ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 178|ئىنكاس: 0

1878-يىلدىن 1949-يىلغىچە شىنجاڭغا رەئىس بولغانلار تىزىملىكى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 1

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-17 16:33:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

   مىلادى 1878-يىلى ياقۇپبەگ<بەدۆلەت>نىڭ يەتتە شەھەر ھاكىمىيىتى تارمار قىلىندىن كېيىن،زوزۇڭتاڭنىڭ تەكلىپى بويىچە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1884-يىلى <گۇئاڭشۈينىڭ 10-يىلى> شىنجاڭنى رەسمىي يوسۇندا شىنجاڭ ئۆلكىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 1949-يىلى شىجاڭ تىنچ ئازاد بولغانغا قەدەر 65يىل ئارىلىقتا شىنجاڭ ئۆلكىسىگە سەييارە سىلاۋچى ۋە رەئىس بولغانلارنىڭ ئىسىملىكى ۋە يىلنامىسى تۆۋەندىكىچە:
1884  -يىلى<گۇڭشۈينىڭ 10-يىلى>شىنجاڭ رەسمىي ئۆلكە بولۇپ قۇرۇلغاندا،چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ليۇجىڭتاڭنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە تۇنجى سەييارە سىلاۋچىلىققا تەيىنلىدى.

1889-يىلى <گۇڭشۈينىڭ 14-يىلى>ليۇجىڭتاڭ رۇخسەت سوراپ ئىچكىرىگە قايتقاندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئورنىغا ۋېي گۇئاڭتاۋ مۇۋەققەت سەييارە سىلاۋچىلىققا تەيىنلەندى.

1891-يىلى<گۇڭشۈينىڭ 17-يىلى>چىڭ ھۆكۈمىتى شەنشى ۋالىسى تاۋمۇنى شىنجاڭ ئۆلكىسىگە سەييارە سىلاۋىچىلىققا تەيىنلەپ ئەۋەتتى.

1895-يىلى <گۇئاڭشۈينىڭ 21-يىلى>شىنجاڭنىڭ مەمۇرىي ۋالىسى رۇيىنجى ئۆستۈرۈلۈپ تاۋمۇنىڭ ئورنىغا سەييارە سىلاۋچى بولدى.

1902-يىلى<گۇئاڭشۈينىڭ 28-يىلى>شىنجاڭنىڭ پەرمانچىسى فەن شاۋسۇ ئۆستۈرۈلۈپ رۇيىنجىنىڭ ئورنىغا شىنجاڭنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى بولۇپ تەيىنلەندى.

1905-يىلى<گۇئاڭشۈينىڭ 31-يىلى>چىڭ ھۆكۈمىتى ئەنخۇينىڭ سەييارە سىلاۋچىسى لەنكۇينى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ سەييارە سىلاۋچىلىقىغا تەيىنلەندى.

1910-يىلى<شۈئەنتوڭنىڭ 2-يىلى>سەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سەييارە سىلاۋچىسى يۈئەن داخۇئانى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ سەييارە سىلاۋچىلىقىغا تەيىنلىدى.

1912-يىلى <مىنگونىڭ 1-يىلى>يۈئەن داخۇئا رۇخسەت سوراپ ئىچكىرىگە قايتىقاندىن كېيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى ۋالىسى،قوشۇمچە مۇپەتتىش ياڭ زېڭشىننى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇتۇقى قىلىپ تەيىنلىدى.

1928-يىلى<مىنگۇنىڭ 17-يىلى>ياڭ زېڭشىن فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن،ئىچكى ئىشلار نازىرى جىن شۇرىن فەن ياۋنەننى يوقىتىپ،ياڭ زېڭشىننىڭ ئورنىغا ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولدى.

1933-يىلى<مىنگونىڭ 22-يىلى>12-ئاپرىل سىياسىي ئۆزگۈرۈشى د جىن شۇرىن ھاكىمىيتى ئاغدۇرۇلۇپ،ئۇنىڭ ئورنىغا شېڭ شىسەي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ،دوبەن نامى بىلەن ئىش يۈرگۈزدى.بۇ چاغدا ئۆلكە رەئىسى لى روڭ،مۇئاۋىن رەئىس خوجىنياز ھاجى بولدى.1938-يىلىغا كەلگەندە شېڭ شىسەي رەئىس،مۇئامىن رەئىسلەرنى بىراقلا قولغا ئېلىپ يوقىتىپ،ئۆزى ھەم دوبەن ھەم رەئىس بولۇپ،پۈتۈن ھوقۇقنى قولىغا ئېلىۋالدى.

1944-يىلى<مىنگونىڭ34-يىلى>9-ئايدا شېڭ شىسەي شىنجاڭدىن كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ،ۋەزىپىسىنى جۇشياۋلياڭغا ۋاقىتلىق تاپشۇرغاندىن كېيىن،قورچاق نەنجىڭ ھۆكۈمىتى ۋۇجوڭشىننى ئۆلكە رەئىسى قىلىپ ئەۋەتتى.

194-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرەپ بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا 11ماددىلىق تىنىچلىق بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن،دېموكراتىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى،ئۆلكە رەئىسلىكىگە جاڭ جىجوڭ<قوشۇمچە>،مۇئاۋىن رەئىسلىكىكە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بۇرھان شەھىدى سايلاندى.

1947-يىلى 5-ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى 11 بىتىمگە خىلاپ ھالدا بىر تەرەپلىمىلىك قارار ماقۇللاپ،ئۆلكە رەئىسلىكىگە مەسۇت سەبىرنى تەيىنلىدى.شۇنىڭ بىلەن 11 بىتىم بۇزۇلۇپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت پارچىلاندى.

1949-يىلى 1-ئايدا مەسۇت سەبىرى رەئىسلىكتىن قالدۇرۇلۇپ،بۇرھان شەھىدى ئۆلكە رەئىسى-مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا مۇئاۋىن رەئىس بولۇپ تەيىنلەندى.شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى گۇئاڭجۇ قورچاق گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ،ششەرەپلىك ھالدا تىنىچ ھەقىقەتكە ئۆتۈپ،جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلدى.

ئىزاھات:يۇقارقىلار شېرىپ خۇشتارنىڭ<شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر كىشىلەر>ناملىق كىتابىنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدىن ئېلىنغان.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|Uyghur history website ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-2-26 06:03 , Processed in 0.046580 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش