• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 8674|ئىنكاس: 45

    2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىستلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدا كىمنىڭ تۆھپىسى چوڭ

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 21:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    2-دۇنيا ئۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، گىتلېرنىڭ بويسۇندۇرۇشى ياۋروپا خەرىتىسىدە قىسقا ھەم ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقتىن، دۇنيا تارىخى مۇساپىسىنى مەڭگۈ ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ دەۋر بۆلگۈچ ئۆزگىرىشنى گىتلېر پەيدا قىلدى دېگەندىن كۆرە، گۇدېرىئان پەيدا قىلدى، دېگەن تۈزۈك. ئۇ يىراقنى كۆرەر كىشى بولۇپ، گېرمانىيە برونىۋىك قىسىمىنى قۇرغان ھەم تېز ھەرىكەت قىلىدىغان بۇ ئەسكەر تۈرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى يوشۇرۇن قىممىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. ئۇ، گېرمانىيە برونىۋىك قىسىملىرىنى شەخسەن ئۆزى مەشىق قىلدۇرۇپ، ئىچكىرىلەپ كىرىش ئىستراتېگىيەسىنى رىياللىققا ئايلاندۇرغان. گۇدېرىئان ئىجادىيەتچى ھەم ھەل قىلغۇچ ئەمەلىيەتچى بولۇپ، بۇنداق ئەھۋال دۇنيا تارىخىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ فىرانسىيەنىڭ سېداندىن بۆسۈپ ئۆتۈشى ھەم كېيىن تانكىلار توپىغا قوماندانلىق قىلىپ، دېڭىز بوغۇزى ۋە شىۋېتسارىيە چېگرىسىغا بىۋاسىتە بېسىپ كىرىشى فىرانسىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا بىۋاستە سەۋەب بولغان.
         ناۋادا گۇدېرىئان بولمىغان تەغدىردىمۇ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ چاقماق تېزلىكىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئاپىتىدىن ساقلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك ئىدى. گىتلېرمۇ يېڭى ھەربىي تېخنىكىنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يەتتى، دېگەن تەغدىردىمۇ، گۇدېرىئاندەك چوڭقۇر تونۇپ يەتمىگەن. مەيلى گېرمانىيە باش ئىشتابى ياكى ئالىي قاتلامدىكى ھەربىي قوماندانلار بولسۇن، ھەممىسىلا يېڭى ھەربىي تېخنىكىنىڭ ئۇرۇش ساھەسىدە ئىنقىلاب پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ يەتمىگەن.
            2-دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاشتىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، گېرمانىيە باش ئىشتابى كىشىلەرگە بەكرەك تونۇش بولغان ئەنئەنىۋىي ئەسكەر تۈرلىرىنى ياخشىلاشقا بەكرەك دىققەت قىلغان بولسىمۇ، برونىۋىك قىسىملىرى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئۇسۇلىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىگەن. گۇدېرىئان برونىۋىك قىسىملىرىنىڭ «يېڭى ئۇرۇش ئەندىزىسى»نى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يۇقىرىدىكىلەر بىلەن خېلى تىركەشكەن. گەرچە ئۇ، ئەنگلىيەدە ماشىنىلاشقان ئۇرۇشنى ئەڭ بالدۇر تەشەببۇس قىلغۇچىلاردەك ئۇنداق ئۇزاق ۋاقىت جاپا چەكمىگەن بولسىمۇ، ئۇ ھەر قېتىم ئوخشاشلا زور توسالغۇغا ئۇچرىغان. گۇدېرىئان برونىۋىك قىسىملىرىدىن ئىبارەت بۇ تېز سۈرئەتلىك قىسىمنى ئاساسىي كۈچنىڭ ئالدىنقى قىسىمى قىلىپ، يىراق ئارىلىقتىن ئىستراتېگىيەلىك بۆسۈپ كىرىشتىن ئىبارەت بۇ يېڭى ھەربىي قاراشنى قوللانغاندا، يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار بۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ، ئەنگلىيەلىك كەسپداشلىرىغا ئوخشاشلا تۈرلۈك خەۋپلەر ھەققىدە توختىماي ۋالاقلاپ، بۇ خىل ھەل قىلغۇچ زەربە بېرەلەيدىغان كۈچنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا سەل قارىغان.
         باش ئىشتابتىكى پېشقەدەم قوماندانلار ئارىسىدا بۇ خىل پاسسىپ قاراش ھەتتا پولشا تېزلىكتە بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ قارىشى ئوخشاش بولۇپ، غەربىي سەپتىن ھۇجۇم قوزغاشنى قوللىغان. ئەمما ئۇلار ئارىسىدا گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرقانداق ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش غەلىبىسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ئاز ئىدى. ئەگەر ئۇلار قوللاۋاتقان ئەنئەنىۋىي ئۇرۇش ئەندىزىسىنى قوللانسا، ئۇلارنىڭ گۇمانىنىڭمۇ ئاساسى بار ئىدى. ئۇرۇش ئەندىزىسىنى بەلگىلەش يىغىنىدا، ئۇلار: گۇدېرىئاننىڭ برونىۋىك ئالدىنقى قىسىملىرى ئاردېن رايونىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مېئۇس دەرياسى بويىدا توختاپ، پىيادە ئەسكەرلەرنىڭ يىتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشى كېرەك، دېگەن پىكىردە چىڭ تۇرغان. ئۇلار: ئۇرۇش باشلىنىپ، 9-10 كۈن ئىچىدە، مېئۇس دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس. بۆسۈپ ئۆتكەن تەغدىردىمۇ، فىرانسىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قايتىدىن تەڭشەپ، زاپاس قىسىملارنى بۆسۈپ ئۆتكەن ئېغىزغا يۆتكەپ، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش يولىنى توسۇشىغا يېتەرلىك ۋاقىت بار، دەپ قارىغان.
            گەرچە گىتلېر گۇدېرىئاندەك جانلىق ۋە يۈرەكلىك بولمىسىمۇ، ئاساسلىق ھەربىي مەسلىھەتچىلىرى بۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، ئۇ يەنىلا گۇدېرىئاننىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئەگىپ ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلىش ھەرىكىتىنى قوللىغان. ئەگەر گىتلېر ئىلگىرىلەشنى توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرمىگەن بولسا، گۇدېرىئان ئەنگلىيە ئارمىيەسىنىڭ دۇنكېرىكتىن چېكىنىش يولىنى ئۈزۈۋەتكەن بولاتتى. گىتلېرنىڭ ئارىلىشىشى ئەينى چاغدىكى ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىگە ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن. چۈنكى فىرانسىيە ئارمىيەسى تۇنجى زەربە سەۋەبىدىن ئەسلىگە كېلەلمەيلا قالماستىن، ئۇلارنىڭ سول قاناتتىكى بارلىق ئاساسىي كۈچى يوقالغان ئىدى. بۇنىڭدىن سىرت، ئۇرۇش تارىخى تەتقىقاتى گۇدېرىئاننىڭ ئايسنې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شىۋېتسارىيە چېگرىسىغا تېز ئىچكىرىلەپ كىرىشى قالدۇق فىرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھالاكىتى ھەم فىرانسىيەنىڭ قولدىن كېتىشىگە بىۋاستە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
         ھېينز گۇدېرىئان 1888-يىلى 17-ئىيۇن ۋىستۇلا دەرياسى بويىدىكى كۇلماندا تۇغۇلغان بولۇپ، فرېدرېخ بىلەن كېلارە گۇدېرىئاننىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى. گۇدېرىئان دېگەن بۇ ئىسىم نېدېرلاندتىكى«Guderjan» دېگەن كەنتنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ كەنت رېين دەرياسى ئېغىزى ئەتىراپىدىكى ئارالغا جايلاشقان. گۇدېرىئاننىڭ ئاتىسى ئىلگىرى پومېرانىيە باتالىيونىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان. گۇدېرىئان ئەسكەر بولغاندىن كېيىن، ھانوۋېردىكى ئۈلگىلىك باتالىيوندا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتىگەن. 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاكوپلىرى گۇدېرىئاندا ناھايىتى چوڭقۇر ئەسلىمىلەر ۋە تەسىرلەرنى قالدۇرغان بولۇپ، بۇ مەسىلىلەر يېڭى تاكتىكا ۋە يېڭى قوراللاردىن پايدىلىنىپ، قىسىملارنىڭ جانلىقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
          گۇدېرىئان 1930-يىلى بېرلىن ئەتىراپىدا تۇرىدىغان 3-موتورلاشقان باتالىيوننىڭ كوماندىرى بولغان. ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، ئۇ قول ئاستىدىكى ئۈچ روتىنىڭ بىرىنى تانكا رازۋېدكا روتىسى، بىرىنى تانكا جەڭگىۋار روتىسى، يەنە بىرىنى تانكىغا قارشى روتا قىلىپ تەشكىللىگەن. بۇ ئۈچ تانكا روتىسىدىكى قوراللارنىڭ ھەممىسى راست تانكا ۋە زەمبىرەككە ئوخشايدىغان مودېللار ئىدى. 1931-يىلى ئاۋغۇستتا، گۇدېرىئان موتورلاشقان قىسىملار مەمۇرىي تەپتىش بۆلۈمىنىڭ ئىشتاب باشلىقى بولۇپ،گېنېرال لۇتزنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكىدە خىزمەت قىلغان.
           گىتلېر 1933-يىلى يانۋاردا تەختكە چىققاندىن كېيىن،برونىۋىك قىسىملىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە كۈچ قوشقان. 1934-يىلى ئىيۇندا، موتورلاشقان جەڭگىۋار قىسىملار قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلغان بولۇپ، كېيىن ئۇنىڭ نامى برونىۋىك قىسىمى قوماندانلىق ئىشتابىغا ئۆزگەرتىلىپ، گۇدېرىئان ئىشتاب باشلىقى بولغان. 1935-يىلى ئىيۇلدا، گېنېرال لۇتزنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىدا، بۇ قىسىم مۇنىسترابۇرگتا تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دېۋىزىيە دەرىجىلىك كۆلەمدە برونىۋىك قىسىملىرى ئۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن. ئارقىدىنلا، 1935-يىلى ئاۋغۇستتا، ئۈچ برونىۋىك دېۋىزىيەسى قۇرۇلۇپ، 1 -برونىۋىك دېۋىزىيەسى ۋېيماردا تۇرغان، گېنېرال لېيتېنانت بارونۋون ۋېيچس دېۋىزىيە كوماندىرى بولغان؛ 2 -برونىۋىك دېۋىزىيەسى ۋۇرزبۇرگتا تۇرغان بولۇپ،گۇدېرىئاننىڭ ھەربىي ئۇنۋانى پولكوۋنىك بولسىمۇ، دېۋىزىيە كوماندىرى بولغان؛3- برونىۋىك دېۋىزىيەسى بېرلىندا تۇرغان بولۇپ،گېنېرال لېيتېنانت فېسمان دېۋىزىيە كوماندىرى بولغان. برونىۋىك دېۋىزىيەسىنىڭ مانېۋىرى چەت ئەل ئەرباپلىرىدا ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. گۇدېرىئاننىڭ يېڭىچە ئۇرۇش ئىدىيەسى ئۇلاردا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان.
           گېرمانىيەنىڭ ئالىي ھەربىي قوماندانلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي قارىشىنى ئۆزگەرتىپ،ئۇلارغا برونىۋىك قىسىملىرىدىن مۇستەقىل پايدىلىنىپ، يىراق ئارىلىقتىن زەربە بېرىدىغان يېڭى قاراشنى قوبۇل قىلدۇرۇش تەس ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان ئىدى. گۇدېرىئاننىڭ بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنچىسى بولسىمۇ، بۇ خىل يېڭى ئىدىيەنى تولۇق قوللانغاندا، ناھايىتى ئېھتىيات قىلىشقا مەجبۇر بولغان. شۇڭا 1939-يىلدىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ مەسلىھەتچىلىرى : گۇدېرىئان يېڭى ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغانلىقىنى تېخى ئېنىق بىلدۈرمىدى، دەپ قارىغان. بۇ ئەھۋاللار گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا،كېيىن ئۇلارنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش شەكلىگە بولغان قارشىلىقنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە كۈچلۈكلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
         گۇدېرىئاننىڭ كونا پرۇسسىيەنىڭ 18-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان «يولدىن چىقما،خاندىن قورقما» دېگەن ئەنئەنىسىگە ئىشەنگەنلىكى ھەم ئۆزىنىڭ باشلىقلىرىنىڭمۇ بۇ ئەنئەنىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى ئىشەنگەنلىكىنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. ئۇلارمۇ يېڭى ئەسكەر تۈرلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى تاللىغاندا، كەسپىي بىلىمى بار ئوفىتسېرلارنى تاللىغاچقا، ئەنگلىيەلىك كەسپداشلىرىغا قارىغاندا، گۇدېرىئاننىڭ تەلىيى خېلىلا ئوڭدىن كەلگەن. تەخمىنەن 1938-يىلنىڭ باشلىرىدا، ئۇ 16-كورپۇسنىڭ كوماندىرلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، بۇ گېرمانىيەدىكى تۇنجى برونىۋىك كورپۇسى ئىدى. ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن ۋاقىت 1938-يىلى 4-فېۋرال بولۇپ، بۇ كۈنى گېرمانىيە ئالىي ھەربىي قوماندانلىرى قاتلىمىدا زور ئۆزگىرىش بولۇپ، گېنېرال بلومبېرگ بىلەن گېنېرال فرىچ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان. گۇدېرىئان ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە بۇ كۈننى«گېرمانىيەدىكى قاباھەتلىك كۈن»دەپ ئاتىغان. لېكىن تارىخ نۇقتىسىدىن قارىغاندا،شۇنىسى ئېنىقكى، ئىككى ئالىي قومانداننى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا سېلىشتۇرغاندا،گۇدېرىئاننىڭ ئۆستۈرۈلىشى كېيىنكى قېتىملىق ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن.
                 گۇدېرىئان 1938-يىل نويابىردا زاپاس قىسىمنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەنگەن. بۇ ئورۇندا، ئۇ نازارەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ ئەسكەر تۈرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بەلگىلەپ بېرىپ، ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلالايتتى. 2-دۇنيا ئۇرۇش پارتلاشتىن ئىلگىرىكى توققۇز ئايلىق ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە،ئۇ برونىۋىك قىسىمى قۇرۇش قەدىمىنى تېزلەتكەن بولسىمۇ، پۈتكۈل گېرمانىيە ئارمىيەسىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشقا كۆپ تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.
        2-دۇنيا ئۇرۇش باشلانغاندا، گۇدېرىئان جەڭگاھقا قايتىدىغان بۇ پۇرسەتتىن ئىنتايىن خوشال بولغان. پولشاغا تاجاۋۇز قىلىش ئېھتىياجى سەۋەبىدىن، ئۇ بىر برونىۋىك كورپۇسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. بۇ كورپۇس بوكنىڭ قوماندانلىقىدىكى«شىمال گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەسى توپى»غا تەۋە بولسىمۇ، تانكىلارنىڭ كۆپ قىسىمى رۇندستېدنىڭ«جەنۇب گۇرۇپپىۋاي ئارمىيەسى توپى» غا سەپلەپ بېرىلگەن. گۇدېرىئان دەسلەپتە ئۆزىنىڭ برونىۋىك كورپۇسىدا پەقەت بىرلا 3-برونىۋىك دېۋىزىيەسى بارلىقىنى، گېيرۋون سۋېپپېنبۇرگنىڭ دېۋىزىيە كوماندىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ كىشى 1933-يىلدىن 1937-يىلغىچە گېرمانىيەنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئەلچىخانىسىدا ھەربىي ئاتتاشى بولغان بولۇپ،ئىلگىرى گۇدېرىئاننىڭ باشلىقى بولغان. 