- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-4-5
- توردا
- 228 سائەت
- 经验
- 44 点
- 威望
- 1314 点
- تىزىملاتقان
- 2011-3-12
- ھوقۇقى
- 20
- يازما
- 656
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 44
- UID
- 3653

|
ئسىتانبۇلنىڭ ھاۋاسى ئادەمنى سەل خىيالچان قىپ قويىدۇ . بەزىدە كۈتۈپخانىنىڭ دېرىزىسىدىن يامغۇردا ئالدىراش مېڭىۋاتقان ئادەملەر توپىغا قاراپ كىملەرنىدۇر ،نىمىلەرنىدۇر ئەسلەپ قالىمەن . بەزىدە تۇرۇپلا قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن يېڭىچە بىر ئۈمۈد قايناپ چىقىدۇ . مۇشۇنداق چاغدا ئاندىن قولۇمغاقەلەم ئېلىپ ماڭا ئېغىر تۇيۇلغان بەزى نەرسىلەرنىڭ بەك يەڭگىللىكىنى ھېس قىلىپ يازماسلىققا چىدىماي يېزىپ سالىمەن ." V4 t1 u1 ?2 I5 f2 A" x1 ~- Z, i( y( ]
2011 -يىلى ھاياتىمدىكى ئاجايىپ مۇھىم مەزگىللەردە تۇرىۋاتاتتىم .
) p9 I2 A" ^: F, M. Kشۇ يىلى ئوقۇش پۈتتۈرەتتىم . ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرۈشۈم بىلەنلا ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم تاللاشلارغا دۇچ كېلەتتىم . ھۆكۈمەت خىزمىتى قىلىشىم كېرەك ياكى ئۆزەم باشقا بىر ئىش قىلىشىم كېرەك . ياتلىق بولۇپ ئۆيدە ئولتۇرۇشۇم كېرەك ياكى رىئاللىقتىن مەلۇم مەزگىل ئۆزەمنى قاچۇرۇپ داۋاملىق ئوقۇشۇم كېرەك . 7 T4 G. |0 y& @. ]' _9 C1 F- `9 I- B
2009-يىلىدىن باشلاپ ھەپتە ئاخىرلىرى ۋە تەتىل كۈنلىرى ئىشلەشنى باشلىۋەتكەن ئىدىم . ئوقۇشىڭىزغا تەسىر يەتمىدىمۇ دەپ سورىماڭلا . ئاشۇ دەرسنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى ئالدىراش قىلىۋالىدىغان سىتۇدىنتلارنى پەقەت چۈشەنمەيمەن ھازىرمۇ . ئىشلەش جەريانىدا ئۈگىنىۋاتقان نەرسەمنى قانداق ئۈگەنسەم بولىدىغانلىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىپ تېخىمۇ ياخشى ئۈگىنىپتىكەنمەن تېخى .1 Q& Q- Y3 A8 `' m. D8 [; w2 U
لېكىن دەل شۇ ئىشلەش جەريانىدا ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلىسەم قانداق بولىدۇ ،شەخسى ئورۇندا ئىشلىسەم قانداق بولىدۇ كاللامدا بىر كۆز قاراش شەكىللىنىپ بولغان ئىدى .
# K# ~, H% y& x0 m7 r# O3 \$ u8 Sھىجابلىق قىزلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلىمىز . شەخسى ئورۇنلىرىمىزدا ئىشلىسە قانداق بولىدىغىنىنى تېخىمۇ بەك بىلىمىز . خىزمەتنىڭ ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىق (چۈنكى نۇرغۇن شېكەتلەر ئۇزۇنغا بارمايلا تاقىلىپ قالىدۇ ، ماڭا ئۇنداق ئەمەس دەپ دەرس ئۆتمەڭلا ، مەن ھەممىسى دېمىدىم 90 % جېقى دېمەكچى ، مائاشى ئاز بولغاننىڭ ئۈستىگە دېگەندەك ياخشى مۇئامىلىلەرگە ئۇچرىمايسىز . قىز بالا بولسىڭىز بىر مۇنچە گەپكە چىداپ ، ۋە سەت قىلىق ئادەملەرنىڭ قىلىقلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان گەپ .
) R. z" {$ D, m% T9 C+ \' Q ئاپاملار قىلدەك تولغىنىپ كېتىۋاتتى . شۇنچە يىللار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇشتىكى مەقسىتى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسەم ، شۇ يەردە ئىشلىسەم ،ياشىسام . ئەمما ئۇنداق بولمايدىغانلىقىنى ئۇلارمۇ مەنمۇ تۇيۇپ تۇراتتۇق .چۈنكى يۇرتۇمنىڭ ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان ئىدى .- D; I0 o2 v0 s5 M+ J+ J4 |
ھىجابىم تۈپەيلى 2009 دىن بېرى ئۆيگە تۈزۈكمۇ قايتالماي (قايتساملا ساقچىخانىغا بېرىپ ئۆزۈمنى «مەن كەلدىم » دەپ مەلۇم قىلىپ قويۇشۇم ،ئۇلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇرۇشۇم ، بىر مۇنچە قوپاللىقلىرىغا چىدىشىم كېرەك ) يۈرۈشۈم ئۇلارنىڭمۇ مېنىڭمۇ جېنىمغا تەگكەن ئىدى .2 T: [ I: a6 |2 c+ K* S
دەل شۇ 2011 -يىلىنىڭ كەچكۈز كۈنلىرىدە ( شۇ كۈنى بېيجىڭدا ياغمىغان يامغۇر ياغقان ، ھىسلا ئەمەس ھاۋاسى ئىسىمدە قاپتىكەن ) ئاپام يېغلاپ تېلىفون قىپتۇ . بىر ھەپتە تۇرالىسىڭىزمۇ ھېساب ، ئۆيگە بىر كېلىڭ بالام دەپ .' E" h7 Y: s5 s) W) | ]9 ~- K h
باردىم . ۋاي بىچارە ئاپام . شۇ مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇن مېنىڭ غېمىمنى قىلىپ . ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ ياغلىقى تۈپەيلى خار بوپ قالمىسۇن ، ياغلىقىنىڭ قەدىرىنى قىلىدىغان بىرىنىڭ قولىغا ئۆتسۇن دەپ لايىق تېپىپتىكەن ماڭا .
6 x8 a" b4 H2 j; |. D7 ` توي دىگەننى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن شۇنچە يىللارغىچە ،خۇددى مەن مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغاندەك ھېس قىلىپ .4 X. P5 [( H O+ C6 D H7 z
كاللامدا تۈتۈن چېقىلدى . ئۇ ئادەمگە ياتلىق بولايمۇ بولمايمۇ ئەمەس ، ياتلىق بولامدىم بولامدىم بولمامدىم ؟ ياتلىق بولغاندىكىن قانداق قىلىمەن ، قانداق ئايال بولىمەن ، قانداق ئانا بولىمەن ؟دەپ بولمامدۇ
8 R9 Y6 `5 [3 d4 i# C ياتلىق بولۇش خىيالىمدا بولمىغىنى بىلەن بالىلارغا بەك ئامراق ئىدىم ،ھەم بالىلارنى تەربىيلەش توغرىلىق شۇنداق جېق كىتاب ئوقۇپتىكەنمەن كەلگۈسىدە بالام بولسا ......دەپ . ئەمدىلىكتە ياتلىق بولۇش يېشىغا كېلىپ ئۆتۈپ كەتكەندە ئايال بولۇش توغرۇلۇق ھېچنىمە بىلمەيدىغىنىم ئېسىمگە چۈشتى . % D0 _+ D+ L9 h' s0 a
مەيلى كىمگىلا ياتلىق بولاي ياخشى بىر ئايال بولۇشۇم ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىم مۇھىمى ئۇنى بەختلىك قىلىشىم كېرەك . 4 o6 @$ F9 A. U, j
كۈنلەپ نىمىلەرنى قىلىدىغانلىقىم ،قانداق قىلىدىغانلىقىم توغرىلىق ئويلاندىم ،ئىزدەندىم ، يەڭگىلىرىمدىن سورىدىم . مېنىڭ بۇ قەدەر ئەستايىدىللىقىمغا ھەممىسى كۈلۈشتى ،ۋاي سەۋدا قىز ، قايسى تەلەيلىكنىڭ قولىغا چۈشەرسىز دەپ . .... 9 d4 D: |& L4 M* x& Y |5 M" t
ئاپامنىڭ ئۇ يىگىتى سەئۇدىدا ئوقۇۋاتقان بالىكەنتۇق .بىچارە ئاپام ئۇياقنىڭ سەئۇدىدا ئىكەنلىكىدىنلا شۇنچىلىك خوش بولۇپ (سەئۇدىدا تۇرىۋاتقان بولسىلا بەك تەقۋا ،ئۇلۇغ ھېسابلىنىدىكەن چوڭلارنىڭ نەزەرىدە ) ، گەرچە بىر ئۆمۈر ۋەتەنگە قايتالمايدىغان ،مېنىمۇ ھەم بەلكىم بىر ئۆمۈر كۆرەلمەيدىغان بولسىمۇ ھىجابىم بىلەن (توغرىسى ئىمانىم بىلەن ) ياشىيالىسۇن دەپلا مېنى قوش قوللاپ سۇنۇپتۇ ئۇ بالىغا . 6 P5 Y& x- ~/ n
ئۇ ياق تېلىفون قىلدى شۇنداق قىپ .
' }0 G, y$ N, P0 W' [ مەن چىرايىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ، تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدىغان بىر ئەرتېلىفوندا ھەدەپ سۆزلەۋاتىدۇ . يېنىمدا ئاپام ئولتۇرىدۇ مېنى خاتا گەپ قىپ قويۇپ ئۇ ياقنى قاچۇرۇپ قويامدىكىن دەپ .0 ]6 J y& {! ?5 ~7 r# d
مەن ئىزا -نومۇستىن ئۆلىۋاتىمەن . نورمال يوسۇندا ئوغۇللار بىلەن پارڭلىشىش باشقا گەپكەن ، بۇ باشقا بىر گەپكەن .
2 G+ I) N9 m8 L* ^2 j قارىھاجىم گەپكە ئاجايىپ ئۇستا ئىدى . ئۆزىنىڭ مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈپ باقمىغانلىقى ، ئەمما كىچىكىدىن دىنىي تەربىيىنى ياخشى ئالغانلىقى ، قىرائىتىنىڭ ئېسىللىقى ، قىرائىتى ئېسىل بولغاچقا ئىسلام داشۆسىدە ئوقۇيالىغانلىقى ...قاتارلىقلارنى سۆزلەيتتى . كۈنىگە بەش ۋاق نامىزىدىن يېنىپ بەش ۋاق تېلىفون قىلاتتى . ھاياتىدا مېنىڭدىن باشقا بىر قىزنى ئالىمەن دەپ باقمىغانلىقى (چىرايىمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تېخى ) مېنىڭ ئاۋازىمدىنلا مېنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قالغانلىقى ( ئۆيدە يوغان تېرەكتەك ئىككى ئاكام ۋە بەگ ئىنىم بار ، ئۇلاردىن نومۇس قىلىپ ئاۋازىمنىمۇ چىقىرالماي يۈرسەم قايسى ئاۋازنى ياخشى كۆرۈپ قالدىكى تاڭ ) نى دەپ ، گېپىنىڭ ئارىسىغا ئەرەبچە گەپلەرنى قىستۇرۋېلىپ « خاپا بولماڭ ،مېنىڭ ئەرەبچەم ئۇيغۇرچەمدىن ياخشى » دەپ قوىۇشلىرى 1 |9 w+ H: s7 c, S3 z
كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن بۇ لايىقنى پەقەتلا ياقتۇرالمىدىم .بۇ 10 نەچچە كۈندە مېنىڭ بىلگىنىم ناماز ئۆتەش ، تېلىفون قىلىش ، ۋائىزلىق قىلىشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلمىغان ، ئۆزىنىڭ ئەرەبچىسىنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن ياخشى (25 يېشىدا بېرىپتىكەن بوممىسا ئۇ يەرگىمۇ يا ئۇ يەردە تۇغۇلماپتىكەن ) ئىكەنلىكىدىن پەخىرلەنگەن بۇنداق ئادەمنى كىيىن نىمىش قىلىدىغانلىقى ، قانداق قىلىدىغانلىقىنى ] پەقەت تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم . كۆز ئالدىمغا ھېلىقى« ئۆلۈك جانلار» رومانىدىكى قېرى پومىشچىكلار كەلدى ،، بەلكىم ھاياتىمنىڭ ئاخىرىغىچە ئاشۇلاردەك ياشىشىم مۇمكىن ئىدى .... 8 W/ h8 \) p1 |
شۇنداق قىلىپ ھەممە ئىش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە ماڭدى . ئاپام مېنىڭ ھېچقانداق قارشىلىق كۆرسەتمىگىنىمگە ئالەمچە خوش . ئەمما ئىككى ئاكام ھۇجرامغا سولىنىۋېلىپ بۇقۇلداپ يېغلاپ كېتىشىمدىن بەك بىئارام بولۇشۇپ كېتىشتى . مېنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشەلمەي كوت كوتتتا خەت يېزىپتۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك چوڭ ئاكام . جېنىم ئۇكام ، كۆڭلىڭىز تارتمىسا بولدى قىلايلى ،بىز پەقەت بەرداشلىق بىرەلمەيدىكەنمىز يېغلىسڭىز دەپ .+ L) p4 ]/ ~) s" M
نىھايەت توي بولىدىغان بولدى ، ئوقۇش پۈتتۈرىشىم بىلەن مەن خەقنىڭ يېنىغا ئۆزەم بېرىپ ، ھاياتىمدا كۆرۈپ باقمىغان مۇشۇ ئادەمگە ھېچقانداق ئۇرۇغ-تۇغقىنىم ، يۆلەنچۈكۈم يوق ئەھۋالدا ياتلىق بولىدىغان ، نىكاھ ئىنتىرنىتتىن ئوقۇلىدىغان بولدى . % N; D5 _3 z+ G9 w# {
مەكتەپكە كەلدىم رۇخسىتىمنىڭ ۋاقتى توشۇپ . بۇ مەزگىللەردە خېلىلا زىلۋالىشىپ قالغان چېغىم ھەممەيلەن سورىشىپ كەتتى نىمە ھۈنەر ئىشلەتتىڭ ھوي دېيىشىپ ،ھۇ تاياق قېپى ئايپاتەملەر
' _2 b R2 |; e3 N9 _% C; ], g* h شۇنىڭ بىلەن دەپ بەردىم . ئاۋۋال ئىسمىنى يوشۇرۇپ .
; \. d# Z1 h, ~2 W& v- `- B$ K دەسلەپتە ياخشى بوپتۇ دېيىشتى . كىيىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئىسمىنى دەپ بەرسەم قېتىپ قاپتۇ بۇ ياغلىقباشلار قوشۇنى . ۋاي سىز قالغانمىتىڭىزدېمىگەن ، قولىدا پاسپورتى بار ياغلىقلىق قىزلارنىڭ ھەممسىگە دەپ باقىدىغان قارىمكىنا ئۇ .....&^%%$# & v" h1 `+ \) g E
ھاجىمنىڭ ھېچنىمىسىنى ياقتۇرمىساممۇ خېلى تەقۋا دەپ بىلەتتىم . شۇنچىۋالا ئوقۇغاندىكىن زامانىمىزدىكى ئالدامچى يىگىتلەر قىلىدىغان تېتىقسىزلىقنى ئىلمىيلاشتۇرىدۇ دەپ خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمەيتتىم . دىننى ھەقىقى ئوقۇغان ،چۈشەنگەن ، تەقۋا ئادەم بولسا ئىبادەتنىڭ داۋراڭ ۋە ھەشەم ئۈچۈن ئەمەس ئاللاھ ئۈچۈنلا ئىكەنلىكى ،پەقەت ئاشۇ ئادەم ئۆزى خالاپ ئۆزى بىلىپ قىلىنىدىغانلىقى ، دىنىمىزنىڭ بولسا بىر تۈرلۈك ياشاش ئۇسۇلى ئىكەنلىكى ، كۈندىلىك ھاياتىمىزدىكى ھەر ئىشىمىزغا ،ھەر ئادەمگە قىلغان مۇئامىلىلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلەتتى .
' x4 V: l4 W3 D' R- B. ~) ~ ھاجىمنىڭ ھەدىسلەرنى «ئوقۇغان » لىقىنى بىلدىم . قالغىنى ئۆزىگە ئايان ئىدى . ئېھ ئاللاھىم ، ئادەم بولۇش شۇنچىلىك تەس ، مۇسۇلمان بولۇش ئۇنىڭدىنمۇ تەسكەن . مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن ئادەم بولۇپ ياشاشقا نىسپ قىلغايلا . ئىبادەت ۋە ياشامىمنى سىلىنىڭ يوللىرى ئۈچۈنلا قىلدۇرغايلا . شەيتاندىن ساقلىغايلا دەپ دۇئا قىلدىم . |
|