ئۇيغۇرلار ۋە مانى دىنى مەزكۇر يازما ئۆزۈمنىڭ تارىخ ئۆگىنىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم ، بەزى نەقىللەرنىڭ مەنبەسى ئېسىمدىن كۆتۈرىلىپ كەتكەچكە مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە ئامالسىز قالدىم ، كەچۈرۈڭلار . بىلىمىم چەكلىك بولغاچقا ماقالىدە نۇرغۇن يېتەرسىزلىك بولىشى تەبىئى ، كەڭ بىلىم ئەھلىلىرى ، دوستلارنىڭ تەنقىدى پىكىر بېرىشىنى كۈتىمەن . << بايغۇ >>
ھونلارنىڭ قەدىمى مىراسلىرى ئۈستىگە ئۆز دۆۋلەتلىرىنى قۇرغان كۆك تۈركلەر مىلادى 552 -يىلى ئالتاي تاغ يانباغرلىرىدا كۆتۈرىلىش قىلىپ جۇرجان ( ئاۋار ) ھاكىمىيەتلىرىنى پاك -پاكىز سۈپۈرۈپ ، زۇلۇم - ئازاپلىرىنى يۇيۇپ تاشلىدى . ئۇلارمۇ ئەجدادى ھونلار ۋە باتۇر تەڭرىقۇتقا ئوخشاش ئۆزىنىڭ سەلتەنەت مەركەزلىرىنى ئۆتۈكەن تاغلىرىغا يۆتكىدى ، قۇردى . كۆك تەڭرى ئېتىقادى ، بۆرە توسى ( تۇتىمى ) ، مۇقەددەش ئۆتۈكەن روھى ئۇلارنى يېڭى - يېڭى ھايات بوشلۇقىنى ئىزدەشكە ئۈندىدى . بۇمىن قاغاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن غەرىپكە يۈرۈش قىلغان ئىستەمى يابغۇ كەڭ زېمىنلارنى ئۆزلەشتۇردى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن يېڭى دىنلار ( بۇددا ، زۇرا ئاستىر ، مانى دىنلىرى ) بىلەن ئۇچراشتۇردى . بىز گەرچە 583 - يىلىدىكى بۆلىنىشنى تاشقى جەھەتتىن تابغاچ ( سۈي سۇلالىسى ) نىڭ رەزىل مېكرىدىن دەپ بىلسەكمۇ ، لېكىن ئىچكى جەھەتتە دىن ( ئىدىيە ) ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا تىرىشتۇق . كۆك تۈركلەرنىڭ ئەسلى ئەۋلادى بولغان سىر ۋە ئوغۇز خەلقى قۇدرەت تاپقان چاغلىرىدا ياپۇن دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىزىدا ئۆزىنىڭ كېمىچىلىرىنى ( دېڭىز ئارمىيلىرىنى ) قۇرغانىدى . كۈچلۈك مىللى روھ ، مۇستەھكەم بىرلىك ئېتىقاد ئۇلارنى ئەڭ گۈللەنگەن دەۋىرگە باشلاپ كىردى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يات مەدىنيەت بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى كېڭەيتتى . سىرتقى ياردەم ( ھوقۇق ، پۇل - مال ، خوتۇن ) نىڭ قىزىقتۇرىشى غىدىقلىشى . ئىچكى جەھەتتە قەبىلىۋازلىق ، شۆھرەتپەرەسلىك ، ئىدىيە پارچىلىنىشى بۇ سەلتەنەتنىڭ نۇرلۇق چىرىقىنى بىر قېتىم ئۇچۇرۇپ ، ئىككىنچى قېتىم ئورنىدىن دەس تۇرغان گىگانىت گەۋدىسىنى يار لىۋىگە ئىتتىرىپ قويدى . مىلادىيىنىڭ 744 - يىلىغا كەلگەندە كۆل بىلگە بۇ سەلتەنەتنى شەكلەن ئۇچۇرۇپ چېچىلاڭغۇ ، باشباشتاق خەلقنى كۆك تەڭرى ، مۇقەددەس ئۆتۈكەن روھى بىلەن " ئۇيغۇر" بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشتۇردى ۋە تارىخى تەرەققىياتنى مەزمونەن داۋاملاشتۇردى . باي ، قۇدرەتلىك ، گىگانىت سۈپەتلەنگەن تابغاچ ئىمپىريىسى ( تاڭ سۇلالىسى ) 751- يىلىدىكى تالاستا ئىسلام كۈچلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز زەئىپلىگىنى ئاشكارلاپ قويدى ۋە ئىل تاردۇش ( غەربى دىيار ) نى ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلارغا قوش قوللاپ ھەدىيە قىلدى . تۈبۈتلەرنىڭ ئۆزلۈكسىز ، بىسۇراق ئېلىپ كېتىشلىرى چىرىك ، يۇمشاق ئىچكى سىياسەتنىڭ ماھىيىتىنى ئاشكارلاپ ئەن لۈشەن - شى شىمىڭ توپىلىڭىنى كەلتۈتۈپ چىقاردى . ئەن لۈشەن ( ئەسلى فامىلىسى كاڭ < قاڭقىل > ، ئىسمى روشەن ) بىلەن شى شىمىڭ ( سۆي سىمىن ) لەر ئىمپىريىنىڭ شەرقى پاسىللىرىنى ساقلاۋاتقان تۈرك سانغۇنلار ئىدى . ئۇلارنىڭ كەلكۈندەك باستۇرۇپ كېلىشى بىلەن ئىككى پەيتەخت ( چاڭ ئەن ، لوياڭ ) دىن ئايرىلغان تابغاچ ( تاڭ ) لار يىراقتىكىلەر ئارقىلىق يېقىندىكىلەرنى چەكلەش ئېڭى بويىچە ئەرەپلەردىن سورىغان ياردىمى قوبۇل قىلىنمىغاندىن كېيىن ئامالسىز ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىغا باقتى . مىلاىديە 755 - يىلى كېلىشىم بويىچە قوشۇن باشلاپ بارغان مويۇنچۇر قاراقاغان توپىلاڭچىلارنى ناھايتى تېزلا بېسىقتۇرۇپ ئىككى پايتەختنى قايتۇرۋالغان ، تېشىغا ئالتۇن ھەل بېرىلگەن بۇ ۋىۋىسكىنى ساقلاپ قالغان ۋە تەڭرى قاغان ھۆرمەت نامىغان ئېرىشكەن بولسىمۇ ، لېكىن ئەجەللىك بىر كېسەلنى يۇقتۇرۋالغان ئىدى . مۇيۇنچۇر تەڭرى قاغان لوياڭدىن قايتىشىدا تۆت مانى مۇخلىسىنى بىرگە ئېلىپ قايتقانلىقى ، بىر نەچچە كۈن ئۇلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئاخىرىدا ئۇلارغا قول بەرگەنلىكى تارىخى كىتابلاردا قەيت قىلىندۇ ، شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇزاق يىللارغىچە ئۇيغۇرلار مانى دىنىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىلىرى ۋە قاتناشچىلىرى بولۇپ قالغانلىقى ئىسپاتلانماقتا . ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش بىلگە قاغاننىڭ مانى دىنى راھىپلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن تابغاچتىن قىز سوراش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشى ، قاغانلارنىڭ ھۆرمەت نامىدىكى "كۈن تەڭرىدە بولمىش..." دىگەن سۆزىنىڭ ئورنىغا " ئاي تەڭرىدە بولمىش ..." ( ئاي مانى دىنىدىكى مۇھىم ئۇقۇم ) سۆزىنىڭ ئالمىشىشى ، مانى دىنىنىڭ تېخىمۇ توغرىسى مانى راھىپلىرىنىڭ مەنىۋى تەسىرىنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس . " ئادەم ئۆلتۈرۈش ئىنسانغا ئاخىرەتتە پايدىلىق " نى تەشەببۇس قىلىدىغان شامان دىنى ھەر ۋاقىت كىشىلەرنى جەڭگىۋارلىقنى ساقلاشقا ئۈندەيدۇ . ئۇنڭ ئەكسىچە ، ئادەم ئۆلتۈرۈشلا ئەمەس ھايۋان گۆشىنى يىيىشمۇ گۈناھ قارىلدىغان ، ئۇيغۇرلانىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا : بۇرۇن گۆش يىگەن قەۋىم ھازىر گۈرۈچ يەيدۇ . بۇرۇن ئادەم ئۆلتۈرۈش ئوموملاشقان مەملىكەتتە ، ھازىر خەير ساخاۋەت ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرغان مانى دىنى تۈركلەرنىڭ قىزىق قانلىرىنى سوۋۇتۇشقا ئىجابى رول ئوينىدى . مىلادىيە 832 - يىلى باشلانغان تەبىي ئاپەت ، ئىچكى نىزا ( ئىدىيە پارچىلىنىش) بىر نەچچە يىل داۋام قىلدى . قاغانلارنىڭ كۆپ ئالمىشىشى ، ئىچكى ئۇرۇش خانلىقنى ھالاكەتكە يۈزلەندۇردى . قېمىزنى كۆپ ئىچىۋالغان كۈلۈك باغا ياتلارنىڭ قولى بىلەن ھاكىميەتنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن قىلغان ھەركىتى ئۇنىڭ قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. مىلادىيە 840 - يىلى يۈز مىڭ كىشىلىك قىرغىز قوشونى .ئوردىبالىققا قىستاپ كەلگەندە . تەختتە ئولتۇرغىنىغا ئەمدىلا بىر يىل بولغان قوۋشات قاغان زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ خەلقنى مۇقەددەس تاغ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشقا چاقىردى . لېكىن مانى دىنى كۆك تەڭرى ، مۇقەددەس ئۆتۈكەن روھىنى كىشىلەر قەلبىدە ئاللىقاچان ئۇنتۇلدۇرغان ئىدى. خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلى ، باتۇر قاغان ئۆزىنىڭ ماماتىنى قۇللۇقتىن ئەلا بىلدى . ئۇنىڭ قىپقىزىل قانلىرى ئۇرخۇن تارىخ بېتىنىڭ خاتىمىسىنى يازدى .
مەنبە : ئۆزۈم
|