چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 3837|ئىنكاس: 8

مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-11-29 11:54:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
pasan
مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش بىلدۈرگۈسى

«گۇما دىيارى»مۇنبىرى ئىلىم،مەرىپەت سۆيەر،ساخاۋەتچى كىشىلىرىمىزنىڭ يىقىندىن قوللىشى بىلەن ئالدىنقى ئىككى قېتىملىق مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرغاندىن كېيىن پائالىيەتنىڭ كەيپىياتى قىزغىن،نەتىجىسى مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇپلا قالماي، كۆپلىگەن نادىر ئەسەرلەر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ،زىيارەتچىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئىلھام ۋە ئوزۇق بىغىشلىدى.شۇڭا مۇنبىرىمىز ئاپتورلارنىڭ ئىجادى قىزغىنلىقىغا يەنىمۇ ئىلھام بېرىش،تور ئوقۇرمەنلىرىنىڭ روھىيىتىنى ئاۋۇندۇرۇش مەقسىدى بىلەن مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1-پائالىيەتنىڭ ۋاقتى:
ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى:2013- يىلى 12-ئاينىڭ 1- كۇنىدىن5-ئاينىڭ 30- كۈنىگىچە بولىدۇ.6- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا نەتىجە ئېلان قىلىنىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ.

2-مۇكاپات تۈرى:

مۇكاپات ئۈچ دەرىجە بويىچە باھالىنىدۇ.
مۇكاپات دەرىجە ۋە سوممىسى:
1- دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر.500 يۈەن نەق پۇل.
2-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى نەپەر.ھەر بىرى 300 يۈندىن نەق پۇل.
3-دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى نەپەر.ھەر بىرى 200 يۈەندىن نەق پۇل.

3-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەر:

(1) شېئىر،ھېكايە، نەسىر،رومان-پوۋىسىت،ئەدەبىي ئوبزۇر، ئۇچىرىك، ئەدەبى خاتىرە،راسىت ئىشلار خاتىرىسى،ئىتوت-كۈلدۈرگىلەر.

4-پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەرگە قويىلىدىغان تەلەپ:

(1)بۇ قېتىملىق مۇكاپاتلىق پائالىيەتكە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەرلەر ھەر قانداق بىر تور بەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنمىغان (يېڭىدىن ئىجات قىلىنغان)بولۇشى كېرەك.(ئەسەر تاللىنىپ مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، بەش كۈن ئاممىنىڭ نازارىتىگە سۇنىلىدۇ، بەلگۈلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە ئاشۇ ئەسەرنىڭ ھەر قانداق بىر مەتبە ۋە تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىپ بولغانلىقى ھەققىدە ئىنكاس تاپشۇرۇپ ئالساق شۇ ئەسەرنىڭ مۇكاپاتلىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلنىدۇ).
(2)پائالىيەتكە مەزمۇنى ساغلام،بەدىئىيلىكى يۇقىرى،يېڭىلىق يارىتىلغان ئەسەرلەر قاتناشتۇرلىدۇ.
(3) دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرى ۋە سىياسەتلىرىگە زىت مەزمۇندىكى ئەسەرلەر قاتتىق چەكلىنىدۇ.

5-ئەسەر باھالاش شەكلى

ئەسەر باھالاشقا ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تۆھپىسىنى ئاۋام ئېتىراپ قىلغان،تونۇلغان ئەدىبلەر تەكلىپ قىلىنىپ ئەستايىدىل،ئادىل،توغرا باھالاشقا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

6-مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش شەكلى:

مۇكاپات سوممىسى مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەرنىڭ بانكا ھېساباتىغا ياكى تور بانكا ھېساباتىغا يۆتكەپ بېرىلىدۇ. مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ۋە ئالاقىدار ئىشلارغا قولاي بولۇش ئۈچۈن ئاپتۇرلار ئەسەر يوللىغاندا ئىمكان بار ھەقىقى ئىسمى ۋە ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئىنىق يېزىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

7-ئەسەر ئېلان قىلىش ئورنى:

ئەسەرلەر «گۇما دىيارى» مۇنبىرىنىڭ «مۇكاپاتلىق تېمىلار سەھىپىسىگە يوللىنىشى لازىم.باشقا سەھىپىگە يوللانغان ئەسەرلەر مۇكاپات دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
8-«گۇما دىيارى»مۇنبىرىگە كىرىش ئادرېسلىرى مۇنۇلار:
www.gumadiyari.com
www.gumadiyari.cn
www.gumadiyari.net
www.xjizlar.com
يۇقىرىدىكى ئادرېسنىڭ خالىغان بىرىدە كىرىپ ئەسەر يوللىسا بولىدۇ.
مۇنبىرىمىزنىڭ بۇرۇنقى ئەزالىرى ۋە يېڭى ئەزالىرىنىڭ قىزغىن پۇزۇتسىيە تۇتىشىنى سورايمىز.

ئالاھىدە بىلدۈرگە چىقىرىلدى.

تەشەببۇسنامە: (1) ھەرقايسى مۇنبەر ئاتامانلىرىنىڭ بۇ بىلدۈرگىمىزنى مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
(2) مۇكاپات تۈرىنى قوللىغۇچىلار بولسا قىزغىن قارشى ئالىمىز.


«گۇما دىيارى» مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى

2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى


ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2014-2-17 18:54:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىل گۈللەر سۇنىمەن ساڭا
بۇغرا تارىم
گۈزەل كۈنلەر كەلمەكتە مانا،
مۈشكۈلات ھەم كەلمەكتە ماڭا.
‏ئاللاھ رىزاسى،دولقۇنلار يېرىپ
قىزىل گۈللەر سۇنىمەن ساڭا.

يۇلغۇن ‏ئىپارى يىراققا تارار،
قارلىغاچلار يىراققا بارار.
مۇھەببەت ‏ئەپ كېلەر بوراننى‏،‏ئەمما
يۈرەك نىشانى‏ ‏ئورنىدا قالار.
قىزىل گۈللەر سۇنىمەن ساڭا.


ۋاقتى: 2013-11-29 13:39:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى پائالىيەت ئىكەن چوقۇم ئەسەر قاتناشتۇرىمەن.


ۋاقتى: 2013-11-30 19:11:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەت نەتىجىلىك داۋام ئەتكەي. پېقىرمۇ ئەسەر قاتناشتۇرۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم.


ۋاقتى: 2013-12-2 21:17:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىلدۈرگۈنى كىچىكىپ كۆرگەن بولساممۇ مەن يەنىلا مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئەمىلى ھەركىتىم بىلەن قوللايمەن ھەمدە «گۇما  دىيارى مۇنبىرى» نىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن!


ۋاقتى: 2013-12-2 23:49:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى بىلدۈرگۈكەن، مەنمۇ تىرىشىپ باقاي، يېڭى ئىجادىي تمىلىرىمدىن بىر قانچىسى بار ئىدى، مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام ئەجەپ ئەمەس، نەخ پۇل بىرىدىكەن ئەمەسمۇ !!!


ۋاقتى: 2013-12-15 13:57:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئامىنە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-22 22:40  


مەن باشلىدىم ئەمىسە


پادىچى مەن يايلاق ئەركىسى

ئامىنە ئابدۇۋايىت

پادىچى مەن يايلاق ئەركىسى،
يايلاق مېنىڭ بەختىم ھەم تەختىم.
ياشاش يولى ئۇگەتتى ماڭا،
بو ھۇنىرىم بو ئاتا كەسپىم.

پادىچى مەن يايلاق ئەركىسى،
چارۋا-ماللار بارلىقىم مېنىڭ.
قوي ئۆچكىنى بوداپ سەمرىتكەن،
سېخى جەننەت يايلىقىم مېنىڭ.

پادىچى مەن يايلاق ئەركىسى،
چارۋا بېقىپ چېگرا قوغدايمەن.
مەندىمو بار ئىقتىسات ئېڭى،
چارۋا سېتىپ يانجۇق توملايمەن.

پادىچى مەن يايلاق ئەركىسى،
قوي قوتوزوم مىليونغا يەتكەن.
دەۋرىم بىلەن ئىلگەرلەيمەن تەڭ،
باراۋەرلىك دىلنى شات ئەتكەن.

پادىچى مەن يايلاق ئەركىسى،
ھەمرا ماڭا قوي قوتاز ھەم ئات.
سۆيىنىمەن ئۆز ئەمگىگىمدىن،
ئەل خاتىرجەم بولسا باياشات.

2013-12-15


ۋاقتى: 2014-1-1 00:17:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەيگىگە مەيدان ھازىرلاپ بەرگىنىڭلارغا رەھمەت!


ۋاقتى: 2014-2-7 16:54:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەك

بۇغرا تارىم

تىترىدى يەر-زېمىن،سىلكىندى ئاسمان،
قىيانى يارغاندا ئوغۇز قىلىچى.
ئوغۇزغا كۈچ بەرگەن ئاشۇ غايىبات
ھەقىقىي يارالغان ئەركەكنىڭ روھى.

ئەركەك--دۇنياغا تۈۋرۈك بولار ئۇ،
ئەركەك--زامانغا كۆۋرۈك بولار ئۇ.
كۆزىدە چۆرگىلەر پۈتكۈل كائىنات،
يەردە يولۋاس،سامادا بۈركۈت بولار ئۇ.

ئەركەك ئۇ--جاھالەتنىڭ قامچىسىدۇر،
ئەركەك ئۇ--قاباھەتنىڭ قامچىسىدۇر.
تارىخنى يارىتار ئەركەكلەر قوۋمى،
زۇلمەتتە ھەقىقەتنىڭ تامچىسىدۇر.

توختىماس ئەركەكنىڭ يۈرىكى مەڭگۈ،
ئۈمىدنى يار تۇتار ھەر ئەركەك زاتى.
مۈشكۈلدىن مۈكچەيمەس زەپەردەس ئەركەك،
بوراندا يېتىلەر لاچىن قاناتى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-6 19:08 , Processed in 0.199417 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش