• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 9444|ئىنكاس: 36

    غېنى باتۇر ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆجەتلىك فىلىم

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-11-25 01:35:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خەلق قەھرىمانى---- غېنى باتۇر

    ئۇچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى نىلقا قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسلىق رەھپەرلىرىدىن بىرى ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خەلىق قەخىرمانى ، ھەربى قوماندان غېنى مۇھەممەت باقىر 1901 - يىلى غۇلجا ناھىيە قاش يېزىسىنىڭ تۇردىيۇز مەھەللىسىدە كەمبەغەل دىھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن .غېنى كىچىگىدىنلا ئىشچان ، باتۇر ، كۇچلۇك ، غەيرەتلىك بالا بولۇپ ، بالا ۋاقتىدا چىلىشتا داڭ چىقىرىدۇ ۋە ئېگىز بوي ، گەۋدىلىك ، يوغان باش ، كەڭ ۋە سوزۇق يۇزى قىپ - قىزىل ، قوي كۆز ، كەم سۆز ئادەم بولۇپ يېتىلىپ چىقىدۇ .
    غېنى16 ياش ۋاقىتلىرىدا بىر كۇنى تۇققۇز تارادا باتۇرلۇق ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان ئاتلىق بىر قازاق يىگىتكە << مەن مۇشۇ ئالا ئېتىڭنى ئاشۇ قارا ياغاچ تۇۋىگە ئاپىرىپ ئەكەلسەم نىمە دەيسەن ؟>> دەپ 150مىتىر ئارلىقنى كۆرسۇتىدۇ .قازاق يىگىت ئەگەر ئەگەر دىگىنىڭدەك قىلساڭ ، ئاتنى ساڭا بەردىم . قىلالمىساڭ ئاۋۇ تورۇق ئېتىڭ مىنىڭ >> دەيدۇ ، غىنى بارغان پېتى ئاتنى يەلكىسىگە ئېلىپ ماڭىدۇ ، قىيقاس كۆتۇرۇلىدۇ . غېنى ئاتنى كۆتۇرۇپ قارياغاچتىن 100مىتىر نىرى يارگە ئېلىپ بېرىپ ، قايتۇرۇپ ئەكىلىدۇ . خەلىق ھەيران قالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن غىنىنىڭ << باتۇر >> دىگەن نامى پۇتۇن ئىلى رايۇنىغا تارقىلىدۇ . ھەم زۇلۇمغا جازانىخورلۇققا قارشى ھەركەت قىلىدىغان نوچىلار غېنىنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىشقا باشلايدۇ . ئۇلار زالىم بەگلەر ، جازانىخور بايلار ، ئەمەلدارلارنى تىللايدۇ ، مەسخىرە قىلىدۇ ، ئېپى كەلسە ئۇلارنىڭ مال مۇلكىنى ئوغۇرلاپ ، يىتىم - يىسىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ . شۇڭا غېنى 1944 يىلىغىچە كۆپ قېتىم تۇرمىلەرگە تاشلىنىدۇ ، ھەر قېتىم قامالغاندا كىشەننى ئۇزۇپ تاشلاپ كاچىدۇ .
    ئەڭ ئاخىرقى قېتىم غېنى 1944 - يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۇنى دۇشەنبە ئۇرۇمچى 2 - تۇرمىدىن ( ھازىرقى ئۇرۇمچى شەھەرلىك خەلىق سوت مەھكىمىسى ئورنىدا ) قېچىپ نىلقا ئەتراپىدا يوشۇرنۇپ يۇرىدۇ . شۇ كۇنلەردە نىلقا تاغلىرىدا گومىداڭغا قارشى ھەركەت ئېلىپ بىرىۋاتقان فاتىخ باتۇر ، ئەكبەر باتۇر ، قۇربان بۇرھانىدوف ، ئوسمان ئىبرايىمۇف ، سىيىت ئاۋان ( ئەكبەرنىڭ ئىنىسى ) ، نۇر ئوبولۇف ، ھوشۇر مامۇتۇف ، ، مۇساقان قۇربان ، خەمىت مۇسلىمۇف ( فاتىخ باتۇرنىڭ ئىنىسى ) ، رەپىق بايچۇرىن قاتارلىق پارتىزانلار گۇرۇپپىسى غېنى باتۇرنىڭ ئۇرۇمچى تۇرمىسىدىن قېچىپ كەلگىنىنى ئاڭلاپ ، ئۇنى ئىزدەپ تاپىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن غېىنى ئىنقىلاپقا قېتىلىدۇ . پارتىزانلىق شىتاپ قۇرۇلغاندا غېنى 2- پارتىزانلار گۇرپىسىغا مەسئۇل بولىدۇ ، بۇ گۇرپىدا زۇلۇمغا قارشى ، ئەركىنلىككە ئىنتىلگۇچى 200دىن ئارتۇق پارتىزان بار ئىدى .
    غېنى شۇندىن باشلاپ ھەرقايسۇ ئۇرۇش رايۇنلىرىدا باتۇرلۇق كۆرسىتىدۇ ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن غېنى باتۇر دەپ تەرىپلىنىدۇ . غىنى باتۇر ۋە پارتىزانلار گومىنداڭنىڭ غۇلجا تەرەپتىن 10 ماشىنىدا كەلگەن ئەسكىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ ، مازار رايونىغا كىرگۇزمەي يوقۇتۇپ ئۇلارنىڭ قورال ياراقلىرىنى غەنىمەت ئالىدۇ . سۇلتان ئوۋەيس مازىرىغا يوشۇرۇن كىرىپ ، ساقچى ئىدارىسىنى پاچاقلاپ تاشلايدۇ . ھەر مىللەت خەلقىدىن قامالغان 30 نەچچە كىشىنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىدۇ .غىنى يەنە قارا سۇ ، سۇپتاي ، مازار رايونىدىكى ئۇرۇشتا ئاتلىق ئىككى قولىدا ئىككى ماۋزۇر بىلەن يامغۇردەك يىغىۋاتقان ئوققا قارىماي دۇشمەن سېپىنى يېرىپ ئۆتۇدۇ . دۇشمەن توپىغا ئاتلىق بېسىپ كىرىپ دۇشمەن قولىدىكى قورالنى تارتىپ ئېلىپ چىقىدۇ . غېنىنىڭ بۇنداق باتۇرلىغى خەلىق ئىچىدە ھەرخىل ئەپسانىلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .
    غېنى ئارشاڭنى ئېلىش ئۇرۇشىدا ئېغىر يارلىنىپ ئالمۇتۇغا داۋالىنىشقا بارىدۇ ۋە داۋالىنىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ۋاقىتلىق ھوكۇمەت ئۇنىڭ قەخىرمانلىق جاسارىتى ، قوماندانلىق ماھارىتىنى نەزەرگە ئېلىپ ، ئۇنىڭغا پولكوۋنىكلىق ھەربى ئۇنۋان ۋە << خەلىق قەخىرمانى >> دىگەن ھۆرمەتلىك نامنى بېرىدۇ .ئۇ ئازاتلىققا قەدەر ئۇچ ۋىلايەت ھۆكۇمىتىنىڭ ئەزاسى ، مىللى ئارمىيە ھەربى سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىغى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولىدۇ . ئۇ بۇ جەرياندا << جۇمھۇريەت >> ، <<ئازاتلىق >> ، << ئىستىقلالىيەت >> ، << باھادۇرلۇق ئۇچۇن >> قاتارلىق كۆپلىگەن ئوردىنلار بىلان تارتۇقلىنىدۇ .
    ئازاتلىقتىن كېيىن ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىدۇ . كېيىن كېيى پاتىخ باتۇر بىلەن لەنجۇدا 1953- يىلىغىچە دەم ئالىدۇ . 1953 - يىلىنىڭ ئاخىرى قايتىپ كېلىپ ئۆلكىلىك سىياسى مەسلەھەت كېڭىشىگە ئەزا بولىدۇ . 1954- يىلىنىڭ ئاخىرى غۇلجىغا كېتىدۇ ۋە 1956 - يىلىنىڭ ئاخىرى ھازىرقى قازاقىستانغا چىقىپ كېتىدۇ . 1997 - يىلى 96 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولىدۇ .




    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    1

    تېما

    0

    دوست

    104

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    مىڭ بېشى لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 09:48:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رەھمەت  ياخشى تېما ئىكەن
    روسچە بىلىدىغانلاربولسا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قۇيساڭلار

    0

    تېما

    0

    دوست

    164

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-11-29 20:00:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ياخشى تېما ئىكەن

    0

    تېما

    0

    دوست

    4

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-11-30 15:21:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇ نېمىشقا شۇنچە تىزلا قازىقىستانغا كەتكەن   ؟

    3

    تېما

    11

    دوست

    2042

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت مىڭ بېشى لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 00:09:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    چىقمىدىغۇ

    0

    تېما

    6

    دوست

    611

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 18:30:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رۇستەم يوللىغان ۋاقتى  2012-11-30 15:21
    ئۇ نېمىشقا شۇنچە تىزلا قازىقىستانغا كەتكەن   ؟

    ئەجىبا ئۇنىڭ كەتكىسى بارمىدۇ..........؟؟؟  ھاياتتا ئاشۇنداق ئىشلار بوپ تۇرىدۇ.
    ئادەمگە بېقىپ تەغدىر، تەغدىرگە بېقىپ ئادەم بۇلىدۇ.

    0

    تېما

    1

    دوست

    130

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 23:47:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەسسالام ئەلەيكۇم  تورداشلا ياخشىمۇ سىلە بۇ تېمىنى يوللاپ ياخشى قىپسېلە.ئۆزتارىخىنى قېزېش،رەتلەش ،ئۇنى خەلىقكە يورۇتۇپ بېرېش شۇ مىللەت كىشلىرنىڭ باش تاتىپ بولمايدىغان مەسۇليىتې ۋە مەجبۇرىتى .ھازىر مۇشۇ توردا ۋە باشقا تۇرلادا ساقىىلىق ئارلاشقان ئۇيغۇر تارىخىغا ئالاقىىدار مەلۇماتلار يوللىنىىۋاتىدۇ شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئۆزى شۇندا مەلۇماتلانى يوللىماسلىقىنى ھەم تارىخى بايانلانى دەۋېر ماكان جەھەتتە تەھېلىل قېلىشىنى تۆۋەنچىلېىك بىلەن سورايمىە ئاللا ئىشلېرېمىزنى ئاسان قىلغاي

    9

    تېما

    21

    دوست

    2641

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 23:11:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رەخمەت قېرىندىشىم ياخشى تېما يوللاپسىز ،

    84

    تېما

    30

    دوست

    2670

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 23:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رۇستەم يوللىغان ۋاقتى  2012-11-30 15:21
    ئۇ نېمىشقا شۇنچە تىزلا قازىقىستانغا كەتكەن   ؟

    مېنىڭ بىلشىمچە بۇ ئادەم ئازادلىقتىن كېيىن باگاڭ پولات تۈمۈر زاۋۇتىنىڭ باشلىقى بوپتىكەن شۇ چاغلار باتۇرمىز ئۆزىگە ياخشى گەپلەرنى قىلىپ باشقىلارغا يامان گەپلەر نى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمىلنى ئۆستۈرۈپ لەنجۇغا يۆتكەپتىكەن 1956-يىلى بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى سۆۋىت جۇمھۇر يىتىگە چىقىپ كەتكىنكەن

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 23:21:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئوتۇنچى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-23 23:17
    مېنىڭ بىلشىمچە بۇ ئادەم ئازادلىقتىن كېيىن باگاڭ پولا ...

      لەنجۇغا  بېرىشتىكى سەۋەبى  . ھەربى مەكتەپتە ئوقۇش  . ئەينى ۋاقىتتا  غېنى باتۇر  قاتارلىق بىر  قىسىم ئۈچ ۋىلايەت ھەربىيلىرىنى سىيا$سى ۋە  ھەربىي كۇرۇسلىرىغا قاتناشتۇرغان ئىكەن .
    كىيىن غېنى باتۇرنىڭ ئاتلىق پولىكى غۇلجىدا ئىسيان قىلغان شۇنىڭدىن كىيىن غېنى باتۇر  سوۋىتقا  كەتكەن .
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 00:42 , Processed in 0.356786 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش