• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 1202|ئىنكاس: 11

    جامالىددىن خوجىنىڭ ئاقسۇنى پەتھى قىلىشى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    7

    تېما

    0

    دوست

    238

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 21:14:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    جامالىددىن خوجىنىڭ ئاقسۇنى پەتھى قىلىشى
    موللا مۇسا سايرامى
         شۇ چاغدا كۇچادا تەرتىپ-ئىنتىزام ئورنىتىلىپ، راشىددىن خوجا پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، قامىتىگە ھۆكۈمرانلىق لىباسلىرىنى كىيىپ، بېشىغا پادىشاھلىق تاجىنى كىيىپ، ھەر قايسى يۇرت، يېزا-كەنتلەرگە، چوڭ-كىچىك پۇقرالارغا «رەسۇلۇللاھنىڭ ئەۋلادى، غالىب، يېڭىلمەس راشىددىن خان غازى خوجا» دېگەن نام-ئۇنۋان بىلەن يارلىق يۈرگۈزگەنىدى. شۇ ھالەتتە بۇرھانىددىن خوجىنىڭ قارا يۇلغۇندا زەربە يەپ قېچىپ كەلگەنلىك يامان خەۋىرىنى ئاڭلاپ غەزىپى ئۆرلىدى. بىر نەچچە بىگۇناھ كىشىلەرنى سىياسەت يۈزىسىدىن دارغا ئېسىشقا بۇيرۇپ ئاچچىقىنى پەسەيتتى. ھەممە چوڭ-كىچىك پۇقرالار قورقۇنچتىن ئىتائەت قىلىپ بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
         راشىددىن خوجا ئاكىسى جامالىددىن خوجىنى لەشكەركەشلىكتە، سىياسەت يۈرگۈزۈشتە، پۇقرالارنى ئىدارە قىلىشتا قابىلىيىتى بار دەپ بىلىپ، «بىر مۇنچە توپ-زەمبىرەك بىلەن 800 ئەسكەرنى باشلاپ ئاقسۇ تەرەپكە يۈرۈش قىلسۇن» دەپ يارلىق چۈشۈردى.
         دەرۋەقە جامالىددىن خوجا چارە-تەدبىرلىك، ئېغىر-بېسىق، تەمكىن، غەيرەت-شىجائەتلىك، تېبابەتچىلىك ئىلمىدە لاياقەتلىك كىشى ئىدى.
         جامالىددىن خوجا كۇچادىن چىقىپ باي ۋە سايرامنى ئالدى. بۇ يەردىن ئىشقا يارايدىغان، ساغلام، كۈچلۈك، جۈرئەتلىك پالۋان ئادەملەرنى تاللاپ، 2000دىن كۆپرەك ئەسكەر قوبۇل قىلدى. يول-يولدا قاراۋۇل-خەۋەرچىلەرنى قويۇپ بارلىق ئېھتىيات قىلىش، سەگەك بولۇشنىڭ چارە-تەدبىرلىرىنى بەجا كەلتۈرۈپ، قارا يۇلغۇنغا ئىلىنىڭ يولى بىلەن كېلىپ ھۇجۇم قىلىشنى كۆزلەپ، چوڭ يولنى تاشلاپ ئاراشو دېگەن مەنزىلگە كېلىپ چۈشتى. بۇ يەردە 20 كۈن تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى تەرتىپكە سېلىپ، قورال-ياراقلارنى تۈزەشتۈرۈپ، ئاتلىرىدىن ياخشى خەۋەر ئالدى؛ دۈشمەن ئەھۋالىنى تىڭ-تىڭلاپ، مۆلچەرلەپ، يەر شارائىتىنى تەكشۈرۈپ ئوبدان مۇلاھىزە قىلدى.
         مۇشۇ كۈنلەردە ئاقسۇ، قەشقەر، يەكەن، خوتەن قاتارلىق جايلاردىن ئىلىغا ئەۋەتىلىدىغان سوۋغات ۋە باجلار يۇرتلاردا پاراكەندىچىلىك يۈز بەرگەنلىكتىن، مۇز داۋانغا بېرىپ توختاپ قالغانىكەن.
         بىز بۇ يەردە ئىلىغا ئەۋەتىلىدىغان سوۋغات ۋە باج ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى: بۇنىڭدىن بۇرۇن مۇسۇلمان خانلىرىدىن ئىسمائىلخان ئۆزىگە قارشى چىققۇچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ تەڭ كېلەلمەي ئىلىغا چىقىپ، قالماقلارنىڭ كاتتىسى جاياڭ دېگەنگە: «مەن ئالتە شەھەرنىڭ پادىشاھى ئىدىم، دۈشمەنلىرىم پادىشاھلىق مىراسىمنى تارتىۋېلىپ قوغلىۋەتتى، پادىشاھلىقىمنى تارتىۋېلىشىمغا ياردەم بەرسىڭىز» دەپ ھال ئېيتىپ ئىلتىجا قىلدى. قالماقلارنىڭ كاتتىسى جاياڭ ماقۇل بولۇپ، بىر مۇنچە قالماق چېرىكلىرىنى ئۇنىڭغا قوشۇپ بەردى، ئىسمائىلخان بۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئالتە شەھەرنىڭ پادىشاھلىقىنى قايتۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ياردەمگە كەلگەن قالماق چېرىكلىرى ئىلىغا قايتماقچى بولدى. «بۇلار بىزگە نۇرغۇن خىزمەت قىلدى. قۇرۇق قول قايتىپ كەتسە ياخشى بولمايدۇ» دەپ، ئىسمائىلخان ئالتە شەھەردىن نۇرغۇن مالتا يىغىپ قالماقلارغا سوۋغات قىلىپ قايتۇردى. ھەر يىلى شۇ پەسىلگە كەلگەندە يەنە تەلەپ قىلدى، بەرمەي ئىلاجى بولمىدى. شۇنىڭدىن تارتىپ تا راشىدىن خوجا زامانلىرىغىچە ھەر يىلى ئىلىغا ماتا چىقىرىپ تۇردى. ئۇ چاغلاردا بۇ يۇرتلاردا ماتادىن بۆلەك نەرسە يوق ئىكەن. پۇلمۇ يوق بولۇپ، ئېلىش-سېتىش ئىشلىرىدا پۇل ئورنىدا ماتانى لازىم قىلىدىكەن، «قالماققا بۆز (ماتا)، خىتايغا سۆز» دېگەن تەمسىل شۇ چاغدىن قالغانىكەن.
         ئەمدى ئەسلى ۋەقەگە كەلسەك، مۇز داۋاندا توختاپ قالغان سوۋغات، ماتالارنى جامالىدىن خوجا ئۆز ئەسكەرلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. جامالىدىن خوجا باشلىق پۈتۈن ئەسكەرلەر كېپەنگە يۆرگەنگەندەك ۋە ئېھرام باغلىغاندەك ئاق ماتاغا يۆگىنىپ، بېشىغا ماتانى سەللىدەك ئوراپ تەڭرىنىڭ دەرگاھىغا سېغىنىپ، يىغا-زار قىلىشىپ، ھىممەت ۋە جۈرئەت كەمىرىنى بېلىگە باغلىشىپ، ئاپئاق قوي پادىسىدەك بولۇپ تەييار بولدى. بىر كېچىدە ئاراشودىن چىقىپ، مۇز داۋان يولى بىلەن تاڭ ئاتقۇچە جامغا كېلىپ، قورغان ساقلاپ خەۋەرسىز، غەپلەتتە ياتقان چېرىكلەر ئۈستىگە ئاسماندىن چۈشكەن بالا-قازادەك ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى. مەيلى خىتاي چېرىكى بولسۇن، مەيلى ياردەمگە كەلگەن مۇسۇلمان چېرىكى بولسۇن، ھەممىسىنى قىرىپ-چېپىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلدى. ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى جېنىنى ئېلىپ قۇتۇلدى. سايىتبەگ قەشقەرگە، تۆمۈر خەزىنىچىبەگ خوتەنگە قېچىپ كەتتى. ئامان قالغان خىتايلار ئاقسۇغا قېچىپ كەلدى. جامالىدىن خوجا ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ سەپەر ئېيىنىڭ 12- كۈنى ئاقسۇنى پەتھ قىلدى. ئاقسۇدىكى خان مۇپەتتىشى، دارىن باشلىق ھەممە مەنسەپدارلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ بالا-چاقىلىرى بىلەن ئوردىغا يىغىلىپ، ئەتراپىغا (پارتلىغۇچ) دورا قويۇپ، بېيجىڭ تەرەپكە قاراپ ئۆز زۇۋانلىرىدا بىر نەرسىلەر دېيىشىپ يىغلاپ، چېكىۋاتقان غاڭزىسىدىكى تاماكىنىڭ ئوتىنى دورىغا تاشلىدى. شۇ ھامان دورا پارتلاپ ھەممىسى يەر بىلەن يەكسان بولدى. مۇسۇلمانلارنىڭ تەنتەنە ئاۋازلىرى پەلەككە يەتتى، بۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارغا خۇشال-خۇراملىق، دۈشمەنلەرگە غەم-قايغۇ يۈزلەندى. جامالىددىن خوجا غالىب سۈپەتتە پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرۇپ، خىتايلاردىن ئالغان ئولجىلارنى ئەسكەرلەرگە سوۋغات قىلىپ ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. ھەر كىشى ئۆز قۇدرىتى ۋە ئۆز دەرىجىسىگە لايىق مال-مۈلۈككە ئىگە بولۇپ دۇنيالىقتىن ھاجەتسىز بولدى.\
         كۇچالىق ئابدۇراھمان دىۋان بېگىنى دادخاھ، ئاقسۇلۇق قاسىم قازىبەگنى ئەمىر لەشكەر (باش قوماندان) قىلدى. بۇرۇنقى ئەلەم، مۇپتى، قازى قاتارلىقلارغا ئاۋۋالقى مەنسەپلىرىنى بەردى.
         جامالىددىن خوجا جامدىن ئاقسۇغا قاراپ ماڭغان چاغدا، بۇرھانىددىن خوجىنىڭ ئوغلى ھامىددىن خوجىنى 150 ئەسكەر بىلەن مۇز داۋاننى توسۇشقا ئەۋەتكەنىدى. دەرۋەقە، ئىلى جاڭجۈنى ئاقسۇنىڭ ئامبىلىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن 7000 خىتاي، 3000 قالماق ۋە سولۇن بولۇپ جەمئىي 10 مىڭ چېرىكنى يېتەرلىك ئوق-دورا بىلەن ئەۋەتكەنىدى. بۇلار مۇز داۋانغا كېلىپ، ھامىددىن خوجا توسۇپ ياتقانلىقى ئۈچۈن ئۆتەلمەي، 50 كۈن يېتىپ نائىلاج ئىلىغا قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھامىددىن خوجا ئۆز ئورنىغا باشقا كىشىنى قويۇپ ئاقسۇغا قايتىپ كېلىپ دادىسى بىلەن كۆرۈشتى………..
    )بۇ يازمىنى  ئەسلاى قايسى توردىن  ساقلاپ ئالغىنىمنى يازمىغانلىق   سەۋەنلىگىم ئۈچۈن ئۆزرىلىك مەن(

    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktugh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 21:16  

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 22:49:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    راشىدىن خوجا  خېلى ئىستىداتلىق  ھەربىيى ئىشلارغا پىشقان زات ئىكەنتۇق  ... ياقۇببەك بولمىغىنىدا  ...  شىنجاڭ تارىخى راشىدىن خوجا تەرپىدىن يىزىلغان بولسا قانداق بولاردىكىن  ....  

    باھا سۆز

    بايغۇ  توغرا ، بەلكىم ئۇ كەلگۈندى ( ياقۇپبەگ ) دىن ياخشىمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 17:23
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    84

    تېما

    30

    دوست

    2670

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-18 22:54:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    تېمىڭىز غا رەھمەت !!!!!!!!!!!!

    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوتۇنچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-18 21:55  

    9

    تېما

    21

    دوست

    2641

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 00:01:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى تېما يوللاپسىز رەخمەت .
    ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
    admin + 10

    ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 10   باھا خاتىرىسى

    0

    تېما

    0

    دوست

    66

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 00:48:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    admin يوللىغان ۋاقتى  2013-4-18 22:49
    راشىدىن خوجا  خېلى ئىستىداتلىق  ھەربىيى ئىشلارغا پىشقا ...


          راشىدىن خوجا قەۋرىستانلىققا قارايدىغان بىر شەيخ بۇلۇپ ، ئۇنىڭ سىياسى ، ھەربىي ئىشلاردىن خەۋىرى يوق ئىدى. قوزغىلاڭچىلار كۇچانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن رەھبەرلىك قىلغۇدەك ئادەم تاپالماي ، قەۋرىستانلىققا بېرىپ،شۇنى خان قىلىپ كۆتۈرگەن. كۇچا قوزغىلىڭى شۇ ۋاقىتتىكى قوزغىلاڭنىڭ بۆشىكى بولۇپلا قالماي ، ھەرقايسى قوزغىلاڭلار ئىچىدە نۇپۇزى پەۋقۇلئاددە يۇقۇرى ۋە ئىگەللىگەن زىمىنمۇ (قۇمۇلدىن قەشقەرغىچە )ناھايىتى كەڭ ئىدى .ئەگەر ئۇنىڭ ئىستىداتى بولسا ، كۇچا قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى غەيرەت-جاسارىتىگە تايىنىپ پۈتۈن شىنجاڭنى قولغا ئالالايتتى ياكى 5 نوقتىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى بىرلەشتۈرەلەيتتى. ياقوپبەگكىمۇ پۇرسەت بولمايتتى.ئۇنىڭ قابىليەتسىزلىكى ۋە خان تۇرۇپ قول ئاسىتىدىكىلەرگە ئىچى تارلىق قىلىشى ، كەيپى-ساپاغا بېرىلىشى ياقوپبەگنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ۋە كۇچا قوزغىلىڭىنىڭ غەلبە مىۋىسىنىڭ ئاسانلا قولدىن كېتىشىگە سەۋەپ بولدى.شۇڭا شىنجاڭ تارىخى راشىدىن خوجا تەرىپىدىن يېزىلغان بولسا ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ناچار بولاتتى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆكئارت1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 00:57  

    ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت يىغىش سەۋەبى
    admin + 10

    ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 10   باھا خاتىرىسى

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 01:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كۆكئارت1 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 00:48
    راشىدىن خوجا قەۋرىستانلىققا قارايدىغان بىر شەيخ ب ...

       راشىدىن خوجىنىڭ    شەيىخ لىقى راست ... ئەمما  خان بولۇلغاندىن كىيىن ئۇدا ئۇرۇش قىلىپ كۇچا باي  ئاقسۇ كورلارنى  كىيىن ئۈرۈمچىگىچە بېرىپ تۇڭگانلارنى تىنجىتىدۇ  ...  ياقۇببەگ بىلەن بولغان تۇنجى ئۇرۇشتا  ياقۇبەگىنى تىرىك تۇتىۋالىدۇ  ...

       راشىندىن خوجىغا  خان قىلىپ سايلانغاندىن كىيىن  . ئاساسان تېنىش سىياسەت يۇرگۈزۈش پۇرسىتى كەلمەيدۇ . شۇڭا ئۇنى قابىلىيەتسىز دىيىشمۇ سەل بالدۇر  . ئەينىۋاقىتىكى ئوسمان ۋە ھەبىبۇللا خانلارغا سېلشتۇرغاندا  ياقۇببەگنىڭ ھىلە  مىكىرلىرىگە كەسكىن مۇئامىلە قىلىپ ئۇنىڭ مۇقابىلىسىگە چىقالىغان بىردىن بىر قوماندان . ناۋادا راشىدىن خوجىنىڭ قوزغىلاڭ دەۋرىدىكى باتۇرلۇقى بىلەن  ئەقلى بولمىغاندا  ياقۇببەگنىڭ شىنجاڭغا كىلەلىشىمۇ مۇمكىن بولمايتى  ...    شۇڭا مەنچە راشىدىن خوجىنى  قابىلىيەتسىز دىيىش تازا توغرا بولماسمىكىن دەيمەن .

    باھا سۆز

    كۆكئارت1  چىڭ قۇشۇنىنىڭ ئاساسى كۈچىنى يوقاتقان ،ئۈرۈمچىگىچە بېرىپ توڭگانلارنى تىنجىتقان ، قۇمۇلغىچە ئىشغال قىلغى  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 01:41
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    0

    تېما

    0

    دوست

    66

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 01:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    admin يوللىغان ۋاقتى  2013-4-19 01:01
    راشىدىن خوجىنىڭ    شەيىخ لىقى راست ... ئەمما  خان بولۇل ...

           چىڭ قۇشۇنىنىڭ ئاساسى كۈچىنى يوقاتقان ،ئۈرۈمچىگىچە بېرىپ توڭگانلارنى تىنجىتقان ، قۇمۇلغىچە ئىشغال قىلغىنى راشىدىن خوجىنىڭ جىيەنى ئىسھاق خوجىدور . ئۇ كۇچادىن ئاران 150 ئەتراپىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى ئېلىپ يولغا چىقىپ يۇقارقى غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.ئىسھاق خوجا ھەقىقىتەن شۇ زاماندىكى تەڭداشسىز قەھرىمان ، ئىستىدات ئىگىسى.راشىدىن خوجا ئىسھاق خوجىنىڭ غەلبىلىرىگە ئىچى تارلىق قىلىپ ، ئۇنى ئۆزىنىڭ چېنققان ، تەجرىبىلىك، غالىپ ئەسكەرلىرىدىن ئايرىپ ، باشقا 3000 ئەسكەرگە باش قىلىپ يەكەنگە يولغا سالغان. ئىسھاق خوجىنىڭ ئەسكەرلىرى ھەم ئاز ، ھەم ساپاسى تۆۋەنرەك بولغاچقا ، ياقوپبەگنىڭ 15000 دىن ئارتوق مۇنتىزىم قۇشۇنىغا يېڭىلىپ ياقوپبەگكە ئەسىرگە چۈشكەن.ئىسھاق خوجىنىڭ شۇ ۋاقىتتا خەلق ئارىسىدا ئابرويى بەك يوقۇرى بولغاچقا ، ھەم ياقوپبەگ ئىستىداد ئىگىلىرىنى ياخشى كۆرگەچكە ، ياقوپبەگ «ياقوپبەگ بىلەن ئىككىنچى ئۇرۇشماسلىق »شەرتى بىلەن قويۇپ بەرگەن. ئەگەر كۇچاغا ئىسھاق خوجا خان بولغان بولسا، ئىش ھەقىقەتەن باشقىچە بولغان بولاتتى. راشىدىن خوجا ئومرىدە ھىچقانداق ھەربىي يۈرۈشكە قاتناشمىغان. ئۇ كۇچادىن ئايرىلماي ، خانلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن. بىكەت باشلىقى سىز راشىدىن خوجا بىلەن ئىسھاق خوجىنى ئارىلاشتۇرىۋالغاندەك قىلىسىز.

    باھا سۆز

    بايغۇ  لېيكىن ئادەمنى تاللاپ ئىشلىتىشمۇ بىر خىل قابىلىيەت  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 17:27
    admin  ئاللا .... مەن ئاملاشتۇرۋاپتىمەن دە ..... خا خا ...  يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 15:24

    64

    تېما

    10

    دوست

    2113

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-19 17:30:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئىسھاق غوجىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەنلىكى قومۇل ۋاڭىنى قەتلى قىلىپ قومۇلدا لەشكەر تۇرغۇزمىدى

    0

    تېما

    0

    دوست

    66

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 03:46:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئادەمنى تاللاپ ئىشلىتىش ھەقىقەتەن بىر قابىليەت،لېكىن راشىدىن خوجىنىڭ ئىسھاق خوجىنى ئىشلىتىشى ئادەمنى تاللاپ ئىشلىتىشدىكى قابىليەتكە كىرمەيدۇ.ئۇ ئىسھاق خوجىغا گەرچە ئۇ ئۆز جىيەنى بولسىمۇ،ھىچقانچىلىك ھوقۇق بەرمىگەن،ئەمما ، ئاغزىدا شەھەر ئېلىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان تاغىسى ھامىدىن خوجىغا ئاساسلىق ھەربىي ھوقۇقنى بەرگەن.

    3

    تېما

    11

    دوست

    2042

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت مىڭ بېشى لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 23:35:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەي ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەردى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 00:42 , Processed in 0.642097 second(s), 31 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش