ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 1

سېيىت نوچىنىڭ ئۆلۈم خېتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-3-30 23:47:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سالام دوتەي!

بىر ئادەم ئالدىڭغا بارىدۇ ئۇدۇل،

ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بېرەلەمسەن يوق.

ئۇ جەسۇر،جېنىڭنى قىلىدۇ پايخان،

ھۇشيار بول،ئۇنىڭغا ئېلىپ قويغىن ئوق.

ئاندىن سەن‹‹ئوغلان››دە ئاستا پەپىلەپ،

بىلسەڭكى،باپلايدۇ يولۋاسنى تۈلكە.

جىسمىنى زەنجىرگە چەمبەرچاس باغلاپ،

سولاپ قوي!زىندانغا…قاراڭغۇ ئۆيگە.

روھ خەتەر! تۈنلەردىن ياسسايدۇ ئۇچقۇن،

ئۇ ئەبلەخ جېنىدىن تويغان بىرنېمە.

دوتەيمۇ؟مىڭ بېشى…سەرخىل چېرىكىڭ

بۇرادەر،ئۇنىڭچۇن ئەمەس ھېچنىمە.

ئۇنى ئات دەشھەتلىك يېرىگە چەنلەپ،

بەڭۋاشچۈن يۈرىكى ئەڭ ئېسىل نەرسە.

دىققەت قىل،يۈرىكى پارتلايدۇ ئۇنىڭ،

ياسسىغىن پولاتتىن مۇستەھكەم قەبىرە.

بۇ ئىشنى بېجىرسەڭ بېرىمەن يامبۇ،

تۈلكىدەك قۇۋ بولۇپ ئاتقىن يۈرەككە.

يۇرتۇڭدا بولسا گەر بەڭۋاش پەھلىۋان،

مەكتۇپلۇق يوللىۋەت بىزنىڭ تەرەپكە.

بىز شۇنداق كېلىشىپ بېجىرەيلى ئىش،

كىم قىلسا بەڭۋاشلىق سولايلى گۆرگە.

خوش دوتەي ئامانلىق ساڭا يار بولسۇن،

سېيىت جېنى ئامانەت قالدى سىلەرگە.



مەنبە:  ‹‹ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى››

ئاپتورى: ئابدۇرېشىت سۇلايمان

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   سىيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيچىلارغا ئەزا بولغىنى راسمىدۇ  دەيمەن  
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-4-11 10:09 , Processed in 0.066512 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش