• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 2170|ئىنكاس: 8

    بۈيۈك ئازەربەيجان مەسىلىسى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    64

    تېما

    10

    دوست

    2113

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 01:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         بۈيۈك ئازەربەيجان مەسىلىسى
        ئىراننىڭ غەربى شىمالىدىكى ئەردەبىل،  شەرقى ئازەربەيجان،   غەربى ئازەربەيجان، زەنجانى ئۆلكىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان  20مىلىيۇن ئازەربەيجان بىلەن ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئازەربەيجانلار ئەسلىدە بىر مىللەت بولۇپ، 13-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە ئىرانلىقلارنىڭ تەسىرىدە تۇرغانلىقتىن كۆپ قىسمى شىئە ئون ئىككى ئىمام مەزھىبىگە ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان.    16-17-ئەسىرلەردە بىر مەزگىل ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئازەربەيجان ، تۈرك ئىران ئۇرۇشىدا روسىيە بىلەن ئىراننىڭ تۈرك ئىمپىرىيىسىگە قارشى بىرلىكتە ھەربى ھەركەت قوللىنىشى نەتىجىسىدە شىمالى ئازەربەيجان  رۇسىيەگە تەۋە قىلىپ بېرىلدى ئىران جەنۇپتىكى  ئازەربەيجانغا ئىگىدارچىلىق قىلىۋەردى،  ئاقىۋەت ئازەربەيجان مىللىتىنى ئىككىگە بۆلۈپ تاشلىدى.
        گەرچە ئازەربەيجان جۇمھۇرىيىتىدىكى ئازەربەيجانلار ئېتىقاد ۋە تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردە 200يىلغا يېقىن رۇسلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇش نەتىجىسىدە زور بەدەل بەرگەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا بىر ئېتنىك مىللەتلىك ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقىنى يوق. بولۇپمۇ90-يىللاردىن كېيىن ئازەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىققا ئېرىشىشى ئازەربەيجاننى كۈچلۈك مىللى مەۋجۇتلۇق ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى. ئەمما ئىراندىكى ئازەربەيجانلار مىللەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنمىغاچقا ئەقەللى ئۆز تىلىدا مەتبۇئات-تېلېۋىزىيە، مائارىپ ھوقۇقىنىمۇ يۈرگۈزەلمەي ئىراندىكى ئاساسى مىللەت پارىسلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا مىللى ئالاھىدىلىكىدىن بارغانسېرى ئايرىلىپ قالماقتا. شىمالى ۋە جەنۇبى ئازەربەيجاندىكى سول قانات كۈچلەرنىڭ خەلقارا سەھنىلەردىكى ئىككى ئازەربەيجاننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ بۈيۈك ئازەربەيجان قۇرۇش پىلانى ئاللىبۇرۇنلا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، شۇنداقلا روسىيە ۋە غەرپ ئەللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرق ۋە كاۋكاز رايونىدا سىتراتىگىيىلىك مەنپەئەتى بار دۆلەتلەرنى ئەنسىرىتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. گەرچە ئازەربەيجان بىلەن ئىراننىڭ دۆلەت كۈچى پەرقى، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ھازىرقى ھالەتنى ساقلاپ قېلىش تەشەببۇسى قاتارلىق توسالغۇلار بولسىمۇ بۈيۈك ئازەربەيجان مەسىلىسى ئىران بىلەن ئازەربەيجان سىتراتىگىيىسىدىكى نازۇك نۇقتا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
         ئازەربەيجان مىللەتچىلىرى زور دەرىجىدە يول قويۇپ ئىراندىكى ئازەربەيجانلار كۆپ ساننى ئىگەللەيدىغان زەنجانى ئۆلكىسىدىن ۋاز كېچىش بەدىلىگە تۈزۈلگەن «ئازەر كارىدورى» پىلانى نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرىنىڭ تەشەببۇسىغا ئايلاندى
    مەنبە : ئوكيان تورى


