چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1456 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • yadikar ئۈلۈشكۈن 00:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەرھۇم مويدىن سايىتنىڭ ئاخىرەتلىكى ئاسان بولغاي!

  • eleyas ئۈلۈشكۈن 16:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    نىمىنى بەكرەك ياقتۇرساڭ ،شۇنەرسە  سىنىڭ ئ‍ىمتاھانىڭدۇر. جالالىددىن رۇمى…

  • huxhuy ئۈلۈشكۈن 00:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz تۈنۈگۈن 23:14 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

كۆرۈش: 211|ئىنكاس: 3

كۈيزار: 30 ياش يىلنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-28 23:51  

30 ياش يىلنامىسى

( 30 يىشىمنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدىكى ئىزتىراپلىق يەكۈنلىرىم)

چاتما نەسىرلەر

ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار

ئەلبۇم ۋاراقلاش
تۇغۇم نېسىپ بولغا دەقىقىدىن باشلاپ، يېڭى بىر دۇنيادىكى يېڭى بىر سەپەر ئ‍ىللىق مېھرى بىلەن ئىنسانغا قۇچاق ئ‍اچتى. زېمىن ئىسسىق ئىدى. ھاياتلىق مەرھەمىتىگە ئېرىشكەن بارچە جان، ئۆمۈر ئەلبۇمىنىڭ رەڭگارەڭ سەھىپىلىرىگە نۇرانە ۋە خېرە ئ‍ىزلىرىنى بىر- بىرلەپ قالدۇرماقتا. ئىز يالدامىلىرىدىن گاھ ئىزتىراپقا چۈمۈلگەن پىغانلىق ياش لىغىرلىسا، گاھ جۇشقۇنلۇق بەرق ئۇرۇپ تۇرغان شادىيانە تەبەسسۇم جىلۋە قىلاتتى. ئەلبۇم سىدام ۋە رەڭلىك ئەسلىمە بىلەن بېزەلدى.
ساپ نىيەت پىلسىراتقا ئوخشايدۇ. تالاي خۇشپۇراق گۈللەر پۇرەكلەپ خۇش ھىدى تەبىئەتكە سىڭىشىپ كەتتى. دۇرۇسلۇق يۇلتۇزلىرى ھايات ئاسمانىنىڭ زۇمرەت ئېتەكلىرىدە سۈزۈك جىمىرلىدى. دۇغ بوياقتەك بىھۇدە ئۆتۈتۈپ كەتكەن كۈنلىرىمدە، يول- يوللاردا ئۈنگەن گۇگۇم تىكەنلىرى زۇلمىتى بىلەن ئارمان ئىمكانىيەتلىرىنى ماڭدام ماڭدامدا چۈشەپ قويدى. كەڭرى كەتكەن يوللار قېستىدى. يوللار تارايدى. ئۆزۈمنى ئىزدەش سەپىرىگە تېخىچە تورۇق ئېتىمنى جابدۇمىغىنىمنى ھېس قىلدىم. ئەمدى بولسىمۇ يولغا چىقاي. قانچىلىك مۇساپىگىچە مېڭىش ماڭا نېسىپ بولىدىغاندۇ؟!؟

كۈندىلىك خاتىرە يېزىلماقتا
كۈنلەرنى رەھىمسىز دېدۇق، قەلبىمىزدىكى رەھىم شەپقەت، كۆيۈمنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەپ باقمايلا. يول تالاشتۇق، يەنە بىر يولنى ئېچىشقا ئۇرۇنمايلا. ھالال تەر تۆكمەي سېرىقتال كۈنلەردىن زېرىكتۇق، ئەجىرسىز ئامەتنىڭ ئالقىنىمىزغا چۈشۈپ قىلىشىنى كۈتۈپ. ئادەملەرنى رەھىمسىز دېدۇق، رەھىمسىزلىك قارا تۇمانلىرى ئ‍ۆزىمىزدىن تۆكۈلدى. باھار چېچەكلەپ تۇرسىمۇ بىپەسىل زەپىرانلىق باشلاندى.
تىمتاس ۋە ھەممىنى ئ‍ۆز قوينىدا پىنھان ساقلىغان تۈنلەرنى قاپقاراڭغۇ دېدۇق، قەلبىمىزدە بۇلدۇقلاپ ئ‍ېقىۋاتقان قارا ۋە مېھرسىز نىيەتلىرىمىزنىىڭ سايە بولماستىن، رېئاللىقىمىزنى بويلاپ داۋاملىشىۋاتقان سىتەملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانچە. بىلسەك، پاك قەلىبلەر ئ‍ۈچۈن تۈنمۇ ئ‍اپئاق، زۇمرەتتەك سۈزۈك ئ‍ىدىغۇ؟ ھەربىر نەپەس يېڭىچە ئ‍ۈمىد، ئ‍ىشەنچ بىلەن چاقناپ، داۋان ئ‍ېشىۋاتقان بىغۇبار سابانى كۈتۈۋاتتىغۇ؟
كۈنلەر ئ‍ۇزۇن دېدۇق، ئ‍ۇزۇن كۈنلەرنىڭ پايانىغا نېمە مەزمۇن، مەنالارنى بەخىش ئ‍ەتتۇق ۋە ئ‍ېتىۋاتىمىز بىلەلمەي. باشقىلارنىڭ ئىنسابىدىن زارلىدۇق، ئۆز ئىنسابىمىزنىڭ قانچىلىك ئاق تىلەك ۋە شۈكرى ھەمدۇلىرىغا پىچىرلىغىىنىنى سەزمەي، قوش بىسلىق ياشاش يېتىلەكلىرىگە كۆندۇق. سۈتتەك ۋۇجۇدىمىز ئ‍ۆزىنىڭ مەنزىلىنى تاپالماي دەقىقىسىرى خېرەلەشمەكتە. جۇلالىق تاڭلارنىڭ ساما ئويناۋاتقان جۇلاسى ئ‍ۆچتى.
ھالسىزلاندۇق دېدۇق؟ ھالسىزلىنىشنىڭ نېمە ۋەجىدىن كېلىپ چىققىنىنى ۋە بىزگە قامغاقتەك يېپىشىۋالغىنىنى ئ‍اڭقىرالمىدۇق. قەدەملىرىمىز قورام باسقاندەك ئ‍ېغىرلاشتى. يول ماڭدۇق، جەھلىمىز بىلەن مول ماڭدۇق، قىر ئ‍اشالماستىن ھارغىنلىق يەتتى. پارلاقلىق چاقىرغان مۇدەممەتلىك جاينى تاپالمىدۇق. ھالسىزلىنىشنى يېڭىشنىڭ قىنىمىزدا ئ‍ەزەلدىن بار بولغان يېڭى بىر يوچۇقى ئ‍ېچىلمىدى. ئ‍ىشىك داغدام ئ‍وچۇق، كىرىش جۈرئىتىمىز سۇندى. يەنە <مەن مەۋجۇد!> دەپ ياشىماقتىمىز.

2016-1-28

داۋامى بار...

چىنتۈرك مۇنبىرى-بىلدۈرگۈسى!1.مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىش بولسا بىۋاستە ئىنكاس قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.2.چىنتۈرك مۇنبىرىدىكى تېمىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئىجادى تېمىلار بولۇپ،مۇنبىرىمىزگە تەۋەدۇر.كۆچۈرۈپ باشقا بىكەت ۋە ئۈندىدارغا يوللىماقچى بولسىڭىز چوقۇم مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشىڭىز لازىم. 3.ئەگەرمۇنبىرىمىزنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ باشقا تارقىتىش ۋاستىلىرىدا تارقىتىپ قويۇپ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىسى كېلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە كۆچۈرۈپ يوللىغۇچى مەسئۇل بولىدۇ. ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. چىنتۈرك مۇنبىرى باشقۇرۇش ھەيئېتى.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 04:42:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىتنامە

قولدىن كەتكەنلەرگە ئىچ ئاغرىتتۇق. قولىمىزدا بارىنىڭ قەدرىگە يېتىش ئۇنتۇلدى. ئۆزىمىزنىڭ سولاشقان گۈلزارىمىزغا ئىخلاس بىلەن پەرۋىش قىلىپ، مېھنەت سىڭدۈرمەستىن، مېھرى- مۇھەببەتنىڭ سولاشقان يۇمران بەرگىنى كۆرۈپ ھازا ئاچتۇق. نالە- پەريادلىرىمىز زېمىننى تىتىرەتتى، قارىچۇقىمىزدىن دەريالار تولغىنىپ- تولغىنىپ تاشتى.ئەمما مۇزلاپ كەتكەن قەلبىمىز زەررىچە لەرزىگە كەلمىدى. مېھرگە مۇھتاجلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىر پىيالە ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان چاي سۇنماستىن، ئوغا سۇندۇق. بىر كۆزىمىز بىلەن قەھرىمىزنى مۆلدۈردەك ياغدۇردۇق. ئىنسانلىقىمىزنىڭ شانۇ- شەۋكىتى يوقالدى.
ھەممىنى ۋاقىتنىڭ يۆلىنىشىگە تاشلاپ بېرىپتىمىز. ۋاقىتنىڭ ئۆزى خالىغان رەۋىشتە ئۆتۈشىگە كۆنۈپتىمىز. ئەمما، چەكلىك ۋاقىتنىڭ بىباھا بوشلۇقىدا قانداق گۈزەل ۋە مەنزىرىلىك جەريانلارنىڭ ئىلكىمىزدە چاراقلاپ تۇرغان تال- تال زىياسىنى بايقىماپتۇق. كۆزىمىز ئوپئوچۇق تۇرۇپ، ئەمالارچە ياشاپتىمىز. كوچا چىرىغىدەكمۇ رولىمىزنى سەزمەپتۇق. نانكورلۇق زىلال كەبى روھىمىزنى بۇلغاپتۇ. بەترەڭ ھال بىزگە رودىپايدەك چاپلىشىپتۇ. تاشلاش قۇربىمىز قېنى؟
يولۋاسنى پۈكلىگەن زەبەردەس روھىمىزدا ۋاقىتنى ئۆزىمىزنىڭ نىشان كېمىسىدە ئاقتۇرالايتتۇق. ئەمما، ۋاقىت ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمىزدەك تۇزسىز ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ. ۋاقىتنىڭ بىئارمان خورىشى ئۆزىمىزنىڭ قەدىرسىزلىكىنى ئاشكارلاپ قويماقتا.
مەن يەنە ۋاقىت پايانىدا مەۋجۇدمۇ؟!؟

2016-1-29

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 03:13:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىدام مەنزىل

يوللارنىڭ داۋامى بار.
مەۋجۇدلۇق چىرىغى پىلدىرلىغان ھەممە يەردە ئاقيول سەپەرنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەجنۇن كۆيگەن ھەممە تەرەپتىن ناۋا ياڭرايدۇ. كېچە بولىدۇ. ئەمما، مېھىرلىك قۇياش پاتمايدۇ. كۆزلەر خىرامان يۇمۇلغان. ئايدىڭ كېزىۋاتقان ھېسلار بۇلاق سۈيىدەك لەرزان ۋە ئويغاق.  
بۇلبۇلنىڭ خۇشئاۋازى كۈتۈش پىراقىدا بوغۇلغان. مەنزىل جۇلاسى چىغىر ۋە مۇشەققەتلىك. دەريا قۇرىغان. سۇلار ئۆركىشى جانغا مەدەتكار.
يۇلغۇن باغرىدا ئىچىگە يۇتۇلغان رەڭگارەڭ سۆزلەر شاۋقۇنى ئېغىر تېنماقتا. باھار خەندان ئۇرۇپ چېچەكلىمەكتە. سۆيگۈنىڭ پىنھان دېرىزىسى ئېچىلدى. كۆڭۈل قۇشلىرى نىگار تامان ئۇچماقتا. يىغىۋاتقان سىم- سىم يامغۇردا ھەممەت بار. كۈنلەرنىڭ ئىچىدە قاراڭغۇ ۋە يورۇقلۇقنى تەپمۇ تەڭ يوشۇرۇپ ياتقان سىدام رېئاللىق.
چىغىر يول- كولدۇرمىسى جاراڭلاپ كېتىۋاتقان بۈيۈك كارۋانغا ئەقرىبا.

2016-1-30
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 15:06:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 20:45  

يېرتىق رېئاللىق

دەرتنى يۈرەك كۆتۈرىدۇ. كۆز ياشلار ئازادىلىك بېغىشلايدۇ.
تاملاردىن سۈكۈت ئۇچقۇندىماقتا. نېمىلەرنى دەي، يۈرىكىمدىكى بىرلا ئېغىز سۆز مېنى ئىسسىق قۇچاقلاپ تۇرماقتا. كېپىنەكلەر گۈل بەرگىزارلىقنى سەيلە قىلماقتا. ئۆكۈنۈشكە تولغان كېچىلەر ئۆزىدىن بىدار.
ئېگىز قەلئەلەر مەندىن ئېگىز ئەمەس. ئەمما، ھەيۋىتى تارىخ بەتلىرىدە قان قۇسماقتا ئىدى. چۆلدىكى قورام تاشتەك پۈكلەنگەن ئارمانلار ئاپئاق قاردەك بىئامال ياغماقتا. يوللار كۆك بۆرىدەك ھوۋلىماقتا. شاماللار ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنى قات- قات بېسىملاردىن قۇتۇلدۇرۇۋاتاتتى. رېئاللىق كەچكۈزگە ئوخشايتتى. قۇياشنىڭ جىلۋىدار مەنزىرىسى دىلنى سۆيۈندۈرسە، گۇگۇمى ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ جۇدۇنلىرىنى ئەسلىتەتتى.
يولۇچىلار ئۆزىنىڭ يېرتىلغان كىملىكىنى كۆتۈرۈپ زېمىنغا ئىز سالماقتا. يوللار سۈكۈتكە پاتقان جىلغىدەك تېنىچ ئىدى. چىڭقىچۈشتە ئاۋازلارنىڭ سۆڭىكى بار. تاغلارنىڭ سەلكىنى ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ زەرىب بىلەن ئىشىك قاقماقتا. چۈشكە ئەسىر بولغان ئىشىكلەر شۇقەدەر مەھكەم تاقاق.
كالېندار يېڭىلانماقتا. رېئاللىق يەنىلا كونا كۈينىڭ ساماسىغا جۇنۇندەك دەسسىمەكتە.

2016-1-31   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ھەقىقەت نوپۇزنىڭ ئەمەس،ۋاقىتنىڭ بالىسىدۇر(.برېھت)

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-26 12:46 , Processed in 0.216257 second(s), 29 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش