ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: 活动交友discuz
كۆرۈش: 87|ئىنكاس: 0

قازاقىستان بىلەن ھەمكارلىق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

يوللىغان ۋاقتى 2012-2-11 00:05:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل قازاقىستان پىرىزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايوف بىلەن ئومۇمىي قىممىتى بىر نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭ بولغان كېلىشىملەرنى ئىمزالىغىنى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقلىرى مەسئۇللىرىنىڭ تەنقىدلىرىگە دۇچار بولغان.

                                    

پىرىزدېنت نەزەربايىفنىڭ گېرمانىيىگە بولغان ئىككى كۈنلۈك سەپىرى داۋامىدا ئىمزالىغان يېڭى كېلىشىملەر، گېرمان شېركەتلىرىگە قازاقىستاننىڭ نامەلۇم مېتال زەھەرلىرى يولىنى ئاچتى.

ئايان بولىشىچە، بۇنداق مېتاللار زامانىۋىي يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللارنى ئىشلەپ چىقىرىشتا خام ئەشيا قىلىنىدىكەن.

گېرمانىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىمزالانغان كېلىشىملەر دۆلەت سانائىتى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئىكەن.

مېركېل خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن رىقابەتتە بولۇشتا، بۇنداق مۇھىم خام ئەشيالەرگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەنمۇ قالتىس گەپ ئىكەن.

قازاقىستان ئۇران ئىشلەپ چىقىرىشتا، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار دۆلەتلەر قاتارىدىن ھېسابلىنىدىكەن.

                  

مەن دېدىم

گېرمانىيە مىنىستىرلىرىنىڭ رەسمىي ئېلان قىلىشىچە، پىرىزدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايىف بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان.

ئانگېلا مېركېل خانىمنىڭ دېيىشىچە، مېركېل خانىم ئۆتكەن يىلى دېكابىردا يۈز بەرگەن، جاناۋېزىن قانلىق ۋەقەسىنى تىلغا ئالغىنىدا، جاناب نەزەربايىفمۇ بۇنداق ئىنسانىي تالاپەتلەردىن ئەپسۇسدا ئىكەنلىكى ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەنى چوقۇم ئېنىقلايدىغانلىقىنى دەپ جاۋاب بەرگەن،

ئەمما غەرب دۆلەتلىرىدىكى مەتبۇئاتلاردا، قازاقىستان كەلگۈسى ئون يىل ئىچىدە گېرمانىيە سەۋىيىسىگە يېتىشتىن ئۈمىد كۈتمەسلىكى ئېيتىلغان. ھەمدە قازاق رەھبىرى كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا ئائىت سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن.

قازاقىستان پىرىزدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايىف دېموكراتىيە ساھەسىدە ئاللىقاچان مۇئەييەن ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەنلىكىنى تەكىتلەپ، گېرمان شىركەتلىرىنى نامەلۇم مېتاللار باھانىسىدە ئۆز مەملىكىتىگە كۆپرەك سەرمايە سېلىشقا ئۈندىگەن.

«Human Rights Watch» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ دېيىشىچە، قازاقىستاندا كىشىلىك ھوقۇقلىرى بىلەن باغلىق ئىشلارنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىلىپ، گېرمانيىنىڭ قارارى ئەيىبلەنگەن.

خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلسا، قازاقىستان ئىشەنچلىك سودا ھەمكارى بولالمايدۇ، دەپ ئېيتقان.

غەرب مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان پىرىزدېنتى گېرمانىيە تەرەپ بىلەن 50كە يېقىن كېلىشىم ئىمزالىغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قازاقىستان تۆمۈر يول قۇرۇلىشىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئائىت كېلىشىمنىڭمۇ بارلىقى ئېيتىلىپ ئۆتۈلدى.

(گۈليارە تۇرسۇن)








كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|Uyghur history website ( 新ICP备11003746号-1 )

GMT+8, 2012-2-26 05:47 , Processed in 0.058507 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش