-
ناماز ئوقۇش قائىدىسى - [دىنىي ئەسەرلەر]
2010-04-18
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/62327161.html
ناماز ئوقۇش قائىدىسى
نامازنىڭ شەرتلىرىنى ھازىرلاپ بولغاندىن كېيىن، تاھارەت بىلەن پاكىز يەرگە بارىمىز. ئەگەر يەرنىڭ پاكىز بولماسلىق ئېھتىمالى بولسا، جايناما
ئىشلىتىمىز. جاينامازنىڭ يۆنىلىشىنى قىبلىگە قارىتىپ سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېلىپ، قىبلىگە يۈزلەنگەن ھالدا تۈپتۈز ئۆرە تۇرۇپ ئىچىمىزدە «ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بامدات نامىزىنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇشقا نىيەت قىلدىم» دەپ نىيەت قىلىمىز.
«ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ ئىككى قولىمىزنى ئىككى قۇلاقنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرىمىز. ئالقانلارنى قىبلىگە قارىتىمىز. (ئاياللار تەكبىردە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىگىچە كۆتۈرىد ۇ. ئالقانلىرىنى ئەرلەرگە ئوخشاش قىبلىگە قارىتىدۇ).
تەكبىر ئېيتىپ بولغاندىن قوللى رىمىزنى چۈشۈرۈپ كىندىكىمىزنىڭ ئاستىغا قويۇپ قول باغلاپ تۇرىمىز، يەنى ئوڭ قولىمىزنىڭ ئالقىنىنى سول قولىمىزنىڭ ئالقىنىنىڭ دۈمبىسى ئۈستىگە ئېلىپ، ئوڭ قولىمىزنىڭ باش ۋە چىمىلتاق بارماقلىرى بىلەن سول قولىمىزنىڭ بېغىشىنى تۇتىمىز. (ئاياللار قىيامدا تۇرغاندا، قوللىرىنى كۆكرەكلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرىدۇ. ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. كۆزلىرىنى سەجدىگاھقا قارىتىپ، پۇتلىرىنى ەىم جۈپلەشتۈرىدۇ، تىزلىرى تىك تۇرىدۇ). ئەر ۋە ئايال ھەرقانداق كىشى قىيامدا تۇرغاندا كۆزلەر سەجدىگاھقا قاراپ تۇرىدۇ، ئوڭ سولغا ياكى يوقىرى تۆۋەنگە قاراشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا كۆزلەرنى يۇمۇۋېلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئىككى پۇتنىڭ ئارىلىقى تۆت بارماق سىغقۇدەك كەڭلىكتە ئوچۇق قالدۇرىلىدۇ. تىزلارنى ئەگمەستىن تىك تۇتىمىز، باش گەۋدە ئوڭ سولغا تەۋرەنمەستىن ساڭگىلاپ تۇرىدۇ.
تەكبىر ئېيتىپ قول باغلىغاندىن كېيىن، مۇنۇ سانانى ئوقۇيمىز «سۇبھانەكەللاھۈممە ۋەبىھەمدىكە ۋە تەبارەكەسمۇكە ۋەتەئەلا جەددۇكە ۋەلا ئىلاھە غەيرۇك».
ئاندىن، ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىر رەجىيم ۋە بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم دەيمىز.
ئاندىن فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇيمىز، ئوقۇلۇشى: «ئەلھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىين. ئەررەھمانىر رەھىيم. مالىكى يەۋمىددىين. ئىيياكە نەئبۇدۇ ۋە ئىيياكە نەستائىين. ئىھدىنەس-سىراتەل مۇستەقىيم، سىراتەللەزىينە ئەنئەمتە ئەلەيھىم غەيرىل مەغزۇبى ئەلەيھىم ۋەلەززاللىين» ئامىين!
فاتىھە سۈرىسى ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، يەنە بىر سۈرە ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز. مەسىلەن : مائۇن سۈرىسى، ئوقۇلۇشى: «ئەرە ئەيتەللەزى يۇكەززىبۇ بىددىين. فەزالىكەللەزى يەدۇئئۇل يەتىيم. ۋەلا يەھۇززۇ ئەلا تەئامىل مىسكىين. فەۋەيلۇن لىلمۇسەللىين. ئەللەزىينە ھۇم ئەن سالاتىھىم ساھۇۇن. ئەللەزىينە ھۇم يۇرائۇۇن. ۋەيەمنەئۇنەل مائۇۇن».
ئۇنىڭدىن كېيىن، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ رۇكۇ قىلىمىز. رۇكۇدا ئىككى قولىمىزنىڭ بارماقلىرىنى ئاچقان ھالدا، ئىككى تىزىمىزنى تۇتۇپ باش بىلەن بەل قسىمىنى ئوخشاش تەكىشىلىكتە تۈز ئىگىمىز. رۇكۇدا ئۈچ قېتىم «سۇبھانە رەببىيەل ئەزىيم» دەيمىز.
رۇكۇدىن تۇرۇشتا «سەمىئەللاھۇلىمەن ھەمىدەھ» دەپ تۇرىمىز.
رۇكۇدىن تۇرۇپ ئۆرە بولغاندىن كېيىن، قوللرىمىزنى يان تەرەپلىرىمىزگە قويۇپ بەرگەن ھالدا، تۈز تۇرۇپ «رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ» دەيمىز ۋە بىر ئاز تۇرىمىز.
ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ سەجدىگە بارىمىز. سەجدە قىلىشتا ئاۋۋال تىزلىرىمىزنى، ئاندىن قوللىرىمىزنى، ئاندىن پىشانىمىزنى، ئەڭ ئاخىرىدا بۇرنىمىزنى يەرگە تەككۈزىمىز. پېشانە ئىككى قولنىڭ ئوتتۇرىسىغا توغرىلىنىدۇ. جەينەكلەر يەرگە تەگمەيدۇ، ئىككى يوتا قورسىقىمىزغا تەككۈزۈلمەيد ۇ. ئىككى پۇتىمىزنى بىر-بىرىگە جۈپلەشتۈرۈپ تۇرىمىز. قول ۋە پۇت بارماقلىرىمىز قىبلىگە قارىتىلىدۇ. (ئاياللار پۇتلىرىنى ئوڭ تەرەپكە يانتۇ قىلىپ ياتقۇزىدۇ. جەينەكلىرى نى بېقىنىغا، تىزلىرىنى قورساقلىرىغا چاپلاپ تۇرىدۇ).
سەجدە ئەسناسىدا، ئۈچ قېتىم «سۇبھانە رەببىيەل ئەلا» دەيمىز ۋە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ باشنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرىمىز. سەجدىدىن تۇرۇشتا ئاۋۋال يۈز، ئاندىن قوللار، ئاندىن تىزلار كۆتۈرىلىدۇ. ئىككى سەجدە ئوتتۇرىسىدىكى ئولتۇرۇشتا ئەڭ ئاز دېگەندە «سۇبھانەللاھ» دېگۈچىلىك ۋاقىت ئولتۇرىمىز.
(پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئارىدا «رەببىغفىرلىي، رەببىغفىرلىي» دەپ ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەيتتى). ئاندىن قايتا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر بىلەن يەنە سەجدىگە بارىمىز. سەجدىدە يەنە ئۈچ قېتىم سۇبھانە رەببىيەل ئەلا) دەيمىز.
ئىككىنچى سەجدىدىن كېيىن يەنە «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئۆرە تۇرىمىز ۋە ئىككىنچى رەكئەتكە باشلايمىز. ئىككىنچى رەكئەتتە «بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىيم» نى ئوقۇيمىز. ئاندىن «فاتىھە» سۈرىسىنى ئوقوپ بولۇپ «ئامىين» دەيمىز. ئاندىن قۇرئاندىن خالىغان سۈرىدىن بىر ياكى ئاز دېگەندە ئۈچ ئايەت ئوقۇيمىز. مەسىلەن : كەۋسەر سۈرىسى، «ئىننا ئەئتەينا كەلكەۋسەر. فەسەللى لىرەببىكە ۋەنھەر. ئىننە شانىئەكە ھۇۋەل ئەبتەر».
ئاندىن خۇددى بىرىنچى رەكئەتتە قىلغىنىمىزغا ئوخشاش رۇكۇ ۋە سەجدىلەرنى تاماملاپ بولۇپ، «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىىپ ئولتۇرىمىز.
نامازدا ئولتۇرغاندا، ئەرلەر ئوڭ پۇتىنىڭ بارماقلىرىنى قىبلىگە قارىتىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرەلەر ئوڭ پۇتىنى تىك تۇتىدۇ، سول پوتىنى ئوڭ تەرەپكە ياتقۇزۇپ ئۇنىڭ ئۈستىگە بېسىپ ئولتۇرىدۇ. ئىككى قولىنى بارماقلىرىنى ئەركىن ئاچقان ھالدا ئىككى تىزىنىڭ ئۈستىگە قويىدۇ ۋە كۆزىنى قۇچىقىغا قارىتىدۇ. (ئاياللار ئىككى پۇتىنى ئوڭ تەرىپىگە ياتقۇزۇپ، پاقالچىقىنى بېسىپ ئولتۇرىدۇ. قوللىرىنى تىزلىرىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆزلىرىنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا قارىتىدۇ.)
ئولتۇرغاندا ئاۋۋال تەھىيات «ئەتتەھىياتۇ» دۇئاسى ئوقۇلىدۇ.
ئوقۇلۇشى: «ئەتتەھىياتۇ لىللاھى ۋەسسەلەۋاتۇ ۋەتتەييىباتۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكە، ئەييۇھەننەبىييۇ ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئەسسالامۇئەلەينا ۋەئەلا ئىبادىللاھىس-سالىھىين. ئەشھەدۇ ئەن لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن ئەبدۇھۇ ۋە رەسۇلۇھۇ».تەرجىمىسى: «جىمى مەدھىيىلەر، بەش ۋاخ ناماز ۋە باشقا جىسمانىي ئىبادەتلەر ياخشى ئەمەللەر ئاللاھ تائالاغا خاستۇر. ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى ۋە بەرىكىتى سىزگە بولسۇن ئى ئۇلۇغ پەيغەمبەر! بىز (نامازغا ھازىر بولغان بارلىق جامائەت ۋە پەرىشتىلەر) گە ۋە ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىگىمۇ ئاللاھنىڭ ئاپىيىتى ۋە ئامانلىقى بولغاي. ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلىقىغا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھ نىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە چىن قەلبىمدىن گۇۋاھلىق بېرىمەن».
ئاندىن كېيىن «ئاللاھۇممە سەللى ۋە بارىك رەببەنا» لار ئوقۇلىدۇ :
ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى
ئوقۇلىشى: «ئەللاھۇممە سەللى ئەلا مۇھەممەدىن ۋەئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما سەللەيتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋەئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد».تەرجىمىسى :«ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغاندەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە رەھمەت ئاتا قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيەگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
ئاللاھۇممە سەللى ئەلا دۇرۇتى :
ئوقۇلىشى: «ئاللاھۇممە بارىك ئەلا مۇھەممەدىن ۋە ئەلا ئالى مۇھەممەدىن كەما بارەكتە ئەلا ئىبراھىيمە ۋە ئەلا ئالى ئىبراھىيمە ئىننەكە ھەمىيدۇن مەجىيد».تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى كۆتۈرگىنىڭدەك مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ شەنىنى يۇقىرى قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن مەدھىيىگە لايىق ئۇلۇغ زاتسەن».
رەببەنا دۇئاسى :
ئوقۇلىشى: «رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن ۋەفىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن ۋەقىنا ئەزابەننار».
تەرجىمىسى: «ئى ئاللاھ! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن. بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن».يۇقىرىقىلار ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، باشنى ئاۋۋال ئوڭ تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ دەيمىز، ئاندىن باشنى سول تەرەپكە سىلىق چۆرۈپ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ دەپ سالام بېرىمىز. بۇنىڭ بىلەن بامدات نامىزىنىڭ سۈننىتىنى ئوقۇپ بولغان بولىمىز.
ئەسكەرتمە:
1. سۈننەت نامازلىرىنى جەمئىي تەكبىرلىرىنى ئىچىمىزدە ئوقۇيمىز . فىشىن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت پەرىزى ۋە دىگەر نامازلىرىنىڭ قۇلىمىزنى قۇلىقىمىزنىڭ باراۋىرىدە كۈتۈرپ «ئاللاھۇ ئەكبەر«، رۇكۇغا بارغان ۋاقىتتىكى «ئاللاھۇ ئەكبەر«، قىيامدا تۇرغاندا «سەمىئاللا ھۇ لىمەن ھەمىدە« ،ئىككى قېتىم سەجىدىگە بارغاندا «ئاللاھۇ ئەكبەر «، سالام بىرىپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ« دىگەن چاغلىرىدا تېشىمىزغا چىقىرىپ ئۈنلۈك ئېيتىمىز. سۈرە فاتىھەگە بىر سۈرە(ياكى ئەڭ ئازبولغاندا ئۈچ ئايەت)قۇشۇپ ئوقۇغاندا ئىچىمىزدە ئوقۇيمىز.2.ناماز بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت پەرىز ى، شام نامىزىنىڭ ئۈچ رەكئەت پەرىزى ۋە خۇ فتەن نامىزىنىڭ تۆت رەكئەت پەرىز لىرىنى جەھرەن (ئۈنلۈك يېنىمىزدا تۇرغان كىشى ئاڭلىغۇدەك) ئوقۇيمىز.
3. ھەممە نامازنىڭ نامازغا نىيەت قىلغان قىسىملىرىنى،تۆت رەكئەتلىك نامازلارنىڭ ئىككى رەكئەتتىن كىيىن تەشەھھۇدتا ئولتۇرغان قىسىمىنى ، ناماز ئاخىرىدىكى ئاللاھۈممە سەللىئەلا ،بارەك ، رەببەنا دۇئالىرىنى ئىچىمىزدە مەخپىي ئوقۇيمىز
4. سۈننەت نامازلىرىنىڭ ھەممىسى ئىچىمىزدە مەخپىي ئوقۇلىدۇ.
5 .جۈمە ،ئىككى ھېيىت نامىزى، مېيىت نامازلىرى ، نەپلى نامازلىرىنى ئىچىمىزدە مەخپىي ئوقۇيمىز .
ئىھ ئاللاھ ،ھەممىمىزنى نامازخان ، سالىھ بەندىلىرىڭدىن قىلغايسەن ، قەلىبلىرىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرغايسەن ، قەبرىلىرىمىزنى ئۈزۈڭ مۇنەۋۋەر قىلغايسەن. بىزنى ئىمانلىق ، ئىتىقادلىق ، شەرمىي -ھايالىق، تەقۋا بەندىلىرىڭ قاتارىدا قىلغايسەن، قىيامەت كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامنى بىز گە شاپائەتچى قىلغايسەن، مەھشەر مەيدانىدا يۈزى يۇرۇق بەندىلەردىن بۇلۇشقا نىسىپ قىلغايسەن (ئامىين)
随机文章:
2 -ئىسلام ۋە ئىنتىرنىت 2010-03-15شافىئىي مەزھىپى 2010-03-09ئادىمىيلىك مۈلكى(1) 2009-12-16ئادىمىيلىك مۈلكى(2) 2009-12-16
收藏到:Del.icio.us