• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 1493|ئىنكاس: 1

    ‹‹قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا››دېگەن كىتابتىن پارچە

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-10-30 10:54:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    _ ئۆتمۈش ئادىللىق نۇرى بىلەن يورۇتۇلمىغان جايدا نۇرانە كەلگۈسىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس .
                                                     - ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .
          باتۇر تەڭرىقۇت (مەتەخان) تەختتە ئولتۇرغان 35 يىل ( مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 209- 174- يىللار ) ئىچىدە پۈتكۈل ھونلارنى بىرلىككە كەلتۈردى . بۇ چاغدا چىن سۇلالىسىغا قارشى كۈچلۈك دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغانىدى . يېڭىدىن ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان باتۇر تەڭرىقۇتقا بېسىم ئىشلىتىپ توڭغۇز ئاقسۈڭەكلىرى ھۇن - تۇڭغۇز ئەللىرى ئارىسىدىكى بېتەرەپ پاسىل بولغان مىڭ يول مۇساپىسىدىكى " ئوتتۇرا يەر" نى ئېلىۋالماقچى بولدى . سىماچىيەننىڭ ھېكايە قىلىشىچە ، تۇڭغۇزلار ئەلچى ئەۋەتىپ تۈمەنخاندىن قالغان تۇلپارنى سوراتتى . باتۇر ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلەشكەندە ۋەزىرلەر " تۇلپار بىز ھۇنلارنىڭ تەۋەرۈك ئېتىمىز ، بەرگىلى بولماس " دېگەندە ، باتۇر " قوشنا مەملىكەتتىن بىر ئاتنى قىسىنساق بولماس " دەپ ، ئاتنى بېرىۋەتتى . توڭغۇزلار باتۇرنى قورقۇنچاق ھېسابلاپ يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ تەڭرىقۇتنىڭ بىر ئالچىسىنى سوراتتى . باتۇر ۋەزىرلىرى بىلەن مەسلەھەتلەشكەندە ۋەزىرلەر غەزەپلىنىپ " بۇ يولسىزلىق ، ئەدىۋىنى بېرەيلى " دەپ ۋارقىرىشىدۇ ، باتۇر " قوشنا مەملىكەتتىن بىر ئايالنى قىسىنساق بولماس " دەپ ياخشى كۆرۈپ ئالغان ئالچىسىنى توڭغۇزلارغا بېرىۋېتىدۇ . تۇڭغۇزلار خانى بارغانچە كۆرەڭلەپ ، غەربكە كۆرەڭلەپ ، غەربكە ھۇجۇم قىلىدۇ . تۇڭغۇزلار بىلەن ھۇنلار ئارىسىدا 1000 چاقىرىمدىن ئوشۇق كېلىدىغان بىر ئىنسى - جىن يوق ئوتتۇرا يەر بولۇپ ، ھەر ئىككى تەرەپ مۇشۇ يەرنىڭ ئىككى چېتىگە كەپىلەرنى ياساپ ، قاراۋۇللارنى قوياتتى . تۇڭغۇزلار باتۇر تەڭرىقۇتقا ئەلچى ئەۋەتىپ : " سىلەر ھۇنلار بىزنىڭ قاراۋۇلخانىمىز ئالدىدىكى ئوتتۇرا يەرگە ئاياق باسقۇچى بولماڭلار ، ئۇ يەرنى بىز ئىگەللىمەكچىمىز" دەيدۇ . باتۇر تەڭرىقۇت ۋەزىرلىرىنى يىغىپ يەنە مەسلىھەت سورىغاندا ، ۋەزىرلەرنىڭ بەزىلىرى " ئۇ بىر تاشلاندۇق يەر ، بەرسەكمۇ بولىدۇ ، بەرمىسەكمۇ بولىدۇ " دېيىشىدۇ . بۇنى ئاڭلاپ دەرغەزەپ بولغان باتۇر " يەر - زېمىن دۆلەتنىڭ ئاساسى . نېمە ئۈچۈن زېمىنىمىزنى بېرىدىكەنمىز ؟! " دەيدۇ ۋە زېمىن بېرەيلى دېگۈچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ . باتۇر تەڭرىقۇت يۈرۈشكە ئاتلىنىپ ، ئەل ئىچىدە يۈرۈشكە چىقمىغانلارنىڭ كاللىسى ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ . ئەزەلدىن باتۇرنى كۆزگە ئىلماي كەلگەن مەغرۇر ، تەييارلىقسىز تۇڭغۇزلار دۆلىتىنى تېزدىن مۇنقەرز قىلىپ ، ئۇلارنى ھۇن خاندانلىقىغا تەۋە قىلىدۇ . بىر قىسىم تۇڭغۇزلار شىمالغا قېچىپ ئونۇن دەريا ، گرۇلىن دەريا ، ئارگون دەريا ۋادىلىرىغا يۆتكىلىدۇ .
       سىماچيەن بىلەن بەنگۇنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، باتۇر تەڭرىقۇت تۇڭغۇزلار ئۈستىدىكى غەلبىدىن كېيىنلا تۇخار - ياۋچىلارغا ھۇجۇم باشلىدى . بۇ خۇددى ئىسكەندەر زولقەرنەيىننىڭ ۋە ئۇنىڭ دادىسى فىلىپ ماكېدونىسكىنىڭ ئۆزى بارىمتايلىققا تۇرغان گرېتسىيىگە باستۇرۇپ كىرگىنىگە ئوخشايتتى . باتۇر تەڭرىقۇت ياۋچىلار دۆلىتىنى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 208- يىلى بىر قېتىم ، 176- يىلى يەنە بىر قېتىم ئىستىلا قىلىدۇ .
       باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 205 - يىلى شىمالغا يۈرۈش قىلىپ يەنە بەش قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى _ بەش ئەلنى ئۆزىگە بېقىندۇردى . بۇلار : بايقالنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دىڭلىڭلار ، يەنسەي ۋادىسىدىكى جەنكۇن - قىرغىزلار ، خۇنيۇيلار ، چۇيشېلار ، شىنلى - چەنلىلار دىن ئىبارەت ئىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ ھۇن خانلىقى تېخىمۇ زورايدى ، ئۇ چەكسىز زېمىن ، مول ئورمان ، يايلاق ۋە ئىقتىسادىي قۇدرەتكە ئىگە بولدى . پۈتكۈل مەركىزىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى تۇرانىي قەبىلىلەر ئاقساقاللىرى بارغانسېرى قۇلدارلىق تۈزۈمى ئاساسىدىكى مەركەزلەشكەن بۇ يايلاق بىرلەشمىسىنى ھىمايە قىلىشقا باشلىدى . سىماچيەننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا باتۇر تەڭرىقۇت دانا دەپ ھېسابلاندى . شۇنداق قىلىپ ، باتۇر تەڭرىقۇت مەركىزىي ئاسىيادا ئوقياچى خەلقلەرنى بىر ئائىلە قىلىپ تارىخ بېتىنى ئاچتى .   ئۇ ئاۋازلىق ئوقيا ، ( لىياۋنىڭ ئۆلكىسى شىفىڭ ناھىيىسى ۋە باشقا كۆپلىگەن جايلاردىن تېپىلغان ھۇن ھەربىي ئەسلىھەلىرى ئىچىدە " ئاۋازلىق ئوقيا " - قۇماندانلىق قىلىش ئوقياسى تېپىلغان . ) ۋە بۇرغا بىلەن قۇماندانلىق قىلىش ، جەڭ دۇمبىقى ۋە ئوركىېستىردىن پايدىلىنىش ، ھەربىي تاكتىكا جەھەتلەردە ئالداش ھىيلىسىنى قوللىنىش قاتارلىقلارنى يولغا قويدى . ئۇ تۇراننىڭ ئىران بىلەن جەڭ قىلغان ھەربىي مۇتەخسىسلىرىدىن تاشقىرى ، خۇددى خەن شىنغا ئوخشىغان تەسلىم بولغان چىن سۇلالىسى ھەربىيلىرىگە سەركەردىلىك بېرىپ ئىشقا سالدى .ھۇن ئەگرى قىلىچى ، سىكىف خەنجىرى ، خارەزم گىجىم كىيىم يوپۇقلىرى ، تۇمارىس جاسارىتى ، شىراق ھىيلىسى ، باتۇر تەڭرىقۇت ئىنتىزامى بىر گەۋدە قىلىنغانىدى .
         مەنبە :   " قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا "   ، ئاپتورى : ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .     شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى  2002- يىل 3- ئاي 1- نەشرى ، 1- بېسىلىشى .  نەشىرگە تەييارلىغۇچى: يالقۇن روزى .
          ئەبەي تارىم .2012-10-29
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    0

    تېما

    0

    دوست

    40

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-11-22 22:26:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۆزۈم يوللىغان بۇ تېمىنى  بۇ يەردە كۆرۈپ بەك خۇش بولدۇم ...
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 06:57 , Processed in 0.190915 second(s), 31 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش