ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى ياساش ئەمگىكىگە
قاتناشقانلىقى ھەققىدە سەددىچىن سېپىلى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ گۈل تاجىسى،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىموۋىلى.ئۇ ئىنتايىن چوڭ،ھەيۋەتلىك ياسالغان.
سەددىچىن سېپىلىنىڭ ياسىلىشى جەنگۇ دەۋرى(مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 475-221-يىللار)دە باشلانغان.شۇ چاغلاردا جوڭگۇنىڭ شىمالىي قىسمىدا جىددىي ۋە ئېچىنىشلىق مىللىي جەڭگى -جېدەللەر توختىماستىن داۋام قىلىۋاتاتتى.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەر قايسى بەگلىكلەر بىر-بىرىگە زومىگەرلىك قىلىپ،لەشكەر توپلاپ.قالايمىقان يېغىلىق قىلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەنىدى.شۇنىڭ بىلەن ھەر قايسى بەگلىكلەر سىرتقا قارىتا كۈچلۈك دۈشمەندىن مۇداپىيلىنىش،ئىچكى جەھەتتە ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھە دەپ سېپىل سۇقۇشقا باشلىغان.يەن،جاۋ،چى بەگلىكلىرى ياسىغان سېپىللارنىڭ خارابىلىرى تاكى ھازىرغا قەدەر ساقلانغان.
دېمەك،سەددىچىن سېپىلى مۇشۇ بەگلىكلەر سوققان سېپىللار ئاساسىدا ھەر قايسى سۇلالىلەر تەرىپىدىن تەدرىجىي بۈگۈنكى ھالەتكە كەلتۈرۈلگەن.ئۇنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشكە خەنزۇلارنى ئاساس قىلغان جوڭگۇدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ،جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئەمگىكى سىڭگەن.ئۇنداقتا،بىز تارىخىي ماتىرياللارغا مۇراجىئەت قىلىپ باقايلى.
1986-يىلى نەشىر قىلىنغان‹‹جوڭگۇ بۈيۈك ئېنسىكلوپىدىيىسى.مىللەتلەر››تومىنىڭ 179-بېتىدە ‹‹ئۇيغۇر جوڭگۇنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي شىمالىدىكى قەدىمقى مىللەتنىڭ نام››،‹‹ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى دىڭلىڭلار(خەن،ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە)ياكى دىلار (چۈنچىيۇ دەۋرىدىن ئىلگىرى)دىن سۈرۈشتە قىلىشقا بولىدۇ››دېيىلگەن.بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان دىلار جوڭگۇدىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنىنىڭ شىمالىدا ياشىغان.يوقىرىقى كىتابنىڭ 92-بېتىدە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹دىلار جوڭگۇنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى قوۋم...ئۇلار چۈنچىيۇ دەۋرىدە ئېگىز -ئۇزۇن دى،قىزىل دى ۋە ئاق دى دېگەن ئۈچ تائىپقا بۆلۈنگەن.
ئاق دىلار چۈنچيۇ دەۋرىدىن ئىلگىرى ئاساسەن گويۇڭ ئوبلاستى (ھازىرقى شەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىمالىي تەرەپلىرى)نىڭ شىمالىي تەرىپىگە تارقالغان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا...شەرققە يۆتكىلىپ،ھازىرقى خېبىي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ ئەتراپلىرىغا كەلگەن.شەرققە يۆتكەلگەندىن كېيىنكى ئاق دىلا شيەنيۈ ئۇرۇقى،فېي ئۇرۇقى،گۇ ئۇرۇقى،چوۋيۇ ئۇرۇقى دېگەن تۆت ئۇرۇقداشتىن تەشكىل تاپقان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى507-يىلى شيەنيۈ ئۇرۇقى جۇڭشەن بەگلىكىنى قۇرغان.بۇ ئالدىنقى مەزگىللىك جۇڭشەن بەگلىكى بۇلۇپ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 406-يىلى ۋېي بەگلىكىنىڭ بېگى ۋېنخوۋ تەرىپىدىن مۇنقەرز قىلىنغان.مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 381-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە‹جۇڭشەن بەگلىكى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.›بۇ كېيىنكى جۇڭشەن بەگلىكى بولۇپ....مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 296-يىلى...مۇنقەرز بولغان.››
ئۇلۇغ تارىخچى سىماچىيەن يازغان ‹‹تارىخىي خاتىرىلەر.جاۋ بەگلىكى تەزكىرىسى››دە جاۋ بەگلىكىنىڭ چىڭخۇ 6-يىلى(مىلادىيەدىن بۇرۇنقى369-يىلى)‹‹جۇڭشەن بەگلىكى سەددىچىن سېپىلىنى ياسىغان››دېيىلگەن.ئىلمىي خادىملار كۆپ ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق جۇڭشەن بەگلىكى قايتا روناق تاپقان يىللاردا ھەقىقەتەن ئۆز دائىرىسىدە سەددىچىن سېپىلىنى ياساش ئەمگىكىگە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.بۇ قۇرۇلۇش سۆزسىزكى،كېيىنكى چاغلاردا مۇكەممەللەشكەن ئۇلۇغ سەددىچىن سېپىلىنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭشەن بەگلىكىنىڭ سەددىچىن سېپىلىنى ياساش ئەمگىكىگە كۈچ چىقارغانلىقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ جوڭگۇدىكى ھەر مىللەت خەلققىنىڭ ئورتاق ياراتقانلىقىدەك تارىخىي پاكىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دەلىللەيدۇ.شۇڭا،ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ بۇ شانلىق تۆھپىسىنى تىلغا ئېلىپ ئالاھىدە ئەسلەش رېئال تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەنبە:غەيرەتجان ئوسماننىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان‹‹ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە ››دېگەن كىتابىدىن
ئېلىندى.
|