ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 68|ئىنكاس: 0

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 23:22:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنىڭ ئىككى تومىنىڭ تارقىتىلغان ئومۇمىي سانى 1 مىليون 850دىن ئاشتى، 3-تومىنى تۈزۈش خىزمىتى باشلاندى

  گېزىتىمىزنىڭ 9-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەش، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارەت ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇش يۈزىسىدىن، مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى جۇڭجيېنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلغان 90 يىلدىن بۇيانقى كۈرەشچان تارىخىنى، قازانغان ئۇتۇقلىرىنى، شۇنىڭدەك يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى پارتىيە تارىخى خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇشقا ھەمدە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  لى جۇڭجيې مۇنداق دېدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 90 يىللىق تارىخىنى 1921-يىلدىن 1949-يىلغىچە، 1949-يىلدىن 1978-يىلغىچە، 1978-يىلدىن ھازىرغىچە دەپ ئۈچ مەزگىلگە ياكى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. پارتىيەمىز 90 يىللىق مۇساپىسىدە ئىككى قېتىملىق ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلدى. ئىككى قېتىملىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە پارتىيەمىز بۇ ئۈچ باسقۇچتا مۇنداق ئۈچ چوڭ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقاردى: بىرىنچى چوڭ ئىش، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابقا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە غەلىبە قازىنىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ ئىككىنچى چوڭ ئىش، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ زور ئۇتۇقلارنى قازاندى، شۇنىڭدەك مول تەجرىبىلەرنى توپلىدى؛ ئۈچىنچى چوڭ ئىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى. يىغىنچاق ئېيتساق، بۇ 90 يىلدا مۇشۇ ئۈچ چوڭ ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.

  لى جۇڭجيې يىغىندا يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى، بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنىڭ 2-تومى نەشر قىلىپ تارقىتىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە 1-تومىمۇ تەھرىرلىنىپ قايتا بېسىلدى. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، كىتابنىڭ تارقىتىلىش ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئىككى تومنىڭ تارقىتىلىش ئومۇمىي سانى 1 مىليون 850دىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە 2-تومنىڭ تراژى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.

  لى جۇڭجيې مۇنۇلارنى بىلدۈردى، «پارتىيە تارىخى»نىڭ 3-تومىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1978-يىلدىن كېيىنكى تارىخى خاتىرىلىنىدۇ، ھازىر بۇ تومغا ماتېرىيال توپلاش خىزمىتى باشلىنىپ كەتتى ھەمدە دەسلەپكى رامكىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەخسۇس مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقات چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ. (مۇخبىر دۇ رۇڭ؛ جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|Uyghur history website ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-2-26 05:47 , Processed in 0.046338 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش