ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 874|ئىنكاس: 0

ئەرمىنىيە قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن تۈركلەرنىڭ رەسىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 18:47:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرمىنىيە قىرغىنچىلىقىدا قىرغىن قىلىنغان،97 يىلدىن بىرى ساقلىنىپ كەلگەن تۈركلەرنىڭ رەسىملىرى ئاشكارىلانغان:


















  ئارمېنىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى پۈتۈن ئاھالىسى خىرىستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، يەنە كېلىپ زىمىنى تۈركىيە ۋە ئازەربەيجاندىن ئىبارەت ئىككى تۈركى تىللىق مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان دۆلەت بولۇپ، ئەرمەنلەر ھىندى ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكى ئىران تىلىغا يېقىن بولغان مۇستەقىل ئەرمەن تىلىدا سۆزلىشىدۇ. ئەرمەنلەرنىڭ خىرىستان دىنىنى قوبۇل قىلغان تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، دىنى ئەنئەنىسى ناھايىتى كۈچلۈك. چەتئەللەردىكى ئەرمەنلەرنىڭ نوپۇسى ئارمىنىيەدىكى ئەرمەنلەرنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.
    1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدە تۈركىيەنىڭ شەرقى چېگرىسىدىكى ئەرمەنلەر بۈيۈك ئارمېنىيە قۇرۇش ھەركىتى بىلەن مەشغۇل بولدى.ئەرمەنلەرنىڭ «داشناق زۇردىيۇن»پارتىيىسى چەتئەلدىكى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى كۈچلەرنىڭ ياردىمىدىن پايدىلىنىپ ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمەت قوشۇنىغا كۆپ قېتىم قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىپ مۇنتىزىم قارشىلىق ۋە پارتىزانلىق بىرلەشكەن قوراللىق قارشىلىق ھەركىتىنى قانات يايدۇردى.ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ چاغدا تۈركىيەدە پانتۈركىزىم ئېقىمى باش كۆتىرىۋاتقان بولغاچقا ياش تۈركلەر پارتىيىسى قاتارلىق بىر نەچچە پارتىيەلەر ئاناتولىيە بىلەن ئازەربەيجاننى تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېغىر جۇغراپىيىلىك توسالغۇ بولىۋاتقان ئەرمەنلەرنى «تۈپ يىلتىزىدىن قۇرىتىۋېتىش، كاۋكازدا ئەرمەن دەيدىغان مىللەتنى تارىخى نامغا ئايلاندۇرىۋېتىش»شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئەسلىدىنلا ياۋروپانىڭ تۈركلەرگە يۈرگۈزگەن ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە سەۋەپسىز دۈشمەنلىكلىرىگە ئاداۋەت ساقلاۋاتقان، بۇلغارىيەلىكلەرنىڭ ياۋروپانىڭ قوللىشى ئارقىسىدا رۇمىلىيە ۋە پوماكىيەدىكى تۈركلەرگە، گىرىكلارنىڭ گىرىتسىيەدىكى تۈركلەرگە قارىتا مىسلىسىز ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقىدىن دەرغەزەپ بولغان، شۇ چاغدا دۇنيا بويىچە باش كۆتىرىۋاتقان تار مىللەتچىلىك ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان تۈركىيەدىكى ئىختىلاپ قىلىشىۋاتقان پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ ھەممىسى بىردەك مەقسەتكە كېلىپ تەشكىللىك ۋە تەشكىلسىز ھالدا ئەرمەن قوراللىق كۈچلىرىنى، شۇنداقلا ئاددى ئەرمەن پۇخرالىرىنى ئېغىر قىرغىن قىلدى.
    كۆپ يىللاردىن بۇيان، غەرب تارىخچىلىرىدا ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى قارشىلىق كۆرسەتكەن ئەرمەنلەرگە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 1مىليون 500مىڭ ئەرمەننى قىرغان، دېگەن قاراش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت . ھالبۇكى تۈركىيە ئەينى يىللىرى ئەرمەنلەرنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىدە 250مىڭدىن 500مىڭغىچە كىشىنىڭ تۈركلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشتا قازا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاللىبۇرۇن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشتىن بۇرۇنقى ۋەقە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى كەينىدە ئېغىر ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى سەۋەپ قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق تارىخىنى ۋە ئۇنىڭغا مەسئۇل بولۇش شەكلىدىكى ھەرقانداق پائالىيەتنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلدى.
   ئەمماياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى  ئارمىنىيىلىك كۆچمەنلەرنىڭ سانى كۆپ، مۇئەييەن تەسىر كۈچىگە ئىگە، ياۋروپالىقلار بىلەن دىنى ئورتاقلىقى بولغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىللاردىن بۇيانقى «تاغلىق-قاراباغ مەسىلىسى» دە تۈركىيە باشتىن ئاخىر ئازەربەيجاننى قوللاپ ئارمەنىيەلىكلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقانلىقتىن، ئەرمەنلەر تۈركىيەگە غۇم ساقلاپ كەلدى ۋە  ئىزچىل تۈردە «ئەرمەن قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە خەلقارا پىكىر توپلاپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.
   بۇ ئىشقا تۇنجى بولۇپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىل پارلامېنتتا «ئەرمىنىيە قىرغىنچىلىقى» نى ئېتىراپ قىلىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن تۈركىيە-فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكەن ئىدى.
    بۇ يىل «ئەرمېنىيە چوڭ قىرغىنچىلىقى»نىڭ 90يىللىقى بولسىمۇ، ئامېرىكا خەلقىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ۋاقىتتا بۇنداق ئىختىلاپ چوڭ ھەم بېكىتىش تەس بولغان كونا ئىشنى سۆرەپ چىققانلىقىنى ھېچكىم ئېنىق بىلمەيدۇ.بىراق كىشىلەر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ ئەرمەنلەرنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئالاقىدار مەسىلە توغرىسىدىكى مۇنازىرىسى ھازىر باشلانغان ئەمەس. يەتتە يىل ئىلگىرىكى 10-ئاينىڭ8-كۈنى، ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتى قارار لايىھىسى ماقۇللاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ 1 مىليون 500مىڭ ئەرمەننى قىرغانلىقىنى ئەيىبلىگەنىدى.
  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى، دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى پېروسې يېقىندا ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتى ماقۇللىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»لايىھىسىنى ئاۋام پالاتاسى كېڭىشىگە تاپشۇرۇپ قاراپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. گەرچە بۇ لايىھىنى قاراپ چىقىشنىڭ كونكرېت ۋاقتى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق تەھلىلچىلەر پېروسې ۋە پارلامېنتتا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دېموكراتلار پارتىيىسىدىن بولغان پالاتا ئەزالىرىنىڭ يېقىنقى بىر ئەسىردىن ئىلگىرىكى تارىخنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، سايلام بېلىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش قاتارلىق مەقسەتتىن باشقا يەنە باشقا مەقسىتىمۇ بار، دەپ قارىدى.
   ئامېرىكا قانۇنىدىن ئېيتقاندا، ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتى ماقۇللىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» لايىھىسىنىڭ ھېچقانداق چەكلەش كۈچى يوق. بىراق، بۇ ئامېرىكا قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋاقىتتا قوللانغان ھەرىكىتى بولغاچقا تەسىرى خېلى زور. بۇ ئىشتىن كېيىن تۈركىيە ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېلىپ ئېتىراز بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» لايىھىسىنى ئاۋازغا قويۇشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى بوز ۋە دۆلەت كاتىپى رېس، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس قاتارلىقلار بۇ لايىھە ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى زور زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
   تەھلىلچىلەر ئاقساراينىڭ ئاخىرقى پەيتتە پارلامېنتنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە ئارىلىشىشىدەك ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال توغرىسىدا مۇنداق قارىدى: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» لايىھىسى ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانسا، بوز ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتېگىيىسىگە بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزۈشى، بولۇپمۇ بوز ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ۋە ئىراق ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشى مۇمكىن. تۈركىيىدىكى بۆلگۈنچى كۈچ-كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسى قوراللىق كۈچىنىڭ ئىراق چېگرا رايونىنى بازا قىلىپ، تۈركىيىنىڭ ھەربىي نىشانلىرىغا  ئارقا – ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىۋاتقان، تۈركىيە ھۆكۈمىتى چېگرىدىن ئۆتۈپ قورشاپ يوقىتىشنى ئويلىشىۋاتقان مۇشۇنداق پەۋقۇلئاددە پەيتتە، بوز ھۆكۈمىتى ھەم ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىغا ياردەم بېرىشى، ھەم تۈركىيىنى رەنجىتمەسلىكى كېرەك.
   ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ بىر قېتىملىق چەكلەش كۈچى يوق ئاۋاز بېرىشى، ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىشىدىكى تۈپ سەۋەب شۇكى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ رايوندىكى ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ مەيدانىدىن قارىغاندا، تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشىنىڭ بىرى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى دەۋرىدە تۈركىيە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ ئەڭ ئالدىنقى سەپتە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇداپىئە قىلىپ تۇرغان، ئامېرىكا ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن بۇيان، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى ئېھتىياجلىق ھاۋادىن يۆتكەيدىغان ماددىي ئەشيانىڭ %70ى ۋە ئۈچتىن بىر قىسىم ماي، يېقىلغۇ ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىدىكى ئىنژېنېرلىق ھاۋا ئارمىيىسى بازىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە يەنە ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىراقتىكى ھەرىكىتىنى ماتورلۇق قاتناش قوراللىرى شوپۇرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خادىملار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن. ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ تەمىنات لىنىيىسىمۇ ئىنژېنېرلىق ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىن ئۆتىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا بوز ھۆكۈمىتى بارلىق ئاماللار بىلەن ئامېرىكا تۈركىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى توسۇشى كېرەك.
   رېس 13–ئۆكتەبىر رۇسىيىنى زىيارەت قىلغاندا مۇخبىرلارغا: «ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋىتى قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ»، دېدى.شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ھەمراھ بولۇپ بارغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى ئېدېلمان ۋە ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت كاتىپى فېلىدنى تۈركىيىنى زىيارەت قىلىشقا ئەۋەتىپ «ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە ئىشلىرى كومىتېتى ماقۇللىغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» لايىھىسى توغرىسىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن يۈزتۇرا كەچۈرۈم سوراش ھەم بوز ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئوخشاشلا بۇ لايىھىگە قەتئىي قارشى پوزىتسىيىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىراقتىكى ئىستراتېگىيىلىك غەرىزىنى ئاساس قىلغان ھالدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە ئىراققا ئەسكەر ئەۋەتىپ، كۇرد ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى قورشاپ يوقىتىش پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا نەسىھەت قىلىپ، ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ كۇردلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن مۇرەككەپلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش» مەقسىتىنى بىلدۈردى.
     ئەرمىنىيە مەسىلىسى تارىخى مەسىلە بولغاچقا بۇنى سۆرەپ چىقىش ماھىيەتتە تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئارىسىدىكى كونا يارىنى تاتىلاشتىن، تۈركىيىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقى»غا كىرىش مەقسىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.تۈركىيىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئېتىراپ قىلىپ بۇ ئىش ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە ماقۇل بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس، ئەرمىنىيىلىكلەرنىڭ مەقسىتى پەقەت خەلقئارادا ھېسداشلىققا ئېرىشىش ئارقىلىق تۈركىيەنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇپ، تاغلىق قاراباغ ۋە ۋە يېقىندا قوزغىلىش ئېھتىمالى بولغان ئەزەربەيجان بىلەن چېگرا تالاش-تارتىش ئۇرۇشىدا ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-4-13 13:30 , Processed in 0.073732 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش