بۇرۇنقى زاماندا ئىلى ئىقلىمىدا چوڭ بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن . ئۇ پادىشاھنىڭ ئىككى خوتۇنى بولسىمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەنىكەن ، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىكەن ، ئۇ خاپىلىقىنى بېسىش مەقسىتىدە دائىم شىكارغا چىقىپ تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن .
ئاي ، كۈنلەر ئۆتۈپ ، پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلدار بوپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ شىكارغا تېخىمۇ ئامىراق بولۇپ كېتىپتۇ .
بىر كۈنى پادىشدھ ۋەزىرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپ كەتكەندە ، كىچىك خوتۇنى بىر ئوغۇل بالا تۇغۇپتۇ ، بىراق پادىشدھنىڭ چوڭ خۇتۇنى ئىچى تارلىق قىلىپ ، بالىنى كۆلگە تاشلىۋېتىپ ، ئورنىغا ئىتنىڭ كۈچىكىنى ئەكىلىپ قويۇپتۇ .
پادىشاھ شىكاردىن يېنىپ كەلگەندە چوڭ خوتۇنى ئالدىغا چىقىپ :
__ ئى پادىشاھىم ، كىچىك خوتۇنلىرى كۈچۈك تۇغدى ، - دەپتۇ . دەرغەزەب بولغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى ئۆلتۈرۋەتمەكچى بوپتۇ . شۇ چاغدا چوڭ خوتۇنى ھىيلىگەرلىك بىلەن :
__ ئۆلتۈرمىسىلە پادىشاھى ئالەم ، بۇ نۆۋەت مەن بىر قوشۇق قېنىنى يىلىۋالاي ، - دەپ يالۋۇرغان بوپتۇ . شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى بىر قېتىمغا ئامان قالدۇرۇپتۇ .
ئارىدىن يەنە بىرقانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ . پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى يەنە ھامىلدار بوپتۇ . پادىشاھ بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە شىكارغا چىقىپ كەتكەنىكەن ، بۇ قېتىم كىچىك خوتۇنى قىز تۇغۇپتۇ . چوڭ خوتۇنى بۇنىمۇ كۆلگە تاشلىۋېتىپ ، ئورنىغا مۈشۈك بالىسىنى ئەكىلىپ قويۇپتۇ . پادىشاھ شىكاردىن قايتىپ كەلگەندە ، چوڭ خوتۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا مۈشۈك بالىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ :
__ ئى پادىشدھى ئالەم ، بۇ قېتىم كىچىك خوتۇنلىرى مۈشۈك تۇغدى ، يۇرت ئىچىدە يۈزىمىزنى يەر قىلىۋەتتى . بۇ نېمىدىگەن رەسۋاچىلىق ، - دەپ يالغاندىن يىغلاپ ئوردىنى بېشىغا كىيىپتۇ . ئاچچىقلانغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىغا ئېغىر جازا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ .
ئەمدى گەپنى بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن باشلايلى :
چوڭ خوتۇنى كۆلگە تاشلىۋەتكەن ھېلىقى بالىلارنى بىر ئېيىق سۇدىن سۈزۈۋېلىپ جاڭگالغا ئاپىرىپ بېقىپتۇ . بالىلار ئۆسۈپ چوڭ بوپتۇ . ئەقلىگە كەلگەندە بىر - بىرىگە ئىسىم قويۇشىۋاپتۇ : ئوغۇلنىڭ ئېتى چىن تۆمۈر ، قىزنىڭ ئېتى مەختۇمسۇلا بوپتۇ . بۇ بالىلار سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدا كۈچلۈك ، ساغلام ھەم بەك چىرايلىق ئۆسۈپتۇ . كېيىنچە ئېيىقتىن ئايرىلىپ ، جاڭگالنىڭ بىر چېتىگە ئۆي ياساپ ، شۇ ئۆيدە ياشاشقا باشلاپتۇ .
چىن تۆمۈر باتۇر كىچىك چېغىدىنلا ئوۋ قىلىشنى ئۆگەنگەچكە ، تۈرلۈك جان- جانىۋالرارنى تۇتىدىغان ئاجايىپ باتۇر يىگىتكە ئايلىنىپتۇ . ئۇ ھەر كۈنى ئوۋغا چىققاندا يەتتە كۈن ئوۋ ئوۋلايدىكەن . مىسران قىلىچى بېلىدىن ، ئالغۇر بۈركۈتى قولىدىن ، ئارغىماق ئېتى ئاستىدىن ، كاپ - كاپ كۈچۈكى يېنىدىن ئايرىلمايدىكەن .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا چىقىپ كېتىۋېتىپ سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا مۇنداق دەپتۇ :
__ سىڭلىم مەختۇمسۇلا ، مەن ئوۋدىن قايتىپ كەلگۈچە ، ئۆگزىگە چىقما ، ئوتنى ئۆچۈرمە ، سۇنى كۆچۈرمە ، توخۇنى << تاخ >> دېمە ، مۈشۈكنى << پەش >> دېمە ، ئوت ئۆچۈپ قالسا ، تۈتۈن چىققان ياققا ئوت سوراپ كېتىپ قالما .
شۇ گەپلەردىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇر مىسران قىلىچىنى ئېسىپ ، ئارغىماق ئېتىنى مىنىپ ، كاپ - كاپ كۈچۈكىنى ئەگەشتۈرۈپ ، ئالغۇر بۈركۈتىنى قولىغا قوندۇرۇپ ئوۋغا مېڭىپتۇ .
ئارىدىن بىر - ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ، مەختۇمسۇلا يالغۇزلۇقتا زېرىكىپ ، ئۆگزىگە چىقىپ بېشىنى تاراپ ئولتۇرۇپتۇ . مۈشۈك بىلەن توخۇسىمۇ ئۆگزىگە چىقىپتۇ . مۈشۈك مىياۋلاپ ، تۇخۇسى قاقاقلاپ مەختۇمسۇلانىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپتۇ . مەختۇمسۇلا مۈشۈكىنى << پەش >> ، توخۇسىنى << تاخ >> دەپ قوغلاپتۇ . مۈشۈكى بىلەن تخۇسى ئۆگزىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپتۇ . مۈشۈك ئوچاق يېنىغا كېلىپ چۆگۈننى ئۆرۈۋېتىپتۇ . توخۇ كۈلنى تاتىلاپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئوچاقنىڭ ئوتى ئۆچۈپتۇ . مەختۇمسۇلا ئۆيىگە كىرىپ ئوچاقنىڭ ئوتىنىڭ ئۆچۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ ، ناھايىتى قايغۇرۇپ يەنە ئۆگزىگە چىقىپتۇ . << ئەمدى قانداق قىلارمەن ؟ >> دەپ ئىس چىققان تەرەپكە مېڭىپتۇ . ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن مورىسىدىن ئىس چىقىۋاتقان ئەسكى تاملىق ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ . قارىغۇدەك بولسا ئۆي ئىچىدە بىر قېرى موماي ئولتۇرغۇدەك . مەختۇمسۇلا << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >> دەپ ، ئۇنىڭ قېشىغا كىرىپتۇ . موماي ئۇنىڭدىن كىملىكىنى ، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ . مەختۇمسۇلا ھەممىنى بىر - بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ . مومار مەختۇمسۇلانىڭ ئىككى قولىغا كۈل بىلەن تېرىق سېلىپ بېرىپتۇ ۋە بىر تال تېزەكنى تۇتاشتۇرۇپ ئۇنى ياغاچقا سانجىپ ئاغزىغا چىشلىتىپ قويۇپتۇ . ئاندىن مەختۇمسۇلاغا :
__ ئىككى قولۇڭدىكى كۈل بىلەن تېرىقنى ئۆيۈڭگە بارغىچە چېچىپ بارغىن ، ئارقاڭغا قارىمىغىن ، - دەپتۇ .
مەختۇمسۇلا موماينىڭ دېگىنىنى قىپتۇ . شۇندىن كېيىن موماينىڭ ئۆيىدىن مەختۇمسۇلانىڭ ئۆيىگىچە ھېلىقى تېرىقلار ئۈنۈپ بەلگە بولۇپ قاپتۇ .
ئۇ موماي ئەسلىدە يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئىكەن . مەختۇمسۇلا ئۇنى بىلمەپتۇ . مەختۇمسۇلا ئوتنى ئەكىلىپ دەررۇ ئوت يېقىپ ، بىر قازان گۆش پۇشۇرۇپتۇ . كۈن ئولتۇرۇپ ، قاراڭغۇ چۈشۈپ ، كەچ كىرىشى بىلەن ھېلىقى يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئىشىككە كېلىپ :
-چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمىدۇ ؟
ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمىدۇ ؟
مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمىدۇ ؟
ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمىدۇ ؟
كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمىدۇ ؟ -
دەپ سوراپتۇ . مەختۇمسۇلا موماينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ :
-چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە يوقتۇر ،
ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر ،
مىسران قىلىچى قوزۇقتا يوقتۇر ،
ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر ،
كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە يوقتۇر -
دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . شۇنىڭدىن كېيىن موماي يەتتە باشلىق يالماۋۇز سۈرىتىدە ئۆيگە كىرىپ ، ئاۋۋال قازاندىكى گۆشنىڭ ھەممىسىنى يەپتۇ ، ئاندىن مەختۇمسۇلانىڭ ئۇزۇن چېچىدىن تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ ، تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى شوراپتۇ . كېتەر چېغىدا مەختۇمسۇلاغا :
__ مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى ھېچكىمگە ئېيتما ، ئەگەر ئېيتىدىغان بولساڭ ، مېنىڭدىن زادى قۇتۇلالمايسەن ، - دەپ پوپۇزا قىپتۇ . مەختۇمسۇلا قورۇققىنىدىن ھېچنېمە دېيەلمەپتۇ . ئاكىسى چىن تۆمۈرنىڭ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپتۇ . ئەتىسى ، ھېلىقى يالماۋۇز كەچ كىرىشى بىلەن يەنە كەپتۇ ، ئۆيدە بار نەرسىلەرنى يەپ بولۇپ ، ئىلگىرىكىدەك مەختۇمسۇلانىڭ قېنىنى شوراپتۇ . بۇ ئەھۋال بىرنەچچە كۈن شۇ خىلدا داۋاملىشىپتۇ . مەڭزى ئاناردەك ، ھۆسنى گۈلدەك مەختۇمسۇلا كۈندىن - كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىپ ، زەپىرەڭدەك سارغىيىپ كېتىپتۇ .
يەتتىنچى كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ ، سىڭلىسىنى كۆرۈش بىلەن ھەيران بوپتۇ ، كۆڭلىگە گۇمان تولۇپتۇ . چۈنكى سىڭلىسى خۇددىي كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان ئادەمدەك سارغىيىپ كەتكەنىكەن .
__ ھەي مەختۇمسۇلا ، يەتتە كۈننىڭ ئىچىدە شۇنچە ئورۇقلاپ ، سارغىيىپ ھالىڭدىن كېتىپسەن ، نېمە بولدۇڭ ؟ كىمدىن ساڭا ئازار يەتتى ؟ - دەپ سوراپتۇ چىن تۆمۈر باتۇر . مەختۇمسۇلا يىغلاپ تۇرۇپ يالماۋۇز موماينىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ . بۇنى ئاڭلىغان چىن تۆمۈر باتۇر ناھايىتى غەزەبلىنىپ :
__ ئەگەر مەن ئاشۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى ئۆلتۈرمىسەم ، چىن تۆمۈر باتۇر بولماي كېتەي ، - دەپ قەسەم ئىچىپتۇ ۋە مەختۇمسۇلاغا قاراپ :
__ ھەي سىڭلىم ، مېنىڭ كەلگىنىمنى ھېچ كىشى بىلمىسۇن . مەن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئورا كولاپ مۆكۈپ ياتىمەن . ئەگەر يالماۋۇز كېلىپ مېنى سورىسا ، كۈندىكىدەك << كەلمىدى >> دەپ جاۋاب بەرگەىن ، - دەپتۇ . ئاندىن ئېتىغا ، بۈركۈتىگە ۋە كۈچىكىگە قاراپ :
__ ھەي ۋاپادار جانىۋارلىرىم ، ئەگەر يالماۋۇز موماي كەلسە ، ئۈن چىقارماڭلار ، بىر ئامال قلىپ ئۇنى قولغا چۈشۈرەيلى ، - دەپتۇ . بۇ جانىۋارلار چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ گېپىنى ئۇقىدىكەن .
شۇنداق قىلىپ چىن تۆمۈر باتۇر مەيدىسىگە يەتتە قات ساۋۇتنى تېڭىپ ، بېشىغا دۇبۇلغا كىيىپ ، مىسران قىلىچىنى تۇتۇپ ئورىدا مۆكۈپ يېتىپتۇ .
..........................................
بوۋام چۆچەكنى ئېيتىپ مۇشۇ يەردە توختاتتى .... ..... بىرەم ئارام ئالايلى .... بىردەمدىن كېيىن يالماۋۇز موماي كېلىپ ، ئىشىكنىڭ ئالدىدا توختاپتۇ ، ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ تېنى شۈركىنىپ كېتىپتۇ . ئۇ : << بۈگۈن چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەنگە ئوخشايدۇ ، قايتىپ كەتسەم بولغۇدەك >> دەپ يېنىپتۇ ، لېكىن نەپسى قايتىپ كېتىشكە قويماپتۇ . موماي : << چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى بىر سوراپ كۆرەي ، ئەگەر كەلگەن بولسا قايتىپ كېتەي ، كەلمىگەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بەختىم >> دەپ ئويلاپ ، ئىشىككە يېقىن كېلىپ :
-چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمىدۇ ؟
ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمىدۇ ؟
مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمىدۇ ؟
ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمىدۇ ؟
كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمىدۇ ؟ -
دەپ سوراپتۇ . مەختۇمسۇلا :
-چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە يوقتۇر ،
ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر ،
مىسران قىلىچى قوزۇقتا يوقتۇر ،
ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر ،
كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە يوقتۇر ، -
دەپ جاۋاب بېرىپتۇ . موماينىڭ يۈرىكى ئورنىغا چۈشۈپ ، يەتتە بېشىنىڭ ھەر بىرىدىن تۈرلىك سادالارنى چىقىرىپ ، ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك كىرىپ كەپتۇ ، لېكىن ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرمەي :
__ ھەي مەختۇمسۇلا ! ئاكاڭ چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەنگە ئوخشايدۇ ، ئۆيۈڭدە ئادەمنىڭ پۇرىقى بارغۇ ، - دەپتۇ .
مەختۇمسۇلا تەمكىنلىك بىلەن :
-ئاكام تېخى كەلمىدى . ئەگەر كەلگەن بولسا ، ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا ، مىسران قىلىچى قوزۇقتا ، ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا ، كاپ - كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بولماسمىدى ، - دەپتۇ .
-سەن يالغان ئېيتىسەن ، چىن تۆمۈر باتۇر چوقۇم كەپتۇ ، ئادەم پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ ، ئۇ يۇشۇرنىۋالغان ئوخشايدۇ ، - دەپتۇ يالماۋۇز موماي .
__ بۈگۈن ئاكامنىڭ كۆڭلەك ، تامبىلىنى يۇيۇپ ، سۈيىنى ئۆيگە تۆككەن ئىدىم ، شۇنىڭ پۇرىقى بولسا كېرەك ، - دەپتۇ مەختۇمسۇلا .
بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يالماۋۇز موماي ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپتۇ . ئادېتى بويىچە مەختۇمسۇلانى ئۇزۇن چېچىدىن تۇرۇسقا ئېسىپ ، ئەمدىلا قېنىنى شوراي دەپ تۇرىشىغا چىن تۆمۈر باتۇر ئورىدىن چىقىپ ، مىسران قىلىچى بىلەن بىرنى چاپقانىكەن ، يالماۋۇز موماينىڭ بىر بېشى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ . يالماۋۇز موماي << ئاھ >> دەپتۇ - دە ، چىن تۆمۈر باتۇرغا قاراپ :
-بىر بېشىمنى ئالدىڭ ، قالغان ئالتە بېشىمغا قانداق جاۋاب بېرىسەن ؟ ! - دەپ قەھرى بىلەن ئېلىشىشقا كىرىشىپتۇ .
ئېلىشىش بىر كېچە - كۈندۈز داۋام قىپتۇ . چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ يەنە بىر بېشىنى چېپىپ تاشلاپتۇ . يالماۋۇز موماي ئۆيدىن قېچىپ چىقىشنىڭ ئىلاجىنى تاپالماي ، چىن تۆمۈر باتۇرغا يەنە ئېسىلىپتۇ ، يەنە بىر كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ ، چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ يەنە بىر بېشىنى كېسىپ تاشلاپتۇ . ئۈچ بېشىدىن ئايرىلغان يالماۋۇز تېخىمۇ غەزەب بىلەن تۇتۇشىپتۇ . چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ يەنە بىر بېشىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ . يالماۋۇز موماي ئەمدى ئۇياقتىن - بۇياققا قېچىشقا باشلاپتۇ . چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ بەشىنچى بېشىنى كېسىپ چۈشۈرۈپتۇ . يالماۋۇز موماي ئەمدى ماغدۇرسىزلىنىپ ، كۆزلىرى پىيالىدەك بولۇپتۇ ، ئىشىكتىن قېچىپ چىقاي دېسە مەختۇمسۇلا قىلىچ بىلەن چېپىپ چىقارماپتۇ . ئاخىر چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ ئالتىنچى بېشىنىمۇ چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ . ئەمدى يالماۋۇز موماينىڭ << يەل مۈڭگۈز >> دەپ ئاتالغان بىرلا بېشى قاپتۇ . ئۇ ئامالسىزلىقتىن قۇيۇنغا ئايلىنىپتۇ - دە ، ئۆينىڭ تۈڭلىكىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ :
__ ھەي مەختۇمسۇلا ، خەپ توختا ! خەپ توختا ! - دەپ بەدەر قېچىپتۇ .
چىن تۆمۈر باتۇر ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ بىر بېشى قالغان يالماۋۇز موماينىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ ، مەختۇمسۇلا باغلاقلىق كاپ - كاپ كۈچۈكىنى قويۇۋېتىپتۇ . چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز مومايغا يېتىشىپتۇ . يالماۋۇز نائىلاج چىن تۆمۈر باتۇرغا ئېسىلىپتۇ . ئۇلار كەچ كىرگۈچە ئېلىشىپتۇ . ئاڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كاپ - كاپ كۈچىكى يېتىپ كېلىپ ، يالماۋۇز موماينىڭ پاقالچىكىدىن چىشلەپ تارتىپتۇ . بىر ئازدىن كېيىن يالماۋۇز موماي ھالسىزلىنىپ يىقىلىپتۇ . كاپ - كاپ كۈچۈك ئۇنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ . چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز موماينىڭ يەتتىنچى بېشىنى ئېلىپ ئۆيگە خوشال قايتىپتۇ .
شۇنداق قىلىپ ئۇلار يەنە بىر قانچە ۋاقىت خوشال - خورام ئۆتۈپتۇ . مەختۇمسۇلانىڭ رەڭگىروھى ئاستا- ئاستا ئوڭشىلىپ ، ئاۋالقى ھالىتىگە كېلىپتۇ . ئۇ ئاي يۈزلىك ، خۇمار كۆزلۈك ، شېرىن سۆزلۈك ، سۇمبۇل چاچلىق ، نازۇك بەدەن بىر گۈزەل بوپتۇكى ، ئۇنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئەقىل - ھوشىنى بىلمەي قالىدىكەن .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىن تۆمۈر باتۇر زېرىكىپ يەنە ئوۋغا چىقماقچى بوپتۇ ۋە مەختۇمسۇلاغا :
__ ھەي سىڭلىم ، مەن يەنە ئوۋغا چىقىمەن . سەن ھەرگىز ئۆيدىن تالاغا چىقمىغىن ، سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ بېشىڭنى تارىمىغىن ، - دەپتۇ .
چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسى بىلەن خوشلىشىپ يەنە ئوۋغا چىقىپ كېتىپتۇ . مەختۇمسۇلا ئاكىسىنىڭ نەسىھىتىنى يادىدا تۇتۇپ بىر قانچە كۈنگىچە ئۆيدىن تالاغا چىقماپتۇ ، لېكىن كۈنلەر ئۆتكەنسېرى زېرىكىپتۇ . ئاقىۋەت تالاغا چىقىپ ، ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقنىڭ بويىدا سۈزۈك سۇنىڭ ئېقىشىغا قىزىقىپ چېچىنى تاراشقا باشلاپتۇ ، ئۇنىڭ ئۇزۇن ، سۇمبۇل چاچلىرىدىن بىرنەچچە تېلى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ . بۇ چاچلار ئېچىپ بېرىپ ، سانجۇ پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى كۆلگە چۈشۈپتۇ . بۇ چاغدا سانجۇ پادىشدھنىڭ ئوغلى ئۇزمۇخ نۆكەرلىرى بىلەن كۆلنىڭ بويىدا ئولتۇرغان ئىكەن . شاھزادە ئۇزمۇخ كۆل بويىغا كېلىپ باش كۆزىنى يۇيۇۋاتسا ، ئۇنىڭ قۇلىغا ھېلىقى چاچلار ئىلىنىپ چىقىپتۇ . بۇ چاچلارنىڭ ئۇزۇن ھەم سۇمبۇللۇقى شاھزادىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ . ئۇزمۇخ نۆكەرلىرىدىن :
__ بۇ نېمە دېگەن ئۇزۇن چاچ ؟ كىمنىڭ چېچى ؟ - دەپ سوراپتۇ .
نۆكەرلەر :
__ ئەي شاھزادە ، بۇ ئىلى ئىقلىمىنىڭ گۈزىلى مەختۇمسۇلانىڭ چېچىغا ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ چىن تۆمۈر باتۇر دېگەن ئاكىسى بار ، ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان ئەر تېخى چىققىنى يوق ، - دەپتۇ .
ئۇزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ ، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپتۇ ، دەرھال قول ئاستىدىكى بەگلىرىنى يىغىپ ،مەسلىھەت ئاپتۇ . نۇرغۇن لەشكەر ئېلىپ ، مەختۇمسۇلانى ئەكىلىش ئۈچۈن يولغا راۋان بوپتۇ ، ئۇلار بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ئەتىراپنى قورشاپتۇ . مەختۇمسۇلا بۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ ئۆگزىگە چىقىپ مۇنداق دەپتۇ :
__ ھەي لەشكەرلەر ، بۇ نېمە دېگەن ئۇياتسىزلىق ! يالغۇز بىر ئاجىز قىزغا شۇنچە لەشكەرلەرنىڭ كېلىشى نامەردلىك ! ئاكام چىن تۆمۈر باتۇر كەلسە قانداق جاۋاب بېرىسىلەر ؟ !
ئۇزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرۈپ ئوتتەك كۆيۈپ مۇنداق دەپتۇ :
__ ھەي مەختۇمسۇلا ، ئۆزۈڭنى ماڭا قوبۇل قىلساڭ قىل ، بولمىسا سېنى زورلۇق بىلەن ئالىمەن !
مەختۇمسۇلا بۇ گەپنى ئاڭلاپ غەزەب بىلەن يەرگە چۈشۈپتۇ .
ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا كېتىشنىڭ ئالدىدا : << بېشىڭغا كۈن چۈشسە بۇ قۇشنى قويىۋەتكىن ، مەن قەيەردە بولسام شۇ يەرگە خەۋەر يەتكۈزۈپ بارىدۇ >> دەپ تاپىلاپ بۈركۈتىنى قۇيۇپ كەتكەنىكەن . مەختۇمسۇلا چۈمۈلىدەك قورشاپ كېتىۋاتقان لەشكەرلەرنى كۆرۈپ قۇشنى قويۇۋېتىپتۇ . ئۆزى قىلىچنى قولىغا ئېلىپ ، بولاڭچىلار بىلەن ئېلىشىپتۇ . ئۇلارنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى يۇقۇتۇپتۇ . ئاڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇر خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەپتۇ . ئۇ مىسران قىلىچىنى ئوينىتىپ ، بىر ئۆزى يالغۇز نەچچە مىڭ لەشكەر بىلەن ئېلىشىپتۇ . تەڭ كېلەلمىگەن لەشكەرلەر ئۆلەر تىرىلىشىگە باقماي قېچىشىپتۇ . ئۇزمۇخ قېچىپ كېتىۋاتقان لەشكەرلىرىگە :
__ سىلەر ئىككى كىشىدىن شۇنچە قاچامسىلەر ؟ قاچساڭلار مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسىلەر ؟! - دەپ پىتىراپ كەتكەن لەشكەرلىرىنى يەنە ئۆزى باشلاپ ئۇرۇش ئېچىپتۇ .
ئۇزمۇخ چىن تۆمۈر باتۇرغا بىرقانچە ئون باتۇرلىرى بىلەن بىراقلا ھۇجۇم قىپتۇ . نەيزە - قىلىچلارنىڭ بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن خۇددى چاقماق چاققاندەك ئاۋازلار ، ئوتلار چىقىپتۇ ، بىراق ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى يېڭەلمەپتۇ ، مەختۇمسۇلا بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ ، ئۇ : << ئاكامغا زەخمەت يەتمىگىدى ، ئۇنىڭ مېيىپ بولغىنىدىن مېنىڭ يوق بولغىنىم ياخشى >> دەپ ئويلاپ ئاكىسىغا مۇنداق دەپتۇ :
__ جېنىم ئاكا ، دۈشمەنلەر سان ساناقسىز ھەم رەھىمسىز ، شۇڭا سىز جەڭدىن يېنىڭ ، ئەگەر ئۆلسەم مەن ئۆلەي سىز ئامان قېلىڭ !
شۇ چاغدا چىن تۆمۈر باتۇر مەختۇمسۇلاغا قاراپ :
__ سىڭلىم ، مېنىڭدىن تەشۋىش قىلما . چىن تۆمۈر دەپ ئېتىم بار ، ماڭا دۈشمەن ئالدىدا باش ئېگىش ئۆلۈم بىلەن تەڭ . سەن جان - جىگەر سىڭلىمدىن ئايرىلالمايمەن ، شۇڭا جەڭدىن يانمايمەن ، - دەپ جەڭنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ .
ئۇزمۇخنىڭ لەشكەرلىرى ئۆلۈپ تۈگەشكە ئاز قالغاندا ، ياردەمگە ئەۋەتىلگەن سانجۇ ئەسكەرلىرى نەرە تارتىپ يېتىپ كەپتۇ . ئۇلار قىلىچ نەيزىلىرىنى يالىڭاچلاپ ، ئوق - يالىرىنى چەنلەپ ، چىن تۆمۈر باتۇرغا قارا قاغىدەك يېپىشىپتۇ . ئۇزمۇخ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ مەختۇمسۇلانى تۇتۇۋېلىپ ، پۇت - قولىنى مەھككەم باغلاپ ئېلىپ قېچىپتۇ ، چىن تۆمۈر باتۇر قەھرى - غەزەبكە كېلىپ ، يەتتە كېچە - كۈندۈز ئېلىشىپ ھەممە بۇلاڭچىنىڭ كاللىسىنى تىنىدىن جۇدا قىپتۇ . كېيىن قارىغىدەك بولسا ، مەختۇمسۇلا ھېچ يەردە كۆرۈنمەپتۇ . چىن تۆمۈر باتۇر تېخىمۇ غەزەبلىنىپ ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ ، مەختۇمسۇلانى ئىزلەپ دەشت - باياۋانلارنى كېزىپتۇ . ئىزلە - ئىزلە ئاخېر ئىلى دەرياسىنى كىچىپ ئۆتۈپ ، تىكەس تېغىنىڭ كۆكتۆپە دېگەن يېرىگە كەپتۇ . كىشىلەر داڭقى داستان بۇ باتۇرنى ناھايىتى خوشال قارشى ئاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن چىن تۆمۈر باتۇر ئۇ يەرگە جايلىشىپ قاپتۇ . چارۋىچىلىق قىلىپ يۈرۈپ تېزلا باي بوپتۇ . شۇنداقتىمۇ بۇ مال دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە زادىلا كۆرىنمەپتۇ . پۈتۈن ئوي - خىيالى سىڭلىسى مەختۇمسۇلادا قاپتۇ . كۆزى كېچە - كۈندۈز ياشتىن قۇرىماپتۇ . شۇنداق قىلىپ چىن تۆمۈر باتۇر تولا يىغلاپ يۈرۈپ ، ئاخېر ئىككى كۆزى قارىغۇ بولۇپ قاپتۇ .
.......................................................
بوۋام چۆچەكنى سۆزلەپ مۇشۇ يەردە توختاتتى ...... بىردەم ئارام ئالايلى ....
ئەمدى گەپنى مەختۇمسۇلادىن ئاڭلايلى :
ئۇزمۇخ ساھىبجامال مەختۇمسۇلارنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئوردىسىغا ئاپىرىپ ، قىرىق كېچە - كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ ، ئۇنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئاپتۇ . ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ ، مەختۇمسۇلا بۇ بۇلاڭچىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ . ئۇ يەنىلا كېچە - كۈندۈز ئاكىسىنى كۆرۈشنى خىيال قىلىپ ، قانداقلا بولمىسۇن بۇلاڭچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزلەپتۇ .
كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەختۇمسۇلا پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ ، دەريا بويىغا بېرىپ سەيلە قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت سوراپتۇ . پادىشاھ ئۆز كۆڭلىدە : << ھە ، ئەمدى ئىككى بالىلىق بولغاچقا بىزگە رام بولدى >> دەپ ئويلاپ ، رۇخسەت قىپتۇ . سانجۇ پادىشاھىنىڭ بىر تۇلپارى بولۇپ ، ئۇ تۇلپارنى پادىشاھ ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئىشلىتىشىگە يول قويمايدىكەن ، مەختۇمسۇلا ئەنە شۇ تۇلپارنى مىنىپ ، قىرىق كېنىزەك ھەم قىرىق نۆكەرنىڭ مۇھابىزىتىدە دەريا بويىغا قاراپ يول ئاپتۇ . ئۇلار ئىلى دەرياسى بويىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ . قاتار - قاتار چېدىر بارگاھلارنى تىكىپ ھەرخىل تائاملارنى پىشىرىپتۇ . سۈتتىن قىلىنغان شارابلارنى تۇلۇم - تۇلۇمى بىلەن تىكلەپ قويۇپتۇ . چوڭ زىياپەت باشلىنىپتۇ . مەختۇمسۇلا ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ئاياغلارغا سۈت ھارىقىنى تولدرۇپ ، كېنىزەك ، نۆكەرلەرگە بىر - بىرلەپ سۇنۇپ ، بىردەمدە ھەممىسىنى مەست قىلىۋېتىپتۇ . مەختۇمسۇلا ئۇلارنىڭ مەستلىكىدىن پايدىلىنىپ ، چاققانلىق بىلەن تۇلپارغا مىنىپتۇ - دە ، ئىلى دەرياسىنىڭ ئۇ قاتىغا ئۆتۈپتۇ . پادىشاھ ئالدىدا بېشى كېتىشتىن قورۇققان نۆكەرلەر دەرھال ئارقىدىن قوغلاپ دەريا لېۋىگە كەپتۇ ، بىراق ھېچقايسىسىنىڭ ئېتى دەرياغا كىرەلمەپتۇ . ئەسلىدە پادىشاھنىڭ تۇلپارىدىن باشقا ھېچقانداق جانىۋار بۇ دەريادىن ئۈۈپ ئۆتەلمەيدىكەن . ئامالسىز قالغان نۆكەرلەر مەختۇمسۇلاغا قاراپ :
__ ھەي مەختۇمسۇلا ! ئىككى بالاڭنى يېتىم قىلماي كەينىڭگە يانغىن ، - دەپتۇ .
مەختۇمسۇلا :
__ ئىككى ئوغلۇمنى ئەكەلسەڭلار يېنىڭپ ئۆتۈمەن ، - دەپتۇ .
نۆكەرلەر دەرھال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ ، ئىككى ئوغلىنى ئەكەپتۇ . بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ چوڭىنىڭ ئېتى << ئاقار >> ، كىچىكىنىڭ ئېتى << چۆكەر >> ئىكەن . مەختۇمسۇلا نۆكەرلەرگە قاراپ :
__ چوڭ بالامنى دەرياغا تاشلاڭلا ، ئۇنىڭ پىراقىغا چىدىماي ئۇياققا ئۆتۈپ قالارمەن ، - دەپتۇ .
نۆكەرلەر << ئاقار >> بالىسىنى دەرياغا ئاققۇزۇپتۇ ، بىراق مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ . نۆكەرلەر << مەختۇمسۇلا كىچىك ئوغلىنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۇنى دەرياغا تاشلىساق ئوغلىنى تۇتۇۋالىمەن دەپ دەرياغا چۈشەر >> دېيىشىپ ، << چۆكەر >> نى دەرياغا تاشلاپتۇ ، بالا شۇ زامان سۇغا غەرق بوپتۇ . مەختۇمسۇلاغا بۇ ناھايىتى ئېغىر كەپتۇ ، شۇنداق بولسىمۇ ئۇ سۆيۈملۈك ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇرنى تېپىش ئارزۇسىدىن يانماپتۇ . ئۇ نۆكەرلەرگە قاراپ :
__ ھەي ئىنسابسىز بۇلاڭچىلار ! سىلەرگە نەسلىمنىمۇ قالدۇرمىدىم ، ئەمدى مۇرادىم ھاسىل بولدى ، - دەپتۇ - دە ، ئاتنى چاپتۇرۇپ كېتىپتۇ .
مەختۇمسۇلا شۇ يۈرگىنىچە دەشتلەرنى كېزىپ ، تاغلاردىن ئېشىپ ، بىر گۈزەل يايلاققا يېتىپ كەپتۇ . قارىغۇدەك بولسا نۇرغۇن تۆگىلەر يايراپ يۈرگۈدەك . مەختۇمسۇلا تۆگىچىلەردىن :
__ بۇ كىمنىڭ تۆگىلىرى ؟ - دەپ سوراپتۇ . تۆگىچىلەر :
__ چىم تۆمۈر قارىغۇنىڭ تۆگىلىرى ، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .
__ ئۇ نېمە بولۇپ قارىغۇ بولدى ؟ - دەپ سوراپتۇ مەختۇمسۇلا . تۆگىچىلەر :
__ ئۇنىڭ بىر سىڭلىسىنى بۇلاڭچىلار بولاپ كەتكەنىكەن ، شۇنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ قارىغۇ بولدى ، - دەپتۇ . مەختۇمسۇلا يەنە :
__ ھازىر ئۇ قەيەردە ؟ - دەپ سوراپتۇ . تۆگىچىلەر :
__ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز ، - دەپتۇ .
مەختۇمسۇلا يەنە مېڭىپتۇ . بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن يىلقىلار ئۇچىراپتۇ . يىلقىچىلاردىن سوراپتىكەن ، ئۇلارمۇ شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ . يەنە بىرئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن كالا - قوي پادىلىرىنى كۆرۈپتۇ . قويچىلاردىن سوراپتىكەن ، ئۇلارمۇ ئوخشاش جاۋاب بېرىپتۇ . ئاخىرىدا مەختۇمسۇلا ئەڭ چەتتە موزاي بېقىۋاتقان پادىچى بالىدىن :
__ جېنىم ئۇكام ، چىن تۆمۈر باتۇر ھازىر قەيەردە ؟ ئېيتىپ بەرسەڭ ، - دەپ يېلىنىپ سوراپتۇ . پادىچى بالا تەستلىكتە :
__ چىن تۆمۈر قارىغۇ ھازىر ئالتۇن ئارشاڭ دېگەن يەردە ، - دەپتۇ . مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ :
__ مەن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى بولىمەن ، مېنى ئاكامنىڭ قېشىغا باشلاپ بارساڭ ، - دەپتۇ . پادىچى بالا :
__ پادىدىن ئايرىلمايمەن ، موزايلار يىتۈپ كەتسە قانداق قىلىمەن ؟ - دەپ ئۇنىماپتۇ . مەختۇمسۇلا :
__ ئۇنداق بولسا ، پادىلىرىڭغا مەن قاراپ تۇراي . قولۇڭغا مۇنۇ ئالمىنى ئال ، ئەگەر چىن تۆمۈر سۆزۈڭگە ئىشەنمىسە ، ئالمىنى كۆزىگە سۈرتسەڭ كۆزى ئېچىلىدۇ ، - دەپ قولىغا بىر ئالمىنى بېرىپتۇ .
پادىچى بالا ئالمىنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ . ئۇ چىن تۆمۈر باتۇرغا بېرىپ مەختۇمسۇلانىڭ خەۋېرىنى ئېيتقانىكەن ، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ . شۇ ھامان پادىچى بالا :
-ئالمۇتىيارنىڭ ئالمىسى ،
مەختۇمسۇلانىڭ خالتىسى .
مەختۇمسۇلا بولمىسا ،
قايدىن كېلەر خالتىسى ؟! -
دەپ ئالمىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كۆزىگە سۈركىگەنىكەن ، ئۇنىڭ كۆزى شۇ زامان ئېچىلىپتۇ . چىن تۆمۈر باتۇر پادىچى بالىغا كۆپ رەھمەتلەرنى ئېيتىپتۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەختۇمسۇلانىڭ قېشىغا كەپتۇ . ئاكا - سىڭىل قېرىنداشلار بىر - بىرىنى كۆرۈپ ھال - ئەھۋال سوراپ مۇڭدىشىپتۇ .
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خۇشال - خۇرام ، تىنچ ئۆمۈر كەچۈرۈپتۇ .
مەنبە:ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى
چۈشۈرۈش |