    17

    تېما

    22

    دوست

    3217

    جۇغلانما

    تۈتۈن بەگ

    Rank: 4

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-20 14:26:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پارىسلار ئەزەلدىن تۈرۈكلەرنىڭ دۈشمىنى بۇلۇپ كەلگەن

    0

    تېما

    4

    دوست

    386

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 23:53:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    .....«ئازەر كارىدورى» پىلانى نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرىنىڭ تەشەببۇسىغا ئايلانغان بولسىمۇئىران ھۈكۈمىتى بىلەن ئامېرىكا  
    باشچىلىقىدىكى غەرپ ئەللىرى كېلىشتۈرگىلى بولمايدىغان دۈشمەن تۇرسا ئىران ھۈكۈمىتى زەنجانى ئۆلكىسىدىن ۋاز كېچىشكە ھەرگىز ئۇنمايدۇدە.....

    64

    تېما

    10

    دوست

    2113

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-28 12:59:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇلار يوللىغان ۋاقتى  2013-4-27 23:53
    .....«ئازەر كارىدورى» پىلانى نۆۋەتتە ئامېرىكا باشچىلىقى ...

    ئازەربەيجان مىللەتچىلىرى - ئېراندىكى ئازەربەيجانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان شەرقى ئازەربەيجان ، غەربى ئازەربەيجان ، ئەردەبىل ئۆلكىلىرىنى قايتۇرىۋېلىش بەدىلىگە زەنجانى ئۆلكىسىدىن ۋاز كەچمەكچى . چۈنكى بۇ تۆت ئۆلكىدىكى ئازەربەيجانلار ھېلىھەم ئىراننىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ...

    22

    تېما

    12

    دوست

    2175

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-9 22:53:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىر ماقالە كۆرگەن بۇرۇن  ئىنتايىن ياخشى يىزىلىپتىكەن.نامى ‹جەنۇبى ئازەربەيجان ----تۈركنىڭ سۇنغان بىلى  ›
    بۇ ماقالىدە پۈتۈن تۈرك دۇنياسىنىڭ زىمىن بىرلىكى ئەرمىنىيەنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئايرىۋىتىلگىنى  سۆزلەنگەن     

    70

    تېما

    11

    دوست

    1318

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار

    يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 01:26:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تېما ئىگسىگە رەخمەن بۇ ئىشلارنىمۇ بىلىپ قويدۇم ! چۈنكى ئادەمنىڭ بىلىشى ھەقىقەتەن چەكلىك بولدىكەن .

    0

    تېما

    2

    دوست

    377

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 21:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇرۇش   قىلىپ   ئالمىسا    نەگە  بىرىپ  دەۋا  قىلسا  بىكا   ،ئەزەربەيجاينىڭ   ئۇزىمىننى  ئۇرۇش  قىلىپ   ئېلىشىغا  كۆزى  يەتمەيدۇ    شۇڭا  بەزى   زىمىندىن   ۋاز  كىچىش   بەدىلىگە   باشقىلىرىنى   قايتۇرۋالماقچى   بوپتۇ    ئەمما   ھېلىغۇ   تۆت   ئۆلكىنىڭ   بىرسىدىن  ۋاز   كىچىپ  تۇ   ئۇچلىسىدىن  كەچسىمۇ   بەرمەيدۇ    ناۋادا    بىز  بولساقمۇ   بەرمەيمىز   ئۇ  دىگەن  زىمىن

    باھا سۆز

    بايغۇ  توغرا ئېيتىسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-11-27 23:15

    0

    تېما

    0

    دوست

    106

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 12:35:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    تىما ئگىسىگە رەھمەت

    0

    تېما

    7

    دوست

    2109

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 23:15:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىز بۇيەردە ئۇلارنى باھالاپ ئولتۇرپتۇق  ئۇلار بىزنىڭ كىم ىيكەنلىگىمىزگە قىلچە قىزىقماسلىق بىلمەسلىگى مۈمكىن
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 05:47 , Processed in 0.388685 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش