  
|
|
|
|

ئاسىيا كىندىكى تور (iyaxin.com) دىن تەرجىمە قىلىدى : شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ساياھەت قىلغان ۋاقىتتا، ئۇيغۇر، قازاق، قىزغىز، مۇڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئەرلىرىنىڭ بېلىگە بىر دانە پىچاق ئېسىۋالغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەر بىر پىچاقنىڭ بىردىن چىرايلىق غىلىپى بولىدۇ، غىلاپ ھەر خىل مىتال، كۆزلەر بىلەن بېزىلىدۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پىچاق ئېسىۋېلىشى، ھەم ئەنئەنىۋىي ياسىنىش ئۈچۈن، ھەم تۇرمۇشتىكى زۆرۈر بويۇم بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. g]S.u8K8m
شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت ئەرلىرى نىمىشقا پىچاق ساقلايدۇ؟ بۇنىڭ تارىخى سەۋەبىدىن باشقا يەنە يەنە نۇرغۇن رىۋايەتلىرى بار. ئۇزۇندىن بۇيان تارقىلىپ يۈرگەن بىر رىۋايەتتە مۇنداق دىيىلگەن، بىر جۈپ ئاكا-ئۇكا تاغدا يولۋاسقا ئۇچىراپ قاپتۇ، ئاخىرىدا يولۋاس ئىنىسىنى چىشلەپ تۇتىۋاپتۇ، ئىنىسى ئاكىسىدىن ياردەم سوراپ ۋارقىراپتۇ، دەل شۇ ۋاقىتتا، ئاكىسى ئىنىسىنىڭ بېلىدە پىچاق بارلىقى يادىغا كېلىپ، قۇتۇلۇشنىڭ قورالى سىنىڭ بېلىڭدە دەپ ۋارقىراپتۇ. ئىنىسى پىچاق بىلەن يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ قوتۇلۇپ قاپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۆيدە بولسۇن، ياكى سىرتقا چىققاندا بولسۇن دائىم يېنىدا پىچاق ساقلاشنى ئادەت قىپتۇ.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پىچاق ساقلىشى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭنىڭ مېۋە-چېۋە ماكانى دىگەن گۈزەل ماكانى بار، شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە مېۋىلىك باغلار بار، كىشىلەر قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەرنى يىگەندە پىچاق بىلەن تىلىپ يەيدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا پىچاق بولمىسا قانداق بولىدۇ دەيسىز؟ دېھقانچىلىق رايۇنلىرىدا بولسا، كىشىلەر قوي، كالىلارنى سويغاندا، ئوۋ ئوۋلىغاندا، گۆش يىگەندە پىچاق بولمىسا بولمايدۇ. قازاقلاردا بولسا،يېنىدا بىر پىچاق، ئېتىدا يەنە پىچاق بولىدۇ، بۇلار شۇ رايۇندىكى كىشىلەرنىڭ ياشاش ئادىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن.
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ساقلايدىغان پىچاقلىرىنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن: ئۇزۇن دەستىلىك پىچاق، قەلەمتىراچ، يا شەكىللىك دەستىلىك پىچاق قاتارلىقلار. پىچاق ئۇلارنىڭ قولغا يېقىن قورالىغا ئايلىنىپ كەتكەن.http://www.nur.cn/html/news/24705.shtml
|
|
|