدە گەپ چىقتى،
بىرى ئەلچى قويۇپ ئاستا، بىرى ئاشكارا دەپ چىقتى.
بىرىدە يەڭ شىمايلاغلىق، بىرى چەيدو بىلەپ چىقتى،
ھازازۇل نەپسىمىز ئاخىر، جىمى ئىشنى سۆرەپ چىقتى.
قىرىق يىللىق قېرىنداشلار، مىراس ئالغاندا ياتلاشتۇق...
شۇنىڭدىن بېرىقى كۈنلەر، ئۆتەر ھىچكىمنى خوش قىلماي،
قويامدۇ غۇم-ئاداۋەتلەر، ئارادا يازنى قىش قىلماي.
تىنىقتىنمۇ تولا كوت-كوت، كەسەكنى كەلدى خىش قىلماي،
يۈرەر شەيتان توشۇپ گەپ-سۆز، ئۇنىڭدىن باشقا ئىش قىلماي.
نىزا گۇلخانلىرى دىلدا، كۆيۇپ يانغاندا ياتلاشتۇق...
نىزالار ئۇلغۇيۇپ سەلدەك، ھەسەتخورلۇققا يۈزلەندى،
مېنىڭ ئىللەتلىرىم قۇمدەك، سېنىڭ ئاغزىڭدا سۆزلەندى.
"سېنىڭدىن مەن قالامتىم"نىڭ ئېگىز مۇنبېرى كۆزلەندى،
قېرىنداشلىق گۈلىستانى، تامام چەيلەندى تۈزلەندى.
ئەجەپ ئالەم ئىكەن قوشلاپ، سېيىر ساغقاندا ياتلاشتۇق...
خوتۇنلار پادىشاھ بولدى، سېنى بەنلەپ، مېنى بەنلەپ،
خوتۇنلارغا خوتۇن بولدۇق، ئېغىز ئاچساق قوپار سەنلەپ.
تېنىيدۇ يەڭگىلەر سىنچاي، ماڭا بەرگەن بىلەن دەملەپ،
ئاتار كەينىمدە غەيۋەتنىڭ، يەنە ئوقيارىنى بەنلەپ.
شۇلارنىڭ كەينىدىن بىزمۇ، تۇگەل چاپقاندا ياتلاشتۇق...
ئۆگەندۇق ئەرزىمەس ئىشقا، تۇرۇپ قىيداش-يامانلاشنى،
ئۆتەرمىز ئۇچرىشىپ قالساق، ئارانلا لىڭشىتىپ باشنى.
قېرىنداشلىقنى كىم بىلگەن، بۇ خىل ئاسان تاماملاشنى،
نىزادا ئۆتتى ھېيت-ئايەم، قىلالماي جەم قېرىنداشنى.
ئىناقتۇق كەپىدە توۋا، ساراي سالغاندا ياتلاشتۇق...
قېرىنداش بولۇپ يارالغانلار، تامام بىزدەكمىدۇ دەيمەن،
قۇيۇنلار قۇترىغان ياكى، دالا-تۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
بېغىدا ھىچ باھار-ياز يوق، غازاڭ كۇزدەكمىدۇ دەيمەن،
دىلىدا قىلچە ئاپتاپ يوق، سۆزى مۇزدەكمىدۇ دەيمەن.
يۇمۇپ كۆز بارچە نۇقساندىن، تۇگەل تانغاندا ياتلاشتۇق.
مۇھەممەتجان راشىدىن
شېئىرلىرىدىن تاللانما
2015-يىلى 8- ئاينىڭ 29-كۈنى شەنبە شەھرى ئۈرۈمچىدە يامغۇر يىغىۋاتىدۇ
ئىمىنجان ھىدايەت