1938-يىلغىچە گۇدېرىئان برونىۋىك كورپۇسىنىڭ كوماندىرى بولغان مەزگىلدە، سۋېپپېنبۇرگ ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن. ئۇلار ئىككىسىلا مىجەزى ئوخشايدىغان قەيسەر ئىرادىلىك كىشىلەر بولسىمۇ، ئۇلار ناھايىتى تېزلا چىقىشالماي قالغاچقا، ئارىدا سۈركىلىش يۈزبەرگەن. پولشا ئۇرۇشى باشلانغاندا،گۇدېرىئاننىڭ بىرلا برونىۋىك دېۋىزىيەسى بولسىمۇ، ئۇنىڭ بارلىق ئىدىيەسى ۋە تەشەببۇسكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرغان. بۇنداق ئەھۋالدا، دېۋىزىيە دەرىجىلىك قوماندانلىق دائىرىسى ئىچىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش تەس بولۇپ، سۋېپپېنبۇرگ گۇدېرىئاندىن كورپۇس كوماندىرىلىق ۋەزىپىسى دائىرىسى ئىچىدىكى ئىشلارنىلا باشقۇرۇپ،ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكنى ئوچۇقلا تەلەپ قىلغان. پولشا كارىدورىنى ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، گۇدېرىئان يەنە بىر برونىۋىك دېۋىزىيەسىگە ئېرىشكەن. ئۇ بۇ ئىككى دېۋىزىيەنى باشلاپ شەرقىي پرۇسسىيە برېست-لىتوۋسكقار بىۋاسىتە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، جەنۇبتا پولشا ئارمىيەسىنىڭ ئارقا سېپىگە بۆسۈپ كىرگەن. بۇ ناھايىتى ئەجەللىك زەربە بولۇپ، ئۇنى قالتىس ھەربىي ھەرىكەت دېيىشكە بولىدۇ.
         پولشا ئۇرۇشىدىن كېيىن، تانكىستلارنىڭ كۆپىنچىسى فىرانسىيەگە ھۇجۇم قىلغاندا،گۇدېرىئاننىڭ برونىۋىك قىسىملىرىنىڭ ئالىي قوماندانى بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان. ئاردېندىكى سەپنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە مەسئۇل بولغان ئەڭ مۇھىم «برونىۋىك بىرلەشمە ئارمىيەسى»گە ۋون كلېيست قوماندان بولغاندا، ئۇلار مۇتەئەسسىپلەرنىڭ باشقىچە قارىشىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلغان. لېكىن گۇدېرىئان بۇ قېتىم ئالدىنقى قىسىمغا قوماندانلىق قىلغان. بۇ ناھايىتى كۈچلۈك برونىۋىك قىسىمى بولۇپ، ئۈچ برونىۋىك دېۋىزىيەسىدىن تەركىپ تاپقان(باشقا برونىۋىك كورپۇسلىرىدا ئىككىلا برونىۋىك دېۋىزىيەسى بار ئىدى).گۇدېرىئان بۇ برونىۋىك كورپۇسىغا قوماندانلىق قىلىپ،مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەيران قالارلىق ئىستراتېگىيەلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ،كۆپ يىللىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، يەنى ئۇ برونىۋىك قىسىملىرى ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ بارلىق چېكىنىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن.
           گۇدېرىئاننىڭ مىجەزى ئالدىراڭغۇ بولغاچقا، ئۇنى نەس باسىدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئۇ قول ئاستىدىكىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا، بۇ مىجەزىنى يەنىلا ئۆزگەرتمىگەن. سۋېپپېنبۇرگ سۆزلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسى بۇرۇندىنلا تەگىشىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن تېخىمۇ پايدىلىنىشقا ئەرزىيدۇ. سۋېپپېنبۇرگ رۇسىيە ئۇرۇشىنى تىلغا ئالغاندا : «مېنىڭ برونىۋىك كورپۇسىم گۇدېرىئاننىڭ برونىۋىك قىسىملىرى توپىنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. موسكۋاغا يۈرۈش قىلغاندا،مېنىڭ قىسىمىم ئالدىنقى قىسىم بولدى.گۇدېرىئاننىڭ ئىشتاب باشلىقى مۇلايىم، چىقىشقاق، شۇنداقلا گۇدېرىئان شەخسەن ئۆزى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى كېلىپ،قول ئاستىدىكىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلغاچقا، كۈندە جاپالىق جەڭ بولۇۋاتقان ئالتە ئايدا، بىز بىر قېتىممۇ تەگىشىپ باقمىدۇق»دېگەن. سۋېپپېنبۇرگ گۇدېرىئاننىڭ«پىشقان رەھبەرلىك ئىقتىدارى»نى تەپسىلىي بايان قىلغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئۇرۇشقا قاتناشقان باشقا قوماندانلارمۇ ئوخشاش تەسىراتتا بولغان.
          گۇدېرىئان ئۆزىنىڭ ئالىي قوماندانلىق ۋەزىپىسىگە تەدرىجىي ماسلىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاۋاتقاندا، گىتلېر بىلەن تەگىشىپ قېلىپ، تەلىيى ئوڭدىن كەلمىگەن. ھەجىۋىي يېرى شۇكى، باشقىلار دائىم «ئالدىراڭغۇ،قاپ يۈرەك»دەپ ئەيىبلەۋاتقان گۇدېرىئان بۇ قېتىم بەك ئېھتىياتچان بولۇپ، گىتلېرنىڭ قىشتا موسكۋادىكى ئارقا سەپكە يىتىپ بېرىش تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلغان. ئەمما ئۇرۇش باشلانغاندا، گىتلېر گۇدېرىئاننىڭ ھېچ نەرسىگە قارىماي موسكۋاغا يۈرۈش قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقىنى مەغلۇپ قىلىدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت قولدىن كەتكەن.
            گۇدېرىئان گىتلېر بىلەن تەگىشىپ قالغان چاغدىكى ئەھۋاللار بايان قىلغاندا:«1941-يىلى  20-دېكابىر،شەرقىي پېرۇسىيەدىكى گىتلېرنىڭ قوماندانلىق ئىشتابىدا،گىتلېر بىلەن ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى بەش سائەت مۇزاكىرە قىلىپ ،ئۆزەم قوماندانلىق قىلىۋاتقان 2-برونىۋىك بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ئەھۋالىنى دوكلات قىلدىم. ئەينى ۋاقىتتا، قىسىمىمىزنىڭ ۋەزىپىسى موسكۋانى جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇب يۆنىلىشتىن مۇھاسىرىگە ئېلىش ھەم گوركى شەھىرىگە(بۇ شەھەر موسكۋا ئارقا سېپىگە 300 مىل كېلىدۇ) قاراپ ئىلگىرىلەش ئىدى. قىسىمىمىزنىڭ ئەھۋالى ۋە ئارقا سەپ ئىقتىدارىدىن قارىغاندا، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداش مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دېگەن.
          ئۇ: « گىتلېرنى دوكلاتىمدىكى ئەھۋاللارنىڭ راستلىقىغا ئىشەندۈرمەكچى بولغان بولساممۇ، ئۇنى قايىل قىلالمىدىم. مەن ئالدىنقى سەپتىن كەلگەن دوكلاتلارنىڭ ئۇنىڭ جاھىل پوزتسىيەسىنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئۇرۇش مەسلىھەتچىلىرىگە ئىشىنىشنى ھەم ئالدىنقى سەپتىن كەلگەن ئەڭ تەجىرىبىلىك ئوفىتسېرلارنى ئۆزىگە ئۇرۇش مەسلىھەتچىسى قىلىشنى تەۋسىيە قىلدىم. كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن،گىتلېر كېيتېلغا<مەن بۇ كىشىنى تېخى قايىل قىلالمىدىم>دېدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، مارشال فون كليۇگ مەركىزىي بىرلەشمە ئارمىيە توپىنىڭ قوماندانى بولدى. ئۇ مېنى <گىتلېرنىڭ تۇرادىن سۇسىئاھ-ئوكا ئىستىھكامىغا چېكىنىش بۇيرۇقىغا بويسۇنمىدىڭ> دەپ ئەيىبلىدى. گەرچە شۇ يىلى بەك سوغۇق بولسىمۇ، بىز يېرىم مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان سۇسىئاھ-ئوكا ئىستىھكامىنى ساقلىيالايتتۇق. كليۇگنىڭ ئەيىبلىشى خاتا بولسىمۇ، ئۇنىڭ گىتلېرگە يوللىغان دوكلاتى مېنى ۋەزىپەمدىن قالدۇرۇشقا يېتەرلىك سەۋەب بولالايتتى . 1941-يىلى 25-دېكابىر ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى مېنى ۋەزىپەمدىن قالدۇرۇۋەتتى» دېگەن . بۇ بۇيرۇقنى گۇدېرىئان ئۈچۈن ئېيتقاندا(گىتلېرنىڭ كۆپ قىسىم غەلىبىسى ئۇنىڭغا مەنسۇپ ئىدى) ھەقىقەتەن بىر«يۈزسىز مىلاد كارتىسى»دېيىشكە بولاتتى.
            گۇدېرىئان 1943-يىل فېۋرالغىچە، ئىش يوق بىكار يۈرگەن . گىتلېر ئۇنى قايتىدىن تەكلىپ قىلىپ، برونىۋىك قىسىملىرىنىڭ باش نازارەتچىلىكىگە تەيىنلەپ،ستالىنگرادتا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان برونىۋىك قىسىملىرىنى قايتىدىن تەشكىللەش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلغان.1943 -يىل ئىيۇدا، پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بەزى برونىۋىك دېۋىزىيەلىرى قايتىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، قورال-ياراغلىرى ئەسلىدىكى ئەمەلىي كۈچ ئۆلچىمىگە يېقىنلاشقان. ئەمەلگە ئاشمىغان كۇرسك ئۇرۇشىدا، گىتلېر يېڭىدىن تەشكىللەنگەن بۇ برونىۋىك دېۋىزيەلىرىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، بارلىق كۈچى بىلەن ئاخىرقى قېتىم  دو تىلمەكچى بولغان. بۇ كېيىن رۇسىيەلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا داۋاملىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىغا ئەجەللىك تەسىر كۆرسەتكەن. 1944-يىلى ئىيۇندا گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ، گېرمانىيە گۇمران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندا، گىتلېر گۇدېرىئاننى گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن.
           گۇدېرىئاننىڭ ساپاسى ۋە تەسىرىگە قانداق باھا بېرىش كېرەك؟گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككى مۇھىم ئوفىتسېرىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ باقايلى. ئۇلار گۇدېرىئان بىلەن ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىت بىللە ئىشلىگەچكە، ئۇنىڭغا ناھايىتى توغرا باھا بېرەلەيدۇ.
           بىرى، سۋېپپېنبۇرگ بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى گۇدېرىئان بىلەن تەگىىشىپ قالغان. ئۇ گۇدېرىئانغا باھا بەرگەندە : «گېرمانىيە برونىۋىك قىسىملىرىنى ئىسلاھ قىلىشتىكى تۆھپىنىڭ ٪60ى گۇدېرىئانغا مەنسۇپ . ئۇ غايىلىك ، باتۇر، ئەسكەرلەرنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەم ئەسكەرلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن؛ مىجەزى چۇس ، دادىل، قول ئاستىدىكىلەرگە قاتتىق تەلەپ قويىدىغان، غورۇرلۇق ، ئوچۇق-يورۇق، ناھايىتى مۇنەۋۋەر،ۋەزىپىسىنىڭ ھۆكدىسىدىن چىقالايدىغان؛ ئىلگىرىلەش روھىغا باي كىشى» دەيدۇ.
         يەنە بىرى مانتېئۇففېل بولۇپ، ئۇ گېرمانىيە برونىۋىك قىسىمىدىكى قوماندانلار ئارىسىدا ئەڭ ياش ھەم ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوفىتسېر ئىدى. ئۇ :«تانكىلارنى ئەڭ بالدۇر قىسىمغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ئۇرۇش ۋاسىتىسى قىلغان باش ئىشتاب ئەمەس، بەلكى گۇدېرىئان. مەن ھەربىي تارماقتا ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە(برونىۋىك قىسىملىرىنىڭ مەمۇرىي تەپتىشى بولغان)، ئۇنىڭ بۇ خىل ئۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش جەريانىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىمەن. بۇ يېڭى ئۇرۇش شەكلىنى ئۇنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىنىڭ كارتىنىسى، بۇ خىل يېڭى ئۇرۇش شەكلىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى غەلىبىسى ئۇنىڭغا مەنسۇپ، دېيىشكە بولىدۇ» دەيدۇ.
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    65

    تېما

    0

    دوست

    646

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي

    يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 02:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىلىۋالدىم ، كۆپ رەخمەت
    تارىخ، ئەينى ۋاقىتتا مىللەتنىڭ مەدەنىيەت رىقابىتىدىكى ئۇتۇق ۋە مەغلۇبىيەتلىرىنىڭمۇ سەھنىسىدۇر.

    0

    تېما

    0

    دوست

    55

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-8-19 12:45:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رەھمەت !

    0

    تېما

    1

    دوست

    111

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 21:09:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    گېتلىر يېڭىپ قالغان بولسا دۇنيا قانداغراق ئۆزگىرىپ كىتەر ئىدى ھە...

    0

    تېما

    0

    دوست

    14

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 20:03:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    گېتلىر يەڭگەن بولسا ئوخشاشلام  كۇن شەرىق تىن چىقىپ  غەرىپكە پاتاتى

    0

    تېما

    0

    دوست

    8

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-1-25 14:47:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەممە ئىشلار پەكەت ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بويىنچە  ئېلىپ بېرىلدۇ ،ئ

    84

    تېما

    30

    دوست

    2670

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-2-5 22:27:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھېتلىر يەڭگەن بولسا دۇنيا ئىقتىسادى ئوتتۇرا ئاسىياغا مەركەزلىشەتتى ھوقۇق گىېمانلار ۋە تۈرۈكلەرنىڭ قولىدا بولاتتى

    70

    تېما

    11

    دوست

    1318

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    ساداقەت لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار

    يوللىغان ۋاقتى 2013-2-13 23:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەگەردە گىتلىر يېڭلمىگەن بولسا بىز ئۈچ كاتتىۋاشنىڭ قىرىمدا ئېچىلغان يالتا يىغنىىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتمەستۇق بەلكىم . ئىشقىلىپ.‹ ئاق ئىت كۆك ئىت ھەمىسلا قويۇپ بەرسە ئادەم چىشلەيدۇ ›.   ئەگەردە ۋالكىرىيە پىلانى سوۋىت ئىتپاقى بېرلىنغا   چوڭ ھۇجۇمنى باشلاشتىن  بۇرۇن مەغلۇپ بولماي ئەمەلگە ئاشقان بولسىدى ھەي ....بەلكىم دۇنيانىڭ شۇ چاغدىكى ۋەزىيتى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن يىلكى شورلۇق ئۇيغۇرۇممۇ  سىتالىننىڭ سىياسى قۇربانى بۇلۇپ كەتمىگەن  بۇلاتتى.

    2

    تېما

    0

    دوست

    151

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 14:06:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    گىتلېر ھەقىقەتەنمۇ بىر بۈيۈك سىياسئۇن .يەھۇدىي بىلەن ئورۇسلارنىڭ خىلى ئوبدان ئەدىبنى بەرگەن لېكىن يېتەرلىك ئەمەس،تەڭرى يەنە قاچانمۇ يارىتار شۇنداق قەھرىماننى...

    0

    تېما

    0

    دوست

    4

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-2-16 17:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بەزىلەر گېتلېرنى جالات دەيدۇ.مىنىڭ نەزىرىمدە ئۇ ئۇلۇغ شەخىس.ئوز مىلىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتا يەھۇدىلار تەرپىدىن چەتكە قېقىلغانلىقىغا ھەم ئوز زىمىنىدا باشقا بىر مىللەت تەرىپىدىن خورلۇقا ئۇچۇرغانلىقى .(خۇددى ھازىرقى بىز)

    باھا سۆز

    تارېخ  قوللايمەن  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-12-20 00:07
    پايلاس  توغرا دەيسىز  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 2013-7-12 19:29
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 00:38 , Processed in 0.481502 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش