• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 2157|ئىنكاس: 14

    ئوسمان ئىمپېرىيىسى تولۇق يىلنامىسى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 18:47:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئوسمان ئىمپېرىيىسى تولۇق يىلنامىسى (1299 ~ 1923)



    1280 ئىمپېرىيىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان دۇنياغا كەلدى
    1299 ئوسمان سەلجۇق ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقتى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى قۇرۇلدى.
    1326 ئوسماننىڭ ئوغلى سۇلتان ئورخان غازى بۇرسانى ئىشغال قىلىپ، ئىمپېرىيىنىڭ پايتەختى قىلدى.
    1352 ئىمپېرىيە ئارمىيىسى داردانېل بوغۇزى (چاناققەلئە بوغۇزى) دىن تۇنجى قېتىم ئۆتتى. ئىمپېرىيىنىڭ ياۋروپاغا كېڭىيىشى باشلاندى. 1361 سۇلتان بىرىنچى مۇراد ئادرىيانوپول (ئەدىرنە) شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ئىمپېرىيە پايتەختىنى بۇ شەھەرگە كۆچۈردى.
    1386 ئوسمان ئىمپېرىيىسى بۇلغارىيىنى ئىشغال قىلدى.
    1389 بىرىنچى قېتىملىق كوسوۋو ئۇرۇشى پارتلىدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى سېربىيىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىشغال قىلدى. 1396 سۇلتان بىرىنچى بايازىد ئىمپېرىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ پۈتكۈل بۇلغارىيە ۋە سېربىيىنى ئىشغال قىلدى.
    1402 تېمۇر-ئوسمان ئۇرۇشى پارتلىدى. تېمۇر (ئاقساق تېمۇر) ئوسمان ئىمپېرىيە زېمىنىغا بېسىپ كىردى. ئوسمان ئارمىيىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. سۇلتان بىرىنچى بايازىد ئەسىرگە ئېلىنىپ، كېيىن ئۆلتۈرۈلدى.
    1402 ~ 1413 سۇلتان بايازىدنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تۆت ئوغلى ئارىسىدا تەخت تالىشىش ئۇرۇشى پارتلىدى. سۇلتان مەھمەد چەلەبى تەختنى قولغا ئالدى. 1423 ~ 1430 ئوسمان-ۋېنتىسىيە ئۇرۇشى پارتلاپ، ئوسمان ئىمپېرىيىسى دېڭىز ئارمىيىسى ئوتتۇرا دېڭىزنى كونترول قىلدى. 1448 ئىككىنچى قېتىملىق كوسوۋو ئۇرۇشى پارتلىدى. ئىمپېرىيە پۈتۈن بالقاننى كونترول قىلدى.
    1453 ئوسمان-ۋىزانتىيە كونستانتىنوپول (ئىستانبۇل) مۇھاسىرە ئۇرۇشى پارتلىدى. سۇلتان فاتىھ مەھمەد قوماندانلىقىدىكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئارمىيىسى ۋىزانتىيىلىكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلدى. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورى كونستانتىن ئۇرۇشتا ئۆلدى. ئىمپېرىيە پايتەختى ئىستانبۇلغا كۆچۈرۈلدى.
    1454 توپقاپى سارىيىدا قۇرۇلۇش باشلاندى. 1454 ~ 1481 سۇلتان فاتىھ مەھمەد گرېتىسىيە، ترابزون ۋە قىرىمنى ئىستېلا قىلدى.
    1514 ئوسمان-سەفەۋىي چالدىران ئۇرۇشى پارتلىدى. ئوسمان سۇلتانى سەلىم سەفەۋىي شاھى ئىسمائىلنى مەغلۇپ قىلىپ، تەبرىزنى ئىشغال قىلدى. ئىمپېرىيە ئارمىيىسى نۇرغۇن پارس سەنئەتكار، ھۈنەرۋەنلەرنى ئەسىر ئېلىپ ئىستانبۇلغا ئېلىپ كەتتى.
    1516 ~ 1518 سۇلتان سەلىم قوشۇن باشلاپ شەرقىي ئاناتولىيە، ئىراقنىڭ شىمالى قىسىمى، سۈرىيە، پەلەستىن، مىسىر ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستانىنىڭ ھىجاز رايونىنى ئىشغال قىلدى.
    1520 ئوسمان سۇلتانلىرىنىڭ ئەڭ مەشھۇرلىرىدىن سۇلتان سۇلايمان تەختكە چىقتى.
    1521 سۇلتان سۇلايمان قوماندانلىقىدىكى ئىمپېرىيە ئارمىيىسى بېلگرادنى ئىشغال قىلدى.
    1522 رودېس ئارىلى ئۇرۇشى پارتلىدى. ئىمپېرىيە دېڭىز ئارمىيىسى ئارالنى ئىشغال قىلدى.
    1526 موھاكس ئۇرۇشى پارتلىدى. سۇلتان سۇلايمان ۋېنگىرىيە-بوھېمىيە بىرلەشمە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ، بۇداپېشتنى ئىشغال قىلدى.
    1526 فرانسىيە پادىشاھى سۇلتان سۇلايماندىن ئاۋستىرىيە ھابىسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلدى. سۇلتان سۇلايمان ماقۇل بولدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى ياۋروپا دىپلوماتىيىسدە كۈچلۈك ئورۇنغا چىقتى.
    1528 ۋېنگىرىيە پادىشاھى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ ھامىي ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلدى.
    1529 ئىمپېرىيە ئارمىيىسى ۋېنانى بىرىنچى قېتىم مۇھاسىرىگە ئالدى. كېيىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ مۇھاسىرىنى بوشىتىپ چېكىندى. 1533 ئىمپېرىيە ۋەزىرى ئىبراھىم پاشا باشچىلىقىدا زور كۆلەملىك شەرق دېڭىز ئېكىسپېدىتسىيىسى باشلاندى.
    1533 ~ 1534 ئىمپېرىيە ئارمىيىسى گېنىرالى خەيرۇددىن پاشا ئالجىرىيە ۋە تۇنىسنى ئىشغال قىلدى.
    1534 ~ 1535 سۇلتان سۇلايمان ئىراق ۋە ئىراننى ئىشغال قىلدى.

    1538 پرېۋىزا دېڭىز ئۇرۇشى پارتلىدى. ئىمپېرىيە دېڭىز ئارمىيىسى ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا دېڭىزنى كونترول قىلدى.
    1566 ئىستانبۇلنى ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى قىلىپ قۇرۇپ چىققان سۇلتان سۇلايمان ۋاپات بولدى. ئوغلى سۇلتان ئىككىنچى سەلىم تەختكە چىقتى. 1569 ئىستانبۇلدا زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
    1571 لېپانتو دېڭىز ئۇرۇشى پارتلىدى. ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئوسمان دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى. 1588 مېمار سىنان ۋاپات بولدى.
    1609 سۇلتان ئەھمەد جامەسى قۇرۇلۇشى باشلاندى.
    سۇلتان فاتىھ مەھمەد ئىستانبۇلغا كىردى (1453) 1622 سۇلتان ئىككىنچى ئوسمان ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىدىكى زور كرىزىسلارنى يېڭىپ، سۇلتاننىڭ ئارمىيىگە بولغان مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتتى.
    1638 سۇلتان تۆتىنچى مۇراد شەرققە بويسۇندۇرۇش يۈرۈشى قىلىپ، باغدادنى ئىشغال قىلدى. 1645 ~ 1669 ئوسمان ئارمىيىسى ۋېنتىسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، كىرتنى ئىشغال قىلدى. 1648 ئىستانبۇلدا زور يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەردى.
    1661 ئىستانبۇلدا ئىككىنچى قېتىم زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. 1678 سۇلتان تۆتىنچى مەھمەد ئاۋستىرىيىگە يۈرۈش قىلىپ، بېلگرادنى قايتا ئىشغال قىلدى. 1683 ئىمپېرىيە ئارمىيىسى ۋەزىر قارا مۇستافا پاشانىڭ رەھبەرلىكىدە ۋېنانى ئىككىنچى قېتىم مۇھاسىرىگە ئالدى. ۋېنا ئىشغال قىلىندى. 1686 ئوسمان ئىمپېرىيىسى ۋېنگىرىيىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.
    1693 ئىستانبۇلدا يەنە بىر قېتىم زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
    1699 ئوسمان ئىمپېرىيىسى كارلوۋىتز تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، پېلوپوننېس، پودولىيە ۋە ئازوۋنى دۈشمەنلىرىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولدى.
    1711 ئوسمان ئىمپېرىيىسى رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدى. ۋەزىر پالتىچى مەھمەد پاشا قوماندانلىقىدىكى ئىمپېرىيە ئارمىيىسى چار پادىشاھ پېتىر ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، پېتىرنى قورشىۋالدى. چار پادىشاھ پېتىر قورشاۋدىن قېچىپ چىقىپ كەتتى. 1712 رۇسىيە-ئوسمان تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.
    1718 1720 ~ 1730 ئوسمان ئىمپېرىيىسى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە ئەلچىخانا تەسسىس قىلدى. 1739 بېلگراد تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بېلگراد ئىمپېرىيە زېمىنىغا قايتىدىن قوشۇلدى.
    1750 ئىستانبۇلدا يەنە بىر قېتىم غايەت زور ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ شەھەرنى ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلدى. 1754 ئىستانبۇلدا قاتتىق يەر تەۋرىدى.
    1769 رۇسىيە بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى بۇزۇلدى. ئۇرۇش قايتا باشلاندى. 1774 ئوسمان ئىمپېرىيىسى رۇسىيە بىلەن ھاقارەتلىك كۈچۈك-كاينارجى كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. 1779 رۇسىيە قىرىمنى ئىشغال قىلدى.
    1782 ئىستانبۇلدا 50 نەچچە سائەت سوزۇلغان زور ئوت ئاپىتى يۈز بەردى.
    1789 سۇلتان ئۈچىنچى سەلىم ھەربىي ۋە ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى جەھەتتە غەربنى ئۈلگە قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى باشلىدى. 1790 رۇسىيە ۋە ئاۋستىرىيىگە قارشى ئوسمان-پرۇسىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلدى.
    1798 ناپولېئون مىسىرنى ئىشغال قىلىپ، سۈرىيىگە ئىلگىرىلىدى.
    1807 ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى چاناققەلئەدىن زورلۇق بىلەن ئۆتمەكچى بولدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرلا ۋاقىتتا ئەنگىلىيە ۋە رۇسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى.




    1808 ئىمپېرىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، پايتەختتە بىر سىياسىي ئۆزگىرىش بولدى. سۇلتان ئۈچىنچى سەلىم تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ كېيىن ئۆلتۈرۈلدى.
    1821 گرېتىسىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلىدى.
    1826 سۇلتان ئىككىنچى مەھمۇد ئىزچىلار قوشۇنىنى بىكار قىلدى. 1827 گرېتىسىيە-ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسى ئىمپېرىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلدى. 1830 گرېتىسىيە ئوسمان ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولدى.
    1838 ئوسمان-ئەنگىلىيە سودا كېلىشىمى ئىمزالاندى.
    1853 ~ 1856 قىرىم ئۇرۇشى پارتلىدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيىلەر بىلەن بىرلىشىپ رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. 1864 ئىستانبۇل كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، ۋاللاچىيە، مولدوۋا ۋە رۇمىنىيە ئىمپېرىيىدىن ئايرىلىپ چىقتى. 1867 سۇلتان ئابدۇلئەزىز خان ياۋروپاغا زىيارەتكە باردى.
    1875 بالقاندا قوزغىلاڭلار پارتلىدى.
    1876 ئىمپېرىيىدە تۇنجى قېتىم پارلامېنت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. 1877 رۇسىيىگە قارشى ئۇرۇش پارتلىدى. ئىمپېرىيە ئارمىيىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى. سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد خان پارلامېنتنى تارقىتىۋەتتى.
    1878 ياۋروپا دۆلەتلىرى بېرلىن كېلىشىمى ئىمزالاپ بۇلغارىيىگە ئاپتونۇمىيە ھوقۇقى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى يىغىنغا تەكلىپ قىلىنمىدى.
    1881 فرانسىيە تۇنىسقا بېسىپ كىردى. مۇستافا كامال دۇنياغا كەلدى.
    1882 ئەنگىلىيە مىسىرنى ئىشغال قىلدى.
    1895 ئىمپېرىيىنىڭ بالقاندىكى ئەڭ ئاخىرقى زېمىنى بولۇپ قالغان ماكېدونىيىدە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى پارتلىدى. 1897 بىرىنچى قېتىملىق يەھۇدىي قىساسچىلىق ھەرىكىتى قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. يەھۇدىيلار ئىمپېرىيە زېمىنى بولغان پەلەستىنگە كۆچۈپ كىرىشكە باشلىدى.
    1900 فرانسىيە ماراكەشنى بېسىۋالدى. 1908 بۇلغارىيە مۇستەقىللىق ئېلان قىلدى. كىرىت گرېتىسىيىگە قوشۇلدى.
    1908 ياش تۈركلەر ھەرىكىتى پارتىلاپ سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇلھەمىد تەختتىن چۈشۈرۈلدى. ئىككىنچى پارلامېنت دەۋرى باشلاندى. 1912 بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. سېربىيە، گرېتىسىيە ۋە بۇلغارىيىلەر بىرلىشىپ ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى. 1912 ئالبانىيە ئىمپېرىيىدىن ئايرىلىپ چىقتى.
    1913 ئوسمان ئىمپېرىيىسى ئەدىرنەنى قايتۇرۇۋالدى. ئىمپېرىيىنىڭ ياۋروپادا ئىستانبۇل ۋە ئەدىرنەدىن باشقا زېمىنى قالمىدى. 1914 بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى گېرمانىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇرۇشقا قاتناشتى.
    1914 ئەنگىلىيە سىپرۇسنى ئىشغال قىلدى.
    1917 ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ئېرۇسالىمغا كىردى
    1918 تۈركىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىدى؛ گرېتىسىيىلىكلەر ئاناتولىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
    1918 ~ 1921 مۇستافا كامال ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ چەت ئەل كۈچلىرىنى تۈركىيىنىڭ ئانا زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقاردى. 1919 ~ 1922 تۈركىيە ئازادلىق ئۇرۇشى پارتلىدى.
    1920 پەلەستىن ۋە مېسوپوتامىيە تولۇق قولدىن كەتتى.
    1922 ئاخىرقى ئوسمان سۇلتانى ۋاھىدەددىن مەھمەد تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىندى.
    1923 تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرى ئاخىرلاشتى



    "http://ug.wikipedia.org/w/index.php?title=ئوسمان_ئىمپېرىيىسى&oldid=126302" دىن ئېرىشكەن


    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تىللا قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
    تۇغلۇق + 10 + 10 + 10 ئالامەت!

    ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 10  تىللا + 10  قىزغىنلىق + 10   باھا خاتىرىسى

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    84

    تېما

    30

    دوست

    2670

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 21:23:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قالتىس ئېسىل تېما بوپتۇ

    12

    تېما

    26

    دوست

    1704

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    سەردار ساداقەت مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 01:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بۇ ئىمپىرىيە توغرىسىدا كۆپ نەرسە بىلمەيتتىم،رەھمەت ئادمىن باشلىق ياق سىزنى يەنىلا ئاكا دەۋىرەي ھە

    1

    تېما

    0

    دوست

    69

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 23:58:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەمما   ئىراق  ۋە ئىراننى  ئىشغال قىلغان  تۇرۇقلۇق  نىمىشقا    كۆپلىگەن  تارىخى   خەرىتىلەردە   ئۇلارنى  ۋە   بىرقىسىم    زىمىنلارنى   ئوسمان  تۈرك  ئىمپىرىيىسى    ئىشغال  قىلغان   دەپ   تۇلۇق    ئالماي،    ئۇزۇن   ئىشغال    قىلغانلىرىنىلا   ئالىدىغاندۇ؟   بىزنىڭ   ماۋۇ   يەرلىرىمىزدە    بىر  تال  مىخنى    كۈمۈپ  قۇيۇپلا   ئەتىسى    بۇيەر   ئەزەلدىن  بىزنىڭ   زىمىنىمىز   دەپ  تارىخى   خەرىتىلەرنى   ئويدۇرۇپ  سىزىۋىرىدۇ؟

    0

    تېما

    0

    دوست

    137

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 16:30:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قالتىس ئېسىل تېما بوپتۇ

    2

    تېما

    0

    دوست

    158

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 21:03:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    باتۇر قەھرىمان
    يىڭى  يازمىلارنى  تىز راق يوللاڭلا

    3

    تېما

    3

    دوست

    482

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-5-4 10:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نىمىشقا   شۇنچىۋالا  كۆپ  قېتىم  ئوت  ئاپىتى  بولغان  بولغىيدى ؟؟؟  ئىسىل  تېما  ئىكەن  .  كۆپ  نەرسىلەرنى  بىلۋالدىم .

    0

    تېما

    0

    دوست

    77

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 13:36:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئوسمان ئېمپىريىسى تەختىدە ئولتۇرغان ۋە ئىسلامنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن ئەزىز جانلىرىدىن كەچكەن بارلىق ئوسمانلى باتۇرلىرىغا  ئاللاھدىن رەھمەت ۋە مەغفىرەت تىلەيمەن  

    باھا سۆز

    سالمان  ئامىن  يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 14:19

    46

    تېما

    34

    دوست

    3758

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 15:11:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئوسمان ئېمپىريىسى ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.........
    ئوسمان ئېمپىريىسىنىڭ ياقۇپبەگ دەۋرىدە دىيارىمىزنى ئۆز تەۋەلىكىگە ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنماپتا؟؟

    119

    تېما

    9

    دوست

    5057

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 16:27:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاقسۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-12-8 15:11
    ئوسمان ئېمپىريىسى ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيد ...

    ئۆز تەۋەلىكىگە ئالدى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ،ياقۇپ بەگگە قىسمەن ياردەم قىلغانلىقى ۋە بىر ئوفىسىرىنى ئەۋەتكەنلىكى تىلغا ئىلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىتلار ئىمپىرىيىنىڭ ھۇلى بوشاپ قالغان مەزگىللەر ئىدى،ھەم چارروس ئوسمانىلارنىڭ تەسىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپلەرگە كىڭەيتىشىگە ھەرگىز قاراپ تۇرمايتى.
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 05:46 , Processed in 0.426146 second(s), 34 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش