ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 0

جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 23:20:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  ئۆز مۇخبىرىمىز ھەبىبە ئىسمايىل، راھىلە ئېزىز خەۋىرى: جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى−مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 5-نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 12-ئاۋغۇسىت چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر كادىرلار باشقۇرۇش ئىنىستىتوتىدا ئېچىلدى. يىغىنغا ھەر قايسى مىللەت تەتقىقاتچىلىرى، مۇتەخسىسسلىرىدىن بولۇپ 120 كىشى قاتناشتى.
  بۇ نۆۋەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ−مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى باش بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى−ئېلىمىزنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەتنى جارى قىلدۇرۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت.
  يىغىنغا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ−مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى−مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى تەۋەككۈل تىلىۋالدى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى −مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لاڭ يىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ−مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ−مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلغان 16 يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ كەلدى ھەم جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرى يىلدىن يىلغا چوڭقۇرلاپ باردى. جەمئىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ−مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان، ئورنى چوڭ، ئىستىقبالى زور بولغان جەمئىيەت. مەن بۇ جەمئىيەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئورنى ۋە مۇھىملىقىنى تېخىمۇ تونۇپ يېتىپ، خىزمەتلەرنى داۋاملىق مۇستەھكەملىشىنى، ئۆز قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  يىغىندا جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى ـ−مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى تۇرۇپ بارات سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم قىسىمى ھېسابلانغان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخى ئۇزۇن، يىلتىزى چوڭقۇر بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ۋە مۇجەسسەملەشتۈرۈش كۈچىگە ئىگە. ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەرگىز توختاپ قالغان مەدەنىيەت ئەمەس، ئۇزۇن تارىخي دەۋىردە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى توختىماستىن ئىلگىرلەپ، مۇكەممەللىشىپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىدىن يېڭى ئېلمىنتلارنى ئۆزىگە قوبۇل قىلىپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتپ كەلدى. جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى - مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە پىلانلىق، تەشكىللىك ھالدا ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتىغا تەشكىلىي جەھەتتىن كاپالەت بېرىدۇ. ھەر قايسى ساھەلەردىكى تەتقىقاتنى قانات يايدۇرۇپ، توپلاش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش ۋە نەشر قىلىشتىن ئىبارەت سېستىمىلىق قۇرۇلۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.
  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىن ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پېشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار ۋە ياشلار ئىكەن. ئۇلار يىغىنغا جەمئىي 80 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئۈچ كۈن داۋامىدا گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ كوللېكتىپ مۇنازىرە ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدىكەن.


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|Uyghur history website ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-2-26 06:04 , Processed in 0.048199 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش