ئىككى مۇۋەششەھ
مۇھەممەد كامال خۇشخۇي
(1)
ئەتىگەندە دىلنى چەكتى بىر تىۋىش،
بايقىسام كۆڭلۈم ئارامى سىر تىۋىش.
ھىلى ئۆڭگەن رۇي-سىياقىم ئېچىلىپ،
كۆردى مەنزىل ئەنە گۈلگۈن قىر،تىۋىش.
ئەمما تىرەن ئوي-پىكىردە زەن قويۇپ،
ئول باھادىن قايدى باش پىر-پىر،تىۋىش.
دال كەبى ئەگدى بويۇمنى تەۋسىپى،
ئاقتى خىجىللىق تېرى شىر-شىر،تىۋىش.
ئىلكىمە شۇنداق ساداقەت تاپسا دەپ،
بىقۇۋۇل خۇشخۇي تىلەكى-جىر،تىۋىش.
(2)
ئەھدە ئەيلەپ ئول ئىجاتنىڭ ئىشقىدا كۆيمەكنى سىز،
دىلغا پۈككەن يارىڭىز ئەشئارنى چىن سۆيمەكنى سىز.
ھىدى خۇشبۇي ئىلتىجالىق ئىزگۈلەر قىلغاچ بايان،
يەتتىڭىز ئارمانغا، باسقان ھەر قەدەمدىن قالدى ئىز.
ئەتمىگەن جاننى پىدا بىلمەس مۇھەببەت قەدرىنى،
سۆيدى ئاخىر سىزنى ئارۇز-زىلۋا بويلۇق پەرى قىز.
دەملىرىمنى كۈيگە ئۈندەپ نەزمىلەر پۈتتۈم،بىراق-
ھەر بەھىردە تەمتىرەپ سوقتى يۈرەكىم بەكمۇ-تىز.
ئىدى دوستلۇق رىشتىڭىز خۇشخۇيغا ئالەمچە يۆلەك،
شۇ يۆلەك ئاپتابىدىن گۈلدەك ئېچىلدۇق ئىككىمىز.
2012-10-20
|