ياقۇپ بەگ— بەدەۋلەت— ھەققىدىكى تارىخىى داستان، ئورتا ئاسىيادىن يارۇپاغىچە بولغان پىپايان زېمىننى زوراۋانلىق بىلەن ئىشغال قىلغان چار-رۇسىيە تارىخچىلىرى يازغان خاتىرەلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقى ئەمىلىيەتنى ئىزدەيدىغان بۇخارا-قەشقەر تارىقچىلىرىنىڭ كۆزى بىلەن كۈزىتىلىشى ۋە خاتىرلىنىشى كېرەك!!!
بۇ شىۋېتسىيە خىرىستىيان دىننى جەمىيىتىنىڭ ستوكھولىمدىكى ئارخىپخانىسىدا مۈكەمەل ساقلانغان بىر پارچە نەسەپنامە بولۇپ، ناھايتى كۆركەم نەقىشلەر بىلەن رەڭلىك ئىشلەنگەن. بۇ شىۋېت مىسيونۇرلىرى قەشقەردە تۇرغان مەزگىلدە يىغىپ ساقلىغان ماتىرىيالارنىڭ بىرى بولۇپ، ئارخىپىئانىنىڭ قىممەتلىك ماتىرىيالى سۈپىتىدە ئەتۋارلاپ ساقلىغان. نەسەپنامە پۈتۈنلەي ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان بولۇپ، تۈركولوگ گۇننار ياررىڭ نەسەپنامىنىڭ ئاخىرغا -1982يىلى "بۇ ياقۇپ بەگنىڭ نەساپنامىسدۇر" دەپ ئىزھات يېزىپ قويغان. -(مېنىڭ ئەرەپ تىلىدىن خەۋىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن نەسەپنامىدىكى مەزمۇنلارنى تۇلۇق ئوقۇشقا قۇربىم يەتمىدى. ئۆزەمنىڭ تەخمىنەن ئوقۇپ كۆرۈشۈمچە نەسەپنامە ئادەم ئاتامدىن باشلىنىپ ياقۇپ بەگ بىلەن ئاخىرلاشقان_ توخار).8 L2 n6 N1 k- b# n( o
2007- يىلى -13ئۆكتەبىر كۈنى گۇننار ياررىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىلىقى مۇراسىمى ستوكھولىمدا ئۆتكۈزىلگەندە بۇ نەسەپنامىنى خىرىستىيان دىننى جەمىيىتىنىڭ ئارخىپخانىسىدىكى كاتېرىنا خانىم لۇند ئونۋېرسىتىتىدا گۇننار ياررىڭ يىغىپ ساقلىغان ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قول يازمىلار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان گۈنېللا تۆرىنۋاللغا تەقدىم قىلغان ئىدى. ھازىر بۇ نەسەپنامە لۇند ئونۋېرسىتىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا دائىر ماتىرىياللار كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.
نەسەپنامىنىڭ كەڭلىگى تەخمىنەن 50 سانتېمېتېر ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 9 مېتېر ئەتىراپىدا كىلىدۇ.# D1 A# ^0 a2 l @
نەسەپنامىنىڭ قايسى يىللاردا يېزىلغانلىقىغا دائىر مەلۇمات بىرلمىگەنلىكى ئۈچۈن نەسەپنامىنى -1865 يىللاردىن- -1875 يىلارغىچە بولغان ئارلىقتا يېزىلغان بولۇشى مۈمكىن دىگەن قىياسقا كىلىمىز.چۈنكى بۇ دەۋۈر ياقۇببەگ ھاكىمىيىتىنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋىرى ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا ياقۇپ بەگ قەلەم ئىگىلىرىنى يىغىپ ئۆزىنىڭ نەسەپنامىسىنى يازدۇرغانلىقى رىئالىققا ئۇيغۇن. ياقۇپ بەگ ۋاپاتىدىن كىيىنكى تارىخى رىئاللىق بۇنداق بىر نەسەپنامىنىڭ ۋۇجۇتقا كېلىشىنى چەتكە قاقىدۇ. شۇنداق بولغاندا بۇ نەسەپنامە ئاز دېگەندە 125يىلدىن130 يىلغىچە تارىخقا ئىگە. (ئاپتۇرى توخار )
|