چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 1463|ئىنكاس: 9

گۇناھكار تۇيغۇ(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
گۇناھكار تۇيغۇ
(ھېكايە)
ئاپتورى:بارلاس


بۈگۈن چېيىمنى ئىچىپ بۇلۇپلا ،تاكسىرىمنى ھەيدەپ يولغا چىقتىم،بۇ تاكسىچىلىق قىلۋاتقىلىمۇ خېلى بولدى،پۇلنىمۇ تاپتىم،بىراق مۇشۇ خۇتۇندىن تەلەي كەلمىدى،ئۇنىڭ بىلەن ئاجراشقىنىمنى ئويلىساملا ،بەزىدە ئىچىم ئاچچىق بۇلۇپ قالىدۇ،بۇ ئاچچىق بۇلۇش دەل ئاخشىمى يوتقانغا كىرگەندە ئۇنىڭ قىلىدىغان تاتلىق سۆزلىرى ھەم تاتلىق ھەركەتلىرى ئىدى.ھەي بويتاقلىق،توي قىلىپ 3يىل بولمايلا ئاجرىشىپ كەتكەچكە،ئادەم ئاجايىپ بۇلۇپ قالىدىكەن.
ماشىنامنى قىززىتىپ،يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلۋاتاتتىم.شۇ ئارىدا بىر قىز قول پۇلاڭشىتتى،شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە كېلىڭ دىگەن مەنىدە شەرەت قىلدىم،ئۇ يېنىمغا كەلدى،قارىسام چىرايى شۇنداق سۈزۈك كەلگەن 24ياشلار چاممىسىدىكى ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز ئىكەن،كېلىپلا ؛ ‹ ئۇستام،بۇ مەن خېرىدار بولغاندىكىن،قول پۇلاڭشىتقاندىكىن ئالدىمغاا كەلسىڭىز بولمامدۇ ؟› دېدى،مەن ؛‹ كەچۈرۈڭ ،ماشىنامنى قىززىتىپراق يولغاچىقمىسام بولمايدۇ ،5 كوي پۇلنى دەپ ماشىنىنى قىززىتماي ماڭسام ،ئەتە ئۆگۈن بىرەرمىڭ كويغا چۈشىدىغان گەپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ماشىنا دىگەن ئاسرىغاننى بەك بىلىدۇ،مېنىڭچە بۇ جانسىز بولغان بىلەن بەك كۈيۈنگەننى ئۇقىدۇ › دىگەن گەپلەرنى قىلدىم،ئۇنىڭغىچە ئۇ يېنىمدا گېپىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدى، ئاندىن ؛‹سىزنىڭ گەپلىرىڭىز باشقىچە ئىكەن ،دېمەكچى بولغىنىم،سىز باشقا شۇپۇرلاغا ئوخشىمايدىكەنسىز،قارىغاندا سىزنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىڭىز چۇقۇم مەخسۇس كۇرس ياكى تۇلۇق كۇرس ›دىگەن گەپلەرنى قىلدى،ئىچىمدە ؛‹. بولدىلا ،مۇشۇ قىزنى ئاپىرىپ قۇياي ،توڭلاپمۇ كېتىدۇ › دەپ ئويلىدىمدە،‹ چىقىڭە ،چىقىپ ئولتۇرغاچ تۇرۇڭ ،توڭلاپ كەتمەڭ ،ھاۋا سۇغۇق › دەپ ئۇ قىزنى ماشىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدۇم،ئۇنىڭغىچەماشىنىنىڭ ئەينىكىنى سۈرتۈپ ،ئاساسىي جەھەتتىن باشقا جايلىرىنىمۇ تازىلاپ بولدۇم.بولدى قالغىنىنى ماڭغاچ ،بىرىنچى خوتتا ئاستا مېڭىپ قىززىتاي ،ئازراق بولسىمۇماڭغاچ تۇرىدىكەنمەن دەپ ،ماشىنىنى قوزغاتتىم ،‹نەگە بارىسىز ؟›
-- مەن تاغچى يېزىلىق ئۇتتۇرا مەكتەپكە بارىمەن،شۇ يەرگە ئاپىرىپ قويسىڭىز ؟ دېدى
-- ئاللا ،ما ئىشنى ئۇ يەر بەك يىراقتى ،بولدىلا ئاپىرىپ قۇياي › دېدىم ،ئۈزۈمنىڭ ئۇ قىزغا نىسپەتەن بىر خىل ھېسىياتنىڭ ئىسكەنجىسىدە بۇ گەپنى دىگەنلىكىمنى بىلىمەن.
مەن ئۇ قىزنىڭ ئۇقۇتقۇچى ئىكەنلىكىنى باشتىلاجەزىملەشتۈرگەن ئىدىم،چۈنكى ئۇ قىزنىڭ يۈرۈش-تۈرۈشى شۇنچىلىك رەتلىك ،ھەم ئۆزىگە بەكلا ياراشقانىدى ،بەزى قىزلارغا ئوخشاش شەرمىي -ھايانى قايرىپ قۇيۇپ كېيىنگەن قىزلارغا ئوخشىمايىتتى.
شۇنداق قىلىپ بۇ قىز بىلەن ماشىنىدا شۇ يېزىغا قاراپ ماڭدىم،ماشىنىغا چىقىپلا ،چاپىنىنى سالماسمىدى،ئاباي ئويلىغان شەرمى-ھايالىق دىگەن خىياللىرىم بىردىنلا يىراقلا ئۇچۇپ كەتتى،ئۇ قىز چاپىنىنىڭ ئىچىنى شۇنداقلا ئاچقانتى،لىغىرلاپ تۇرغان كۆكسى كۈرۈنۈپلا قالغۇدەك بىر نىپىز كۆڭلەك كىيۋاپتۇ،ئۈستىگە قېلىن مامۇق چاپان كىيۋالغان بىلەن،ئىچىمدە توۋا دەپ قاپتىمەن،قارىماي دېسەممۇ ،شەيتىنىم بۇنىڭغا يول قويمىدى،ئىچىمدە توۋا دەپ قاپتىمەن،ھېلىقى بىر گەپ بارغۇ ،كۆرمىگىنىڭ كۆرگىنىڭدىن كۆپتۈر دەيدىغان ،تېخى ئۆلمىسەك كۆپ ئىشلارنى كۆرىدىغان ئوخشايمىز،- دېدىم ئىچىمدە.ئاللا ،ئەستاغفۇرۇللا ،ما ئىشنى ماشىنىنى دېققىتىم بىلەن ھەيدەي دېسەممۇ ،كۆزۈم شۇ تەرەپكە ئېغىپ كېتىپ باراتتى،توۋا تېخى ئەمدىلا 25 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قىز ئىكەن ،كاساپەتنىڭ كۆكسى ھەجەپ يوغانكىنا دەۋەتتىم ئىچىمدە،ما ئايالىمدىن ئاجرىشىپ كەتكەندىن ياقى بۇنداق ھېسىياتتا بۇلۇپ باقماپتىكەنمەن،كۆڭلۈمدە :‹ تۇپ تۇرە ما كاساپەتنىڭ نۇمۇرىنى سورىۋالايچۇ ؟› دىگەنلەرنى ئويلىدىمدە ،ئۇنى گەپكە سېلىش نىيىتىدە گەپ تەشتىم .
— رەھمەت سىزگە ،مېنىڭ ماشىنامنى قىززىتىپ بولغىچە ،ماشىنامدا سەۋىر تاقەت بىلەن ئولتۇرۇپ تۇردىڭىز،باشقا ئادەم بولغان بولسا ،ۋاي باشقا ماشىنا تاپايچۇ دەپ كېتەتتى —دېدىم .
—ۋاي ياقەي ،كىچىككىناڭ ئىشقىمۇ رەھمەت ئېيتىشنىڭ ھاجىتى يوق،باشقا ماشىنا تۇسىمەن دەپ نەدىنمۇ سۇغۇقتا يۈرىمەن،بۇمۇ بىر ھېساپتا بەلەن بولدى ،ئەتىگىنىسى ماشىنا تاپالماي،بەك تۇرۇپ كېتىدىكەنمەن،بۇنىڭدىن كېيىن مۇمكىن بولسا سىز ئاپىرىپ قويسىڭىز ،پۇلنى سىزگىلا بەرسەم،ئۆيىمىز بىر ئولتۇراق رايۇنىدا ئىكەن-دېدى.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ،ئىچىمدە :‹ ھەجەپ ياخشى  بولدا،ئەمدى تېلىغۇن نۇمۇرىنى ئىشتىكلا بىلۋالىدىغان بولدۇم› دەپ ئويلىدىمدە ،ئىشتىكلا :
—— ئۇنداقتا تېلىغۇن نۇمۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز،مەن ئەتىدىن باشلاپ سىزنى ئەتىگىنى ساقلاپ تۇراي —دېدىم.
——مانا بۇ مېنىڭ تېلىغۇن نۇمۇرۇم --دەپلا بىر قەغەزگە يېزىپ بەردى.تاكسىرىمنىڭ ئىچىدىن ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان ناخشىچى ئابدۇللا ئابدىرىھېمنىڭ تەنھا سۆيگۈ دىگەن ناخشىسى چىقۋاتاتتى.توساتتىنلا ئۇ قىز ئېغىز ئاچتى :
--سىزمۇ بۇ ناخشىغا ئامراقما ؟
—شۇنداق ،بۇ ناخشىنى ياقتۇرۇپ تىڭشايمەن.
—يا مۇشۇ ناخشىدىكىدەك مۇھەببەت كەچۈرمىشىڭىز بامۇ يا ؟ -دەپ ئىللىققىنە ،چاقچاق ئارىلاش بىرنى كۈلۋەتتى،ئوھوي،بۇ قىزنىڭ كۈلۈشى نېمانداق يېقىملىق دەۋەتتىم ئىچىمدە.مەنمۇ ئىشتىكلا :
—مۇشۇنىڭغا ئوخشاشراق بىر كەچۈرمىشىم بولغانچۇ ئۈسمۈرلۈك چاغلىرىمدا -دېدىم
—ۋاي سىز زاكىسىدا قېرىپ قالغان بالىكەنسىزغۇ ؟ دېمىسىمۇ ئادەم ئۆزىگە ئازراق بولسىمۇ مۇناسىۋەتلىك،بۇرۇنقى كىشىلىك ھاياتىغا ئازراق باغلىنىشى بار شېئىر،ناخشىلار بولسا ئۇ ناخشىغا ئامراق بۇلۇپ قالىدۇ .بەزەنلەر ۋاي مەن مۇنداقلا ئامراق دەپ ئۆزىنى يېپىشقا ئۇرۇنىدۇ ،ئەمىلىيەتتە كاللىسى بار ئادەم بولسا بىلۋالىدۇ -دېدى ،مەن بۇ قىزنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ،بۇ قىزدا ھەقىقەتەن ئۆزىگە خاس كىشىلىك تۇرمۇش ئىدىيىسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.ھەم ئىشتىكلا مەنمۇ بوش كەلمەي:
—پاھ ،پاھ ،ھەجەپ سۆزلىۋەتتىڭىز،راستىمنى دېسەم مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن،ئوقۇتقۇچى دىگەننىڭ يەنىلا ئۇقۇتقۇچىدەك پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى بۇلىدىدە،ھە راس ،سىزنىڭ ئىسىمىڭىزنى بىلۋالسام بۇلامدۇ -دېدىم.
—ۋاھ ئەلۋەتتە بۇلىدۇ ،سىزنىڭ بىرسىدىن بىر نەرسە سوراش ئۇسلۇبىڭىز بۇلىدىكەن ھە ،نېمانچە سىلىق ،بەزىلەر ئىسىمىڭىز دەپلا ئۇدۇل سورايدۇ ،ئەمما بىلۋالسام بۇلامدۇ ،دەپ سورىغانلار قارىماققا يىلىنغاندەك قىلغان بىلەن ،ئۇلارغا تېگىدىغان جاۋابى ئىسىمىلا بولماستىن ،ھەتتا خىزمەت ئورنىنىمۇ دەپ بېرىۋاتىدۇ ،مانا بۇ تاكتىكىدە ،شۇڭا مەن سىزگە ئىسىمىم بىلەن قۇشۇپ ،خىزمەت ئورنۇمنىمۇ دەپ بېرەي ،ئىسىمىم ئەقىدە ،تاغچى يېزا گۈلباغ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇتقۇچى ،تېخى ئۆتكەن يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ،ئىمتىھان بېرىپ شۇ يەرگە بۇ يىل ئۆتتۈم .—دېدى.
—ھە ،نېمانچە يىراق يەرگە بېرۋالدىڭىز ،ناھىيە ئىچىدە ئىشلىمەي؟
—ھەي سىز چۈشەنمەيسىزدە،شۇ ئاشۇنداق چەت مەكتەپنى تاللىمىغان بىلەن ،ئىمتىھاندىن ئۆتمەك ئۇنداق ئاسان ئەمەس،مائاش ئوخشاش بولغاندىكىن سەل يىراق بولغانغا نېمە بولماقچىدى دەيسىز،3-4 يىل ئىشلەپ يۆتكىلەمىز بىزمۇ ؟ چەت مەكتەپكە ئىمتىھانغا تىزىملىتىدىغان بالىلارمۇ ئاز قاراڭ ،شۇڭا ئۆتمەكمۇ ئۇنچە بەك تەسمۇ ئەمەس،بىراق بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ،خۇدايىم رىزقىڭىزنى بەرسە،100 ئادەم تىزىملاتقان يەردىمۇ ئۆتۈپ كېتىدىكەنسىز ،بەزىدە رىزقىڭىزنى پۈتمىسە ،10 ئادەم تىزىملاتقان يەردىمۇ ئۆتەلمەي قالىدىكەنسىز،ھايات مانا مۇشۇنداق ئوخشايدۇ ،مېنىڭ بىر دوستۇم دەل شۇنداق بۇلۇپ قالدى ئەمەسمۇ .
—توغرا دەيسىز ،ھايات ھەقىقەتەن بەزى كىشىلەرنى شۇنداق قىلىپ قۇيىدىكەن.-دېدىم.
بۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىپ ،ماشىنا ھەيدەپ كېلىپ قالغىنىمىزنىمۇ تۇيماپتىمىز،ئارلىقتا ئۇ ئېغىز ئاچتى:
—سىزگە ھەجەپ گەپلەرنى قىلىپ بېرۋېتىپتىمەن ھە-دەپ پىسسىڭڭىدە بىرنى كۈلۈپ قويدى.
—رەھمەت ،سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى تىڭشاپ ،بىر خىل ئۆزۈمگە تەسەللىي تېپىپ قالدىم .-دېدىم ،دېمىسىمۇ ئۇنىڭ گېپىنى تىڭشاپ ،كۆڭلۈمدە :<بۇلىدىغان قىزكەن جۇمۇ،بەزى يەرلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا > دىگەنلەرنى ئويلىدىم._ئۇنداق بولسا بىرەر كۈنى مۇڭدىشامىز ،ھە راس سىزنىڭ تېلىغۇن نۇمۇرىڭىزنى سوراشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ،دەپ بېرىڭە ؟-دېدى،بىرەر كۈنى مۇڭدىشامىز دىگەن گېپىنى ئاڭلاپ ،يۈرۈكۈم ئويناپ كەتتى ،مەن دەي دەپ بولغىچە ئۆزى دەۋەتتى مانا دېدىم ئىچىمدە.
_بۇلىدۇ ،مانا بۇ مېنىڭ تېلىغۇن نۇمۇرۇم- دەپ ئۆزۈم ياسىتىۋالغان ئىسىم كارتامنى ئۇ قىزغا بەردىم .
_ۋاي تېخى ئىسىم كارتىڭىزمۇ بار دەڭە ؟
_شۇ سىلىدەك خىرىدارلىرىمىزغا كېچەكۈندۈز خىزمىتىنى قىلامىزمىكىن دەپ ياسىتىۋالغان ئىدىم ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جىددىي
ماشىنىغا ئېھتىياجلىق بۇلۇپ قالىدىغان ۋاقىتلىرى بۇلىدىكەن ،شۇڭا مۇشۇنداق ياسىتىۋالغان ئىدىم.
_ۋاي گەپكە ئۇستىلىغىنى ،قېنى مۇلازىمىتىڭىز ناچارمۇ ياكى ياخشىمۇ ،كېيىن بىلىپ قالىمىز،ماقۇل ئەمىسە ،ئاللاغا ئامانەت-دەپلا ئالدىراپ ماشىنىدىن چۈشۈپ مەكتەپكە كىرىپ كەتتى .كۆڭلۈمدە ؛< ۋاي كاساپەت ،گەپلىرىنى كۆمەمدىغان ،سىزدەك گۈزەل قىزلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلماي ،كىم ئۈچۈن قىلىمىز >دىگەنلەرنى ئويلىغاچ،مەكتەپتىن كىرىپ كەتكىچە ،ئۇنىڭغا سەپ سالدىم ،گەرچە قىش بولسىمۇ ،ھېلىقى شەڭكودەك پاچاققا چىڭ يېپىشىپ تۇرىدىغان ئىشتىنىدىن ئۇنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدىم.ئاغزىمغا كەلگەن تۈكۈرۈكنى يۇتىۋەتتىم ،خۇددىي بۆرە قوينى كۆرگەندەك.لېكىن كاللامدا ۋىجدان ،غۇرۇر ئاتلىق مەرگەن قامچا سېلىپ ،يۈرۈكۈمگە مۇنۇلارنى دېمەكتە ئىدى ،:<ئەنقەر ،ئۆزۈڭنى بىسىۋال ،سەن ئۇنداق ئادەملەردىن ئەمەس ،ئۇنداق خىياللارنى كاللاڭدىن چىقىرۋەت > دېمەكتە ئىدى ،ئىچىمدە ؛<ئەستاغفۇرۇللا،شەيتان > دەۋېتىپ ،ناھىيەگە قاراپ يول ئالدىم .
ماشىنا ھەيداۋاتىمەن ،كېچە سائەت 11 بولدى ،يەنە بىر سائەت ھەيدەپ ئۆيگە كىرىپ كېتەتتىم قائىدە بويىچە ،ھەر كۈنى سائەت 12 گىچە ھەيدەيتىم،بۈگۈن نىمىشقىكىن بۇ قىز قەتئىي كاللامدىن چىقمىدى ،توۋا بۇ قانداق ھېسىيات دەپ قالدىم ئىچىمدە ،ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالمىغاندىمەن ،بەلكىم بۇ بىر نەچچە كۈنلۈك قىزىقىشتۇ ،ئۇنىڭ چىرايلىق بەدەن قۇرۇلمىسىنى ياقتۇرۇپ قالغاندىمەن بەلكىم ،بۇ مۇھەببەت ئەمەس دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەرمەكتە ئىدىم،شۇڭلاشقىمۇ بالدۇرراق كىرىپ كېتەي دەپ غېرىبانە ئۈيۈمگە قاراپ ماڭدىم .تۇيۇقسىز ئاغىينەم غەيرەتتىن تېلىغۇن كېپ قالدى،تېلىغۇننى ئالدىم.
—ئادىشوي نەدىسەن ،ماڭا بۈگۈن كەچتە ئويناپ كېلىلى،بىر ئىككى تۇمۇچۇق قۇنۇپ قاپتىكەن شېغىمغا -دەپ گەپ باشلىدى .ئىچىمدە ئاللا ما ئاداشقا بۈگۈن نېمە بولغاندۇ ؟ ئۆيدە خۇتۇنى تۇرۇپ ،دىگەنلەر كۆڭلۈمدىن كەچتى .
- ئاداش نېمە بولدۇڭ ،ھەجەپ بۈگۈن ئوينىغۇڭ كېلىپ قاپتىغۇ ؟ يەنە خۇتۇنۇڭ بىلەن بىر نەرسە دېيىشىپ قالمىغانسە ؟
—ۋاي قۇيە ئۇنداق خۇتۇننى ،ئاداش كېلەمسە يا ،مەن ‹ئىسكەت دىسكۇ كۇلۇبى› دا -دېدى.
نىمىشقىكىن ،تۇرۇپلا بېرىپ ئويناپ كېلەيمىكى ،خېلى بوپتۇ ئوينىمىغىلىمۇ ،ئويلاپ باقسام خۇتۇن ئالغاندىن ياقى بۇنداق دىسكۇ كۇلۇبىغىمۇ كىرمەپتىمەن،خۇتۇن بىلەن ئاجرىشىپمۇ كەتتىم،ئەمدى بولسىمۇ كىرىپ باقاي دىگەن شەيتانىي خىياللار كۆڭلۈمنى داۋالغۇتاتتى.ئاخىر چىدىمىدىم.
—ماقۇل ئاداش ،مەن ھازىر باراي —دېدىم.ماشىنامنى ‹ئىسكەت دىسكۇ كۇلۇبى›غا قاراپ ھەيدىدىم.ماشىنىدا كېتىپ بارغاچ ،بارايمۇ بامايمۇ ؟ ھەي يەنە شۇ قىزلارغا پۇل خەجلەش،ئوينىدۇقمۇ دەيلى ،شۇ خەقنى ئوينىتىپ،ئالداپ -سالداپ ياتاققا ئەكىرىپ بولغىچىمۇ بىرەر مىڭنىڭ بېشىغا سۇ قۇيىدىغان گەپ،مەن تاكسى ھەيدەپ 3 كۈندە ئاران تاپىمەن بىرەر مىڭ كوينى ،مۇشۇلارنى ئويلىسام ،تۇرۇپلا بارغۇم كەلمىدى ،بىراق شەيتىنىم بۇنىڭغا يول قويمىدى ،پۇل دىگەننى نېمىگە تاپىسەن ،سەنمۇ ئانچە مۇنچە ئويناپ قوي دەپ ھەدەپ دەي دەيگە سالماقتا ئىدى شەيتان.ئاخىرى شەيتاننىڭ پىكىرىگە قۇشۇلۇپ،دىسكۇ كۇلۇبىنىڭ ئالدىغىمۇ كېلىپ قالدىم.غەيرەتكە تېلىغۇن قىلدىم.
—ئاداش مەن كەلگەنتىم ،ئالدىغا چىقە ؟
—ماقۇل ئاداش ،تۇپ تۇرغىن .
بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن غەيرەت چىقىپ كەلدى.غەيرەت بىلەن بىللە كىردىم،دىسكۇخانا ئىچى راڭلىك چىراقلار،قۇلاقنى يارغۇدەك ناخشا بىلەن ،قوڭلىرىنى تولغىشىپ ئويناۋاتقان سەتەڭلەر بىلەن توشقانىدى.غەيرەت ئۆزى ئولتۇرغان ئۈستەل تەرەپكە مېنى باشلاپ كەلدى.كېلىپلا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم،كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيتىم ،ئۇ ئىككى قىزنىڭ بىرسى دەل بۈگۈن تۇنۇشۇپ قالغان ئەقىدە ئىدى ،ئۇمۇ مەندىن خىجىل بولدىمۇ قانداق ،ئۇمۇ كۆزلىرىنى مەندىن ئېلىپ قاچتى،كۆڭلۈمدە : ‹ خەپ،ما جاھان نېمە بۇلۇپ كېتىپ بارىدىغاندۇ ؟ › دىگەندەك سۇئاللار قۇيۇلىۋاتاتتى.ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن ،ئۇنىڭ بىلىكىدىن تارتىپ سىرتقا ئەچىقتىم.
—ئەقىدە سىز نىمىشقا بۇنداق يەرلەرگە كىرىسىز  ؟
—ئەنقەر ماڭا نىمىشقا بۇنچىلىك قىلىسىز،بەزىدە زىرىكىپ قالىدىكەنمەن ،شۇڭا دوستۇم تېلغۇن قىپتىكەن ،كىرىپ چىقاي دەپ كىرگەنتىم .
بۇ گەپنىڭ يالغانلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ،ئۆزەمنى شۇنچىلىك تۇتۋالدىم .
—بىلىمەن ئەقىدە ،مەقسىتىڭىز توغرا ،بىراق ئويلاپ بېقىڭ ،سىز مۇشۇنداق يەرگە كىرسىڭىز،سىز خەقنىڭ ئېغىزىغا چىقىپ قالىسىز ،سىز ھازىر بىلمەيسىز ،بىراق توي قىلىدىغان چاغدا بىلىپ قالىسىز ،سىزگە ياخشى ئەر چىقماي قالىدۇ ،نىمىشقا دېسىڭىز ،ياخشى ئۇغۇل تەربىيلىگەن ئاتا -ئانىلارمۇ ھازىر بۇ قىز زادى قانداق قىز دەپ سۈرۈشتۈرۈپ تۇنۇشتۇرۇدۇ ئۇغۇللىرىغا ،شۇ سىز توي قىلماقچى بولغان ئوغۇلغا ئۇنىڭ ئۇغۇل دوسىتلىرى ،ياكى شۇ ئوغۇل دوسىتلىرىنىڭ بىرەرسى دوستىغا دېسە،ئۇ دوستى كېلىپ سىز توي قىلماقچى بولغان ئوغۇلغا  سېنىڭ توي قىلماقچى بولغان قىزىڭ دىسكوخانىلارغا كىرىدىغان قىزتى دەپ ھامىنى دەپ قۇيىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغۇلنىڭ كۆڭلىگە شەك چۈشىدۇ ئەقىدە.ھازىر كىشىلەر ئۇنچە دۆت ئەمەس،سىز كاللىڭىزنى سىلكىۋېتىڭ ،يىراقنى كۆزلەڭ -بۇ گەپلەرنى نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا قىلغانلىقىمنى بىلىپ تۇرساممۇ ،ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىمنى ئىنكار قىلاتتىم.

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2015-3-3 11:23:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگەن قۇتلۇق قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
مېنىڭچە ھېكايە ياخشى چىقىپتۇ. ئەمما ئاخىردىكى يەنى دىسكوخانىدا ئۇچراشقاندىن كېيىنكى بايانلارنى قىسقارتىۋىتىش زۈرۈركەن. ئىككى كۆز ئۇچراشقاندىن كېيىنلا تۈگىسە داۋامىنى ئوقۇرمەنلەر مۇلاھىزە قىلىۋالسا مۇۋاپىق بولارمىكىن دەپ قارىدىم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-3 23:39:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yadikar يوللىغان ۋاقتى  2015-3-3 11:23
كەلگەن قۇتلۇق قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
مېنىڭچە ھېكايە ياخ ...

بۇلىدۇ ،مەن گېپىڭىزنى چۈشەندىم.بۇنىڭدىن كېيىنكى داۋامىدا دېققەت قىلاي .رەھمەت سىزگە .
ۋاقتى: 2015-3-5 12:52:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەقەلىك بولىدىكەن. ئەمما ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىملادا ئازراق مەسىلە بار. نادىر ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇپ بەرسىڭىز ياخشى بىر تەجرىبە سىزگە ھەمراھ بولغۇسى.
ۋاقتى: 2015-3-6 02:27:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىم، قىلدى دىگەن بايانلار ھېكايە تىلىنى يىرىكلەشتۇرۇپ قويىدىكەن.
ۋاقتى: 2015-3-6 02:31:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىرسى ئادەمنى كۈزەتكەندە تاشقى قىياپەتتىن بەكىراق ئىچىگە دىققەت قىلسا ياخشى ھېكايە يازغىلى بولارمىكىن دەيمەن، ئەگەر بۇ ھېكايىنى مۇشۇنداقلا ئاياقلاشتۇرسىڭىز، يازغىنىڭىزدىن يازمىغىنىڭىز ياخشى. نوقۇل نەسىھەت قېلىش ھەم قامچىلاش ھېكايىچىلىقتىكى بىر خاتا ئۆسمە.
ۋاقتى: 2015-3-6 19:32:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملادا خاتالىق بار،ھەم ھىكايىنىڭ قۇرۇلمىسى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان .ئەسلى ۋەقەلىك ياخشى ئىكەن .خۇددى بىراۋغا نەسىھەت قىلغاندەك بىر خىل تۇيغۇ بېرىپ قالىدىكەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-10 23:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2

ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ قارىماقتا ئىدىم.سۆيگۈ ئادەمنى بەزىدە شۇنچىلىك قىينايدىكى ئەييۇھانناس،مانا مۇشۇ تاپتا ئىككىمىزنىڭ كۆزى بىر خىل تىكىلىشمئىدى.مەن يەنىلا ئۇنىڭدىن چىرايلىق كەچۈرۈم سوراشنى تاللىدىم،دېمىسىمۇ مېنىڭ ئەمدى تېخى تۇنۇشقىلى بىرەر ئاي بولمىغان بىرسىگە بۇنداق ۋارقىراپ گەپ قىلىشىممۇ توغرا ئەمەستە.ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ:‹ كەچۈرۈڭ ئەقىدە،مەن ئۆزەمنى تۇتۋالالمىدىم› مۇشۇ گەپنى دەپ بوپلا ،پەسكە چۈشۈپ ماشىنامغا چىقىپ ،ئۇزۇنغىچە بىر نۇقتىغا تىكىلگىنىمچە تۇرۇپ كەتتىم.قىزلار بەزىدە نىمانچە ئەخمەقتۇ ھە.قىزلارنىڭ ئەخمەقلىقىغا بەزىدە ھەقىقەتەن ئىشىنىپ قالىمەن.بىراق مەن يەنىلا ئۆزەمنى تۇتۋېلىشىم كېرەك،ئۇنىڭغا ئاچچىقلانماسلىقىم
كېرەك ئىدى.بىراق مەن بۇ ئاچچىقىمنى يەنىلا ھاراقتىن چىقىرىش قارارىغا كەلدىم،ھاراق ئىچمىگىلىمۇ بىرەر يىل بوپتىكەن،يەنە ئۆزەمنى زەھەرلەش بەدىلىگە باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئايايدىغان بولدۇمدە دەۋەتتىم ئىچىمدە.ئۆزەم يالغۇز بىر قۇتا ھاراق ئېلىپ .ئۆيگە كەتتىم.
ئۆيگە كېتىپ ھارىقىمنى ئېچىپ ،نۇرغۇن خىياللارنى قىلدىم.كۆڭلۈمدە :<بۇ دۇنيادا قىزلارنى چۈشەنمەك ،ئوغۇللارنى چۈشەنمەككە قارىغاندا تەس ئوخشايدۇ جۇمۇ .مانا خۇتۇندىنمۇ ئاجراشتىم.ھايات يەنە ماڭا نەچچىلىك
ئۆمۈر بېرىدۇ بۇنىمۇ ئۇقمايمەن.خىيالىم يەنە شۇ ئەقىدەدە،بەزىدە بىر قىزنى ئويلاش ئادەمنى شۇنچىلىك بەختىيار تۇيغۇغا چۆمدۈرىدۇ.بىراق بۈگۈن مەندەقالغىنى نەپرەتتتىن كەلگەن ئاچچىقلىنىش ھېسىياتى بولسا كېرەك ،ئەقىدەنىڭ كۆزلىرىگە قارىساملا ئۆزەمنى يۇقىتىپ قۇيىمەن.قىسقىغىنا ئۇچرىشىش،بىراقئۇنتۇپ كېتىش تەس بولغان بىر خىل ئۇچرىشىش،ھاياتىدا ماڭا ئوخشاش قىسقىغىنا ئۇچرىشىپلا،يۈرىكىگە ئوت كېتىدىغان ئوغۇللاردىن نەچچىسى باردۇر ھە .ئۆزەمنىڭ ھەممە خىياللىرى مەنىسىزدەك تۇيۇلىۋاتقان مۇشۇنداق پەيىتتە،ھەي ھايات،يەنە نىمىلەرنى ماڭا ئېلىپ كېلەرسەن،يەنە نىمىلەرنى مەندىن ئېلىپ كېتەرسەن.توۋا بىز ئوغۇللار ھەجەپ قىززىق ھە،بىر قىز ئۈچۈن ھاراقتىن ئىبارەت بۇ نىجىسنى ئىچتىم ،بۇ زادى ئەرزىمدۇ ،ئۇنىڭغا ۋارقىراپ سالماسلىق،ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەسلىك ئۈچۈن ئىچكەن مۇشۇ ھاراق ،ماڭا زىيانلىق.مەن ھازىر زىياننىڭ بەدىلىگە ئۇ قىزغا ئازار بەرمەيۋاتىمەن.ئىش-پۇشقۇمنى مۇشنىڭدىن چىقىرىش،ھاراقتىن چىقىرىش،مەنلا ئەمەس،نۇرغۇنلىغان ئوغۇللار شۇنداق قىلۋاتىدۇ،بەزى ئامىرىكىنىڭ كىنولىرىدىكىدەك ئەر بولسىمۇ بۇلامدۇ نېمە ،باغرى تاشلىقمۇ بەزىدە كشىىلەر تەرىپىدىن ئەيىپلەنىسىمۇ،بىراق تۈمەنلىگەن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ كېلىپ چىقامسلىقى ئۈچۈن ،توي قىلىشقا كۆزى يەتمىگەن قىزغا ئايرىلىپ كېتەيلى دەپ چۇقۇم ئايرىلىپ كېتىشمۇ ،بىر باغرى تاشلىق،بىراق ئۇ ئۇنى ئالدىغاندىن كۆپ ياخشى بولسا كېرەك.ئادەمنىڭ ھېسىياتىتۇراقسىز بۇلىدىكەن.ئوغۇللارنىڭ بەكرەك شۇنداقمىدۇ ياكى قىزلارنىڭ ،مېنىڭچە ھەر ئىككىلا جىنىستكىلەرنىڭ ئوخشاش،بۇ ھەقتە ئوغۇللارغا ئىشەنسە بولمايدۇ دەيدۇ قىزلار،چۈنكى ئوغۇللارنىڭ ھېسىياتى تۇراقسىزمىش،ئۆزگىرىپ تۇرارمىش،بىراق قىزلارنىڭچۇ،ئەجەبا ئۆزگىرىپ تۇرمامدىغاندۇ ،مېنىڭچە قىزلارنىڭ بىر ئىشلارغا تۇتقان پوزىتىسىيىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،پەقەت ئۇلار بىلىندىمەيدۇ،نىقاپ ئىچىدە ياشايدۇ.ئۇ نىقابىنى ھامان بىر كۈنى يىرتىپ تاشلايدۇ،يىرتىپ تاشلىغان ۋاقىتتا بىز ئوغۇللارنى بەك ئۈمىدسىزلەندۇرىدۇ،گەپنىڭ راستىنى قىلسام بىز ھەقىقەتەن بەزىدە ۋاقىت ئىسراپچىلىقى قىلىمىز، شۇڭا تارىختىكى بەزى شاھزادىلەرنىڭ باغرى تاشلىق قىلىدىغان جايلاردا قەتئىي نىيەتكە كېلىپ باغرى تاشلىق قىلىشىمىز،كۆيىنىدىغان چاغلاردا چۇقۇم جان كەتسىمۇ كۆيۈنۈش،بۇنداق شاھزادىلەرنىڭ روھىنىڭ توغرىلقىنى ھېس قىلىپمۇ قالىمەن بەزى چاغلاردا،ئىشقىلىپ بۇ دۇنيا ئەسلىدىنلا زىددىيەتكە تولغان ئىكەن .بۇلۇپمۇ مۇشۇ يېقىندىن ئەقىدەنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نىسپەتەن شۇنداق قىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكەي .> دىگەنلەرنى ئويلىدىم.

شۇلارنى ئويلىغىنىمچە ئۇخلاپ قاپتىمەن،بىر چاغلاردا قارىسام  ئاغىينەم غەيرەت تېلفۇن قىپتۇ.ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ،ئۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىنىڭ ناھايىتى يېرىم ئىكەنلىكىنى،ئۆيگە كېلىپ بىرەر رومكىدىن سۇقاشتۇرغاچ ،ھال -مۇڭ بۇلۇپ ئولتۇرۇپ بېرىشنى ئېيىتتى.قارىسام تاڭمۇ ئېتىپ بوپتۇ،مەن ئۇنىڭغا ئاداش كەشتە بولسۇن ،بۈگۈن كۈندۈزى ئىچكۈم كەلمەيدۇ دەپلا ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ،يۈزۈمنى يۇيۇپلا،ناشتىنى ھاپىلا-شاپىلا قىلىپلا ،تاكسىرىمنى ھەيدەشكە تەمشىلىپ،ئۆيدىن چىقتىم،ئۆيدىن چىقىپ تاكسىرىمنىڭ يېنىغا كېلىپ ،ھاڭ -تاڭ بۇلۇپ تۇرۇپلا قالدىم،قارىسام ئەقىدە ،ئۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرۇپتۇ .مەن ئۇنىڭغا گەپ قىلماستىن ،ماشىنامنى قىززىتتىم،ئۇ ماشىنىغا چىقىپلا ئولتۇردى.مەن :‹ۋاي بۈگۈن كىرا قىلماي دىگەنتىم › دېدىم .ئۆزۈمنىڭ ئاخشام كەلگەن ئىرادىسى مۇشۇ ئىدى.ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ئىدى.بىراق ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپلا يەنە ئېرىپ كەتتىممۇ بولغاي،ماسىنامنى ئۇنىڭ مەكتىپىگە قاراپ ھەيدىدىم.ئۇنىڭغا يول بويى گەپ قىلماي دىگەنتىم،بىراق ئۇ ئېغىز ئېچىپ ماڭا گەپ قىلدى ،ئۇ ماڭا قاراپ :‹ بىلىمەن ئەنقەر،سىز مەندىن خاپا شۇنداقمۇ ؟ مەن ئۇنداق يەرلەرگە كىرگىنىم بىلەن ،مەن ھەرگىز سىز ئويلىغان قىزلاردىن ئەمەس ،ماڭا ئىشىنىڭ !› دېدى.مەن يەنىلا گەپ قىلمىدىم ،بىر چاغلاردا ئۇنىڭ مەكتىپىگىمۇ كېلىپ قالدۇق،ئۇ ماشىنىغا پۇلنى قۇيۇپ قۇيۇپ چۈشۈپ كەتتى .شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم ،شۇ كۆڭۈل يېرىمچىلىقىمدا ،غەيرەتكە تېلفۇن قىلىپ،ئۇنىڭ ئۆيىگە بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ،يولغا چىقتىم ،يولدا زاكۇسكا قىلغۇدەك نەرسىلەرنى ئېلۋالدىم.تېخى ئاخشام ئىچكەن ئىدىم ھە ،يەنە ئىچىدىغان بولدۇم دەۋەتتىم ئىچىمدە .ئۆيگە بارسام غەيرەت ئۆزى يالغۇز ئىچىپ كېتىپتىكەن .ئۇ مېنىڭ كەلگەنلىكىمنى كۈرۈپ ،بىرەر قۇر ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن ،كىرىسلوغا كېلىپ ئولتۇرۇشمنى دەۋەت قىلىپ قول ئىشارىسى قىلدى،مەنمۇ كىرىسلوغا كېلىپ ئولتۇردۇم ،ئۇ ماڭا قاراپ گەپ تەشتى :
—ئاداش قىز بالىنى دەپ ،بىزنى ئۇنتۇپ قالما،بالىلاردىن ئاڭلىسام سېنى بىر ئوقۇتقۇچى قىزنى تېپىۋاپتۇ دەپ ئاڭلايمەنغۇ ؟
—ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە ئاداش،شۇ ئۇنىڭغا كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ ،مۇشۇ نەچچە كۈندىن ياقى كەيپىياتىم تازا دىگۈدەك ياخشى بۇلۇپ بۇلالماي شۇ .غەيرەت سەن خېلى پىشىپ قالغان ئادەم ،ماڭا بىر مەسلەھەت بەرسەڭ بۇلاتتى ._ھە دىگىنە ئاداش_دېدى ئۇ .
_ئاداش ئۇ قىزنى ئالدىنقى كۈنى دىبادا كۈرۈپ قالدىم قارا ،شۇنىڭدىن ياقى ئۇ قىزغا دەسلەپتە شەكىللەنگەن قاراشلىرىم ئۆزگەردى ،شۇنىڭغا سەل ئاچچىقىم كېلىپ شۇ .
_ئاداش قىز بالىغا بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمە.ئاينا ،ئۆزۈڭنىڭ بۇرۇن ئالغان خۇتۇنىڭنىمۇ دەسلەپتە ئالدىراپ توي قىلىپ،كېيىن ئەل-ئاغىينە بالىلاردىن ،بىز
ئۇ قىز بالىنى پىچىۋەتكەن دىگەن گەپ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ،غۇرۇرۇڭ چىدىماي قۇيۋەتتىڭ .نۇرغۇن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ كەتتىڭ .ئەسلى قۇيىۋەتمىسەڭمۇ بۇلاتتى.بەلكىم ئۇ گەپلەر راسىتتۇ ئاداش ياكى يالغۇندۇ،بىراق بىز ئوغۇل بالا بولغاندىكىن،ئۆزىمىز بىر قارار چىقارغان ئىكەنمىز،

چۇقۇم شۇ قارارىمىزغا ئىگە بۇلۇشىمىز كېرەك ئاداش.كىملەر مەيلى نېمە دېسۇن،ئۇلار سەندىكى سۇقۇۋاتقان يۈرەكنىڭ نىداسىنى تىڭشىيالمايدۇ.يۈرىكىڭنىڭ

سۇقۇشىغا دېققەت قىل ئاداش،قارار چىقارغان ئىكەنسەن پۇشايمان قىلما .ئالدىنقى كۈنى بىر كاساپەت بىلەن تۇنۇشۇپ قاپتىمەن قارا ،ئۆيۈمگە ئەكىردىم،ئازراقتىن ئىچىشتۇق ،كېيىن لەۋلەر يېقىلدى لەۋلەرگە ،كېچىچە چەكلەنگەن مىۋىنى يەپ چىقتۇق .نۇرغۇن پاراڭلارنى قىلىشتۇق ،نېمە دەيدۇ دېمەمسە،ئۇنىڭ بەزى گەپلىرى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى،ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ:< بىز قىزلار بەك ئەخمەق،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن بىز قىزلار ئوغۇللارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ،ئۇلارغا ئاش-تاماق ئېتىپ بېرىشكە كەلگەندەك شۇنچە قىلساقمۇ،ئۇلار يەنىلا تالاغا قارايدىكەن > دېدى.بىز راستىنلا شۇنداقمۇ ،ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس،ئۇ قىزغا ئۇچرىغىنى سەل كاللىسىنىڭ دەردى بار بىرسى ئىكەن،ناۋادا قىزلار ھەقىقەتەن شۇنداق تىرىشسا ،بىز ئەلۋەتتە كۆپىنچىمىز ۋاپاسىزلىق قىلمايمىز شۇنداقمۇ _دېدى،
_ئاداش سەن ئۆزۈڭگە سەل دېققەت قىلغىن ،كىملا بولسا ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنگەن مىۋىنى يەيۋەرمە،ئەيدىز بۇلۇپ قالما يەنە .ھازىرقى بەزى ئاشۇنداق
نېمىلەرگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ.بىز قەددىمىزنى رۇسلىشىمىز كېرەك ئاداش،قايسى قىز بالىنىڭ كاسسىنىڭ ،كۆكسىنىڭ يوغانلىقىغا ئەمەس،ۋىجدانىمىزغا قاراپ تاللىشىمىز كېرەك.ئۇلار شۇ گۈزەللىكىنى 30 قا بارماي يوقىتىدۇ،كۆزلىرىگە قۇرۇق چۈشىدۇ ،بەزى قىزلارنىڭ شۇنداق ماينى جىق سۈرتىشىگە قاراپ ،28 كە بارمايلا قۇرۇق چۈشكىلى تۇرىدىكەن.شۇنداق قىزلارنىڭ نېمىنى ئويلايدىغانلىقىنى مەنمۇ ئۇقۇپ بۇلالمىدىم.چىرايى لاياقەتلىك،ئاش-تامىقىمىزنى جايىجايىدا ئېتىپ ،بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قىلغان ،بىزگە ھۆرمەت بەرگەن ئاشۇنداق خۇتۇنلارنى بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتەرسەك بۇلىدۇ،بولمىسا
ئۇنداق چىرايلىق دەپ ئالغان بىلەن ،ھەپتىدە بىر5 ۋاق تاماق ئېتىپ بەرمىگەن،سەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ،سېنىڭ ھۆرمىتىڭنى قىلمىغان ئۇنداق ساھىپجامال قىز بارغۇ قارا ،خۇددىي ئاخشىمسىى كارۋاتتا بىلللە بۇلۇپ،ئەتىسى تۇنۇشمايدىغان شۇنداق بىر نىمىلەرگە ئوخشايدۇ ئاداش،شۇڭا سەن كاللاڭنى سىلكىۋېتىپ تۇيۇڭنى قىلۋالساڭ بۇلاتتى_دېدىم.
ئاغىينەم غەيرەت بىر رومكا ھاراقنى كۈتۈرۋەتكەندىن كېيىن ،ماڭا بىر خىل ئاچچىقلىنىش نەزىرىدە قاراپ قۇيۇپ :
—ئاداش ،سەن قىزبالىنى قەتئىي چۈشەنمەيدىكەنسە،ھېلىقى يېرىڭ كارغا كەلمەمدۇ يا ؟ —دەپ مەسخىرلىك كۈلدى.ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىدىن شۇنچىلىك ئۆزەمنى بېسۋېلىپ ئولتۇردۇم،ئىچىمدە :‹خەپ گۇي يەنە بىر قېتىم دەپ باقە قېنى ،مەس دېمەي ئاناماناڭنىڭ كۆزىنى كۆرسەتمىسەم ؟› دەپ ،ئۆزەمنى زورىغا بېسىپ ئولتۇردۇم ھەم:
—ئاداش ئانداق گەپنى قىلما .مەسىلە ئۇ يەردە ئەمەس.ساڭا كۆيىنىپ ئۆزىنى ئاسرىسۇن دىگەن نىيەتتە دېدىم ئۇ گەپنى —دېدىم.ئۇ قاپاقلىرىمنى تۈرۈپ دىگەن بۇ گېپىمدىن سەل ھەزەر ئەيلىدى بولغاي:
—خاپا بولما ئاداش،مەن بىلىمەن ماڭا كۆيۈنۈپ بۇ گەپلەرنى دېۋەتقىنىڭنى،بىراق قىزلارنىڭ خۇمارى ئاداش،بەزىدە خىروئىننىڭ خۇمارىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىكەن دىگىنە .—ئۇ شۇنداق دەپ ماڭا ھىجىيىپ قويدى.
—ئاداش بەلكىم سېنىڭ دىگىنىڭمۇ توغرىدۇ ،بىراق ئاداش،مەن ئويلايمەن،ئادەم چۇقۇم ئۆزىنىڭ قىزىقىدىغان بىر ئىشىنى تىپىپ چىقىپ،زىرىككەن ۋاقىتلىرىدا شۇ ئىش بىلەن مەشغۇل بولسا،ئۇنداق خۇمار-پۇمار دىگەنلەرنى ئۇنتۇپ ،كاللىنى باشقا ياققا بۇرىغىلى بۇلىدۇ ئاداش،ئۆزەڭنى بۇنداق دەپ،مەجبۇرلىما.—دېدىم.
داۋامى داۋاملىق ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-18 23:50:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچىچە غەيرەت بىلەن نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىشىپ چىقتۇق.ئەتىسى بېشىم ئازراق ئاغرىپ قوپتۇم.چۈنكى ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىدە. شۇنىڭ بىلەن يۈز كۆزلىرىمنى يۇيۇپ،يەنە تاكسىرىمنى ھەيدەشكە تەمشەلدىم.كېتىپ بارىمەن .نۇرغۇن ئادەملەرنى بارماقچى بولغان مەنزىللىرىگە ئاپىرىپ قۇيۋاتىمەن.ھەر بىر ئادەملەر بىلەن كۆرۈشكەندىكى ھېسىياتىم ھەم ئۇلار ئۈستىدە قىلغان خىياللىرىم ئۆزگىچە.شۇنداق مېڭىپ،بۈگۈنمۇ بىر كۈننى توشقۇزدۇم.كەچ بولغاندا ،بىرەر قىز بالا تېپىپ ئولتۇرايمىكى دىگەن ئەسەبىي خىيال كاللامغا كىرمەكتە ئىدى.تېلفۇنۇمنى چىقىرىپ، بىر قانچىسىگە تېلفۇن قىلسام،بۈگۈن ئۆزىنىڭ ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ قۇيۋەتتى.ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس،شۇنىڭ بىلەن ،بولدىلا تاكسى ھەيدەيچۇ،كەچنىڭ مەنزىرىسى باشقىچە دەپ،تاكسىرىمنى ھەيدەشكە تەمشەلدىم.تازا ھەيدەپ كېتىۋاتسەم،بىر ئۆيدىن قىپ يالىڭاچلا بىر قىز تاكسىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ كېلىپلا: —‹ئاكا،مېنى قۇتقۇزۋېلىڭ،سىزدىن ئۆتىنەي —دېدى. —چىقىڭە ،ئىشتىك—دېدىم مەنمۇ،چۈنكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر مەسنىڭ پىچاق كۆتۈرۈپ چىققانلىقىنى كۈرۈپ،مەنمۇ ئىشتىكلا چۈشەندىم. ئۇ قىزنىڭ ئۇچىسىدا بىر تال كۇساردىن باشقا ،ھېچنىمە يوق .شۇنىڭ بىلەن ئۈستۈمدىكى چاپاننى ئۇنىڭغا كىيۋېلىڭ دەپ بەردىم.ئو توختىماي يىغلايتتى. مەن بۇ مەنزىرنى ھېچكىم كۈرۈپ قالمىسۇن،بىكار مېنى خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ ،ماشىنىنى خالىي بىر جايغا ئەكىلىپ توختىتىپ،ماشىنىنىڭ ئارقىسدىكى ئەدىيالنى ئۇنىڭغا ئەپ بەردىم.مەن ئۇنىڭغا: —بولدى يىغلىماڭ.خەق ئاۋازىڭىزنى ئاڭلاپ قالسا،بىكار مېنى خاتا چۈشىنىدۇ ،يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قالغاندەك ئىش بۇلۇپ قالىدۇ بولمىسا دېدىم.زادى نېمە ئىش بولدى. —ئۇ گۇي ،مېنىڭ مۇھەببىتىم بۇلىدۇ،ماڭا چېقىلماڭ دېسەم،ئۇنىغىنىغا ئۇنىماي پىچاق تەڭلەپ،مېنى قۇرقۇتتى.شۇنىڭ بىلەن مەن يېنىمدىكى كىتاپ بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە بىرنى سېپلا،قېچىپ چىقتىم.ئۇ قىز شۇ سۆزلەرنى دەۋەتقىنىدا ،مەن ئۇ قىزغا تەپسىلىي قاراپ چىقتىم.ئۇنىڭ يۇمىلاققىنە كەلگەن ئىككى كۆزلىرىدىن ھەسرەت تۆكىلىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ قاشلىرى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تېخىمۇ گۈزەللىك قۇشۇپ،ئۇنى تۈندىكى ھەسرەتلىك ساھىپجامالغا ئوخشىتىپ قويغانىدى.بۇرۇننىنىڭ قاڭشارلىقى،لەۋلىرىنىڭ گىلاستەك سۈزۈك بۇلۇشى ،يۈز تېرىسىنىڭ سۈزۈك بۇلۇشى مېنىڭ تېخىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلغانىدى.كۈتۈرۈلۈپ چىققان كۆكسى قانداقتۇر بىر خىل ھەۋەسلىرىمنى قوزغاتقۇچى ئابىھاياتتەك ماڭا تىكىلىپ تۇراتتى.ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى.شۇنداق گۈزەل قىزنىڭ شۇنداق بىر نىمىگە ئۇچراپ قالغانلىقىدىن ئىچىم ئېچىشىپ كېتىپ باراتتى.ھەي دۇنيا،سەن بەزىدە ھەقىقەتەن خاتالىشىپمۇ قالىسەن ھە دەيىتتىم ئىچىمدە.نىمىشقا مۇشۇنداق گۈزەل قىزنى ماڭا ئاتا قىلمىغان بولغۇيتىڭ.
ئۇنىڭ بىلەن كېچىچە پاراڭلىشىپ چىقتۇق.مەن ئارىلىقتا سىرتتىن كاۋاپ ،بىر قانچە تەخسە ئىسسىق سەي ئەكىرگەنىدىم.كېچىچە پاراڭلىشىپ چىقتۇق. ئۇنىڭمۇ ئۇيقۇسى كەلمىگەنىدى.مېنىڭغۇ ئەسلا،چۈنكى مۇشۇنداق گۈزەل قىز ئۇچرىغان يەردە ،ئادەمنىڭ قانداق ئۇيقۇسى كېلىدۇ دەيسىز.ئۇنىڭ كۆزلىرىگە خۇددىي ئۇنى يەۋېتىدىغاندەك تىكىلىپ ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ كەتتىم.بەزى يەرلىرىنى ئاڭلاپ،قىز بالىنىڭ ھەقىقەتەن ئەخمەقلىقىغا قول قويدۇم،ئۇنىڭغا شۇنچىلىك رەزىللىكلەرنى قىلسىمۇ ھازىرغىچە ئايرىلىپ كەتمىگىنىگە ھەيرانمەن.كۆڭلۈمدە بەلكىم قىزلىقىنى ئېلۋالغاچقا شۇنداقمىكى دىگەنلەرنىمۇ ئويلىدىم.بىراق ھەر قانچە شۇنداق بولسىمۇ،شۇنداق ئۇرۇپ،تېخى پۇتىدىن ،قولىدىن بىر قېتىمدىن سۇندۇرۋاتسىمۇ ،ئايرىلىپ كەتمىگىنىگە قاراپ ،ھەقىقەتەن قىز بالىنىڭ ئەخمەقلىقىغا قول قويماقتا ئىدىم.ئۇ ياتىمىزمۇ دەپ ماڭا مەنىلىك قاراپ قويدى،ماقۇل دەپ ئورنىمىزدىن تۇردۇق،بىرسى قارا دىگەندەكلا قاراپ ساپتىمەن،ئۇ قىزغا كەيدۈرۈپ قويغان چاپان ئۈستىدىن سېلىنىشى بىلەنلا،ئۇ قىزنىڭ لىغىرلاپ تۇرغان كۆكسى سۇس چىراق يۇرۇقىدا تېخىمۇ گۈزەل كۆرۈنمەكتە ئىدى.ئۇنىڭ كالتە ئىشتىنى مېنى تېخىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلۋالغانىدى.ئۇ قىز ماڭا بۇ ياققا كېلىڭ دىگەندەك قاراپ تۇرۇپ كەتتى. يا سېلىنىپ كەتكەن چاپاننى كىيەي دېمىدى،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۆزەمنى بېسۋالالماي،ئۇنىڭ يېنىغا ئاستا بېرىپ،لەۋلىرىنى لەۋلىرىمگە باستىم،ئۇنىڭ كۆكسىنى بىر قۇلۇمدا ئاستا سىلىغاچ ،كالتە ئىشتىنىغا قۇلۇمنى ئاپباردىم،ئۇ ئۈندىمىدى،شىرىن لەززەت ئۈستىدە ئۇچماقتا ئىدىم،ئۇنىڭ يىنىك ئىڭراشلىرى مېنى تېخىمۇ كۈچەشكە دەۋەت قىلاتتى.ئاھ لەززەت،قىزلاردىكى لەززەت نېمىدىگەن شىرىن ھە.نۇرغۇنلىغان جەڭ ئوغلانلىرى مۇشۇ لەززەتنى دەپ ئوڭدىسىغا يىقىلغان.مۇشۇنى ئويلىسام بۇ لەززەتنىڭ مىڭ ئازاپلىق پۇشايمىنى ئېسىمگە كېلىدۇ


داۋامى يەنىلا ئىنكاس شەكىلدە يوللىنىدۇ
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-3-19 00:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ كېچىچە ،چەكلەنگەن مىۋىنى تويغۇچە يەپ چىقتۇق.نۇرغۇن پاراڭلارنى قىلىشتۇق.شۇنچىلىك ئەركىن ھېسىياتتىكى گەپلەر،ئۇزۇن بوپتىكەن
بىرسى بىلەن بۇنداق ئىچ -قارنىمىزنى تۆكۈپ پاراڭلاشمىغىلى،چۈنكى ئەتە تاڭاتسىلا ،ھەر ئىككىلىمىز بىر بىرىمىزنى تۇنۇمايدىغان بۇلۇشىمىز مۇمكىن.
بۇلۇپمۇ مەن،چۈنكى ئۇنداق قىز بالا بىلەن توي قىلىشىم مۇمكىن ئەمەستە.بەزىدە مۇشۇنى ئويلىسام،ئۆزەمدىن نەپرەتلىنىپ كېتىمەن.بىراق ئامال
يوق.بىز ئوغۇللار مۇشۇنداق ئەسكى ئوخشايمىز.بۇرۇن ئوغۇللار بەك ئەسكى دېسە،قەتئىيلا ئىشەنمەيتىم.بىراق مۇشۇنداق ئىشلىرىمنى ئويلىسام،
ئۆزەمنى ئەلۋەتتە ياخشى دېيەلمەيمەندە.ئارلىشىشىممۇ مۇمكىن ئەمەس،ئارلىشىپ قالسام،ئەتە-ئۆگۈن پالانى مېنىڭ ئاستىمدا مانچە قېتىم
يېتىپ چىققان يۇندىنى ئىچكىلى تۇرۇپتۇ دېسە،مېنىڭ يۈزۈمگە سەت.توۋا دەپ قالىمەن،ھېسىيات كەلسە،بىز ئوغۇللارمۇ قىززىقتە،بىر قېتىملىقى
ئۈچۈن ،نەچچە يۈز ئادەمنىڭ سۈيىدە چىلىشىپ چىققان جالاپ بولسىمۇ،شۇنىڭ شۇنداقلىقىنى ئۇقماي،شۇ جالاپ بىلەن،مۇشۇلارنى ئويلىساملا،جەمىيەتنىڭ
،تۇرمۇشنىڭ ھەقىقەتەن نۇرغۇن سىرلارغا تولغانلىقىغا ئەجەپلىنىپ كەتمەيدىغان بۇلۇپ قالىمەن.بەزى قىزلارغا ئۇنداق ھېسىياتتا بولمايلى دېسەكمۇ،ئاشۇ
قەستەن ،شەڭكودەك ئىشتانلارنى كىيىپ،بىساتىنى بىزنىڭ شەھۋەت كۆلچىكىمىزگە ئېتىپ قۇيۇپ،يەنە بىزدىن يامانلايدۇ.نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلايمەن،
بىراق ئۇ ئىشلارنى قىلسام،مەن ئەخلاقسىز بولىمەن،تالايلىغان قىلماسلىقلار ئىچىدىن ئىچىم سىقىلىپ،بېشىم قايىدىغان بۇلۇپ قالدى.شۇنداق قىلىپ ئەتىسى
ئۇ قىزدىن بۇرۇن قۇپۇپتىمەن،ئۇنىڭ يالىڭاچ بەدىنىدىن ھۇزۇرلىنىپ،ئۇزۇنغىچە ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.بولدىلا ،قۇپۇپ كېتەيچۇ دەپ،مۇنچىغا
چۈشتۈم.چۈشۈپ بۇلۇپ،سىرتتىن ناشتىلىق ئەكىرىپ،ئۇ قىز بىلەن بىللە يەپ،ئۇ قىزنى مۇنچىغا چۈشۈشكە دەۋەت قىلدىم،ئۇ مۇنچىغا چۈشۈپ بولغاندىن
كېيىن،ئۇ قىزنىڭ ئۆيىنىڭ نەدىلىكىنى سوراپ،ئۇ قىزنى ئۆيىگە ھەقسىز ئاپىرىپ قۇيۇپ،تېلفۇن قىلدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خوشلاشتىم.يەنە بىر كۈنلۈك
تاكسىچىلىق سەپىرىم باشلىنىپ كەتتى.
داۋامى ئىنكاس شەكىلدە داۋاملىق يېزىلىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت يولىدىكى سەپەرگە يول خېتى كېرەك ئەمەس.(جولئوت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-8 15:40 , Processed in 0.244293 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش