چىنتۈرك مۇنبىرى

ئىگىسى: yadikar

شائىر قۇربان بارات ئالەمدىن ئۆتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-2 09:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
pasan
ئۆچمەس ئىز
(ئۇستاز شائىر قۇربان باراتقا مەرسىيە)

ئابلىكىم ئابلەت مىرزابەگ

«يېشىل ھايات » قۇربان بارات دەپ ،
قېزىقىشىم قوزغالغان ئىدى .
ئوقوغانتىم سۆيىنىپ تۇرۇپ ،
تەبىئەتنىڭ يارقىن كۆيىنى .

مەپتۇنلۇقتا ئەگەشكەن ئىدىم ،
شېئر ئوقوپ ئېچىلغان كۆزۈم .
شېئرىستان باغچىسىدىن مەن ،
«قار گۈلى»نى ئۇزگەنتىم ئۆزۇم .

كۆزيۇمۇپتۇ دىگەندە سىزنى ،
ئېشەنمەيلا قالدىم بۇ سۆزگە .
تەۋرەپ كەتتى شېئرى گۈلىستان ،
ئاچچىق ياشلار تولۇپ كۆزلەرگە .

شېئرىيەت ئەخلاقى بىلەن ،
ھەممىمىزگە ئۆلگە ئېدىڭىز ،
خەلقىم ئۇچۇن تۆكتىڭىز قان-تەر ،
توغرا ئېكەن تۇتقان يولىڭىز .

ئارام ئېلىڭ خاتىرجەم ئۇستاز ،
بىزگە مەدەت ھەربىر سۆزىڭىز .
سېز باشلىغان ئاشۇ يوللاردا ،
ئىزىڭىزنى ئۆچۆرمەيمىز بىز .

(قوش تىرناق ئېچىگە ئېلىنغانلىرى شائىر شۇ ناملىق ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ )
2016-3-26  (گۇما - قوشتاغ)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-19 00:03:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان بارات كىم ؟

يالقۇن رۇزى

بەزىلەر ئوت بولۇپ شائىرلىقىدا،
مىلىيۇن دىللاردا ساقلايدۇ قىممەت.
بەزىلەر كۆرۈنۈپ ئوتنىڭ رەڭگىدە،
شاھلارنىڭ تاجىغا بولىدۇ زىننەت.
                        - قۇربان بارات

20-ئەسىرنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيەت تارىخىدىكى ئون كاتتا شائىرنىڭ بىرى ، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى بايراقدار ئەدىبلەرنىڭ بىرى بولغان داڭلىق شائىر قۇربان بارات 2016-يىلى3-ئاينىڭ6-كۈنى ئەتتىگەن سائەت سەككىزلەردە 70 يېشىدا ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى . 1980-يىللاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر ئەۋلاد ياش شائىرلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بۇ داڭلىق شائىرنىڭ ئىجادىيەتتىكى خاسلىقىنى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە-ئۇتۇقلىرىنى مۇنداق خولاسىلەشكە بولىدۇ.

بىرىنچى : قۇربان بارات ئاپەتلىك يىللاردا ئىسيانكار شېئىرلارنى يازغان بىردىنبىر شائىر

جۇڭگۇ تۇپرىقىدىكى مىلىيۇنلىغان خەلق ئۈچۈن مىسلىسسىز ئاپەت ھېساپلانغان <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>> دا پەن-مەدەنىيەت ، ئەدەبىيات-سەنئەت قاتارلىق تۈرلۈك ساھەلەردىكى ئەڭ ياراملىق كىشىلەر ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈردى. جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىيلىرى ، يازغۇچى-شائىرلىرى ئوخشاشلا ئۇنتۇلغۇسىز ئازاپ-ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈردى . بىراق، ئاشۇ ئاپەتلىك يىللاردا دەۋرنىڭ خاتالىقىنى ئېنىق تونۇپ،خەلقنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلىك كەچۈرمىشلەر ۋە ئىنسانىي ھوقۇقى مىسلىسسىز دەپسەندە قىلىنغان بىگۇناھ ئىنسانلار توغرۇلۇق قولىغا ئىسيانكار قەلىمىنى ئېلىپ ئەسەر يازغان ئەدىبلەردىن پەقەت قۇربان باراتنىلا مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ . 1980-يىللارنىڭ كېلىشى بىلەن بىر قەدەر ئازادىلەشكەن سىياسى ، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدا قەلەمكەشلەر بەس-بەستە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان بولسىمۇ ، قۇربان باراتتىن باشقا بىرەر قەلەمكەشمۇ ئاشۇنچىۋالا زور ئىجتىمائىي ئاپەتنىڭ ئىچىدە ئون نەچچە يىللار ياشاپ تۇرۇپ ، ئىسيانكارلىق روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان تۈزۈكرەك بىر نەچچە پارچە شېئىرىنىمۇ جامائەتكە سۇنالمىغان .ئەمما قۇربان بارات <<ئاپەتلىك يىللاردىن ئاچچىق خاتىرە>> دېگەن ماۋزۇ ئاستىدا <<كېسىلگەن توغراق>> ، <<دەريا شارقىرايدۇ قاراڭغۇلۇقتا>> ، <<قىزنىڭ ئۆلۈمى>> ، <<يىغا قوشۇقى>> ، <<شائىرلىق>> ، <<دىۋانىنىڭ ھەيكىلى>> ، <<شىمال يۇلتۇزلىرىغا تەلمۈرۈپ>> ، <<ئامىنە>> ، <<جان بەرمەكتە مەھبۇس تۈرمىدە>> ، <<1967-يىل>> قاتارلىق80 پارچىدىن ئارتۇق ئېسىل شېئىرىنى ۋە <<يوقالماس پەلەستىن>>ناملىق شېئىرى رومانىنى ئوقۇرمەنلەرگە مەردانىلىق بىلەن سۇنالىغان. مۇشۇ مەنىدىن ئىيىتقاندا ، ئاپەتلىك يىللاردا ياشاپ تۇرۇپ ، ئاشۇ ئاپەتلەرنىڭ بىر خەلقنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىغا ۋە ئاشۇ خەلق توپىدىكى بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ بېشىغا سالغان كۈلپەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن قەلەمگە ئېلىش جاسارىتى ۋە پاراسىتى پەقەت شائىر قۇربان باراتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان دېيىشكە بولىدۇ.بىزنىڭ ھەر-ھەر قەلەمكەشلىرىمىز ئاشۇ ئاپەتلىك يىللار ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاندىن ئەقلىنى تىپىپ ئاشۇ يىللاردىكى كۈلپەت نادامەتلەر توغرۇلۇق شېئىر ھېكايىلەرنى يېزىشقان بولسا ، بىر قىسىملىرى ئاشۇ ئاپەتلىك يىللاردا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالمىغانلىقىدىن ئۆكۈنىدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەنلا كۇپايىلەنگەن . بىر قىسىملىرى ھەتتا ئاشۇ ئاپەتلىك دەۋرنىڭ خاتالىقلىرىغا مەدىھىيە-قوشاقلىرىنى توقۇش بىلەن ئەخمەق بولغانلىقلىرىدىن ئۆكۈنگەن . مانا بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، شائىر قۇربان بارات ئۆزى يازغاندەك <<تۈندە ئۇچقان يالغۇز قۇش>>كەبى ھەقىقى مەنىدىكى شائىردۇر . شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن 1980-يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات مۇنبىرىدە قۇربان بارات ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى شۆھرەتلىك شائىر سۈپىتىدە تونۇلغان . 80-يىللاردىكى ياش شائىرلارنىڭ ۋەكىلى بولغان ئەخمەتجان ئوسمان قۇربان باراتقا ئاتاپ يازغان بىر شېئىرىدا ئۇنى <<تومۇرىڭدا ئاقىدۇ باھار ......>> دەپ ئۇلۇغلىغان . شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن90-يىللارنىڭ بېشىدا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ گۈلشەن بېتىدە ئېلان قىلغان ، ئۆزىنىڭ شېئىر ئىجادىيىتى توغرىسىدىكى ماقالىسىنىڭ بېشىدىلا <<ئالدىمدا قۇربان بارات ۋە روزى سايىتتەك ئۈلگىلەر تۇرۇپتۇ .....>> دەپ كۆرسىتىپ دەۋرداشلىرى ئىچىدە ئۆزىنىڭ پەقەت مۇشۇ ئىككى شائىرنىلا ئۆزىگە ئۈلگە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن .
   قۇربان بارات ئۆز ئالدىغا شېئىرىيەت ئۇسلۇبى ياراتقان شائىر ، ئادەتتە شائىرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئۆز ئالدىغا ئۇسلۇب يارىتالىشى قىيىن . ئەمما قۇربان بارات شېئىرىيەت ساھەسىدە ئۆز ئالدىغا ئۇسلۇب ياراتقان شائىر ھېساپلىنىدۇ . بۇنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېما ئالاھىدىلىكىدىن ، ئىپادىلەش شەكلى ئالاھىدىلىكىدىن ، تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ . ئۇ تېما ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئىيىتقاندا مىللەتنىڭ ئومۇمىيىتىگە ئالاقىدار تېمىلارنى يوللايدۇ . شۇڭا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەر ئۇنى <<مىللىي شائىر>> دەپ تەرىپلەيدۇ . ئىپادىلەش شەكلى ئالاھىدىلىكىدىن ئىيىتقاندا ھېسياتى ۋە پىكىرىنى مەلۇم مىسرالاردىلا ئەمەس بىر پۈتۈن قۇرۇلمىدا ئىپادىلەيدۇ . تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى جەھەتتىن ئىيىتقاندا شېئىرلىرىنىڭ ئاھاڭى لەرزان ، ئىشلەتكەن سۆز-ئىبارىلىرى روشەن ، شېئىرى تىلى زور دەرىجىدە تاۋلانغان . بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەرنى ئۇنىڭ 2012-يىلى شىنجاڭ ياشلار نەشىرىياتى نەشىر قىلغان <<ئۈمىد توغرۇلۇق ناخشا>> ناملىق شېئىر توپلىمىدىكى شېئىرلاردىن روشەن ھالىدا ھېس قىلغىلى بولىدۇ .



ئىككىنچى : قۇربان بارات كۆپ خىل ئىقتىدارنى ھازىرلىغان شائىر

بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرىدە ئورنى بار شائىرلار ئىچىدە قۇربان باراتتەك كۆپ خىل ئىجتىدارنى ھازىرلىغان ، ھەر تەرەپلىمە نەتىجە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن شائىر كەمدىن-كەم ئۇچىرايدۇ .
       1. ئادەتتە شائىرلار ھاياتىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازىدۇ . بىراق، يازغانلىرىنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىكى ساناقلىقلا بولىدۇ . قۇربان بارات يازغان شېئىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى ئالقىشقا ئېرىشكەن شائىر بولۇش بىلەن بىرگە ، شېئىرى رومانچىلىقتا تۆت پارچە شېئىرى رومان يازغان شائىر ھېساپلىنىدۇ . بۇ شېئىرى رومانلارنىڭ ئىچىدە دۇنياۋى تېمىدا يېزىلغان <<يوقالماس پەلەستىن>> بىلەن ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە يېزىلغان <<ئاق روماللىق پەرىزات>>نەشىردىن چىققان .
      2.كىلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش بىر تۈرلۈك ئالاھىدە ئىلمىي خىزمەت . بۇ خىزمەت نەشىرگە تەييارلىغۇچىدىن شۇ ساھەگە ئالاقىدار تىل ۋە ئەدەبىيات ، تارىخ بىلىملىرىنى چوڭقۇر بىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇ جەھەتتە قۇربان بارات ئەلشىر نەۋايىنىڭ <<سەددى ئىسكەندەر>> ، <<دىۋان ئاتايى>> ، <<دىۋان زۇھۇرى>> دەك كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ھەم تۇنجى بولۇپ تۇردى ئاخۇن ئاكىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ئون ئىككى مۇقام تېكىسىتلىرىنى نەشىرگە تەييارلىغان .
      3. شائىرلارنىڭ ھەممىسى شېئىر تەرجىمە قىلىش قابىلىيىتىنى ھازىرلىغان بولمايدۇ . قۇربان بارات شېئىرىيەت تەرجىمىسى جەھەتتە ، شەيخ سەئىدنىڭ <<بوستان>> داستانىنى ، رۇس شائىرلىرى پۇشكىن ۋە لېرمونتوفنىڭ تۆت پارچە شېئىر-داستانلار توپلىمىنى ، خەنزۇ شائىر ئەي چىڭنىڭ 1970-يىللاردا يازغان بىر تۈركۈم شېئىر-داستانلىرىنى ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلغان . ئون ئىككى موقامنىڭ تېكىسىتلىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە قاتناشقان شائىرىمىزدۇر .
       4. مۇھەررىرلىك خىزمىتى ئىنچىكىلىك ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈرلۈك جاپالىق خىزمەت.شۇنداق بولغاچقا خېلى كۆپ قىسىم مۇھەررىرلەر ئۆزلىرىنىڭ كىيىنكى چاغلاردا نېمە ئۈچۈن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشۈپ ،ئىجادىيەتكە سەرپ قىلىنىدىغان زېھىن ۋە ۋاقىتنىڭ مۇھەررىرلىككە كەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىدۇ . مەن بۇنى ئىجادىيەت كۈچى يوق مۇھەررىرلەرنىڭ باھانىسى دەپ قارايمەن . بىزدە بۇنداق باھانە-سەۋەپلەر بىلەن ئۆزىنى بېزەيدىغان مۇھەررىرلەردىن سىرىت ، ئەڭ مۇھىمى ، بىر ئۆمۈر مۇھەررىرلىك قىلىپمۇ مۇھەررىرلىك ئېڭىنى يىتىلدۈرەلمەيدىغان مۇھەررىرلەر تېخىمۇ كۆپ . قۇربان بارات ئىجادىيەت كۈچى ، تەرجىمە كۈچى ۋە تەتقىقات كۈچى كۈچلۈك قەلەمكەش بولۇش بىلەن بىرگە بىر ئۆمۈر مۇھەررىرلىك بىلەن ئۆتكەن ، پۇرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر ، كىم ئۈچۈن ، نېمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى بىلىدىغان مۇھەررىرلىك ئېڭى كۈچلۈك ، داڭلىق نەشىرىياتچىلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇ <<بۇلاق>> مەجمۇئەسىنىڭ مۇھەررىرلىكىنى بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن سىرت نەچچە يۈز پارچە تۈرلۈك ژانىردىكى كىتابلارنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن ، بۇ كىتابلارنىڭ مۇتلەق كۆپى ھازىرغىچە قىممىتىنى يوقاتماي كىلىۋاتىدۇ .
     5. خۇسۇسىي نەشىرىياتچىلىق ساھەسىدە قۇربان بارات ئەڭ دەسلەپ يول ئاچقۇچىلارنىڭ بىرى . ئۇ 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ بىر تۈركۈم يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرىنى ئۆز مەبلىغى بىلەن نەشىر قىلدۇرۇپ خۇسۇسىي نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان . قۇربان بارات ئۆز مەبلىغى بىلەن نەشىر قىلدۇرغان كىتابلاردىن جالالىدىن بەھرامنىڭ <<لېيىغان بۇلاق>>رومانىنى ، مىرەخمەت سىيىت بىلەن يالقۇن روزىنىڭ <<مەمتېلى ئەپەندى>>ناملىق تارىخى تەرجىمھالىنى ، ئەختەم ئۆمەرنىڭ <<ئەختەم ئۆمەر پوۋېستلىرىدىن تاللانما>>ناملىق توپلىمىنى ھەم <<خەنزۇ تىلىدىن 800 جۈملە>>قاتارلىق كىتابلارنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ .
     6. شائىرلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر ئۆمۈر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانسىمۇ شېئىرىيەت نەزەرىيەسى ۋە شېئىرىيەت تارىخى جەھەتتە بىلىمى ئاجىز بولغاچقا بۇ ساھەدە كۆپلىگەن يىرىك ماقالىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى . ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ يازمىلىرىنى <<مەن ۋە شېئىرىيەت>>دېگەن نامدا 500 بەتلىك كىتاب قىلىپ شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتىغا تاپشۇردى .  



خولاسە شۇكى ، مىللىي غۇرۇرى ئالاھىدە كۈچلۈك شائىر قۇربان بارات ئۆزىنىڭ 70 يىللىق ھاياتىنى زور نەتىجە- ئۇتۇقلار بىلەن بېزىگەن كاتتا شائىر ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زور يوقىتىش . قۇربان بارات ياراتقۇچى نىسىپ قىلغان ئۆمۈر مۇساپىسىنى تاماملاپ ئۇ ئالەمگە كەتتى ، ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ھەم جاسارەتلىك ھەم پاراسەتلىك بىر كاتتا شائىرىدىن ئايرىلىپ قالدى . قۇربان باراتنىڭ قىممىتىنى ھەقىقى مەنىدە چۈشىنىدىغان يۇقىرى ساپالىق زىيالىيلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئىچ-ئىچىدىن ئېچىندى ، ئۈنسىز ياش تۆكتى . بۇ تالانتلىق ، قەيسەر شائىرنىڭ ئۆلۈمىگە قايغۇرغان ئوت يۈرەك ئوغلانلىرىمىزنىڭ بىرى ، ئامېرىكىنىڭ خارۋارد ئۇنۋىرسىتېتىدا ئىشلەيدىغان قابىل ئىقتىسادشۇناس ھەم جۇشقۇن شائىر قەيسەر مىجىت تۇنجى بولۇپ يەتتە كۇبلېتلىق مەرسىيە پۈتۈپ تورداشلارغا سۇندى . ئۇ قۇربان باراتقا بولغان ھۆرمىتى ۋە قايىللىقىنى مۇنداق ئىپادىلىدى :

مەن سەزگەن سىزدىكى گۈزەل ھېسلارنى ،
مەن تۇيغان سىزدىكى غۇرۇر-ۋىجداننى.
سىز-بۈركۈت، مەڭگۈ قانات قاقىسىز ،
روھىڭىز يىتەكلەر مەندەك ئىنساننى .

*****************************
مەزكۇر ماقالە ئۇستاز ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈركنىڭ كۈچلۈك تەۋسىيىسى ھەم تەلىپىگە ئاساسەن ئەسلى مەنبە بولغان ئۈندىدار سالۇنىدىكى رەسىم ھالەتتىكى نۇسقىسىدىن پايدىلىنىپ كومپىيۇتېردا ئۇرۇپ يېزىپ چىقىلىپ خەلققە سۇنۇلدى .ئەجىر قىلغۇچى : ئابلىمىت ئوسمان (مەرىپەت ئوغلى)

2016-يىلى4-ئاينىڭ18-كۈنى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئەرنىڭ غېمى ئەلدە كۆرۈنەر، دېھقاننىڭ مېۋىسى يەردە

چىنتۈرك مۇنبىرى  ئەسكەرتىشى

چىنتۈرك مۇنبىرى  ۋە ئاپتۇرنىڭ رۇخسىتىسىز تېمىنى كۆچۈرۈپ باشقا تور بىكەتلەرگە چاپلىغانلار،ئۈندىدار سالونلاردا تارقاتقانلار بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر ئۈندىدار ۋە تور بىكەتلەرگە يوللىماقچى بولسىڭىز ئاپتۇر ۋە چىنتۈرك مۇنبىرىنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىڭ، چىنتۈرك مۇنبىرىگە تېما، ئىنكاس يوللىغاندا قانۇن-سىياسەتلەرگە خىلاپ مەزمۇنلارنى يوللاپ سېلىشتىن ساقلىنىڭ. چىنتۈرك مۇنبىرىگە يوللانغان مەزمۇنلار ئىچىدە سىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان قىلمىشلار بولسا بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ، تور بېكىتىمىزگە يوللىغان تېما، ئىنكاسلىرىڭىزنىڭ قىممىتى بولسۇن، ئانا تىلنى ھۆرمەتلەپ ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ، ياردەمگە ئېرىشمەكچى، ياردەم بەرمەكچى بولسىڭىز باشقۇرغۇچى 1137411877 بىلەن ئالاقىلىشىڭ.

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش ئالاقىلشىڭ QQ توپلىرى

ئۇلىنىش قوشوش|بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ|قاماقخانا|新ICP备11003671号|چىنتۈرك مۇنبىرى

GMT+8, 2016-8-9 04:34 , Processed in 0.194480 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش