ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 0

زۇنۇن قادىرنىڭ ھايات پائالىيتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-12 00:36:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زۇنۇن قادىرى 1911-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھرىگە كۆچۈپ كەلگەن. دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، ئاندىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1935-يىلى غۇلجىدا ئېچىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغان. 1936-يىلى غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1937-يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى يىل، ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. 1941-يىل غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىغىدىكى سانايىنەفىسەدە ئارتىس، ئىجادىيەتچى ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ھەربى مۇخبىر بولغان. 1945-يىلدىن باشلاپ «كۆرەش»، «ئىتتىپاق» قاتارلىق زورناللاردا مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1951-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1954-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كىلىپ، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەم مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ئىلمىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1962-يىلدىن 1979-يىلغىچە ئون سەككىز يىل تارىمدا نەزەربەند ھىسابىدا جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان. 1979-يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كىيىن دەم ئېلىشقا چىققان. 1989-يىلى ئالمائاتاغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.
<1زۇنۇن قادىرىنىڭ دىرامما ئىجادىيىتى:
زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1937-يىلى رەسمىي باشلانغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت مىۋىسى «جاھالەتنىڭ جاپاسى» دىگەن ئۈچ پەردىلىك دىراممىسى بولۇپ، بۇ دىرامما سەھنىلەردە ئوينىلىشى بىلەنلا جامائەت ئارىسىدا قىزغىن قارشى ئېلىنغان. تۇنجى ئىجادىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىلھاملانغان يازغۇچى زۇنۇن قادىرى دىرامما ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ « ئۇچراشقاندا»، «پارتىزانلار ئەترىتى»، «ھەر ئىشنىڭ يولى بار»، «غۇنچەم» ۋە «گۈلنىسا» قاتارلىق دىراممىلارنى يازغان. بۇ دىراممىلاردا يازغۇچى شۇ مەزگىللەردىكى خەلقىمىزنىڭ ئازادلىققا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە زۇلۇمغا قارشى كۆرەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىگەن. زۇنۇن قادىرى ئازاتلىقتىن كېيىن «توي» دىگەن دىراممىسىنى يازغان بۇ دىرامما 1955-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن دىرامما-تىياتىر كۆرىكىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
«غۇنچەم» دىراممىسى  زۇنۇن قادىرى ئىجادىيىتىدە، شۇنداقلا ئۇيغۇر دىراممىچىلىقىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەردۇر. بۇ دىرامما ئۈچ پەردە، بەش كۆرۈنۈشلۈك بولۇپ، 1941-يىلى غۇلجىدا يېزىلغان ۋە شۇ مەزگىللەردىلا سەھنىلەردە ئوينۇلۇپ چوڭ داغدۇغا قوزغىغان. بۇ دىراممىدا تىپىك خاراكتىرگە ئىگە پىرسۇناژلار ئوبرازى يارىتىلغان بولۇپ، كىشىگە چىنلىق تۇيغۇسى ۋە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ.
<2> زۇنۇن قادىرىنىڭ ھىكايە ئىجادىيىتى:
زۇنۇن قادىرى 1940-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ ھىكايە ئىجادىيىتىگە كىرىشكەن بولۇپ، «مۇئەللىمنىڭ خېتى»، «رودۇپاي»، «كۈچۈككە ھۇجۇم»، «ئىككى بارمىقىم بىلەن»، «ماغدۇر كەتكەندە» قاتارلىق بىر تۈركۈم ياخشى ھىكايىلەرنى يېزىپ، خەلقىمىزنىڭ شۇ يىللاردىكى ئىچىنىشلىق ھايات قىسمەتلىرىنى خىلى يۇقۇرى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. بۇ ھىكايىلەر ئەدەبىيات ساھەسىدە زىلزىلە پەيدا قىلغان بولۇپ، شۇ دەۋر ھىكايىچىلىقىنىڭ گۈلتاجىسى ھىساپلىنىدۇ.
زۇنۇن قادىرى شۇ يىللاردا يەنە ئەدەبىي تۈسى ناھايىتى قويۇق بولغان بىر تۈركۈم ئوچىرىكلارنى يازغان بولۇپ، «شەپقەت ھەمشىرىسى» دىگەن ئوچىرىكى ناھايىتى داڭلىق.
زۇنۇن قادىرى ئازادلىقتىن كىيىن «چېنىقىش»، «گۇمان»، «رەھمەت»، «ئەسلەش» ۋە «قىزىلگۈل» قاتارلىق ھىكايىلەرنى، «ئەخمەتجان قاسىمى» ناملىق ئەسلىمىسىنى، «بىر دىھقان يىگىت بىلەن سۆھبەت»، «بەختىخاننىڭ بەختى» قاتارلىق ئوچىرىكلارنى يازغان. 1980-يىللاردا زۇنۇن قادىرى يەنە «خاتىرىلەر» دىگەن ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق مەزگىللىرى ھەققىدىكى ئەسلىمىسىنى يازغان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|Uyghur history website ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-2-26 06:19 , Processed in 0.047769 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش