چىنتۈرك مۇنبىرى

كۆرۈش: 268|ئىنكاس: 0

ئەل قەلبدىن ئورۇن ئالغان ئەل سۆيەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
pasan
ئەل قەلبدىن ئورۇن ئالغان ئەل سۆيەر

_MG_6829_副本.jpg
--زىيارەت خاتىرسى

( ئابلىكىم مۇھەممەت)

گۇماناھىيەسىنىڭ يېزا-بازارلىردا مۇخبىرلىق قىلىۋاتقان كۈنلەردە، خوتەن ۋىلايەتلىك تەرەققىيات- ئىسلاھات كومىتېتدىن، گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يېزا باش ساۋا كەنتىگە چۈشكەن«ئەلراينى بىلىىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى مۇختەر ئابلىزنىڭ ئاممىغا كۆپلىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بىرىپ ئاممىنىڭ قەلبدىن چوڭقۇر ئورون ئالغانلىقنى ئاڭلاپ بۇكەنىتكە كەلدىم.
  كەنىتتە دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئاممىۋىي كۆڭۇل ئىچىش پائالىيەتلرى تازا ئەۋجىگە چىققان ئىكەن، كەنىت كومىتېت ئىشخانىسىغا كىرگنىمدە، 50 ياشلار چاممىسدىكى، بوغداي ئۆڭلۇك كادىر سۇپەت  بىرسىنىڭ كەنىت كادىرلىرى بىلەن بىرلكتە مۇسابىقىدە ئۇتۇپ چىققان ماھىرلارنىڭ تىزىملىكنى تۇرغۇزۇش مۇكاپات بويوملىرىنى تەييارلاش بىلەن ئالدىراش بولىۋاتقانلىقنى كۆردۇم. كەنىت پارتىيە ياچىكىسىنىڭ سىكىلتارىى مىنى كۆرۇپ
- قايسى شامال ئۇچۇرتۇپ كەلدى. يۇرۇڭ ئىشىخانامغا چىقايلى دەپ ئىشخانىسىغا باشلىدى.
كىلىش مەقسىتمنى ئىيتقاندىن كىيىن   مۇختەر ئابلىزنى باشلاپ كىردى. تۈرلۈك خىزمەتلەرنى جانلىق قانات يايدۇرۇش بىلەن بىرگە نامرات دېھقان- چارۋىچىلارغا كۆپلىگەن ياردەملەرنى قىلغانلىقڭىزنى ئاڭلاپ سىزنى زىيارەت قىلشقا كەلگەندىم،-دېدىم كىلىش مەقستىمنى بىلدۇرۇپ .
  - بولىدۇ، بۈگۈن كەنتىمىزدە مەدەنىيەت تەنتەربىيە، مەشىرەپ پائالىيتى ئۆتكۇزگەن ئىدۇق ماھىرلارغا مۇكاپات بويومنى تارقىتىپ بولساملا بىكار بولىمەن كەلگىنىڭز بەك ياخشى بوپتۇ، بۈگۈنكىدەك مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ھەر  ھەپتىدە ئۆتكۇزۇپ تۇرىمىز بىراق،گېزىت،ژۇرناللاردا، تېلىۋۇزرلاردا خەۋەر قلىشقا مۇخبىر يوق بولوش سەۋەپلىك ۋاقتىدا خەۋەر قلىشقا ئامالسىز قالدۇق بۇگۇن ئەجەپ ياخشى ۋاقىتتا كەپسىز خەۋەر قىلىپ بەرسىڭىز دىگەچ مەن بىلەن كەنىت ھويلىسىغا چىقتى، پائالىيەتلەرمۇ ئاخىرلشىپ مۇكاپاتلىندىغان ماھىرلارنىڭ تىزملىكى ئىلان قىلنىپ مۇكاپات بويوملىرى تارقىتلىپ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە بۇگۇنكى پائالىيەتلەر ئاخرلاشتى.
مۇختەر ئابلىز ئەھۋال تونوشتۇرۇپ مۇنداق دىدى؛   «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت گۇرۇپپىمىز كەنىتكە كەلگەندىن كىيىن   كەنىتنىڭ پارتىيە قۇرلۇش خىزمەتلىرنى تەڭ تۇتۇپ  پارتىيە ئەزالرنى تەربىەلشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى يېڭىلاش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە ئۈزلۈكسىز ئەھمىيەت بېرىپ،  سىياسىي ئۆگىنىش، مەخسۇس تېمىلىق مۇزاكىرە، پارتىيە دەرسى ئۆتۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، پارتىيەئەزالرنىڭ   سىياسىي نەزەرىيە ساپاسى ۋە كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈردۇق.  كەنىتنىڭ  بەنزە قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمەت تەپەككۇرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ،كەنىتتىكى تۈرلۈك ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئاساسىي  قاتلام پارتىيە تەشكىلات قۇرۇلۇشى ۋە ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش  ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئېسىل ئىستىل يېتىلدۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق؛ ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنىىت كادىرلىرنى، كەنىتتىكى پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئالاقلىشش تۇزۇمنى ئورنىتىپ    ھەر ھەپتىدە ئىككى، ئۈچ پارتىيە ئەزالىرنى  زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ئىگىلەپ، كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا يېتەكلدۇق  كەڭ خەلق ئاممىسىغا مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى، ئىجتىمائى مۇقىملىقنى قوغداش، ‹‹ئەسەبيىلىك››نى تۈگىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۇرۇش ۋە پارتىيەنىڭ دىھقانلارغا قاراتقان تۈرلۈك نەپ يەتكۈزۈش، قوللاش سىياسەتلىرىنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىشقا بىرلەشتۈرۈپ، كەنىتتە  ئەل ئىچى خەلق سەنئەت كارلىرىدىن تەركىپ تاپقان  ئىشتىن سىرىتقى  دېھقانلار ئەدەبىيات-سەنئەت ،مۇزىكا سازەندىلەر سەنئەت ئەتىرتى  تەشكىللەپ، ئاممىغا مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى ساغلام، ئاممىنى ئالغا يېتەكلەيدىغان، ئاممىغا يېقىشلىق بولغان ھەپتىدە  بىر مەيدان سەنئەت نومۇرلىرىنى  كۆرسەتكەندىن باشقا كەنت ياشلىرىنى تۈرلۈك مەدەنىيەت، تەنتەرىيە پائالىيەتلرىگە قاتنىشىشقا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق كەنىتنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى خىزمىتىنى جانلاندۇرۇپ، ئاممىنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ‹‹ئەسەبىيىلىك››نى تۈگىتىشكە دادىل يىتەكلەپ كۆرۇنەرلىك نەتىجىلەرنى يارتتۇق.

ئۆزۇمنى ئىلىپ ئىيتسام،  بوش ۋاقتىم بولسىلا ھەر بىر ئائىلەگە بىرمۇ-بىر بىرىپ دېھقان-چارۋىچى ئائىللەرنى تولوق زىيارەت قىلدىم، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تولوق ئىگىلەپ چىقتىم،ئائىلەرنى زىيارەت قىلىش جەريانىدا كەنىتنىڭ 2- ، 4- ، 5- مەھەللىلەردىكى 95 ئائىلىك دېھقان-چارۋىچىنىڭ  ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنىڭ تىخىچە ھەل بولماي ئۆستەڭ سۇيى ئىچىۋاتقانلىقنى كۆرۇپ ئۆزيىنىمدىن 7500يۈەن نەخ پۇل چىقىرىپ، ئۈچ مەھەللىگە يەتتە ئىغىز قۇدۇق كولىتىپ بىرىپ، 95ئائىلىنىڭ ئۇزۇندىن بىرى سۇ ئىچىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردىم. قەلبىنور ئىسىلمىك 14 ياشلىق قىزنىڭ  يىلىك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى جەريانىدا نۇرغۇنلىغان قەرىزگە پىتىپ كىتىپ،   داۋاملىق داۋالىنالماي  قىيىنچىلىقتا قالغانلىق ئەھۋالىنى ئۇقۇپ    ئۆز يىنىمدىن ئۈچ مىڭ يۈەن نەخ پۇل كىيىم –كىچەك، ئۇن- ياغ، ياردەم قىلدىم. مىيىپلار ھارۋىسى ھەل قلىپ بەردىم، قەلبىنۇرنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن خىزمەتداشلىرىمنى سەپەرۋەر قىلىپ 7600يۈەن ئىئانە توپلاپ قەلبىنورنىڭ داۋالىنىشقا تاپشۇردۇم.7-ئاينىڭ 3-كۈنى گۇمىدا يەر تەۋرەش ئاپتى بولغاندا  بىر قوي سويوپ چوڭ قازاندا پولو ئىتىپ، ئاپەتتىن كىيىنكى قايتا قۇرۇشقا ياردەمگە كەلگەن 127 نەپەر  ئىشلەمچىدىن ھال سوردۇم. تۆت نامرات دېھقانغا تۆت بىخەتەر ئىشىكى ئىلىپ بەردىم. ئالىي مەكتەپتە ئوقوۋاتقان قىزىم ھەر ئايدا 100 يۇەن تىجەپ جەمى 1000 يۇەنگە 2000 دانە دەپتەر سىتۋىلىپ، كەنىتتىكى نامرات ئوقوغۇچىلارغا ياردەم قىلدى.  يىنمىدىن3مىڭ 400 يۈەن پۇل چىقىرىپ كەنىتتكى ئۆستەگە كۆۋرۇك سالدۇرۇپ بەردىم.  ئۇرۇق- تۇققانلىرىم، دوست- بۇرادەرلىرىمنى سەپەرۋەر قىلىپ،كەنىتتكى بەش كاپالەت، نامرات ئائىلەر، مىيىپلەر ۋە ئوقوغۇچىلارغا 50 مىڭ يۇەن قىممىتىدە 100جۈپ ئاياغ ، 100جۈپ ساپما كەش ، تۆت دانە بىخەتەر ئىشىك، 6000مىتىر ھەر خىل رەخ ،2000دانە دەپتەر ، 15يۈرۈش ئايالچە كۆڭلەك ،40دانە ياغلىق ، 500جۈپ پايپاق ، 70دانە ئەدىيال، 200خالتا ئۇن ، 500قۇتا چاچ سوپۇننى ياردەم قىلدىم. بۇندىن كىيىن يەنە كەنىتنىڭ خىزمەتلرىگە يىقىندىن ماسلىشىپ نامرات ئائىللەرگە يەنىمۇ كۆپرەك ئىللىقلىق يەتكۈزگۇم بار، ئۇلارغا بولغان خالىسانە  ياردىمىمنى  مەڭگۈ توختاتمايمەن دىدى.
مۇختەر ئابلىزنىڭ سۆزلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇردى، رايونىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدا مۇختەر ئابلىزگە ئوخشاش ھەققىي خەلق ئۈچۈن ئۇن-تىنسىز جاپلىق ئىشلەۋاتقان مۇنەۋەر كادىرلار ؛ئەلنى سۆيگەن ھەم ئەلسۆيگەن «ئۈچ ئەل»خىزمىتى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ، يېزا، كەنت كادىرلىرىنىڭ  يامغۇردىن كىيىنكى بامبۇك نوتىسىدەك كۆپلەپ مەيدانغاكىلىپ، ئانا يۇرتىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىغاتىلەكداشمىز!
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

زالىمنى يەر بىلەن تەڭ كۆر(موللا بىلال نازىمى)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-9-7 22:31 , Processed in 0.204901 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش