• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 373 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار تۈنۈگۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    • دىيارىم 2014-4-24 22:51 [ئىنكاس(4)] [...]

      دىيارىمىز بۇ يىل يىڭى قوشنىلاردىن ھەر يىلدىكىدىن بەكرەك مول ھوسۇل ئالدىغان دەك تۇردۇ.

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:22 [ئىنكاس(1)] [...]

      بىزنىڭ روھىمىزنى قۇم بىسىپ كەتكەنلىكتىن،يۇرتىمىزنى قۇم بىسپ كەتتى

    • شىرتكىن 2014-4-19 11:23 [ئىنكاس(3)] [...]

      ھەي بىچارە ئۇيغۇرۇم!! http://url

    • پەلەك 2014-4-12 16:28 [ئىنكاس(2)] [...]

      قىزغىنلىق ئىنكاس تەستىقلاش تۈزۈمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ،بەلكى دوستلارنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا باغلىق.....

    • پەلەك 2014-4-11 18:49 [ئىنكاس(1)] [...]

      مۇنبەر قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى.

    • پەلەك 2014-4-10 10:20 [ئىنكاس(2)] [...]

      ‹ئاسىيادا بەش تۈرك›نى بىر قىتىم تولۇقلىدىم،كۆرۈپ باققايسىلەر..........

    • سالمان 2014-4-1 17:00 [ئىنكاس(0)] [...]

      مۇنبەر خاسلىقى يوقالمىسۇن، بۇ ئىچى پۇشقانلار ئىنكاس يازىدىغان مۇنبەرلەرگە ئوخشاپ قالمىسۇن.

    كۆرۈش: 4278|ئىنكاس: 13

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىيا

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    65

    تېما

    0

    دوست

    646

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي

    يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 01:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى ئوتتۇرا ئاسىيا

    ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتىنىڭ ئوتتۇرا  ئاسىيا ئىكەنلىكىنى گېئولوگىيلىك ۋە ئارخىلوگىيلىك پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاش
    ئوتتۇرا ئاسىيا ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى بولۇپ قالماستىن، بەلكى دۇنيا  مەدەنىيتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ئالتۇن بۆشۈكىنىڭ بىرىدۇر.شۇنىڭ ئۈچۈن تارىخچى مورگان :«دۇنيا  مەدەنىيتىنىڭ ئاچقۇچىسى تارىم ۋادىسىغا كۆمۈكلۈكتۇر. بۇ ئاچىقۇچ قاچان تېپىلىدىكەن شۇ چاغدا  دۇنيا مەدەنىيتىنىڭ سىرى ئېچىلغۇسى» دېگەن ئىدى.
       ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا ، ئىنسان بالىلىرى ئەڭ قەدىمكى چاغلاردىن تارتىپ ، ھايات كەچۈرۈشكە ئەپلىك بولغان دەريا، كۆل ، دېڭىز بويلىرى، ئورمانلار ،يېشىل دېڭىزلاردەك دولقۇنلىنىپ تۇرىدىغان چەكسىز يايلاقلار، ياپيېشىل قارىغايلار، ئارچىلار ،قاپلانغان تاغنىڭ قاپتاللىرىدا ياشىغان.
    ئىنسانلار  ئۆزلىرى ياشىغان جايلارنىڭ تەبئىي شارائىتىغا قاراپ، ئوۋچىلىق ،چارۋىچىلىق،دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك،ھۈنەرۋەنچىلىك ، سودا - سېتىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ،كۆچمەن ھەم مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ ھايات كەچۈرگەن.گېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا ،ئوتتۇرا ئاسىيا ئەڭ قەدىمكى چاغلاردا ئىنسانلار ھايات كەچۈرۈشكە تولىمۇ ئەپلىك تەبئىي شارائىتىغا ئىگە ئىدى.
         يېقىنقى يىللاردىن بېرى شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىلغان گېئولوگىيلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا ، تارىم ۋادىسىدا ياكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا بولسۇن ، نېفت زاپىسىنىڭ كۆپلىكى ۋە سۈپىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن دۇنيانى ھەيران قالدۇردىغان نېفتلىك تېپىلدى. بىر جۈملە  سۆز بىلەن ئېيىتقاندا ، 1مىليون 600مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان شىنجاڭ زېمىنىنىڭ ئاستى تۈرلۈك تۈمەن بايلىقلار ، ھەتتا دۇنيادا كەم ئۇچىرايدىغان ئوران،رادىي قاتارلىق ئېسىل تەبئىي بايلىقلار خەزىنىسى ، نېفت دېڭىزى ۋە كۆمۈر كانلىرى دۇنياسىدىن ئىبارەت.
            شىنجاڭ زېمىنىدا نېفتلىكلەر ۋە كۆمۈر كانلىرىنىڭ كۆپلىكى ئەڭ قەدىمقى چاغدا تارىم ۋادىسى بىلەن جۇڭغارىيە ئويمانلىقى ناھايىتى چوڭ ئىچىكى دېڭىز بولغانلىقى ،تاغلارنىڭ ۋە تاغ ئېتەكلىرىنىڭ چەكسىز قېلىن ئورمانلار بىلەن قاپلانغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، چۈنكى، تەبىئەتتە  بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر (ناھايىتى دەھشەتلىك ، قاتتىق يەر تەۋرەشلەر ، قۇرغاقچىلىق ئاپەتلىرى ) نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ئىككى چوڭ ئىچىكى دېڭىز كىچىكلەپ ، قۇرۇقلۇق يۈزى كېڭەيگەن،ھازىرقى سايرام ، باغراش، لوپنۇر كۆللىرى قەدىمكى ئىچىكى دېڭىز ئورنىدا قالغان  قالدۇق كۆللەردۇر. دېڭىزلارنىڭ قۇرۇقلققا ئايلىنىش نەتىجىسىدە، ھەددى ھېساپسىز سۇ ھايۋانلىرى تۇپراق ئاستىدا قېلىپ، مىليون يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن  نېفىت ھاسىل بولغان. چەكسىز كەتكەن قارىغاي ئورمانلىرىمۇ تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە تۇپراق ئاستىدا قېلىپ ، يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن كۆمۈرگە ئايلانغان.
        ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمى (سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىنىڭ) نىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغدىكى تەبئىي شارائىتىمۇ خۇددى بىز يۇقۇرىدا ئېيتىپ ئۆتكەن ئەھۋالدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى.
        گېئولوگيلىك تەكشۈرۈش نەتىجىللىرىگە ئاساسلانغاندا ، قەدىمكى چاغلاردا ئاسىيا، ياۋرۇپا قىتئەلىرىنىڭ شىمالى قىسىمى مۇز بىلەن قاپلانغان. بۇنداق ئەھۋال ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىيتىگە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. شۇ سەۋەپتىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى پامىر تاغلىرى، قارا قۇرۇم تاغلىرى، تەڭرى تاغلىرى، ئالتاي تاغلىرىنىڭ چوققىلىرى ۋە قىيالىرى ھازىرغا سېلىشتۇرۇپ بولمايدىغان دەرىجىدە ناھايىتى قېلىن مۇز ۋە قارلار بىلەن قاپلانغان ئىدى. مەسىلەن :«پامىر مۇزلۇقلىرىدىن بىرىنىڭ ھازىرقى ئۇزۇنلۇقى 77 كىلومېتىر، قېلىنلىقى 500 مېتىر بولغان بولسا، قەدىمكى چاغدا شۇ مۇزلۇقنىڭ ئۇزۇنلۇقى 180 كىلومېتىرغا سوزۇلغان بولۇپ، قېلىنلىقى 1000 مېتىرغا يەتكەن. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى مۇزلۇقلارنىڭ تۆۋەن جايىدىكى چىگىرىسى دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىر ئېگىز ئىدى، ھازىرقى مۇزلۇقلارنىڭ تۆۋەن جايىدىكى چىگىرىسى دېڭىز يۈزىدىن 3200 مېتىر ئېگىز  بولۇپ، ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئەمەس.»
        يۇقىرىدىكى تەبىئىي ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، ھازىرقى  ۋاقىتتىن ئون نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ  تەبئىي ئىقلىمى ھازىرقىغا قارىغاندا نەم بولۇپ ، ھۆل - يېغىن كۆپ ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ، قەدىمقى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تاغلارنىڭ مۇزلۇق ، قارلىق چوققىلىرى ۋە ئىگىز قىيالىرىدىن كۈن نۇرىدا ئېرىپ ھاسىل بولغان سۇلار ناھايىتى مول سۇلۇق  دەريالارنى ، چوڭ -چوڭ ئىچىكى دېڭىزلارنى ، كۆللەرنى پەيدا قىلغانىدى.بۇنداق شارائىت ئوتتۇرا ئاسىيادا دېھقانچىلىق،چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بەرگەندىن تاشقىرى ، ئورمانلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگىمۇ قولاي شارائىت يارىتىپ بەرگەن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسمى (ئاساسەن تارىم ۋادىسى) ۋە غەربىي قىسىمى (سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسى) ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ناھايىتى مۇنبەت ۋە ھوسۇللۇق رايونلىرى ئىدى.
    شۇ چاغلاردا تارىم ۋادىسىدىكى  تەكلىماكان قۇملۇقى، جۇڭغارىيىدىكى  قۇربان تۇڭغۇت (قازان قۇم) قۇملۇقى، تۈركمەنىستاندىكى قىزىلقۇم چۆللۈكى، ئۆزبىكىستاندىكى قارا قۇرۇم قاتارلىق چۆللۈكلەر يوق ئىدى. ھازىرقى سايرام ، باغراش، لوپنۇر، بارىكۆل، بالقاش، ئارال كۆللىرى ناھايىتى چوڭ كۆللەر ئىدى. تارىم دەرياسى، ئىلى دەرياسى، سىر دەرياسى ،ئامۇ دەرياسى،چۇ دەرياسى ، تالاس دەرياسى قاتارلىق دەريالارنىڭ سۇلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ تارماق غوللىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى خۇددى ئۆمۈچۈكنىڭ تورىدەك قاپلاپ تۇراتتى.
           گىئولوگىيە ۋە ئاخېلوگىيە ئىلمىنىڭ مەشھۇر  ئالىملىرىنىڭ  ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بارغان ئىلمى تەكشۈرۈشلىرى ئارقىلىق چىقارغان توغرا ھۆكمىگە ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىيتىدە ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن. شۇ سەۋەپتىن، ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىر قىسمى ئاسىيانىڭ شەرق ۋە غەرپ
    تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىشىگە مەجبۇر بولغان. شۇ چاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقي بۆلىكى بولغان تارىم ۋادىسىدا ياشايدىغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ بىر قىسىمى ئالتاي ئارقىلىق كۆچۈپ، ھازىرقى  مۇڭغۇلىيە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا كەتكەن . مىلادى 840-يىلى مۇڭغۇلىيەدىن شىنجاڭغا  كۆچكەن شەرقىي ئۇيغۇرلار بولسا بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن مۇڭغۇلىيەگە ۋە بايقال كۆلى ئەتراپلىرىغا كۆچكەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەۋلادى ئىدى.
       بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇنقى كۆچۈشتە تارىم ۋادىسىدىن لاداق يولى ئارقىلىق شىمالىي ھىندىستانغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىز ھىندىستاننىڭ ئەسلى يەرلىك خەلقى بولغان داراۋىدلارنىڭ قەدىمكى ھىندىستان مەدىنىيتىگە ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەن.XX ئەسىرنىڭ 20-يىللىرى ئارخىلوگىيە ئالىملىرى ھىندى دەرياسى ۋادىسىدىكى ھاراففا (پەنجاپ شىتاتىدا)، موھىنجودارا (پاكىستاننىڭ سىندى ئۆلكىسىدە) قاتارلىق قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ خارابىلىرىنى تەكشۈرگەندە، تېپىلغان ھەيكەللەر ئارىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيالىق  تۈرك(ئۇيغۇر) تىپىغا كىرىدىغان ۋە بېشىدىكى چاچلىرى قىيىقچە(لېنتا) بىلەن  باغلانغان بىر ھەيكەل چىققان.
    بۇ ھەيكەل  بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇن تارىم ۋادىسىدىن  شىمالىي ھىندىستانغا كۆچكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئارىيانلار  ھىندىستانغا كۆچۈپ كېلىشتىن بىر نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا  ھىندىستاننىڭ ئاساسىي يەرلىك خەلقى دارۋىدلار بىلەن بىللە ياشىغان  دەۋىرىگە مەنسۇپ.
        شىنجاڭ ئىجدىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيسى ئارخىلوگىيە تەتقىقات ئورنى 1971- يىلى كۆنچى دەرياسىنىڭ بويىدىكى ئىپتىدائىي قەبىرىستانلىقتىن بىر ياش ئايال بىلەن  بىر كىچىك بالىنىڭ جەسىتىنى تاپقان . نەنجىڭ ئۇنۋېرسىتىتى  جۇغراپىيە فاكۇلتېتى كاربون 14 تەجىربىخانىسى قەبىرىستاندىن  تېپىلغان ياغاچلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەر نىڭ بۇنىڭدىن 6412 يىل بۇرۇن دەپنە قىلىنغان جەسەت ئىكەنلىكى دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلانغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەر«خەلىق گېزىتى » دە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ (ئۇيغۇرچە)1981-يىل 2-ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان.
          يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جەسەتلەر توغرىسىدا شىنجاڭ گېزىتىدە مۇنداق دىيىلگەن:«بۇ جەسەتلەر يەر يۈزىدىن ئېگىزرەك بولغانقۇرغاق قۇم دۆۋىسىدىن قېزىۋېلىنغان، گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرنۈپ تۇرىدۇ.گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان.جەسەتلەر گۆردە ئوڭدا ياتقۇزۇلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغاچ تاختايۋە تاختاينىڭ ئۈستىگە قوي تېرىسى بىلەن چىغ توقۇلما يېپىلغان.جەسەت ناھايىتى قۇپال توقۇلغان رەخىتكە ئورالغان بولۇپ ،ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز قالپاق كىيدۈرۈلگەن. ئۇنىڭ سېرىق ئۇزۇن چاچلىرى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. كۆزلىرى يوغان كىرپىكلىرى ئۇزۇن، قاڭشارلىق... بۇ قەدىمكى جەسەتلەر بىلەن بىرگە قېزىۋېلىنغان ئاخىرەتلىكلەر ئىچىدە ناھايىتى نەپىس توقۇلغان چىغ سېۋەتلەر بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان، ئەمما بۇ دانلار چىرىپ ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن.بالا جەسەت بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سېۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلانغان بۇغداي چىقتى.»
      بۇ ئىككى جەسەتنىڭ تېپىلغانلىقى بۇنىڭدىن 8000 يىللار بۇرۇنقى كۆچۈشتە باشقا جايلارغا كەتمەي تارىم ۋادىسىدا داۋاملىق ياشاپ قالغان ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىتنىك خۇسۇسىيتى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيتى (دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمچىلىق ، ھۈنەر -سەنئەت) نى تەتقىق قىلىشتا بىباھا ئەھمىيەتكە ئىگە.
        شۇنى ئۈزۈپ ئېيتىشقا بولىدۇ كى ، تارىم ۋادىسىدا ياشىغان ئەڭ قەدىمكى يەرلىك ئاساسى خەلق سېرىق تەنلىكلەرگە مەنسۇپ بولماستىن(سېرىق تەنلىكلەر قاڭشارلىق، سېرىق چاچ بولمايدۇ) ۋە شۇنىڭدەك ئارىيان نەسىللىك خەلىقمۇ بولماستىن( ئارىيانلار مىلادىدىن 1700 يىللار بۇرۇن ئىران ئىگىزلىكى ئارقىلىق ھىندىستانغا كۆچكەن)، دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى.
      «غەرىبى يۇرت تارىخى ھەققىدە ماقالىلەر»  1-توپلام. شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى نەشىرى.
    تارىخ، ئەينى ۋاقىتتا مىللەتنىڭ مەدەنىيەت رىقابىتىدىكى ئۇتۇق ۋە مەغلۇبىيەتلىرىنىڭمۇ سەھنىسىدۇر.

    50

    تېما

    0

    دوست

    404

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 05:53:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    :<بالام،ئوبدان خاتىرلىۋالدىڭمۇ؟؟بۈگۈن خائىنلار غەلبە قىلدى،كىمنىڭ توغرا كىمنىڭ  كىمنىڭ خاتالىقىنى،كىمنڭ خائىنلىقىنى 30يىلدىن كىيىن بىلىپ قالىسەن،ئۇ كۈنلەرنى مەن كۆرەلمەيمەن ئەمما سەن كۆرەلەيسىەن!!>  بۇ ئىلىخان تۆرىنىڭ نۇرىغا دىگەن سۆزى،<ئانا يۇرت> رومانىدىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان قۇرلار.ئەمەليەتتىمۇ 30يىل كەتمىدى،گومىنداڭچىلار كىلشىمنى بۇزدى!!!

    50

    تېما

    0

    دوست

    404

    جۇغلانما

    سول ۋەزىر

    Rank: 7Rank: 7Rank: 7

    يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 06:01:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەۋلانوف دىسەڭلار ھىلىقى 1945-يىلى جىڭنى ئازاد قىلىش ئۇرۇشنىڭ بىرىنچى فىرونتى بولغان باجىياخۇ قۇملۇقىدا بولغان ئۇرۇش ئىسىمگە كىلىپ قالدى شۇ ۋاقىتتا مەۋلانوفنىڭ خاتا قۇماندانلىق قىلىشى بىلەن باجىياخۇدا بولغان جەڭدە 500دىن ئارتۇق ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئوفىتسىر-جەڭچىلىرى قۇربان بولغان ئىسھاقبىك دىگەن قىرغىز نىڭ ئارىغا كىرۋېلىشى ۋە ئۇرۇسنىڭ ئارلىشۋېلىشى بىلەن بۇ مەۋلانوف دىگەن قىرغىز ھەربى سوتقا تارتىلىشتىن ئامان قالغان ،ئەمما ھەر بىر ئىشنىڭ سورىقى بولىدۇ دىگەندەك بۇ سوۋىت ئىشپىيۇنى ئاخىرى ئۈزنىڭ قىساسىنى تارتقان ،بۇ ئىتنىڭ بالىسى 1937-يىلى قەشقەردە مەمتىلى ئەپەندى قاتارلىق ئۇيغۇر يېقىنقى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى بولغان ئىنقىلابى قۇربانلارنى شىڭ شىسەينىڭ كۈچى بىلەن ياۋاغ تۈرمىسىدە قەتلى قىلغان كۆكسى-قارنى كەڭرى بولغان ئۇيغۇر  بۇ قىساسنى ۋاقىتلىق ئۇنتۇپ قالغان دەۋىر ئىھتىياجى ئۈچۈن  ئەمما بۇ قىساس ئاخىرى ئېلىنغان يەنى 1975-يىلى مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى< قىرغىزىستاننىڭ قاراقولدا ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىرى> مەۋلانوفنىڭ ئۈزى ۋە ئاساسى جەمەتلىرىنى بىر كېچىدە قىرۋاتقان ھەمدە  ئەل قىساسى مىنەلھەق دىگەن ئىبارىنىڭ مەنىسىنى يىشىپ بەرگەن !  

    باھا سۆز

    جاۋاپ  ئىسھاقبېك دىگەن بۇناپۇقنىمۇ ئۆلتىرگەن بولسا بوپتىكەن  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-31 23:53

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 11:34:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دەرۋىش يوللىغان ۋاقتى  2012-7-31 06:01
    مەۋلانوف دىسەڭلار ھىلىقى 1945-يىلى جىڭنى ئازاد قىلىش ئۇر ...

    مەۋلانوف  كىيىن سوۋىت ئىتپاقىغا  قايتىپ  ئۆزبېكستاندا ياشاپقالىدىكەن  ....   بىر مەسچىدكە  مەزىن بولغان دەپ ئوقىغان ئىدىم .... ئەلخان تۆرىنىڭ كىتابىدىن  ...  
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    0

    تېما

    0

    دوست

    55

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-8-17 17:47:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    قايسى كىتاب بولغىيدى ئۇ ؟

    0

    تېما

    0

    دوست

    9

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 21:26:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئاھ  ئۇيغۇرۇم گۈللەپ ياشنىغىن ئاسىيا ئاسمىنىدا ،دۇنيا ئاسمىنىدا

    0

    تېما

    0

    دوست

    21

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 04:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بىز زادى ھەممىگە ئامالسىزمۇ؟؟؟

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 10:49:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    نەزەر يوللىغان ۋاقتى  2012-8-17 17:47
    قايسى كىتاب بولغىيدى ئۇ ؟

    ئەلىخان تۆرە ساغۇنىنىڭ تۈركىستان قايغۇسى دەپ  2 توملۇق كىتابى بار  ... ئۇ كىتاپتا ئۆزىنىڭ سوۋات ئىتپاقىدىن شىنجاڭغا ئىككى قېتىم قېچىپ كېلىش تارىخى ۋە خوجىنىياز ھاجى ماجۇڭيى ئەسكەرلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار . ‹شەرقى تۈركىستان› دىگەن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جەريانلىرى بايان قىلىنىدۇ ...
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    0

    تېما

    3

    دوست

    254

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 14:10:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    دەرۋىش يوللىغان ۋاقتى  2012-7-31 05:53
    :  بۇ ئىلىخان تۆرىنىڭ نۇرىغا دىگەن سۆزى، رومانىدىكى ماڭ ...

    دوسلار نۇرىنىڭ ساقلىنىپ قالغان  سۇرىتى بامىدۇ؟

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-9-21 23:29:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۈمىد يوللىغان ۋاقتى  2012-9-21 14:10
    دوسلار نۇرىنىڭ ساقلىنىپ قالغان  سۇرىتى بامىدۇ؟

      بار   ....  مەن  ئىزدەپ  يوللاپ قوياي
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-2 12:10 , Processed in 0.443847 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش