• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 2062|ئىنكاس: 7

    ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى نېمە ئۈچۈن موڭغۇللارغا بەيئەت قىلغان؟

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-8-3 12:11:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    13 – ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، چىڭگىزخان چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاقلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئەمەلىي كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ۋاقىتتا، غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەڭ رايونلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان غەربىي لياۋ خانلىقى (1211 — 1124) كۈندىن – كۈنگە زاۋاللىققا يۈزلەندى، پادىشاھ جرۇغۇ ئوردىدا ھاكىمىيەت بىلەن كارى بولماي ئەتىدىن – كەچكىچە كەيپ – ساپاغا بېرىلىپ راھەت – پاراغەتتە كۈن ئۆتكۈزۈپ، پۇقرالار ۋە تەۋە ئەللەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى قاتارلىق قارام ئەللەر خەلقلىرىنىڭ ئىدىيىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى.

    ئەينى ۋاقىتتا، غەربىي لياۋ سۇلالىسى قۇجۇ (بۈگۈنكى تۇرپان)غا ئەۋەتكەن «نازارەتچى» (شاھنا ياكى شاۋكېم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئىنتايىن ئاچكۆز ۋە ئۇچىغا چىققان شەھۋانىي ئادەم ئىدى. ئۇ ھوقۇقىغا تايىنىپ خەلقنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت كەلتۈردى، ئۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى كۆزگە ئىلمايلا قالماي، ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىدىقۇتى» (پادىشاھ) بارچۇق ئارت تېگىنگىمۇ ھاكاۋۇرلۇق قىلدى. شۇڭا پادىشاھ، ئەمەلدار ۋە پۇقرالار ئۇنىڭغا چىش – تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتتى.

    دەل مۇشۇ چاغدا چىڭگىزخاننىڭ شىمالىي چۆللۈكىنى زىلزىلىگە سالغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى. «ئىدىقۇت» بارچۇق ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، موڭغۇللارنىڭ نام – شۆھرىتىدىن پايدىلىنىپ قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنى قارار قىلدى.

    1209 – يىلنىڭ بىر كۈنى بارچۇق ئەمەلدارلىرى بىلەن ئەتراپلىق پىلان تۈزگەندىن كېيىن، ۋەزىر بىلگە بۇقا ئەسكەر – سەرۋازلارنى باشلاپ غەربىي لياۋ سۇلالىسىنىڭ «شاھنا» مەھكىمىسىنى تۇيۇقسىز قورشىۋالىدۇ. ئادەتتە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمايدىغان بۇ نەرسە قىتان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قوغدىشى بىلەن راۋاققا چىقىۋېلىپ قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بىلگە بۇقا ئالدى بىلەن راۋاققا چىقىپ قىلىچ بىلەن قىتان «شاھنا»سىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ.

    بۇ ۋەقەدىن كېيىن «ئىدىقۇت» بارچۇق ئارت تېكىن موڭغۇللارغا ئەلچى ئەۋەتىپ، بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 1211 – يىلى بارچۇق نۇرغۇن ئۈنچە – مەرۋايىت ۋە يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ، قۇرۇلۇن دەرياسى (بۈگۈنكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدا) بويىچە بېرىپ چىڭگىزخان بىلەن كۆرۈشىدۇ. چىڭگىزخان ناھايىتى خۇش بولۇپ قىزىنى بارچۇق ئارت تېكىنگە ياتلىق قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆزىنىڭ 5 – ئوغلى قاتارىدا كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ تۆت شاھزادىسىنى ئۇنىڭغا ئاكا قىلىدۇ، ئۇ ئىدىقۇت ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قۇجۇ ئۇيغۇرلىرىغا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.

    مەنبە: «شىنجاڭ تارىخىدىن تەربىيە»، تەرجىمە قىلغۇچى: ئابلەت نۇردۇن، مەسئۇل مۇھەررىر: نۇربىيە ئەزىزى، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت – فوتو سۈرەت نەشرىياتى
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    0

    تېما

    0

    دوست

    8

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-8-9 15:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پەرھات جىلاننىڭ ئىدقۇت يۇلتۇزى دىگەن كىتاپتا بارچۇق ئارتېكىن چىڭگىزخانغا  كۈيئوغۇل بۇلۇش مەقسىتىدە مەكتۇپ يازغانلىقى سۆزلىنىدۇ.
    مەن ئۇيغۇرۇمنى سۆيىمەن!

    0

    تېما

    0

    دوست

    4

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-8-11 16:37:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پەرھات جىلاننىڭ ئىدقۇت يۇلتۇزى نى ئۇقۇسا ، ھەممىنى تولۇق بىلگەندەك بولىدۇ .

    1

    تېما

    3

    دوست

    138

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-3-26 18:45:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پەرھات جىلاننىڭ ئىدقۇت يۇلتۇزى نى ئۇقۇسا ، ھەممىنى تولۇق بىلگەندەك بولىدۇ

    64

    تېما

    10

    دوست

    2113

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 03:10:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن مۇشۇ ئىشقا ھەيران ؛ بارچۇق ئارت تىگىن نىمە ئۈچۈن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىدۇ ،تەڭ باراۋەر ئاساستا دوستلاشسا بولمامدۇ ؟ ئەينى چاغدا موڭغۇللار موڭغۇل ئىگىزلىكىنىلا بىرلىككە كەلتۈرەلىگەن تېخى ئالتۇن خانلىقىنىمۇ يوقاتمىغان تۇرسا ، ئوتتۇرا ئاسىيادا قۇدرەتلىك ھېساپلانغان قارا قىتانلاردىن يۈز ئۆرۈپ موڭغۇللارغا بەيئەت قىلىشنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ ؟ بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئوتتۇرىسىدا قانداق سىرلىق باغلىنىش بار ؟ دۇساننىڭ : ‹‹ موڭغۇللارنىڭ مەخپى تارىخى ›› دېگەن كىتابىدا شەرقى ئۇيغۇرلارنىڭ 8 - ئەسىردىكى جەڭگىۋار ئىش - ئىزلىرىنى ئەجداد تارىخىم دەپ خاتىرىلىگەن . 500 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن ئېدىقۇت خانلىقىدا ئاھالە مىسلىسىز كۆپەيگەن ، ئىسلام كۈچلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن بىر بۆلۈم ئاھالە مۇسۇلمان بولۇپ ئۆز ئورنىدا قېپقالغان ، ئىسلامغا كىرىشنى خالىماي تاغ ئارىسىغا قېچىپ كەتكەن ، ئەسلى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان ( قالماق ) لار كېيىن ئۇيرات (ئۇيغۇر ئات ) لار نامىدا تارىخ سەھنىسىدە پەيدا بولغان ۋە بىر مەھەل دەۋىر سۈرۈپ موڭغۇللارغا قوشۇلۇپ كەتكەن . 17 -ئەسىردە ياشىغان خىۋە خانى ئوبۇلغازى باھادۇرخان : قالماقلار تۈركى خەلق دىگەنىدى . شۇنداقلا چاغاتاي نەسلىدىن بولغان يۈنۈسخان ، مەنسۇرخان ، سەئىدخانلار ئۇيغۇرلىشىپ كەتتى ، بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ قارىغاندا 840 -يىلىدىكى چوڭ كۆچۈشتە كۆچمەي ئەسلى ئورنىدا قېپقالغان بىر بۆلۈك ئاھالە كېيىن چىڭگىزخان نامىدا ئۇيۇشقان بولۇشى مۈمكىن ، بۇنى بىلگەن بارچۇق ئارت تىگىن چىڭگىزخانغا بويسۇنغانمىكىن ...  

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 11:19:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بايغۇ يوللىغان ۋاقتى  2013-3-27 03:10
    مەن مۇشۇ ئىشقا ھەيران ؛ بارچۇق ئارت تىگىن نىمە ئۈچۈن چى ...

      ئىدىقۇت  خانلىقى قارا قىتانلارغا  بويسۇنغاندىن كىيىن  قارا قىتانلار  ئۆكتەملىك بىلەن  ئىدىقۇت خانىلىرىغىمۇ  زورلۇق  ئۆكتەملىك قىلىلىشقا باشلايدۇ  . بارچۇق ئارت تىگىن  دەۋرىدا  قارا قىتانلارنىڭ ئىدىقۇتتا تۇرۇشلۇق باشقۇرغۇچىلىرى  ئىدىقۇت خانىنى كۆزگە ئىلمايدىغان ئەھۋاللار يۈزبەرگەن ئىكەن  . ئاخىردا بارچۇق ئارت تىگىن چىگىزخانغا بەيئەت قىلىش ئۈچۈن ئەلچى ئەۋەتىپ چىڭگىزخاننىڭ ماقۇلۇقىدىن كىيىن  .  قارا قىتان باشقۇرغۇچىلىرىنى بىر ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ  ئەكىرىپ ئارقىتىن تامنى ئۆرۈپ ئۆلتۈرۈپتىكەن  . مۇشۇ  تارىخنى ئوقۇسام  پۈتۇن ئىدىقۇت خانلىقىدىن ئاشۇ باشقۇرغۇچىنى قېلىچلاپ ئۆلتۈرەلىگۈدەك ئەزمەت  يوق بولغۇيمىتى دەپ قالىمەن  ...
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    64

    تېما

    10

    دوست

    2113

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 14:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مانى دىنىي ئەقىدىسىدە يورۇقلۇق ۋە زۇلمەت تەڭرىلىرى ئايرىم - ئايرىم بولۇپ ، كىشى جەۋرى -جاپاغا چىداپ ، سۈكۈت قىلغاندىلا يورۇقلۇق تەڭرىسىنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ دەيدۇ . بۇددا دىنىدا بولسا ھېچقانداق جانلىققا زىيان يەتكۈزۈشكە (كىچىككىنە قۇرۇتتىن ئىنسانلارغىچە ‹‹ گەرچە ئۇ سېنىڭ دۈشمىنىڭ بولسىمۇ ›› ) بولمايدۇ نى تەشەببۇس قىلىدۇ . ئېھتىمال بۇ ئىككى دىن ئۇيغۇرلارنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى يوقىتىۋەتكەن بولىشى مۈمكىن

    باھا سۆز

    admin  راست دەيسىز ....  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-27 15:37

    0

    تېما

    2

    دوست

    397

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يوللىغان ۋاقتى 2013-11-30 08:27:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قىتانلاردىن  قۇتۇلۇش  ئۇچۇن   موڭغۇللارغا  بەيئەت   قىلدى    ئەگەر   موڭغۇللار  خارازەمگە  يېڭىلغان  بولسا    خارازەمگىمۇ   بەيئەت  قىلار   بولغۇيمىتى   دەپمۇ   قالىمەن     ئەمما   شۇ  بەيئەت  قىلغاننىڭ   بەدىلىگە   ئۇيغۇر  ئەسكەرلىرىنى    موڭغۇللارنىڭ     ئۇرۇش  لىرىغا  سېلىپ  بەردى     نىمە  پايدا  ئالدى  دەيمەن      、ئەگەر  ئالدى  دىسەك    شۇ  ئىدىقۇت  خانلىقى   يەنە  بقىندىلىق  ھالدا   يەنە  بىر  مەزگىل  تۇردى  شۇ
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 00:40 , Processed in 0.462227 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش