چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1467 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 1

كومپىيۇتىرنى دائىملىق ئاسىراش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan


كومپىيۇتىرنىڭ خىزمەت مۇھىتى

تەۋسىيە :-كومىيۇتىر سىستېمىسى بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە بىخەتىەر ئىشلىتىش دۇنيا خاراكتىرلىك مەسىلە .شۇڭا ئادتتىكى كومپىيۇتىر ئىشلەتكۈچىلەرمۇ  كومپىيۇترنى بىخەتەر ئشلىتىشكە ،سىستېمىنىڭ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا ئالاھىىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.
1)تېمپىراتۇرا ۋە نەملىك

كومپىيۇتىر نازۇك ئېلىكتىر ئۈسكىنىسى بولغاچقا،خىزمەت مۇھىتىغا بەلگىلىك تەلەپ قويۇلدۇ.كومپىيۇتىرنىڭ خىزمەت مۇھىتى ئادەتتە 10 سېلسىيە گىرادۇستىن 30 سېلسىيە گىرادۇسقىچە . نەملىك 20 پىرسەنتىن 80 پىرسەنت ئەتراپىدا بولسا مۇۋاپىق
2)مۇھىت پاكىز بۇلۇش

كومپىيۇتىرنڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت چۇقۇم پاكىز بۇلىشى كېرەك.چىرىتكۇچى گاز ياكى چاڭ-توزان بار مۇھىتتا كومپىيۇتىرنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . كومپىيۇتىر يېنىدا بىر نەرسە يىيشكە ،ئىچىملىك ،تاماكا چېكىشكە بولمايدۇ
3)توك مەنبەسى

ئەگەر كومپىيۇتر ئۇلانغان توك بېسىمى نسپەتەن تۇراقلىق بولسا ،توك تۇراقلاشتۇرغۇچ قوشمىسىمۇ بولىدۇ.پەقەت بىخەتەر ئۇلانسىلا بولىدۇ .توك بېسىمى (220=30)ۋولت بولسا مۇۋاپىق ھېساپلىنىدۇ . ئەگەر شۇ ئۇرۇندا دائىم توك ئۈزلۈپ قالسا ،مۇۋاپىق ئۈزۈلمەس ئېلىكتىر مەنبەسى UPSسەپلىۋېلىش كېرەك.
كومپىيۇتىر مەشغۇلات بىخەتەرلىكى
4)كومپىيۇتىرنى ئېچىش ۋە ئىتىش

ئادەتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا ،كومپىيۇتىرنى ئەتكەندە ۋە ئاچقاندا تۇيۇقسىز يۇقىرى ئېلىكتىر ئېقىمى ھاسىل بولىدۇ ، شوڭا كومپىيۇتىرنى ئاچقاندا ئاۋال ئېكىراننى ئېچىۋىلىپ ئاندىن ئاساسى ماشىنىنى ئېچىش كېرەك.كومپىيۇتىرنى ئەتكەندە ئاۋۋال بارلىق پروگىرامىلاردىن چىكىنىش،يۇمشاق دېتال سىستىېمىسىنى نورمال ئەتكەندىن كېيىن ئاندىن تاشقى ئۈسكىنىلەرنى توختىتىش ۋە توك مەنبەسىنى ئۈزۈش كېرەك.
توك ئۇلۇنۇپ كومپىيۇتىر قوزغالغان ھالەتتە كومپىيۇتىرنى ۋە ئۇنىڭ ئۈسكىنىلىرىنى يۆتكىمەسلىك ،ھەرخىل ئۈسكىنىلەرنى ئۇلىماسلىق كېرەك.بۇ خىل مەشغۇلاتلارنى توك ئۈزۋىتىلگەن ئەھۋالدا قىلىش كېرەك.USB چېتىش ئورنى بۇنىڭ سىرتىدا.
5)سانلىق مەلۇماتلارنى دائىم زاپاس ساقلاپ تۇرۇش

سانلىق مەلۇماتلارنى دائىم زاپاس ساقلاش ئۇچۇر بىخەتەرلىكنىڭ مۇھىم قىسمى بۇنىڭغا،كۆپرەك دىققەت قىلىش كېرەك.بۇلۇپمۇ كومپىيۇتىر قاتتىق ەېسكىدىكى مۇھىم ئۇچۇرلارنى زاپاس ساقلىۋېلىپ،خاتا مەشغۇلات كومپىيۇتىر ۋىروسى ياكى ئۈسكىنە بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن ئۇچۇرلارنىڭ يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
6)ماشىنىدا كاشىلا كۆرۈلۈش

كومپىيۇتىر دا كاشىلا كۆرۈلسە مەسىلە يۇمشاق دېتال قىسىمدا بۇلىشى مۇمكىن ،ئەگەر ئشلەتكۈچى رىمنۇت قىلىشنى بىلمىسە ،ئەڭ ياخشىسى كەسپى رېمىنۇت خادىملىرىنى ئىزدىشى كېرەك .يېنىكلىك بىلەن دىسكىنى فورماتلىماسلىقى ،كومپىيۇتىر ساندۇقىنى ئېچىپ قىستۇرما دېتال قوشماسلىقى ياكى ئېلىۋەتمەسلىكى كېرەك.

     
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ۋاقتى: 2011-2-11 02:28:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم بىلىمكەن. رەخمەت سىزگە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايغا يىقىنلاشساڭ ماياق يەيسەن،نامراتقا يىقىنلاشساڭ تاياق

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-4-5 05:05 , Processed in 0.239983 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش