مىسىر فىرئەۋىنلىرىنىڭ غەلىتە ئىشلىرى
قەدىمكى مىسىرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان.بولۇپمۇ قەدىمكى مىسىر مەدەنىيىتى ياراتقان مۆجىزە -ئەلئېھرام.يېقىنقى زامان ئالىملىرىنىڭ نەچچە ئون يىل يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ،باش قاتۇرۇپ تەتقىقات ئىلىپ بېرىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا. قەدىمكى زاماندىكى بىر قىسىم ئارخېئوگلار ئەلئېھرامنىڭ سىرلىق،چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدىغان سېھرىي كۈچىنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ ھاياتىدىن ئايرىلدى.بەزى ئپسانىۋىي ھېكايىلەردە،تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچكە ئىگە مومىيالار قەدىمكى مىسىر فىرئەۋىنلىرىنىڭ ھاياتىنىڭ قاينىتىلىنىشى دەپ قارىلىپ كەلدى.قەدىمكى مىسىرنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئاۋۋالقى مەدەنىيەت تارىخى خۇددى نېل دەرياسىغا ئوخشاش چاقناپ تۇرغان بىر تال مەرۋايىت بولۇپ،ئۇ چىقارغان جۇلالىق نۇرلار دۇنيا خەلقى ۋە ئالىملارنى ھارماي-تالماي ئىزدىنىشكە جەلىپ قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
<تۇتەنكامېن ۋە فىرئەۋىنلەرنىڭ ئالتۇن دەۋرى>دەپ ئاتالغان قەدىمكى مىسىر كۆرگەزمىسى لوندوندا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ،فىرئەۋىننىڭ ئالتۇن نىقابى ئىزچىل قەدىمكى مىسىرمەدەنىيتىنىڭ سىموۋلى دەپ قارىلىپ كەلدى.بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە تۇتەنكامېن فىرئەۋىننىڭ ئالتۇن نىقابى كەينىدىكى ھەقىقىي ئەھۋال كۆپچىلىككە ئاشكارلاندى.<ئەنگىلىيە كۈندىلىك تىېلېگراف خەۋرلىرى گېزىتى>ماقالە يېزىپ،قەدىمكى مىسىر مەدەنىيتىدىكى تېخىمۇ نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ-غارايىپ غەلىتە ۋەقەلەر ۋە تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچكە ئىگە سىرلىق تارىخىي ئىشلارنى ئاشكارلىدى.
1.دەسلەپكى فىرئەۋىن ھەربىر مەلىكە بىلەن توي قىلغان ئىكەن.
دەسلەپكى فىرئەۋىن ھەربىر مەلىكە بىلەن توي قىلىپ،ياش رىقابەتچىسىنىڭ چىقماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان ئىكەن.
2.تۇنجى فىرئەۋىن زادى قەيەردىن كەلگەن?
بەزى تارىخشۇناسلار قەدىمكى مىسىرنىڭ تۇنجى فىرئەۋىنىنى شەرىقتىن كەلگەن تاجاۋۇزچى دەپ قارىشىدىكەن.بىراق يەنە بەزى ناھايىتى ئاز سانلىق بىر قىسىم تارىخشۇناسلار قەدىمكى مىسىرنىڭ تۇنجى فىرئەۋىنىنى تاشقى پىلانېتا ئادىمىمىكىن دېگەن قاراشتا ئىكەن.
3. 30يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن،يۈگۈرۈپ تېنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئىسپاتلىغان ئىكەن.
تۇنجى فىئەۋىن 30يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كىېين،ئالاھىدە بەلگىلەنگەن لىنىيەدە يۈگۈرۈپ،پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە ئۆز سالامەتلىكىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ئىكەن.
4.ئەڭ دەسلەپكى تارىخىي خاتىرلەرنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋېتىش ۋەقەسى.
ئىبرانى تارىخشۇناسلىرىنىڭ خاتىرىسىگە ئاساسلانغاندا،قەدىمكى مىسىردىكى رامېسسىدۈⅡسۈرىيەدە شىتەي مىللىتى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا،مىسىرفىرئەۋىنى ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن.شىتەي مىللىتى بۇ بىر مەيدان ئۇرۇشتا ،غەلبە قىلغان بولۇپ،بۇ ئەڭ قەدىمكى تارىخي خاتىرلەرنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىۋېتىش ۋەقەسى بولۇش مۇمكىن ئىكەن.
。5.پاشا چېقىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مەخپىي رېتسىپ.
مىسىر فىرئەۋىنى پېپى Ⅱتوققۇز يېشىدا تەخىتكە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ،ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى 100ياشقىچە داۋاملاشقان. ئۇنىڭ پاشا چېقىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدىكى ئۆزگىچە بىر خىل مەخپىي رېتسىپى بولۇپ،ھەسەلنى يېنىدىكى قۇلنىڭ بەدىنىگە سۈركەپ قويىدىكەن.بونداق قىلغاندا پاشا قۇلنىڭ بەدىنىگە قونۇپ، پېپىⅡپاشىنىڭ كاشىلىسى بولمىغان.
。6.ئايال فىرئەۋىن يالغان ساقال-بۇرۇت چاپلىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن.
مىسىرنىڭ تارىخىدىكى ئايال فىرئەۋىن خاسپۇت دائىم ئىېڭىكىگە يالغان ساقال-بۇرۇت چاپلىۋالىدىكەن.ئۇنىڭدىن كېىيىنكى فىرئەۋىنلەر ھەر قېتىم مىسىرغا ئايال فىرئەۋىننىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلدىغىنىى ئويلىغىنىدا،ناھايىتى ھەيرانلىق ھىس قىلىشىدىكەن.كىيىنچە ئۇنىڭ ئىسمى فىرئەۋىنلەرنىڭ ئابىدىسىدىن چىقىرىلىپ تاشلانغان ئىكەن.
7.تۇتمۇسⅡئۇنچىۋالا تەڭداشسىزمۇ ئەمەس ئىكەن.
فىرئەۋىن تۇتمۇسⅡناھايىتى ئۇلۇغ بىر پادىشاھ بولۇپ،مىسىردىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرغان بولسىمۇ،سىرتتىكى ئۇرۇشلاردا،ئۇنچىۋالا كۆپ جەڭ غەلبىسىگە ئىگە ئەمەس ئىكەن.بىر قېتىمقى سۈرىيەدە بولغان جەڭدەتۇتمۇسⅡياۋا پىل تەرىپىدىن دەسسسىلىپ كەتكىلى تاسلا قالغان ئىكەن.
.8.پادىشاھ تاكاللىشىپ قېلىش سەۋەبلىك ئۆز قىزىنى رەھىمسىز ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىكەن.
مىلادىدىن بۇرۇن 1375-يىلى مىسىر پادىشاھى ئېخناتۇن ئۆز قىزى بىلەن تاكاللىشىپ قېلىپ،ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى شۇكى،ئۇ قىزىنىڭ قولىنى كېسىۋەتكەن.بۇنداق قىلغاندا ئۇ قايتىدىن تۆرەلمەيدىكەن،ئۆلگەندىن كېيىن روھىمۇ ئارام تاپالمايدىكەن.
.9. دەسلەپكى مەزگىلدىكى فىرئەۋىنلەر باتۇرلۇق بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇپ،پۈتۈن بەدىنى يارىلانغىچە جەڭ قىلغان ئىكەن...
مىلادىدىن بۇرۇنقى 16-ئەسىردە، تاۋ ۋە مىسىر خەلقى باتۇرلۇق بىلەن شىكسوس خاندانلىقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى ئۇرۇش قىلغان..بۇ ئۇرۇشتا باتۇر مىسىر پادىشاھىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدە خەنجەر،پالتا،نەيزە،بولقا قاتارلىق قوراللارنىڭ يارا ئىزلىرى قالغان ئىكەن.
10.ساھىبجامال ئايال پادىشاھ كرىئو پاتىرا گرېتسىيەلىك ئىكەن.
مىسىردىكى ئەڭ داڭلىق ئايال پادىشاھ كرىئو پاتىرا ئۆزىنىڭ گۈزەللىكى ۋە ئاجايىپ جەلىپ قىلىش كۈچى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان ئىدى.ئېيتىلىشىچە،ئۇ مىسىرلىق بولماستىن،بەلكى گرتسىيەلىك ئىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا گۈلمى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-3 18:52
|