بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نېرۋانا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2017-2-3 13:33
* H& h# K/ @/ v2 o
6 {) J9 i$ o4 u! a! R& l پويىنت بىلەن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تونۇشۇپ قالغانمۇ بولدۇق، مەن شۇنداق قارايمەن. ئۇ ھېكايە يازدىغىنمنى مەندىن ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھېكايىلىرىمنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى، شۇنىڭ بۇرۇن يازغان ھېكايلىرىمنى ئۇنىڭغا يوللاپ بېرىشىنى لايىق كۆرمىدىم.يېقىندىن بېرى ھېكايە يېزىشقا ۋاقىت چىقمايۋاتاتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بىر ھېكايە يېزىپ ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولدۇم. ھېكايە ئۇنىڭ مىكروخەت بوشلۇقىدىكى «ھازىر ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى يوق»دىگەن يازمىسىنى مەنبە قىلىپ، ئۇنىڭغا «ئىككى قۇلاقلىق قازان»نىڭ بارلىقىغا بىردەملىك بولسىمۇ ئىشەندۈرۈشكە كۆزۈم يېتىدىغانلىقى سەۋەب بولدى.
" r* D# l7 ^% f2 f
; H9 y; {/ W& m+ x. X* {' B% Fئىككى قۇلاقلىق قازان0 B, d$ \9 X9 A' j
, O! K4 U% r2 ]$ r6 n " H( ]! D6 o+ _: a# d% U
سىز ئازىراق دېمىڭىزنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، يىرىم خالتا قوناقنى يەنە كۆتۈرۈپ شەرققە قاراپ ماڭدىڭىز، ئاتمىش كىلومىتىر يولنى بېسىپ ئۆيگە قايتىىپ ،كۆرمىگىلى بىر ئاي بولغان ياش ئايالىڭىزنى كۆرگەن چېغىڭىزدا، ئۆشنىڭىزدىكى قوناق يەرگە چۈشتى، سىز ئايالىڭىزنى قۇچاقلاپ تەلۋىلەرچە سۆيۈپ كەتتىڭىز، ئۇنىڭ:- ئاستىراق، بالىلار ئاڭلاپ قالىدۇ. دېگەن سۆزلىرى قۇلىقىڭىزغا كىرىپ چىقمايتتى، سىز ئايالىڭىزنى كۆتۈرگىنىڭىزچە، قازناق ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، قوي يۇڭى ئۈستىگە باسىتىڭىز ..
$ N: V7 j b8 ~ E1 E; j ئىشنى تۈگىتىپ بوشاشقان چېغىڭىزدا ئۇنى سۆيۈپ قويۇپ، ئىتتىكلا ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ كەتتىڭىز،دە.قازناق ئىچىدىكى ھىجىردىن بىر نوگايدا سۇنى ئېلىپ، گۈپۈلدىتىپ ئىچتىڭىز، يەنە بىر چۆمۈچ ئىچكەندە سۇ ئىككى جاۋغىيىڭىزدىن ئېقىپ كانىۋا كۆينىكىڭىزگە ئېقىپ كېتىۋاتاتتى، سىز سۇنى ئىچىپ بولۇپ، نوگاينى قولىڭىزدا تۇتقىنىڭىزچە مومامغا قاراپ كۆزلىرىڭىزدىن ياش ئاققىنىچە كۈلۈپ كەتتىڭىز . سىز يولبوي سۇ ئىچمىگەچكە شۇنداق ئۇسساپ كەتكەن ئىدىڭىز. مومام ئىتتىكلا تامبلىنى كېيىپ، كۆڭلىكىنى باسۇرىۋالدى.سىز ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۆيگە كىرىپ بالىلارنى كۆرۈپ ئۇلارنى ئويغاتقاندىن كېيىن، ئۇلارنى باغرىڭىزغا بېسىپ، قېنىپ پۇرىۋالغاندىن كېيىن يەنە كوممۇنا مەيدانىغا قايتماقچى بولدىڭىز.مومام ئىشىكتە قېلىپ، سىزگە قېيمىغان ھالدا ئۆيدە قېلىپ قالدى،سىز ئۆيدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەي. مەھەللىدىكى ئۆستەڭنىڭ مۇزدەك سۈيىدە يۇيۇنىۋالغاندىن كېيىن، بەدىنىڭىزنى قۇرۇشىنى كۈتمەيلا كېيمىڭىزنى كېيىپ ئاتمىش كېلومىتر يولنى بېسىپ كوممۇنانىڭ دېھقانچىلىق مەيدىانىغا بېرىپ، ئورنىڭىزغا كىرىپ ئۇخلىدىڭىز.
$ @+ H' F I& \4 Aسىز شۇنداق قىلىپ بىر ئاي ئۇدا 120 كېلومتىر يولنى كۈندە كەچتە بېسىپ ئۆيگە ھېلىقى خالتىڭىزدا قوناق توشۇدىڭىز. بىر سەرەڭگە قېپىدا بېرىلىدىغان قوناق ئۇنىغا ئۆسۈۋاتقان بالىلار تويمايتتى،چوڭ ئوغلىڭىز دىلنىڭ ئورۇقلاپ بىر ئۇستىخان بولۇپ كەتكەن ۋاقتىنى كۆرۈپ ئىچىڭىز سېرىلىپ كەتكەن چاغدا سىز كۆزىڭىزنى يۇمدىڭىز.4 o! `! z* @) K' q
جىمسىم پارىژنىڭ دېڭىز بويىدىكى قەھۋەخانىدا تۇرغاندا، خىيالىم سىزگە ئەگىشىپ ئەللىك يىل بۇرۇنقى ئاتۇش كاتتا يايلاقنىڭ كوچىسىدا دادىڭىزنىڭ چىلان تورۇق ئېتىنىڭ مەھەللىگە كىرىشنى ساقلاپ تۇراتتى...! w0 v6 }0 j: E+ X; ]1 k7 `9 H1 `
دادىڭىز ئۆزىنىڭ چىلان تورۇق ئېتىغا مىنىپ مەھەللىگە كىرىشگە سىز ئۇنىڭ ئېتىنىڭ تۇياق ئاۋازىدىن بىلىۋىلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىققاتتىڭىز. ئۇ سىزنى ئېتىنى توختاتماي تۇرۇپلا يەردىن لىككىدە كۆتۈرۈپ ئالاتتى دە بېلىدىكى پوتىسىغا ئورۇۋالغان باراۋەت مەشرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن يوغان قوينىڭ قارا گۆشىنى سىزگە بېرەتتى.سىز قېرىغان چېغىڭىزدا ھەر قېتىم گۆش يېگەن چېغىڭىزدا ئاشۇ قارا گۆشنىڭ تەمنى ئېسىڭىزگە ئالاتتىڭىز، ئۇزۇن-ئۇزۇن تالالىق گۆشنى تىتىپ-تىتىپ ئالدىرىماي يۇتاتتىڭىز.چىشڭىزغا كىرىپ قېلىپ، چىقمىغان چېغىدا، دادىڭىز ئۆتكۈر پىچقى بىلەن ئۆرۈك ياغىچىدا سىزگە چىش كولىغۇچ ياساپ بېرەتتى.
: T% y+ O! {' [5 o! `8 J; l* ^ سىز دادامنىڭ ئورۇقلاپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، قوناق ئوغرلاشنى داۋاملاشتۇردىڭىز. كۈندۈزلىرى ئىشلەپ چۈشتە ھالىڭىز قالمىغان چاغدا، ئوماچنى ئىچەتتىڭىز، دە ئۇخلايتتىڭىز، كانايدا ئەترەت باشلىقىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، شۆلگىيىڭىزنى قولىڭىز بىلەن ئېتىۋىتىپ، ئالدىرىماي تۇراتتىڭىز، ئاندىن ئېرىقتىكى سۇدا يۈزىڭىزنى يۇيۇۋەتكەندىن كېين يەنە قوناق ئورۇشنى باشلايتتىڭىز، سىز ئۆمرىڭىزدە دېھقانچىلىق قىلىپ باقمىغان تۇرۇپ، باشقا دېھقانلارغا قارىغاندا ئىككى سولنى ئارتۇق ئورۇيتتىڭىز، يېقىندىن بېرى كېچىچە ئۇخلىماي، ئاران-ئاران دىگەندە گۇڭ نومۇرىنى توشىقىزۋاتاتتىڭىز.بۈگۈن قوناقنى ئاپىرىپ قويۇپ كەلدىڭىز، لېكىن قوناقىنى نېمىدە تارتىپ، قانداق پىشۇرۇپ يېششى ھەققىدە بېشىڭىز قاتتى، چۈنكى قاينىتىپ ئىچەي دېسىمۇ، ئۆيدىكى قازاننى پولات تاۋلاش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىپ كەتكەنىدى.شۇ چاغدا قازان يوق دەپ ئەترەت باشلىقى باشلاپ كەلگەن ئادەملەر بىلەن ياقا سىقىشىپ كېتىشتىن ئىككى يىل بۇرۇن ئاپىڭىز سىزگە گۆش پىشۇرۇپ بېرىدىغان بۇ قازاننى ئېلىپ جەنۇبتىن شىمالغا كەلگەندىڭىز. بىر ئايلىق يول سەپىرىدە مۇزات داۋىنىدا ئانىڭىزنىڭ مۇزدا يىقىلىپ كېتىپ، ئالدى بىلەن ئاستا تېيلىپ تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەن چېغىدا، سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى ئارغامچىنى ئۇزىتاي دېگەندە، ئۇ تۇتۇۋالغان مۇز سۇنۇپ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىڭىزدىن يۈتۈشى بىلەن سىز جايىڭىزدا تىزلانغىنىڭىزچە ئانا!دەپ يىغلىماقچى بولسىڭىزمۇ، قار كۆچۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن لېۋىڭىزنى چىشلەپ يىغلاپ كەتكەن كەتكەن چېغىڭىزدا، بۇرنىڭىڭىزدىن ئاققان ماڭقىلار كىچىك نوكچا بولۇپ قېتىپ قالاتتى... پومشىچىك دادىڭىزنى ئازادلىق ئارمىيە جەڭچىلىرى مەھەللە سىرتىدىكى توپا تاملىق قورۇنىڭ ئىچىدە ئېتىۋەتكەن چاغدىمۇ مۇشۇنداق لېۋىڭىزنى چىشلەپ يىغلاپ كەتكەنىدىڭىز.
/ A/ `/ a# n+ w Z t8 s4 dپارىژغا يات بولغان ئىككىنچى يىغىدا خىيالىم بۇنىڭىدىن ئون يىل بۇرۇنقى مەھەللمىزگە پەرۋاز قىلدى، بىلەمسىز، بوۋا، مەن پارىژغا دەل ئاشۇ بالىلىقىم ئۆتكەن مەھەللەمنى قانچىلىغان ناتونۇشلارنىڭ سايسىنى پاناھىغا ئالىدىغانغا يېتەرلىك يامغۇرغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنىدىم.
: `0 |. O3 ]0 a5 u! M ئۇ كۈنى مەن ئېنىم بىلەن ۋاللەي ئويناۋاتاتتىم، مەھەللىمىزگە بىر كىچىك ماشىنا كىردى. كېيىن دادام ئۆيىمىزگە تېلىۋىزور ئالغاندىن كېيىن ئۇ ماشىنىنىڭ مىرسىدىس ماشىنا دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم.بىز ۋاللەينى تاشلاپ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردۇق.ماشىنا مېڭىپ، بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىغا توختىغاندا، بىرىنچى بولۇپ خىيالىمغا كەلگىنى بۇ ماشىنىنىڭ ئىشكىم ئالدىدا توختىشى، دوستلىرىمنىڭ ماڭا بىر قانچە كۈن ھەيرانلىق بىلەن قارىشىغا يەتكۈدەك سەۋەب بولاتتى.ماشىنىدىن شوپۇر چۈشۈپ، ئارقا ئىشكىنى ئاچتى، ماشىنىنىڭ ئارقا كوزۇپىنى ئېچىپ ئالا-يېشل،قىزىل-سېرىق كورۇپكىلارنى ئېلىپ ئۆيگە كىرىپ بىرىنچى بولۇپ سىزنى سورىدى. سىزنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىڭىزگە ئون يىل بولغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، تىزلانغۇنىچە سىز ياتقان ھېلىقى ئۆيگە قاراپ تىزلىنىپ يىغلاپ كەتتى.دادام ئۇنى يۆلەپ پېشايۋاننىڭ سۇپىسىغا سېلىنغان كۆرپىگە ئولتۇرغۇزدى، ئۇ كۆرپىدە ئولتۇرماي دادامنى قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.دادام ئۇنى بەزلەپ كۆرپىدە ئولتۇرغۇزدى، ئۇ كۆرپىدە ئولتۇرۇپ بىر ئاز يىغلاپ بولغاندىن كېيىن، شوپۇرىغا دەپ سوۋغا سالاملارنى سۇپىغا قويدى، ئاندىن دادام بىلەن تىنچلىق سورىشىپ سز ياتقان ئۆيگە كىرىپ چىقتى.ئاندىن دادامنى باشلاپ سىزنىڭ قەبرە بېشىڭىزغا چىقىتى، شۇ چاغدا دادامغا چۈشۈپ كېتشنى تاپىلاپ قويۇپ، شوپۇرىغا بىر نېملەرنى كالدىرلاپ بولۇپ، ئۆزى تۇپراق بېشىدا قالدى. مەن، دادام ۋە ئۇنىڭ شوپۇرى ئۈچەيلەن چۈشۈپ كەتتۇق. ئۇ سىزنىڭ تۇپراق بېشىڭىزدا بىر كېچە تۈنەپ چىقىتى، ئەتىسى سەھەردە مەن ئورنۇمدىن قوپقان چېغىمدا، ئاپام ماڭا ياڭيۇ بىلەن قورۇلغان سەيدىن كىچىك بىر سىركايدا قويۇپ قويغاندىن كېيىن، ئەتكەن چاي بەردى. بۇ ئۆيگە مېھمان كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى ئېدى، چۈنكى بىزنىڭ ياڭيۇدا قىزارتىپ قورۇلغان قورۇلغان يېڭى قوۋۇغا گۆشى سېيى ئۆيگە كەلگەن مېھمانلارغا قويۇلىدىغان ئېسىل سېيىمىز ئېدى.لېكىن ماڭا دائىم ئاشۇ كىچىك سىركايدا ئازغىنە ئېلىپ قوياتتى.چۈنكى ئۇنىڭ كۆپنچىسىنى مېھمانغا يوغان تاۋاقتا قويغاچقا، بىزگە ئاز قالاتتى. مەن ئاچكۆزلۈك بىلەن سەينى يۇتۇپ بولغاندىن كېيىن، لېۋىم قىرىدا قالغان قىزىل ئاش سۈينى يالىۋەتكەندىن كېيىن- ئاپا ! مۇرابباچۇ ؟! دېدىم.ئاپام مۇراببادىن بىر ئۈچ قوشۇق قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئېلىۋالدى، مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراپ تۇرۇپ- جېنىم ئانىكام، بىر قوشۇق دېگەن چېغىمدا، ئۇ يەنە بىر قوشۇق مۇراببادىن سېلىپ بەردى.
+ z* ?. q: Y }2 U1 |" a1 ~: Pمەن يېگەن ئۇ گىلاس مۇراببالىرىنى پارىژلىقلارمۇ يەپ باقمىدىغۇ دەيمەن.
: u) E: m% q, H2 K: y2 Nمېھمان ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي، ئۇ مېھمان شىمالىي جوڭگونىڭ بىزنىڭ ئۆيدىكىلەرمۇ ئېسىدە تۇتۇۋالالمىغان بىر يېرىدە، ئۆيدە يەيدىغان نەرسە يوق، ئۆز سىڭلىسىنى تاغلىقلارغا بەش كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋەتكەن كۈننىڭ ئەتىسى، شىرەم تۇغقىنىنىڭ بىزنىڭ يۇرتتا باشلىق بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئۇنىڭ ئۆينىمۇ سېتىۋتىپ بۇ ياقلارغا چىقىپتكەن.كېلىپ پۇلى تۈگەپ، شىرەم تۇغقىننى تاپالماي، يا باشقا يۇرتداشلىرىنى تاپالماي ئاچلىقتىن ئاغرىپ ئىككى پۇتى ئىشىپ ماڭالماي يىقىلىپ قالغان چېغىدا، سىز ئۇنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ، دادام بېقىپ چوڭ قىلغان ئائىلىمزدىكى بىردىنبىر توخلىنى سېتىپ، ئۇنىڭغا شورپا ئىچكۈزۈپ، بىر ئاي كۈتكەندىن كېيىن ئاندىن كېيىن يەر دەسسەپ ماڭالايدىغان بولغاندا، سىزگە تىزلىنىپ ئۆيدىن چىقىپ كېتىپتكەن.كېيىن تۇغقىنىنى تېپىپ، بىزنىڭ يۇرتتىن قارغاي توشۇپ سېتىپ بېيىپ كەتكەن چېغىدا، سىزنى بىر يوقلاپ كەلگەنىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئىز-دىرىكىمۇ بولمىغان ئېكەن، مەن تۇرغان چېغىمدا، ئۇ ھويلىدا دادام بىلەن تاماكا چەككەچ پاراڭلىشىپ تۇراتتى، ئۇ ھازىر بىر شەھەردە شەھەر باشلىقى بولۇپتۇ.ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى، كىشلەر ئۆلۈپ كەتكەندىلا ئاندىن ھېسداشلىققا ئېرشىدىغان يۇرتىدا، نۇرغۇن كىشلەر ئاچلىقتىن كوچىدا يىقىلىپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتكەنىكەن.& Y7 o7 T* H, Y
s1 B" n4 F* u' `4 U o
l6 _% u# |, P/ ~0 u1 r% T
- D' Z7 g8 Z3 C0 j# o6 w
, E. p0 H: E1 @# H' I% rداۋاملىشىۋاتىدۇ.... J- N8 b9 X7 ?! Z* b. e
|