چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 128|ئىنكاس: 0

گاداي: پۇل تاپساڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پۇل تاپساڭ
(ئابلىز ئوبۇل فونتاننىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەقلىد)
(1)
خەققە ئەمەس، ئۆزۈڭگە پايدىسى بار پۇل تاپساڭ،
بوران ئۇچماس ئۆيۈڭدىن، كۈندە باھار پۇل تاپساڭ.
«قۇلدەك ئىشلەپ، بەگدە يە» دېگەن ئىكەن كونىلار،
پۇلى بارلار ھەرقاچان بولمايدۇ خار، پۇل تاپساڭ.
ئېشىكىڭمۇ تۆت چىشلىق بولۇپ ھاڭرار كۈن بويى،
قاقاسلىقمۇ كۆزۈڭگە كۈلۈپ باقار، پۇل تاپساڭ.
زەنجىرىنى ئۆز قولى بىلەن ئۈزەر مۈشكۈلۈڭ،
خوتۇنۇڭغا گېپىڭمۇ ياغدەك ياقار پۇل تاپساڭ.
بىكار چىققان گەپ ئەمەس: «باينىڭ ئوغلى سۆزلىسۇن...»،
بولامتى ئەل گاچچىنىڭ گېپىگە زار؟ پۇل تاپساڭ.
پۇلى بارلار سالىدۇ توكۇرنىمۇ ئۇسۇلغا،
پۇلى يوققا بۇ ئالەم شۇنچىلىك تار، پۇل تاپساڭ.
ئەركەكنى باش ئەگدۈرگەن يوقسىزلىقنىڭ دەردىدۇر،
پەرۋازدا زور لاچىنمۇ ئالدىڭدا سار، پۇل تاپساڭ.
دىيەلەيدۇ قېنى كىم، مەيدە مۇشتلاپ ھۆددە قىپ،
دۇنيادا ئاھ پۇلغا ئۆچ ئادەمنى بار، پۇل تاپساڭ.
شۇڭا گاداي ئايانماي تۆككىن ھالال تەرىڭنى،
قىلغىن ھەر چاغ  ئىماننى ئۆزۈڭگە يار، پۇل تاپساڭ.
2015-يىل 25-ئىيۇل، باي
(2)
ياخشى ئىشقۇ، تەر تۆكۈپ ئەجرىڭ بىلەن پۇل تاپساڭ،
بىخ سۈرىدۇ تاشلارمۇ چۆللەر چىمەن، پۇل تاپساڭ.
لايغەزەللىك ئەزەلدىن زاتىڭغا خاس خۇي ئەمەس،
تىرىشقانغا ئامەتمۇ سالىدۇ زەن، پۇل تاپساڭ.
يالاڭ ئاياق يۈرسەڭمۇ يوللار سەندىن ئەيمىنەر،
سانچىلالماس پۇتۇڭغا خوخا - تىكەن، پۇل تاپساڭ.
«خوش-خوش» دەيدۇ كۆز يەتمەس مۇنارلارمۇ مۇلايىم،
ئاشالايسەن تاغلاردىن مەغرۇر-تېمەن، پۇل تاپساڭ.
پۇتلاشمايدۇ پايتىماڭ ساما سالساڭ تويلاردا،
ئالقىنىڭدا كۈلەر ئاي نازلىق، لېۋەن، پۇل تاپساڭ.
بىر چاغلاردا ئۆيۈڭدىن يامانلىغان چاچقانمۇ،
ئەمدى دەيدۇ ئۇيالماي، سېنى بەلەن،  پۇل تاپساڭ.
كېكەچلىمەي سۆزلەيسەن يانچۇقۇڭدا پۇل بولسا،
سۆزلىرىڭمۇ ناۋاتتەك، يوقتۇر ئېۋەن، پۇل تاپساڭ.
پۇلۇڭ بولسا ھەرقاچان جاڭگالمۇ ئۇ ئۆز ئۆيۈڭ،
نازۇ-نېممەت توشقىچە ئالتۇن لېگەن، پۇل تاپساڭ.
شۇڭا گاداي پۇل تاپقىن مېھنەت بىلەن ۋە لېكىن،
ئانا يۇرتۇڭ، ئەسلىڭنى ئۇنۇتما سەن، پۇل تاپساڭ!...
2015-يىل 30-ئىيۇل، باي



چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تاماقتىن يامانلىغان قورساقنىڭ توقلىقى،تۇققاندىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلىقى.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:11 , Processed in 0.202333 second(s), 30 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش