909| 0
|
زۇنۇن قادىرنىڭ ھايات پائالىيتى |
|
زۇنۇن قادىرى 1911-يىلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە غۇلجا شەھرىگە كۆچۈپ كەلگەن. دەسلەپ دىنىي مەكتەپتە، ئاندىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇغان. 1935-يىلى غۇلجىدا ئېچىلغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش كۇرسىغا كىرىپ بىر يىل ئوقۇغان. 1936-يىلى غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1937-يىلى ئۈرۈمچىگە كىلىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىككى يىل، ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك مەكتىپىدە بىر يىل ئوقۇغان. 1941-يىل غۇلجىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىغىدىكى سانايىنەفىسەدە ئارتىس، ئىجادىيەتچى ۋە ئەدەبىيات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلىغاندا ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ھەربى مۇخبىر بولغان. 1945-يىلدىن باشلاپ «كۆرەش»، «ئىتتىپاق» قاتارلىق زورناللاردا مۇھەررىر ۋە باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 1951-يىلدىن 1954-يىلغىچە غۇلجا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1954-يىلى يازدا ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كىلىپ، ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ ئىجادىيەت بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان. 1957-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان ھەم مەملىكەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ئىلمىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 1962-يىلدىن 1979-يىلغىچە ئون سەككىز يىل تارىمدا نەزەربەند ھىسابىدا جىسمانىي ئەمگەككە سېلىنغان. 1979-يىلدىن تارتىپ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كەسپى يازغۇچىسى بولۇپ ئىشلەپ كىيىن دەم ئېلىشقا چىققان. 1989-يىلى ئالمائاتاغا تۇغقان يوقلاشقا بېرىپ، شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ھەم شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان. تولۇق مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەزا نامىڭىزدا كىرىڭ: كىرىش ياكى ئەزا بولۇش
|
ھەقىقىي تارىخ ھامان ئاشكارلىنىدۇ!
|
|
Archiver|يانفۇن|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )
GMT+8, 2012-9-10 20:35 , Processed in 0.175107 second(s), 17 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.