923| 10
|
تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى |
|
تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
بايرىقى زىمىنى
تاتارىستاننىڭ يەر مەيدانى68000 كۋادرات كىلومېتىر.(ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 24 تىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ) نوپۇسى (2005.يىلدىكىمەلۇمات) 3.642.000.
تاتارلار 13-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىنبۇ رايونغا كەلگەن تۈركى مىللەتلەرگە مەنسۇپ قىپچاقلارنىڭ بىر قولىدۇر. 922-يىلىئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى ۋە قېرىمدىن سىبىريىگىچە سوزۇلغان پايانسىز زېمىنلاردا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇردى. 15-ئەسىردە ئاقساق تۆمۈرنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقتىن خانلىق پارچىلاندى. قازان،قېرىم، قاسىم، ئاستىراخان، نوغاي خانلقلىرى ئورنىغا چىقتى. تاتار خانلىقلىرىنى بىر-بىرلەپ يۇتۇش ئارقىلىق كۈچەيگەن رۇس كىنەزلىكى 1552-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىتۈركى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۈشۈگىدىن بىرسى بولغان قازاننى ۋەتاتارسىتاننىڭ زېمىنىنى ئى%شغال قىلدى. تاتارىستاندا رۇسلارغابولغان قوراللىق قارشىلىق ھەرىك$ەتلىرى توختاپ قالمىدى. 1917-يىل، رۇسسىيەدەبولشىۋىك ئىنقىلابى باشلانغاندا، تاتارلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. 1917-يىلى6-ئايدا رۇسىيە-سىبىرىيە تاتار قۇرۇل$تىيى قازاندا ئېچىلدى. 120 كىشىلىك خەلققۇرۇل$تىيى ۋەكىللىرى سايلاندى. خەلق قۇرۇل$تىيى “مۇسۇلمان تۈرك-تاتارمۇختا$رىيىتى”نى ئېلان قىلدى. 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى “ئىدىل-ئۇرال دۆلىتى”قۇرۇلغانلىقىجاكالاندى. بۇ دۆلەت 1918-يىلى بولشېۋىكلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى.بولشېۋىكلار مەۋجۇت تاتارىستاننى ئىككى گە بۆلۈپ، بىرىنىڭ ئىسمىنىباشقۇرۇتسىتان(باشقۇرت-بۆرىنىڭ باشلۇغۇچىسى ياكى بۆرىنىڭ سەركىسى-دېمەكتۇر)ئاتىدى. باشقۇرتىستان سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1919-يىلى3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاتارىستان سوۋىت سوتسالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1920-يىلى5-ئاينىڭ20-كۈنى ئېلان قىلىندى. تاتارىستان نوپۇسىنىڭ 53%تاتار.(1991-يىلى 46% ئىدى)، 40% رۇس. 3.5% چۇۋاش (تۈركى خەلقلەرنىڭ بىر تۈرى)،قالغان قىسمى باشقا ئېتنىك مىللەتلەردىن تەركىب تاپماقتا. تاتارىستان زېمىنىدېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا مۇۋاپىق، ھۆل-يېغىن مول بولغان بىر مەملىكەت. سانائەتجەھەتتە، نېفىت ئايرىش، گاز، خمىيەۋى ئوغۇت، ئايروپىلان، ماشىناسازلىق، كومپيۇتېر،پاراخۇت، تۆمۈر-پولات، پىلاستىك ...سانائەت تەرەققىياتى دۇنيا بىلەن رىقابەت قىلىشكۇچىغا ئىگە. تاتارىستان 1994-يىلى موسكۋا بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئارقىلىق، يەر ئۈستى-يەر ئاستىبايلىقلىرىنى ئۆزى ئېچىش ۋە سېتىش ھوقۇقىنى تامامەن ئۆز كونترولىغا ئالغان ئىدى.يىللىق ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نېفىت مىقدارى 100 مىليون توننادىن ئارتۇق. 1995-يىلى تاتارىستانپارلامېنتى چەتئەللىك مەبلەخ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىلىدىغان يېڭى قانۇنلارنىچىقاردى. چەتەللىكلەرگە ئۆي، يەر-زىمىن سېتىۋېلىش، باجلارنى كەچۈرۈم قىلىش…قاتارلىق يېڭى ئىمكانىيەتلەر، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتا پەۋقۇلئاددەمۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى. تاتارىستاننىڭ تاشقىتىجارىتىگە رۇسىيە ئارىلاشمايدۇ، ئارىلىشالمايدۇ. ھازىر رۇسىيە فىدىراتسىيەسىئىچىدە ئەڭ كۆپ مەبلەغ كەلگەن ۋە ئەڭ كۆپ تاشقى پىرۋوتقا ئىگە بولغان ئاپتونومجۇمھۇرىيەت تاتارىستاندۇر. تاتارىستاندا مائارىپئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. نوپۇسىنىڭ 99% ساۋاتلىق. تاتارلار 1926-يىلى لاتىنيېزىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنلا تۈركىيىمۇ لاتىن يىزىغىغا ئۆتكەنلىكىئۈچۈن، خەتەرلىك ھېسابلىنىپ، ستالىن تاتارلارنىڭ لاتىن يىزىغىنى ئىشلىتىشىنىبۇيرۇق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇردى. 1940-يىلدىن كېيىن تاتارىستاندا رۇس يىزىغىمەجبۇرى يولغا قويۇلدى. تاتارىستاندا 13ئۇنىۋېسىتىت بار بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېسىتىتلەردە 70.000 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. قازان ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپانىڭ 3.قەدىمى ئۇنىۋېرسىتېتى ھېسابلىنىدۇ. لېنىنمۇ قازانئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن. تاتارلار، دۇنيادا كىتابئوقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر مىللەت ھېسابلىنىدۇ. تاتارىستاندا 1800كۇتۇپخانا بار. 135 خىل گېزىت-ژورنال نەشر قىلىنماقتا. قازان شەھىرىنىڭقۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىغىنى خاتىرىلەش بايرىمى ئۆتكەن يىلى تاتارىستانجۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق تەبىرىكلەندى. تارىختا، داۋاملىق بېسىم ۋەۋەتىنىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مۇجبۇرلانغان تاتارلار دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە تارقاپكەتكەن بولۇپ، تاتارىستاندىكى تاتار نۇپۇسىدىن 3 ھەسسە ئارتۇق تاتار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشىماقتا. تاتارلار ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان دۆلەتلەر شۇلاردۇر؛ تۈركىيە، فىنلاندىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، رۇمىنىيە،پولشا. تاتارلار،20.ئەسىردە ئەڭئېغىر مىللىي پاجىئەگە ئۇچرىغان خەلق. ھەقىقى ئاپتونوم4ىيىگەئېرىشكەن تاتار خەلقى، ھەقىقى ئەركىنلىك ۋە باياشاتلىق، ھۇزۇر ئىچىدە ياشىماقتا.ئامما، تاتارىستاندا ۋە چەتئەلدىكى تاتار دىياسپورىسى ئىچىدە، تاتار خەلقىگەھەقىقى ۋە ئەبىدىلىك بەخىت-سائادەت مۇستەقىل بولغاندىلا كىلىدىغانلىغىنى ئىلگىرىسۈرۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات ۋە گۇرۇپپالار بار. زوراۋانلىقئىشلەتمىگەن بۇ پىكىر-ئىقىملارنى موسكوۋا ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە. ئەمگەك كۇچىغا بولغانئېھتىياج كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان تاتارىستان، ئوتتۇرا ئاسىياجۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئىشسىز قېرىنداشلىرىغا كەڭ قۇچاق ئاچماقتا، ئۇلارنى باغرىغاباسماقتا. كارخانچىلىرىمىزنى قوللاپ ۋە بىزنى قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتمىغايسىز
تولۇق مەزمۇنىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز بىرمىنوت ۋاقتىڭىزنى سەرىپ قىلىپ ئەزا بولۇڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
قوشۇمچە ھۆججەت: مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش
|
|
| |
|
| |
|
|
|
| |
|
| |
ئادەمگە بېقىپ تەغدىر، تەغدىرگە بېقىپ ئادەم بۇلىدۇ.
|
||
|
| |
ئادەمگە بېقىپ تەغدىر، تەغدىرگە بېقىپ ئادەم بۇلىدۇ.
|
||
|
| |
|
| |
|
| |
Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )
GMT+8, 2013-1-26 06:16 , Processed in 0.248420 second(s), 20 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.