چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 1335|ئىنكاس: 0

قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى. (ئاچيول )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-12-12 19:28:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى

مۇھەممەد ئەلى ئاچيول

(مۇقەددىمە )
لەنەت لەنەت لەنەت ،
كەلدى ئاچچىقىم قەۋەت.
نەزىرىمدىن چۈشتۈڭلا پەقەت.
ئاڭلىماپسەن قىلساممۇ دەۋەت.

قىزلارغا دوستلۇق تەلىپى قويۇپسەن ،
ھەم بىر مەزگىل دوستمۇ بوپسەن.
قىزنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشىۋىلىپ ،
ئاخىرى نىيىتىڭنى ئاشكارا قىپسەن.

«مۇھەببەت »لىشەيلى دەپسەن دوستۇڭغا ،
نەپرىتىم قوزغالدى قىلغان ئويۇنىڭغا،
دوستلۇقتىن باشلانغان مۇھەببەت بوپتۇ ،
ساختىپەزلىك يۇشۇرۇنغانكەن ئەسلى قوينۇڭغا .

مېنىڭمۇ قىزلاردىن دوستۇم بار بىراق ،
سېنىڭدەك ۋىجدانسىز مەقسەتتىن يىراق.
بايان ئەيلەي بىزنىڭ دوستلۇق رىشتىمىزنى،
ئۈمىدىم شۇكى قايتىۋالارسەن ۋىجدانغا تېزراق.
(دوستۇمغا )
پەقەتلا تونۇمايتتىم ۋەتەندە سېنى ،
ئەمما تەقدىر ئۇچراشتۇردى شۇ يەردە بىزنى ،
سىردىشىم بوپ قالار دەپ ئويلىمىغان سېنى،
ئەمدى بىلدىم قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى .

ئۇچرىشىپ قالسا ئوت يانغان كۆزلەر،
يۈرىكىم گۆپۈلدەپ كۆيۈشەتتى  يۈزلەر ،
ئەنسىرەيىتتىم بوپ قىلىشتىن سۆز-چۆچەكلەر ،
ئەمدى بىلدىم قەدىرلەيمەن مەڭگۈگەسېنى.

بەزىدە ھىسياتلىرىمدىن قىلاتتىم گۇمان ،
دوستلۇقتىن ھالقىدىمۇ بۇنىسى تۇمان ،
ئىشىنەتتىم ئەخلاقىم يىڭىدۇ ھامان،
ئەمدى بىلدىم قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.

ئىشىنەتتىڭ ۋىجدانلىق يىگىت بۇ دەپ ،
يېرىمايىتتىڭ دوستۇڭ بىلىپ ھەر ئىغىز گەپ ،
شۇڭا بىزدە يوقىمىدى شەرمىي ھايا ھەم ئەدەپ ،
شۇنداق بولغاچ ئەلۋەتتە قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.

ئايرىلغاندا ھىسياتىمغا ھۆكۆم قىلدىم ،
دوستلۇقتىن چەتنىمەپتۇ بۇنى بىلدىم ،
دوستلۇقىمىزنىڭ داۋام ئېتىشىنى نامازىمدا تىلىدىم ،
بىلگەندىكىن ئەلۋەتتە قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.

لىكىن بىزدە ۋىجدانسىز ئوغۇللارمۇ ئازئەمەس ،
قىزلارنى دوستۇم دەپ قويۇپ ئالدىدا ئىچىپ يۈرىدۇ مەس،
لەنەت دەيدۇ ئۇ قىز نەزىرىدىن تاشلايدۇ پەس ،
بولمىسۇن شۇنداق دەپ قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.

مەن ئويلايمەن بىزدە دوستلۇق ھەقىقى ۋە پاك،
چۈنكى بىزدە ساپ ئەقىدە  ھەم بار ئىتىقاد ،
بۇ بىزگە قالقان بولدى ھەم بولىدۇ يۇقۇشتىن ناپاك،
شۇنداق ئىيمان شەرتى بىلەن قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.

ساختا مۇھەببەت ئۈچۈن ئاۋۋال دوستلۇقتىن قول سالغانلار ،
سۈيئىستېمال قىلغان بولۇر پاك دوستلۇقنى بۇ ئازغانلار ،
بىراق بىزدە يوقتۇر بۇنداق چۈنكى بىز ئاللاھ ساقلىغانلار ،
شۇنىڭ ئۈچۈن  ئامراقلارچە قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.

سەندە بار ئىسىل پەزىلەت ئاقكۆڭۆللۈك خۇلقىڭ تاتلىق ،
چىراي ھۆسۆنمۇ كەم ئەمەس ئۆزۆڭمۇ ھەم تىتىك جانلىق ،
تاماسىزمەن كۆيگۈچىلىكڭ بولسىمۇ دوستتىن باشقا چاغلىق ،
چۈنكى مەن پەقەت دوستۇم بىلىپ قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.

خوشلاشمىغان چاغلىرىمىزدا كۆڭلۈڭنىمۇ رەنجىتىپ قويدۇم ،
بىراق ئەپۇ قىلغىنىڭدا پۇشايمانغا يەممۇ بولدۇم ،
شۇنداق دەريا كەبى قەلبىڭ بىلەن مەن ھەم بەختكە تولدۇم ،
قەدىرلىمىسەم ۋىجدانغا خىلاپ قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.

دوستلۇقتىمۇ مۇھەببەت بار بۇنى بىلىدۇ پۈتۈن جاھان ،
سىغىنىشتىن ئويلاپ قالىمەن يىنىمدا بولسىكەن ھامان ،
ئەمما زىنھار ئويلىمايمەن بولىدىغان گۇناھ يامان ،
ھەر سىغىنىشتا بىر ئىرادە قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.

ئەي دوستۇم دۇئالىرىڭدا ئۇنۇتما بىزگە بەخت تىلەك ،
بارمۇ دۇنيادا تىخىمۇ گۈزەل دۇئادا بەخت تىلەشتىن بىلەك ،
بىزنىڭ دوستلۇق مۇھەببىتىمىزگە ئىيمان ئىتىقاد ئەخلاق كىرەك ،
ئۇنۇتمىدۇق ئۇنۇتمايلى قەدىرلەيمەن مەڭگۈگە سېنى.
(2014-يىلى 25-ئۆكتەبىر)



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:37 , Processed in 0.205263 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش