چىنتۈرك مۇنبىرى

جەمئىي مىكروبلوگ 1462 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • huxhuy 6 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    پاسئان-نىڭ مەنىسىنى بىلىپ قويۇڭ!

  • dohturbiz 5 كۈن بۇرۇن [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلايكۈم ئۇستازلار تىچلىكمۇ يىقىندىن بىرى  تىما يوللىيالمايۋا...

  • ئەھەدى ئۈلۈشكۈن 23:50 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى مۇھىم يازمىلارنىكوچۇرۇپ ساقلىۋېلىشقا ئىجازەت بىرىلسە بۇلات...

  • huxhuy تۈنۈگۈن 00:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۇزبېك شائىرەسى رەنا شېئىرلىرى يوللاندى.

كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 0

گۇما دىيارىدىكى پۇتبۇل ئەزىمەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، مىللىي تەنتەربىيە ئىشلىرىمىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تېرىشىۋاتقان، ئۆز ساھەسىدە شەرەپلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈۋاتقان، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ئىپتىخارلاندۇرۇۋاتقان ئوغلانلىرىمىزنى تىلغا ئالغان ۋاقىتتا، بىز يەنە ئاساسىي قاتلامدا، يېزا-سەھرالاردا ئۆزىنىڭ پۈتكۈل زېھنىنى، قان-تەرىنى، جۈملىدىن بارلىقىنى كەلگۈسىدە ئىپتىخارلىق قىز-ئوغلانلىرىمىزدىن بولغۇسى ئاشۇ سەبىي غۇنچىلىرىمىزنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان، بېغىشلاپ كېلىۋاتقان نامسىز قەھرىمانلىرىمىزنى ئەسكە ئالماي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە.   خوتەن گۇما دىيارىدا پۇتبۇل مايسىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن، كۇللى زېھىن ۋە قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىپ كېلىۋاتقان، گۇما ناھىيىسى گۇما بازىرى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى، مەكتەپ ۋە ناھىيە پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ ئۇزۇن يىللىق مەشقاۋۇلى، دىيارىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن تەنتەربىيە پائالىيەتچىسى، مۇسابىقە تەشكىللىگۈچىسى ئەخمەتجان مەمەت مۇئەللىم ئەنە شۇنداق ئاددىي ھەم جاپاكەش نامسىز قەھرىمانلىرىمىزنىڭ بىرى.
put2.jpg
ئەخمەتجان مەمەت، گۇما ناھىيىسىدىن، خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتېتى تەنتەربىيە مائارىپى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، 2008-يىلى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، تەقسىماتقا ئاساسەن، گۇما ناھىيە گۇما بازىرى باشلانغۇچ مەكتەپتە خىزمەتكە قاتناشقان. دەسلەپكى مەزگىللەردە، مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، قىشلاقئالدى كەنت تارماق مەكتىپىدە تۈرلۈك ئوقۇتۇش ۋەزىپىلىرىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، تەنتەربىيە دەرسى ۋە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنى پۇتبۇل ماھارىتى بويىچە مەشقلەندۈردى. بىر مەزگىللىك مەشىقتىن كېيىن ئوقۇغۇچىلاردا ئاساسىي ماھارەت شارائىتلىرى ھازىرلىنىپ، خېلى كۆزگە كۆرۈندى. مەكتەپ رەھبەرلىكى ئەخمەتجان مەمەتنىڭ خىزمەتتىكى كەسپچانلىقى، مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپكە يۆتكەپ كەلدى. مەركىزى مەكتەپكە ئالمىشىپ كەلگەن 2010-يىلىدىن تا ھازىرغىچە ئۇ نەچچە قارار پۇتبۇل ئەزىمەتلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. نورمال خىزمەت كۈنى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ۋاقىتلار، ھەتتا شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىمۇ مەكتەپنىڭ تولىمۇ ئاددىي، چىملىرى تولۇق ئۈنمىگەن، توپىلىق پۇتبۇل مەيدانىدا ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولاتتى.
   ئۇ پۇتبۇل ئىشلىرىغا شۇنداق ئۆزىنى بېغىشلاپ، نۇرغۇن پۇتبۇلچى ئەزىمەتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. جۈملىدىن ئۇ دىيارىمىزغا پۇتبۇل ئۇرۇقىنى چاچتى. شۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ تەسىرىدە، ناھىيە بازىرى، ھەتتا يېزا-قىشلاقلارغىچە پۇتبۇل قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ، گۇما بازىرى باشلانغۇچ مەكتەپ كەڭ پۇتبۇل ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئورتاق مەشق مەيدانى ۋە كەسكىن جەڭ مەيدانىغا ئايلاندى.
    بۇ جەرياندا ئۇ يېتىشتۈرۈپ چىققان بىر نەچچە ئوغلانىمىز كۆپ قېتىم خوتەن ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە ناھىيىگە ۋاكالىتەن شەرەپ قۇچتى، شۇنداقلا خوتەن ۋىلايىتى كوماندىسى تەركىبىدە ئاپتونۇم رايونلۇق مۇسابىقىلەرگە بىر نەچچە قېتىم قاتنىشىپ ئۆز جاسارىتىنى نامايەن قىلدى. يەنە ئۇ يېتىشتۈرۈپ چىققان ئوغلانلاردىن 3 ئوغۇل گۇاڭجۇ خېڭدا كۇلۇبى پۇتبۇل مەشىق بازىسىغا مەشىقلەندۈرۈشكە قوبۇل قىلىندى. 1 ئوغۇل شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ سىنىقىدىن يۇقىرى نومۇر بىلەن ئوقۇشقا قوبۇل قىلىندى.
put3.jpg
ئۇ ئۆز تىرىشچانلىقى، مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ قوللىشى، جەمئىيەتتىكى كەڭ ساخاۋەتچى قوللارنىڭ كۈچلۈك مەدەت بېرىشى نەتىجىسىدە ناھىيە ئىچىدە 2 نۆۋەت ئۈمىد لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسى تەشكىللىدى. نۇرغۇن كوماندىلار مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، زەپەر قۇچتى. ئوغلانلىرىمىزنىڭ پۇتبۇلغا بولغان ھەۋىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. مانا مۇشۇنداق تېرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىدە پۇتبۇلچىلار قوشۇنى كۈندىن-كۈنگە زورايدى. مۇشۇنداق ئىجتىمائىي ئۈنۈم ئەخمەتجان مەمەتنى تېخىمۇ بەل قويۇۋەتمەي ئۆزلۈكسىز تېرىشىشقا ئۈندەيتتى.
بىز ئەخمەتجان مەمەت مۇئەللىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىشلىرىغا ئۇتۇق، پۇتبۇل سۆيەر كىچىك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى كەسپىي ھاياتىغا پارلاق نەتىجىلەر تىلەش بىلەن بىرگە، كەڭ جەمئىيەتتىن، ھەر قايسى ساھەلەردىكى مىللىي تەنتەربىيە ئىشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دىيارىمىزدىكى كىچىك ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تېرىشچانلىقلىرىغا يېقىندىن مەدەت بېرىشىنى ۋە غەمخورلۇق قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

ئاپتور ۋە ئەڭ يېڭى 10 ئىنكاسقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تېمىلار

ئىنكاس يازغانلار بۇ تېمىلارغىمۇ ئىنكاس يازغان
  • ھېچكىم ئىنكاس يازمىغان ئوخشايدۇ ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئاتقا مىنىپ خوش-خوش دېگۈچە،ئېشەككە مىنىپ پوش-پوش دېگەن تۈزۈك.

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-3-30 12:00 , Processed in 0.255800 second(s), 33 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش