جۇڭخۇاخەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ( 1984 - يىل 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى 6 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلققۇرۇلتىيى 2 - يىغىنىدا ماقۇللانغان ، 2001 - يىل 2 - ئاينىڭ 28 - كۈنى 9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىكخەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 20 - سانلىقيىغىنىنىڭ << < جۇڭخۇا خەلقجۇمﻬۇرىيىتىنىڭ مىللىيتېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى > >>غا تۈزىتىشكىرگۈزۈشتوغرىسىدىكى قارارى >>غا ئاساسەن تۈزىتىلگەن ) سۆز بېشى جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتى _ مەملىكىتىمىزدىكى ﻫەرمىللەت خەلقى بىرلىكتەبەرپا قىلغان كۆپ مىللەتلىك بىر پۈتۈن دۆلەت . مىللىيتېررىتورىيىلىكئاپتونومىيە _ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەملىكىتىمىزدىكىمىللىيمەسىلىنى ماركسىزم - لېنىنىزم بىلەن ﻫەل قىلىدىغان تۈپ سىياسىتى ، دۆلەتنىڭتۈپ بىر سىياسىي تۈزۈمى .
مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش رەﻫبەرلىكىدە ، ئازسانلىقمىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا تېررىتورىيىلىكئاپتونومىيىنى يولغا قويۇپ ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنى تەسىس قىلىپ ، ئاپتونومىيە ﻫوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دېمەكتۇر . مىللىي تېررىتورىيىلىكئاپتونومىيىنىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭئۆزىنىڭ ئىچكىئىشلىرىنى باشقۇرۇش ﻫوقۇقىغا تولۇق ﻫۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىكقىلىدۇدېگەن روﻫنى گەۋدىلەندۈردى ، دۆلەتنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكى ، ئىتتىپاقلىقىۋە ئورتاق گۈللىنىشى پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنىگەۋدىلەندۈردى .
مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويۇش ﻫەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزئىشىغا ئۆزىخوجا بولۇش ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇشتا ، باراۋەرلىك ، ئىتتىپاقلىق ، ﻫەمكارلىقئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋەتنىراۋاجلاندۇرۇشتا ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىمۇستەﻫكەملەشتە ، مىللىيئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭسوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور رولئوينىدى . بۇنىڭدىن كېيىن ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىقەتئىيداۋاملاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ ، بۇ تۈزۈمنىڭ دۆلىتىمىزنىڭسوتسىيالىستىكزامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى جەريانىدىكى تېخىمۇ رولىنى جارىقىلدۇرۇش لازىم .
ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى قەتئىي يولغاقويۇشئۈچۈن ، مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن ۋەسىياسەتلىرىنى ئۆز يېرىنىڭئەمەلىي ئەﻫۋالىغا قاراپ ئىزچىل ئىجرا قىلىشىغاﻫەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ؛ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ﻫەر دەرىجىلىككادىرلىرىنى ، تۈرلۈك كەسپىي خادىملىرىنى ۋەتېخنىك ئىشچىلىرىنى كۆپلەپيېتىشتۈرۈش لازىم ؛ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ئۆز كۈچىگەتايىنىپ ئىشكۆرۈش ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىش روﻫىنى جارى قىلدۇرۇپ ، ئۆزجايلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى تىرىشىپ راۋاجلاندۇرۇپ ، دۆلەتنىڭقۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈچۈن تۆﻫپە قوشۇشى كېرەك ؛ دۆلەت خەلق ئىگىلىكىتەرەققىياتى بىلەنئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن مىللىيئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئىقتىسادىيتەرەققىياتىنى ۋە مەدەنىيەتتەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىدۇ . مىللەتلەرئىتتىپاقلىقىنى قوغداش كۈرىشىدە ، چوڭ مىللەتچىلىككە ، ئاساسلىقىچوڭخەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش لازىم ، يەرلىك مىللەتچىلىككىمۇ قارشى تۇرۇش لازىم .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى ﻫەر مىللەت خەلقى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىبىلەنبىرلىكتە ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەﻫبەرلىكىدە ، ماركسىزم - لېنىنىزم ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسىنىڭيېتەكچىلىكىدە خەلق دېموكراتىيىسىدىكتاتۇرىسىدا ، ئىسلاﻫات ئېلىپ بېرىش ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ ، جۇڭگوچەسوتسىيالىزم قۇرۇش يولىنى بويلاپ ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىكزامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئېلىپبېرىپ ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىراۋاجلاندۇرۇپ ، سوتسىيالىستىكدېموكراتىيە ۋە قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى ، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىكقۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، مىللىي ئاپتونومىيىلىكجايلارنىڭ ئىقتىسادىيتەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ ، شۇجايلارنىئىتتىپاقلاشقان ، گۈللەنگەن مىللىي ئاپتونومىيىلىك جاي قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى ، مىللەتلەرنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش ، مەملىكىتىمىزنى باي - قۇدرەتلىك ، دېموكراتىك ، مەدەنىي سوتسىيالىستىك مەملىكەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈنتىرىشىپ كۈرەش قىلىشى لازىم .
<< جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيەقانۇنى >> ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن مىللىي تېررىتورىيىلىكئاپتونومىيە تۈزۈمىنىيولغا قويىدىغان نېگىزلىك قانۇندۇر .
بىرىنچى باب
1 - ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيەقانۇنىجۇڭخۇا خەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن تۈزۈلدى .
2 - ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا مىللىيتېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيە يولغا قويۇلىدۇ .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ئاپتونوم رايون ، ئاپتونوم ئوبلاست ، ئاپتونومناﻫىيىلەرگەبۆلۈنىدۇ . مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ﻫەممىسى جۇڭخۇاخەلق جۇمﻬۇرىيىتىنىڭئايرىلماس قىسمىدۇر .
3 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردا ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەسىسقىلىنىدۇ ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ بىر دەرىجىلىك يەرلىك ﻫاكىمىيەتئورگانلىرىدۇر .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىدا دېموكراتىيە - مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ .
4 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى يەرلىكدۆلەتئورگانلىرى ئاساسىي قانۇننىڭ ئۈچىنچى باب 5 - پاراگرافىدا بەلگىلەنگەنخىزمەت ﻫوقۇقىنىيۈرگۈزىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ، ئاساسىي قانۇندا ۋە مۇشۇقانۇندا ، شۇنىڭدەك باشقاقانۇنلاردا بەلگىلەنگەن ﻫوقۇق دائىرىسى بويىچەئاپتونومىيە ﻫوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ، دۆلەتنىڭ قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ئۆزجايىنىڭ ئەمەلىي ئەﻫۋالىغا قاراپ ئىزچىللاشتۇرىدۇۋە ئىجرا قىلىدۇ .
ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تەۋەسىدە رايون ، ناﻫىيە بولغانشەﻫەرلەرقاتارىدا يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت ﻫوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ ، شۇنىڭ بىلەنبىللە ئاپتونومىيە ﻫوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ .
5 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭبىرلىكىنىقوغدىشى ، ئۆز جايىدا ئاساسىي قانۇن ۋە باشقا قانۇنلارنىڭ رىئايەقىلىنىشىغا ۋە ئىجراقىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .
6 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ﻫەر مىللەتخەلقىگەرەﻫبەرلىك قىلىپ ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سوتسىيالىستىكزامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىئېلىپ بارىدۇ .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ ئەﻫۋالىغاقاراپ ، ئاساسىي قانۇنغا ۋە قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلماسلىق پرىنسىپى ئاستىدا ، ئالاﻫىدە سىياسەتۋە جانلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، مىللىي ئاپتونومىيىلىكجايلارنىڭ ئىقتىسادىيقۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرىنىڭتەرەققىياتىنى تېزلىتىشكە ﻫوقۇقلۇق .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭيېتەكچىلىكىدە ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ ، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى ۋەئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىزئۆستۈرۈپ ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىراۋاجلاندۇرۇپ ، ﻫەر قايسىمىللەتلەرنىڭ ماددىي تۇرمۇش سەۋىيىسىنىپەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى مىللىي مەدەنىيەتنىڭئېسىلئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ ، مىللىيئالاﻫىدىلىككە ئىگەسوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىپ ، ﻫەر مىللەتخەلقىنىڭ سوتسىيالىستىكئېڭىنى ۋە پەن - مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىزئۆستۈرىدۇ .
7 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭئومۇمىيمەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەتئورگانلىرى تاپشۇرغانتۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى پائال ئورۇندىشى لازىم .
8 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىكجايلاردىكىئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ﻫوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىگەكاپالەتلىك قىلىدۇ ﻫەمدەمىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئالاﻫىدىلىكىگە ۋەئېﻬتىياجىغا قاراپ ، ئۇلارنىڭسوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭتەرەققىياتىنى تېزلىتىشىگە تىرىشىپ ياردەم بېرىدۇ .
9 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە مىللىي ئاپتونومىيىلىكجايلارنىڭ ئاپتونومىيەئورگانلىرى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ، ئىتتىپاقلىق ، ﻫەمكارلىق ئاساسىدىكىسوتسىيالىستىك مىللىي مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋەراۋاجلاندۇرىدۇ ، ﻫەر قانداقمىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئىي قىلىدۇ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغانۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيداقىلىدىغان قىلمىشلارنى مەنئىي قىلىدۇ .
10 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆزجايىدىكىمىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقىنى قوللىنىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشئەركىنلىكىگە ، ئۆزلىرىنىڭئۆرپ - ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ياكى ئىسلاﻫ قىلىشئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ .
11 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ﻫەرمىللەتپۇقرالىرىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ .
ﻫەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ، جامائەت تەشكىلاتى ۋە شەخس پۇقرالارنى دىنغائېتىقادقىلىشقا ياكى ئېتىقاد قىلماسلىققا زورلىماسلىقى ، دىنغا ئېتىقادقىلىدىغانپۇقرالارنىمۇ ، دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇكەمسىتمەسلىكى لازىم .
دۆلەت نورمال دىنىي پائالىيەتلەرنى قوغدايدۇ .
ﻫەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلىنىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزىدىغان ، پۇقرالارنىڭسالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ، دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگەتوسقۇنلۇق قىلىدىغانﻫەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇلمايدۇ .
دىنىي تەشكىلاتلار ۋە دىنىي ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بېقىنمايدۇ .
ئىككىنچى باب مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭتەشكىل قىلىنىشى
12 - ماددا ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا شۇ جايدىكىمىللىيمۇناسىۋەتنى ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ۋە باشقا شارائىتلارنى ئاساسقىلىپ ﻫەمدەتارىخىي ئەﻫۋالنى ﻫېسابقا ئېلىپ ، بىر ياكى بىر قانچە ئازسانلىق مىللەت توپلىشىپئولتۇراقلاشقان رايوننى ئاساس قىلغان ئاپتونومىيىلىكجاي قۇرۇلسا بولىدۇ .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار دائىرىسىدىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرتوپلىشىپئولتۇراقلاشقان جايلاردا شۇنىڭغا مۇناسىپ ئاپتونومىيىلىك جايلار ياكىمىللىي يېزىلارقۇرۇلىدۇ .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەﻫۋالىغا قاراپ ، خەنزۇياكى باشقامىللەت ئاﻫالىسى ئولتۇراقلاشقان بىر قىسىم ئاﻫالىلەر رايونلىرىنىۋە شەﻫەر - بازارلارنىئۆز ئىچىگە ئالسا بولىدۇ .
13 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ نامى ، ئالاﻫىدە ئەﻫۋاللارنىﻫېسابقائالمىغاندا ، يەر نامى ، مىللەت نامى ، مەمۇرىي ئورۇن تەرتىپىبويىچە تۈزۈلىدۇ .
14 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى ، رايونچېگرىسىنىڭئايرىلىشىنى ، نامىنىڭ تۈزۈلۈشىنى يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەتئورگانلىرىئالاقىدار يەرلىك دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئالاقىدار مىللەتنىڭ ۋەكىللىرىبىلەنتولۇق كېڭىشىپ بەلگىلەيدۇ ، ئۇنى قانۇندا بەلگىلەنگەن رەسمىيەت بويىچەمەلۇمقىلىپ تەستىقلىتىدۇ .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار قۇرۇلغاندىن كېيىن ، شۇ جايلارنى قانۇندابەلگىلەنگەنتەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ياكىقوشۇۋېتىشكە بولمايدۇ ؛ مىللىيئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ رايون چېگرىسىبەلگىلەنگەندىن كېيىن ، ئۇنى قانۇندابەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ؛ ﻫەقىقەتەن ئەمەلدىنقالدۇرۇشقا ، قوشۇۋېتىشكە ياكىئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە ، يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەتئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدارتارماقلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىبىلەنتولۇق كېڭىشىپ بەلگىلىگەندىن كېيىن ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپبويىچەتەستىقلىتىدۇ .
15 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق ، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ۋە ئاپتونوم ناﻫىيىلىكخەلققۇرۇلتايلىرى ۋە خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭئاپتونومىيەئورگانلىرىدۇر .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق ﻫۆكۈمەتلىرى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىكخەلققۇرۇلتايلىرى ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى دۆلەت مەمۇرىي ئورگانلىرىئالدىدا جاۋابكاربولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ ، ئۆزى بىلەنتەڭ دەرىجىلىك خەلققۇرۇلتايلىرىنىڭ يىغىنلىرى ئارىلىقىدا ، شۇ دەرىجىلىكخەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىيكومىتېتلىرى ئالدىدا جاۋابكار بولىدۇ ۋەئۇلارغا ئۆز خىزمىتىدىن دوكلات بېرىدۇ . مىللىيئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلقﻫۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ بىر تۇتاش رەﻫبەرلىكىدىكىدۆلەت مەمۇرىيئورگانلىرىدۇر ، ئۇلار گوۋۇيۈەنگە بويسۇنىدۇ .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلى ۋەخىزمىتى ئاساسىيقانۇنغا ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن ، مىللىي ئاپتونومىيىلىكجايلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزامىداياكى ئايرىم نىزاملىرىدا بەلگىلىنىدۇ .
16 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ، تېررىتورىيىلىكئاپتونومىيىنى يولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەكىللىرى بولغاندىنتاشقىرى ، شۇ مەمۇرىيرايوندا ئولتۇراقلاشقان باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مۇۋاپىقساندا ۋەكىلى بولۇشى كېرەك .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرىدا ، تېررىتورىيىلىكئاپتونومىيىنىيولغا قويغان مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن باشقا ئاز سانلىق مىللەتۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋەنىسبىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن پرىنسىپلارغا ئاساسەن ، ئۆلكىلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلىك خەلققۇرۇلتايلىرىنىڭ دائىمىي كومىتېتى بەلگىلەيدۇﻫەمدە ئۇنى مەملىكەتلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدا ئەنگە ئالدۇرىدۇ .
مىللىي ئاپتنومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭمۇدىر ياكىمۇئاۋىن مۇدىرلىقىنى ئۆتىگۈچىلەر ئىچىدە تېررىتورىيلىكئاپتونومىيىنى يولغا قويغانمىللەتنىڭ پۇقرالىرى بولۇشى كېرەك .
17 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى ، ئاپتونومناﻫىيىنىڭ ﻫاكىمى تېررىتورىيلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغانمىللەتنىڭپۇقرالىرىدىن بولىدۇ . ئاپتونوم رايونلۇق ، ئاپتونوم ئوبلاستلىق ، ئاپتونومناﻫىيىلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ تەركىبىدىكى باشقا خادىملار تېررىتورىيىلىكئاپتونومىيىنىيولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭخادىملىرىدىن مۇۋاپىقسەپلىنىشى كېرەك .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىدە ئاپتونوم رايوننىڭرەئىسى ، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ باشلىقى ، ئاپتونوم ناﻫىيىنىڭ ﻫاكىمى مەسئۇلبولۇش تۈزۈمى يولغاقويۇلىدۇ . ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ، ئاپتونومئوبلاستنىڭ باشلىقى ، ئاپتونومناﻫىيىنىڭ ﻫاكىمى شۇ دەرىجىلىك خەلقﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىگە ئايرىم - ئايرىمرىياسەتچىلىك قىلىدۇ .
18 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىقارىمىقىدىكى خىزمەتتارماقلىرىنىڭ كادىرلىرى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىيولغا قويغان مىللەتنىڭ ۋەباشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خادىملىرىدىنمۇۋاپىق سەپلىنىشى كېرەك .
ئۈچىنچى باب ئاپتونومىيە ئورگانلىرىنىڭ ئاپتونومىيە ﻫوقۇقى
19 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتايلىرى شۇجايدىكىمىللەتلەرنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي جەﻫەتتىكى ۋە مەدەنىيەتجەﻫەتتىكىئالاﻫىدىلىكىگە ئاساسەن ، ئاپتونومىيە نىزاملىرىنى ۋە ئايرىم نىزاملارنىتۈزۈپچىقىشقا ﻫوقۇقلۇق . ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئاپتونومىيە نىزاملىرى ۋەئايرىمنىزاملىرى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭتەستىقىدىنئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ . ئاپتونوم ئوبلاست ، ئاپتونومناﻫىيىلەرنىڭ ئاپتونومىيە نىزاملىرى ۋە ئايرىم نىزاملىرى ئۆلكىلىك ، ئاپتونومرايونلۇق ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىيكومىتېتىنىڭتەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ ﻫەمدەمەملىكەتلىك خەلققۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە گوۋۇيۈەنگە ئەنگەئالدۇرۇلىدۇ .
20 - ماددا يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قارار ، بېكىتمە ، بۇيرۇقۋەيوليورۇقلىرى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەﻫۋالىغا ئۇيغۇنكەلمىگەندە ، ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەتئورگانلىرىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىنكېيىن ، جانلىق ئىجرا قىلسا ياكى ئىجراقىلىشنى توختاتسا بولىدۇ ؛ شۇ يۇقىرىدەرىجىلىك دۆلەت ئورگانلىرى دوكلاتنىتاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 60 كۈن ئىچىدە جاۋابقايتۇرۇشى لازىم .
21 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆزۋەزىپىلىرىنىئىجرا قىلىشتا ، شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭئاپتونومىيە نىزامىدىكى بەلگىلىمەبويىچە ، شۇ جايدا كەڭ قوللىنىلىدىغانبىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنىئىشلىتىدۇ ؛ ئۆز ۋەزىپىسىنىئىجرا قىلىشتا كەڭ قوللىنىلىدىغان بىر نەچچە خىل تىل - يېزىقنى تەڭئىشلىتىدىغان ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنىيولغاقويغان مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى ئاساس قىلسا بولىدۇ .
22 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرىسوتسىيالىستىكقۇرۇلۇشنىڭ ئېﻬتىياجى بويىچە ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، شۇ جايدىكىمىللەتلەردىن ﻫەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ، پەن - تېخنىكاخادىملىرى ، ئىگىلىكباشقۇرۇش خادىملىرى قاتارلىق تۈرلۈك كەسپىي خادىملارنىۋە تېخنىك ئىشچىلارنى كۆپلەپيېتىشتۈرىدۇ ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارىقىلدۇرىدۇ ﻫەمدە ئاز سانلىق مىللەتئاياللىرىدىن ﻫەر دەرىجىلىك كادىرلارنى ۋەتۈرلۈك كەسپىي ، تېخنىك خادىملارنىيېتىشتۈرۈشكە ئەﻫمىيەت بېرىدۇ .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى خىزمەتچى خادىملارنىقوبۇلقىلىپ ئىشلىتىش ۋاقتىدا ، تېررىتورىيىلىك ئاپتونومىيىنى يولغا قويغانمىللەتنىڭ ۋەباشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خادىملىرىغا مۇۋاپىق ئېتىباربېرىشى كېرەك .
مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى تۈرلۈك كەسپىيخادىملارنىئېتىبار بېرىش ، رىغبەتلەندۈرۈش يولى بىلەن ئاپتونومىيىلىكجايلارنىڭ قۇرۇلۇشئىشلىرىغا جەلپ قىلىش ئۈچۈن ئالاﻫىدە تەدبىرلەرنى قوللانسابولىدۇ .
23 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلاردىكى كارخانىلار ، كەسپىي ئورۇنلاردۆلەتنىڭبەلگىلىمىسى بويىچە ئادەم ئېلىش ۋاقتىدا ، ئالدى بىلەن ئاز سانلىقمىللەتتىن ئېلىشىلازىم ﻫەمدە يېزىلاردىكى ۋە چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئازسانلىق مىللەت ئاﻫالىسىدىنئالسا بولىدۇ .
24 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭﻫەربىيتۈزۈمى ۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئېﻬتىياجىغا قاراپ ، گوۋۇيۈەننىڭتەستىقىدىن ئۆتكۈزۈپ ، ئۆز جايىنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايدىغان جامائەتخەۋپسىزلىكى قىسىملىرىنى تەشكىلقىلسا بولىدۇ
25 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيەئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، ئۆز جايىنىڭ ئالاﻫىدىلىكىگە ۋە ئېﻬتىياجىغاقاراپ ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ فاڭجېن ، سىياسەت ۋە پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ ، يەرلىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ . 26 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى سوتسىيالىزم پرىنسىپىداچىڭ تۇرۇش شەرتى ئاساسىدا ، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىيتەرەققىيات ئالاﻫىدىلىكىگە ئاساسەن ، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئىقتىسادىيقۇرۇلمىنى مۇۋاپىق تەڭشەيدۇ ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى تىرىشىپراۋاجلاندۇرىدۇ . مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئومۇمىيمۈلۈكچىلىكى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان ، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكى بىرلىكتەراۋاجلاندۇرۇلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرىدۇ ، ئومۇمىيمۈلۈكچىلىكتىكىدىن باشقا ئىگىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئىلﻬام بېرىدۇ . 27 - ماددامىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىملەرگەئاساسەن ، ئۆز تەۋەسىدىكى يايلاق ۋە ئورمانلارغا ئىگىدارلىق قىلىش ﻫوقۇقىنى ۋە ئۇلاردىنپايدىلىنىش ﻫوقۇقىنى بەلگىلەيدۇ . مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيەئورگانلىرى يايلاق ۋە ئورمانلارنى مۇﻫاپىزەت قىلىدۇ ۋە بەرپا قىلىدۇ . كۆچەت - جىرىمتىكىش ۋە ئوت - چۆپ تېرىشقا تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ ۋە ئىلﻬام بېرىدۇ . ﻫەر قانداقتەشكىلات ياكى شەخسنىڭ يايلاق ۋە ئورمانلارغا ﻫەر قانداق ۋاسىتە بىلەن بۇزغۇنچىلىقىقىلىشىنى مەنئىي قىلىدۇ . يايلاق ۋە ئورمانلاردا ئوت - چۆپ ۋە دەل - دەرەخلەرنى ۋەيرانقىلىپ تېرىلغۇ يەر ئېچىشنى مەنئىي قىلىدۇ . 28 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىكجايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، ئۆز تەۋەسىدىكىتەبىئىي بايلىقلارنى باشقۇرىدۇ ۋە ئاسرايدۇ . مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭئاپتونومىيە ئورگانلىرى قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ۋە دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئومۇمىيپىلانىغا ئاساسەن ، ئۆزى ئاچالايدىغان تەبىئىي بايلىق مەنبەسىنى ئالدى بىلەن مۇۋاپىقئاچىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ . 29 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەت پىلانىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، ئۆز جايىنىڭ مالىيە كۈچىگە ، ماددىي كۈچىگە ۋە باشقا كونكرېت شارائىتىغا قاراپ ، يەرلىك ئاساسىي قۇرۇلۇشتۈرلىرىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . 30 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز تەۋەسىدىكى كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنى ئۆز ئالدىغاباشقۇرىدۇ . 31 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىگەبىنائەن ، تاشقىي ئىقتىسادىي پائالىيەت ۋە سودا پائالىيىتىنى قانات يايدۇرسا بولىدۇ ، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقىنى ئېلىپ ، تاشقى سودا ئېغىزلىرىنى قۇرسا بولىدۇ . چەت ئەللەربىلەن چېگرىداش مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن چېگراسودىسىنى قانات يايدۇرىدۇ . مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار تاشقى ئىقتىساد - سوداپائالىيەتلىرىدە دۆلەتنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەﻫرىمەن بولىدۇ . 32 - ماددامىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مالىيىسى بىر دەرىجىلىك مالىيىدۇر ، دۆلەتمالىيىسىنىڭ تەركىبىي قىسمىدۇر . مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيەئورگانلىرى يەرلىك مالىيىنى باشقۇرىدىغان ئاپتونومىيە ﻫوقۇقىغا ئىگە . دۆلەتنىڭمالىيە تۈزۈلمىسى بويىچە مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارغا تەئەللۇق بولغانلىكى مالىيەكىرىمىنى مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز ئالدىغائورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ . مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىرتۇتاش مالىيە تۈزۈلمىسى ئاساسىدا ، دۆلەتنىڭ مالىيىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىشنىڭقېلىپلاشقان تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيىنىڭ ئېتىباربېرىشىدىن بەﻫرىمەن بولىدۇ . مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ مالىيە خام چوتچىقىمىدا ، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ، ئېﻬتىيات مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ، بۇجايلارنىڭ زاپاس خىراجىتىنىڭ خام چوتتا ئىگىلەيدىغان نىسبىتى ئادەتتىكىرايونلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ . مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيەئورگانلىرى مالىيە خام چوتىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ، ئارتۇق كىرىم بولغان ۋەچىقىمدىن تېجەلگەن مەبلەغنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ . 33 - ماددامىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئۆز جايىنىڭ تۈرلۈك چىقىمئۆلچەملىرى ، ئىشتاتى ۋە نورمىسى توغرىسىدا دۆلەت بەلگىلىگەن پرىنسىپلارغا ئاساسلىنىپۋە ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەﻫۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ، قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېتچارىلەرنى تۈزۈپ چىىدۇ . ئاپتونوم رايون تۈزگەن قوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېتچارىلەرنى گوۋۇيۈەنگە ئەنگە ئالدۇرۇلىدۇ ؛ ئاپتونوم ئوبلاست ، ئاپتونوم ناﻫىيىلەر تۈزگەنقوشۇمچە بەلگىلىمە ۋە كونكرېت چارىلەرنى ئۆلكىلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ، بىۋاسىتەقاراشلىق شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈش شەرت . 34 - ماددامىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ باج قانۇنىنى ئىجراقىلىشتا ، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانۋە كېمەيتىپ ئېلىنىدىغان تۈرلەردىن باشقا ، يەرلىك مالىيە كىرىمىگە تەئەللۇق بولغانﻫەم باج جەﻫەتتىن ئېتىبار بېرىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش زۆرۈر بولغان بەزى تۈرلەردىنئېلىنىدىغان باجنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش يولىنى تۇتسا بولىدۇ . ئاپتونومئوبلاست ، ئاپتونوم ناﻫىيىلەر باجنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى بەلگىلەشتە ، ئۆلكىلىك ، ئاپتونوم رايونلۇق ، بىۋاسىتە قاراشلىق شەﻫەرلىك خەلق ﻫۆكۈمەتلىرىنىڭتەستىقىنى ئېلىشى شەرت . 35 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلار ئۆز جايىنىڭئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېﻬتىياجىغا ئاساسەن ، قانۇنلاردىكى بەلگىلىمەبويىچە ، يەرلىك سودا بانكىلىرىنى ۋە شەﻫەر - يېزا ئامانەت - قەرز ﻫەمكارلىقتەشكىلاتلىرىنى تەسىس قىلسا بولىدۇ . 36 - ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭئاپتونومىيە ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىغا ۋە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگەئاساسەن ، ئۆز جايىنىڭ مائارىپ پىلانىنى ، ﻫەر دەرىجىلىك ، ﻫەر خىل مەكتەپلەرنىڭ تەسىسقىلىنىشىنى ، ئوقۇتۇش تۈزۈمىنى ، مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىنى ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ، ئوقۇتۇشتا قوللىنىلىدىغان تىلنى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى بەلگىلەيدۇ.. داۋامىنى كۆرگۈڭلار بارمۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ |