چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 680|ئىنكاس: 0

شائىر ئەمەتجان يۇسۇپنىڭ تەرجىمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
شائىر ئەمەتجان يۇسۇپنىڭ تەرجىمھالى

emetjan.jpg

شائىر ئەمەتجان يۇسۇپ 1969-يىلى 2-ئايدا يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازار يېزىسىدا ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1988-يىلدىن 1990-يىلغىچە قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە،1990-يىل9-ئايدىن 1992يىل 7-ئايغىچە قەشقەر مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.ھازىر يەكشەنبە بازار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.
شائىر 1988-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىن تارتىپلا شېئىر ئىجادىىيىتىنى باشلىغان بولۇپ ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت ژورناللاردا 200پارچىغا يېقىن ئىسىل شېئىرلىرىنى ئېلان قىلدۇرۇپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ياقتۇرۇشىغا ۋە ‹‹شائىر››دەپ ئېتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.‹‹سۆز قەدىرىنى دەنا بىلەر،يىگىت قەدرىنى رەنا››دېگەندەك ياخشى شېئىرلارنىڭ قەدرىنىمۇ شېئىرخۇمار ئوقۇرمەنلىرىمىز تازا ياخشى بىلىدۇ.
ياخشى تائام قەدرىنى
بىلەي دېسەڭ تېتىپ باق.
ياخشى دوستنىڭ قەدرىچۈن
دوستلۇق رىشتىن چېتىپ باق.
دېگەن شېئىردىكىدەك ۋە ‹‹مىڭ داڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا›› دېگەن ماقالدىكىدەك ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق قايىل قىلىش ئۈچۈن بۇ توپلامدىكى شېئىرلاردىن تۆت پارچىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.

باشلىق بول
(مۇخەممەس)

ئاۋام كۆڭلى نازۇكتۇر ئۇتالىساڭ باشلىق بول،
ئەل غېمىدە دەرد ئەلەم يۇتالىساڭ باشلىق بول.
‹‹خەلقىم››دېسەڭ لەۋزىڭدە تۇرالىساڭ باشلىق بول.
ئادىللىقنى ئەڭ ئۈستۈن قويالىساڭ باشلىق بول،
ھەقىقەتنىڭ يولىنى تۇتالىساڭ باشلىق بول.

ئادەم بولساڭ ئادەمدەك،نان كۇچۇكى بولمىساڭ،
خوشامەتكە چېلىنغان تاڭ گۈدۈكى بولمىساڭ،
ماختانچاقلار ئالدىدا سەن ئۈنلۈكى بولمىساڭ،
پاسىقلارغا يامغۇردا سەن كۈنلۈكى بولمىساڭ،
رەزىللىككە بىر كاچات ئۇرالىساڭ باشلىق بول.

كۆز سالمىغىن، سەتەڭلەر باقسا كۈلۈپ ئويناقلاپ،
چىراي ئاچما، تەخسىكەش كىرسە ئۆيگە دوڭغاقلاپ،
كۆز قىزارتىپ پارىغا،يۈرمە زىنھار تىل چايناپ،
شۇندا يولۇڭ ئاق بولۇر،دىلىڭ نۇردەك چاراقلاپ،
بۇ ئەڭگۈشتەر ساۋاتنى ئۇقالىساڭ باشلىق بول.

يۇرت ئارىلاپ كۆرۈپ كەل،ئۆستەڭ ئاتلاپ قىر ئاتلاپ،
(كور ئەمەسسەن) يۈرمىسۇن،ساپساپچىلار يول باشلاپ،
ئۆزۈڭ كۆرگىن باينىمۇ ئۆزۈڭ ماختا ھەم داڭلاپ،
بالدۇر كۆرۈش قول تەڭلەپ،يوقسىزدىنمۇ سۆز ئاڭلاپ،
چاڭقىغانغا زەمزەم سۇ قۇيالىساڭ باشلىق بول.

تۆگە قىلىپ تۈگمىنى يۇقۇرىغا يوللىغان،
تەشكىل بىلەن پۇقرانى يالغان ساندا گوللىغان،
قىلمىغاننى قىلدۇق دەپ،كۆزنى يۇمۇپ توۋلىغان،
شەكىلۋازغا يول بېرىپ،دائىم ئۇنى قوللىغان،
شەيتانلارنى ‹‹ئويۇن››دىن توسالىساڭ باشلىق بول.

دوكلاتتا كۆپ يالغىنى،بېسىقلىق ھەم تامغىسى،
دەيدۇ ئۇندا:‹‹پۇقرانىڭ پۇلغا تولدى بانكىسى-
تۇغۇۋەتتى بۇقىسىى،قوچقىرى ھەم ھاڭگىسى،
شۇنداق كاتتا بۇ يۇرتتا قۇشلارنىڭمۇ چاڭگىسى››
دەيدىغاننىڭ تىلىنى يۇلالىساڭ باشلىق بول.

قېرىندىشىم دەپ بىلسەڭ،شۇ جاپاكەش دېھقاننى،
بىرگە ئوننى ياندۇرار،ئۇ بىلىدۇ قىلغاننى،
چەكلەپ تۇرساڭ ھەر ۋاقىت،ئارتۇق سېلىق سالغاننى،
تاپقىنىنى ئۇدۇللۇق ئوت نەپسىگە تىققاننى،
ئاچ كۆزلەرنىڭ كۆزىنى ئويالىساڭ باشلىق بول.

تەر تۆكسە ئۇ مېھنەتتە،سەن ياتمىغىن سايىداپ،
تۇرۇۋالما بېشىدا، ھەم ئورۇنسىز ۋارقىراپ،
سىلىق بولۇپ ھەر ئىشتا،قەدەم ئالغىن ئاۋايلاپ،
ئۇ يۈرمىسۇن گىدەيسەڭ،سەندىن يىراق ياتسىراپ،
ئۆز ئۆيۈڭدەك ئۆيىدە قونالىساڭ باشلىق بول.

تۇتالىساڭ قوش قوللاپ،كەتمەن چاپقان قوللارنى،
بىرگە ئالساڭ ئېتىزدا،ئانچە مۇنچە سوللارنى،
راۋان قىلىپ ئىگىز -پەس توپا ئۇچقان يوللارنى،
ئاۋام ئۈچۈن مەيلىغۇ،‹‹ئىسراپ›› قىلساڭ دوللارنى،
شۇنداق پەيتتە ‹‹بەتخەج››رەك بولالىساڭ باشلىق بول.

يوقسىزلارنى يۆلەپ قوي،پەرزەنتلىرى ئوقۇسۇن،
نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ،ئاق قارىنى تونۇسۇن،
خۇراپاتتىن يان دېسە،ئۇمۇ ئاڭلىق ئۇنىسۇن،
ھېكمەتتە دىل يورىسۇن،ئەجرىدە يۇرت گۈللىسۇن،
ئەۋلادقا گۈل ھىممەتتىن سۇنالىساڭ باشلىق بول.

ئۈمىدىسەن ئاۋامنىڭ،تەڭ كۆكلىگىن ئەل بىلەن،
پاك ياشىغىن،پاكلىقنى بۇلغۇماستىن چەل بىلەن،
سەۋەنلىكنى يوشۇرۇپ،پەردازلىما ھەل بىلەن،
كۆمۈلگەندە تۆھمەتكە،پىتنە- ئېغۋا يەل بىلەن،
پەرۋا قىلماي ئاستىدىن قوپالىساڭ باشلىق بول.

2004-يىل 2-ئاي.

رېستۇران

ئەقلىمىزنى لال قىلىپ،دىلنى تارتقان رېستۇران.
يەلكىمىزنى سال قىلىپ،قەرز ئارتقان رېستۇران،
لېۋىمىزنى بال قىلىپ كۆپ ھېجايتقان رېستۇران،
قەددىمىزنى تال قىلىپ كۆمۈپ ئاچقان رېستۇران،
ئەمدى بىزنى چال قىلىپ كامال تاپقان رېستۇران.

مەي ئىچكۈمىز كەلمەيدۇ ئادەتتىكى قاۋاقتىن،
مۇزىكىسىز لەززەتنى ئالالمىدۇق ھاراقتىن،
يۈز ئۆرىدۇق يامىنى ئۆيدە ئەتكەن تاماقتىن،
چولىمىز يوق باشقىنى ئويلاشقا بۇ قۇرساقتىن،
بىزنى شۇنداق ھەر كۈنى ئالدىراتقان رېستۇران.

ئۇنىمايدۇ كۆڭلىمىز كۈندە بىر رەت كەلمىسەك،
ئاچچىق ئۈچەي كۆيگۈدەك قورۇما مۇچ يەممىسەك،
تاقىلدايدۇ نەپسىمىز،بوتۇلكىنى ئەممىسەك،
كەيىپ ئىچرە غەيۋەتنىڭ قىرغىقىغايەتمىسەك،
خۇمار قىلىپ جەزبىدىن كۆز چاقايتقان رېستۇران.

رېستۇرانغا باشلىماي باشلىققا سۆز ئاچماق تەس،
پۇلنى تېپىپ جايىدا ئۇنى بۇزۇپ چاچماق تەس.
ئۇلار شۇنداق كۆنگەندۇر بىز كۆندۈرگەن قاچماق تەس،
يول باشلىنار شۇنىڭدىن كېلىشتۈرۈپ ماڭماق تەس،
‹‹خىسلەت››كۆپتۇر سېنىڭدە سېھرى قاپقان رېستۇران.

پارىخورلۇق يەپ ئىچىش، ئىسراپچىلىق جىنايەت،
تەكىتلەيدۇ يۇقۇرىدىن قىلماسلىققا خىيانەت،
ئىدارىمىز تۈزىدۇ يەنىمۇ چىڭ سىياسەت،
گەر نۆۋىتى كەلگۈچە بىزدە شۇنداق قىياپەت،
شەيتاننىمۇ ئازدۇرۇپ كۆڭۈل ئۇتقان رېستۇران.

باھالاشتا ‹‹بىرىنچى›› بولالمايمىز كۈتمىسەك،
‹‹غاز بويۇن››غا ئايلىنىپ مەي كۆلىدە ئۈزمىسەك،
ھاردۇقىمىز چىقىدۇ پۇلنى شۇنداق خەجلىسەك،
ئامال تېپىپ چىقىمنى ھۆكۈمەتكە يۈكلىسەك،
كۆكسىمىزگە شەرەپتىن ئوردېن ئاسقان رېستۇران.

‹‹تۇغۇلغان كۈن››،خەتنە توي،‹‹قاتار چاي››دىن قالمايمىز،
رېستۇرانسىز توي -تۆكۈن ئۈچۈن ئابرۇي ساتمايمىز،
ئاتا-بوۋام يېمىگەن يېگۈلۈكنى يالمايمىز،
بىزچە ئادەم قايدا دەپ كوچا كويدا قاترايمىز،
ھەر دوقمۇشتا كۆز قىسىپ قۇچاق ئاچقان رېستۇران.

ئۆزگەرمەيدۇ رەڭگىمىز،پالان پۇلنى تۆلىسەك،
مەردلىك بولماس نامايان بۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتمىسەك،
‹‹بەس تالاشقان رەقىپ››نىڭ قۇرسىقىنى ئەسمىسەك،
چاندۇرمايمىز قەرزنى،قايتۇرىمىز ئۆلمىسەك،
بىزگە شۇنداق رىقابەت تونى ياپقان رېستۇران.

ئويلاپ باقسام دوستلىرىم بىز ئىكەنمىز ھاماقەت،
ئۇدۇم ئەمەس مەيخورلۇق باسار بىر كۈن پالاكەت،
ئەسلى راھەت بۇ ئەمەس،ئەمەس يەنە رىقابەت،
ئاغرىنمايلى ئۆزگىدىن،قولدىن كەلمەي كارامەت،
نادانلىقنىڭ دەستىدىن ھالسىراتقان رېستۇران.

ئەسلى بىزمۇ زىمىنغا باشقىلاردەك ياراشقان،
بارمۇ بىرسى يولىدىن يەنە بىزدەك ئاداشقان،
دورامچىلىق،غەيۋەتتىن ئورىمىزنى كولاشقان،
شۇ سەۋەپلىك دەرت ئېسە،بوغۇزغىچە تاقاشقان،
بولغاچقا يات پەيلىمىز،ئانىي تاپقان رېستۇران.

رستۇرانغا چاپقۇدەك يوق ئەسلىدە ئالدىراش،
ئەھۋالىمىز قانچىلىك؟ ئويلاپ كۆرسەك ئەي ئاداش،
كۈلسەك زەئىپ،كۈلكىمىز ياراشمايدۇ ھەم دادلاش،
‹.ئەسكى تامدا قۇشقاچ كۆپ،يېلىڭ تۆشكە مىڭ پۇتلاش››
‹‹يوتقان قىسقا،پۇت ئۇزۇن››غا پالتا چاپقان رېستۇران.

تاقەتسىز تۇيغۇلار-ئۆچمەس سۈرەتلەر

جۈپ ئەكسىمىز چۈشكەن بۇلاقتىن،
ئۆزۈمنى تاق كۆرۈپ يىغلىدىم.
ساھىللاردا قالغان ئىزىڭنى،
كۆزلىرىمگە سۈرۈپ يىغلىدىم.

بىز قوغلاشقان چىغىر يوللارنى،
قاپلاپتۇ ئاھ، ئېغىر سۈكۈنات،
باغلاردىكى قۇشلار ناۋاسىز،
ئەجەپ مىسكىن تۇيۇلار ھايات.

بىز يۆلەنگەن قاپاق تېرەككە،
خىيال ئىچرە قالدىم تىكىلىپ،
پىچىرلاشلار يوق ئەمدى بۇندا،
ياپراقلارمۇ تۇرار زېرىكىپ.

چىمەنلىكلەر قاپتۇ چۆلدەرەپ،
كۆرۈنمەيدۇ بۇندا ئاھۇلار،
ئىككىمىزنى تاماشا قىلغان،
قېنى مامۇق پەرلىك ئاققۇلار؟!

بارمۇ دىلبەر ئېسىڭدە بۇلاق،
گۈلزار باغلار،شۇ چىغىر يوللار،
بىزگە بەخت، ۋىسال تىلىگەن،
كۈيچى بۇلبۇل نەغمىچى قۇشلار.

مەن يۈرىمەن دىلىم پەرىشان،
ياپراقلاردىن ھېدىڭنى ھىدلاپ.
سېغىنىمەن تىنىقلىرىڭنى،
خىيال بىلەن ئۆزۈمنى ئالداپ.

كەل دىلبىرىم مۇڭدىشايلى بىز،
قەلبىمدە سەن،بىر ئۆزۈڭ تەنھا،
چىدىمىدىم تەشۋىشلەر يامان،
سەنسىز بولدۇم مەن تىرىك ئەرۋاھ.

مەن تۇرىمەن بۇلاق تۈۋىدە،
كەچمىشلەرگە قىلىپ مۇراجەت.
سۆيەۈمىزگە مەجنۇنتال گۇۋاھ،
قىلما دىلبەر ئەمدى بىتاقەت.

مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر

مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر،
ئۇ نازلىنىپ مەن ‹‹قېلىن››لىق قىلغان چاغ.
ئەجەپ ئىكەن ياشلىقتىكى كۆيۈشلەر،
بىلىنگەنتى شورتاڭلىقمۇ گۈلزار باغ.

مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر،
ناخشىمىزدا پاك سۆيگۈدىن ئاھاڭ بار.
ناخشا ئېدى ياشلىقتىكى كۆيۈشلەر،
كۈلكىمىزدىن ئويغىناتتى نەۋ باھار.

مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر،
مەست بولۇشقان بەخت ئىچرە سەزگۈمىز.
كەلگۈسىدىن تاتلىق خىيال سۈرۈشلەر،
ئىدى ھەيھات،ياشلىقتىكى بەلگىمىز.

مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر،
ھەر ئەسلىسەك دىلدا پىراق ئۇلغۇيۇپ.
ئالماشتى ئاھ،بەىت بىلەن ئۆكسۈشلەر،
كېتەلمىدۇق ئۇنى زىنھار ئۇنتۇلۇپ.

مەڭگۈ ئەستىن چىقماس ئەشۇ سۆيۈشلەر،
قوشۇلمىغان بولسىمۇ گەر رىزقىمىز.
پاك كۆڭۈلگە ياتتۇر ئۈمىد ئۈزۈشلەر،
چۈنكى سادىق ھامان سۆيەۈ بىز ئۈچۈن.

1991-يىل 4-ئاينىڭ-19 كۈنى

چۈشۈرۈش

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-13 17:39 , Processed in 0.274491 second(s), 31 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش