• دېتال ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەخپى تېخنىكىسى - [كومپيۇتېر بىلىمىرى]

    2010-05-25

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/64256113.html

    ئۇيغۇر تىلى خىرىسقا ئۇچراۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئانا تىلىمىزنىڭ كەلگۈسىدىن خەۋپسىرەش كەيپىياتى كۈچەيمەكتە. مۇنبەرلەردە مۇشۇ ھەقتە سۆز بولۇپ قالسا خېلى قايناپ قويىمىز.
    قۇرۇق گەپتىن ئەمىلى ئىش ئەۋزەل. بىرەر دېتالنى ئۇيغۇرچە قىلىپ قويساق ياكى ئۇيغۇرچە دېتاللارنى تاللاپ ئىشلەتسەك تىلىمىزغا ئاز-تولا پايدىسى بولىدۇ. ئەلۋەتتە، يۇمشاق دېتالنى  ئۆزىمىز ياسىيالىساق تېخى ياخشى. بەزى مونۇپۇللۇق ئورۇندىكى يۇمشاق دېتاللارنى ئۇنىڭدەك ياسىيالمايمىز، ياسىيالمىغاندىكىن تەرجىمە قىلايلى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى خەنزۇچە يۇمشاق دېتاللارنىمۇ خەنزۇلار ياسىغان دېتال ئەمەس، ئېنگىلىزچىدىن ياكى باشقا تىلدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان.
    مەن فوتوشوپنى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقاندا، بەزىلەر ئۇيغۇرچە فوتوشوپ خەنزۇچىدىن ئاستا قوزغىلدىكەن، ئېغىر ئىكەن دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى. يەنە بەزىلەر خەنزۇچىغا كۆنۈپ قاپتىمەن، ئۇيغۇرچىسنى ئىشلىتەلمەيدىكەنمەن دېدى.
    كومپىيۇتېرنىڭ پىرىنسىپىدىن خەۋىرى بارلار بىلىدۇ، بىر خەنزۇچە خەتنىڭ سىغىمى ئىككى بايىت (byte) ، شۇنداقلا بىر ئۇيغۇرچە ھەرپمۇ ئىككى بايىت. شۇنداق ئىكەن، ئوخشاش بىر دېتالنىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە نۇسخسىنىڭ ئىجرا بولۇش تېزلىكىدە پەرق بولمايدۇ.
    يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئۈچۈن سىزدە ئەڭ تۆۋەن بولغاندا مۇنداق شەرتلەر ھازىرلىنىشى كېرەك.
    1. ئۇيغۇر تىلىنى پۇختا بىلىشىڭىز كېرەك. (مىنكاۋ خەن بولسىڭىز بولمايدۇ)
    2. ئېنگىلىز تىلى ياكى خەنزۇ تىلىدىن مۇئەييەن ئاساسىڭىز بولۇشى كېرەك.
    3. كومپىيۇتېر ئالدىدا كۈنلەپ ئولتۇرالايدىغان ۋاقتىڭىز، يۇمشاق دېتالنى تەكرار-تەكرار سىناق قىلالايدىغان سەۋىرچانلىقىڭىز بولۇشى كېرەك.
    4. سىز تەرجىمە قىلماقچى بولغان يۇمشاق دېتال مەشغۇلاتىنى مۇكەممەل ئىگىلىشىڭىز، بىر نەچچە يىللىق كومپىيۇتېر ئىشلىتىش تەجىربىڭىز بولۇشى لازىم.
    5. كومپىيۇتېرىڭىزدا ئۇيغۇرسوفىت چوڭ لوغىتى، بىلقۇت.... قا ئوخشاش بىرەر كومپىيۇتېر لۇغىتى بولۇشى كېرەك.
    6. تەرجىمە قىلىش ئۈچۈن يۇنىكودنى (Unicode) قوللايدىغان دېتاللارنى تاللىشىمىز كېرەك. (يۇنىكودنى قوللىمايدىغان دېتاللارنىمۇ تەرجىمە قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما، يېزىق مەسلىسنى ھەل قىلىشقا خېلى كۈچ كېتىدۇ ھەم كود قالايمىقانچىلىقى كېلىپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇنى تەۋسىيە قىلمايمەن)
    بۇلار سىزدە ھازىرلانمىغان بولسا، بۇ ماقالىنىڭ داۋامىنى ئوقۇمايلا قويۇڭ.
    بىز ئۇيغۇرچىلاشتۇرماقچى بولغان دېتاللار چوڭ جەھەتتىن ئىككى تۈرگە بۈلۈندۇ. بىرىنچى تۈردىكى دېتاللار ياسالغاندىلا ياسىغۇچىلار تەرجىمە قىلدىغان ئارقا ئىشىك قويۇپ قويىدۇ. بۇلارنى تەرجىمە قىلماق ئاسان. ماس تىل ھۆججىتىنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپلا تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. ئادەتتە تىل ھۆججىتى Langguage, Lang ئىسىملىك مۇندەرىجىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ. بۇ خىلدىكى يۇمشاق دېتاللارنىڭ تىل ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى ini بولىدىكەن. مەسلەن: تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك Kmplayer


    Photoshop نىڭ تىل ھۆججىتى بىر تال Dat ھۆججىتىدە. ئۇنى خاتىرە دەپتەردە ئېچىپ تەرجىمە قىلسا بولىدۇ. (ئەمما، فوتوشوپنىڭ Dat ھۆججىتنى تەرجىمە قىلىپ قويسىلا بولمايدىكەن، يەنە بەزى ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يەرلەر بار، ئۇ يەرلەرنى تەڭشىمىسە بەزى كۆزن


    收藏到:Del.icio.us