• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 3672|ئىنكاس: 3

    ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق تارىخى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 11:24:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئەمگەكچان ۋە ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت. ئۇيغۇرلار ۋەتىنىمىزنىڭ رەڭگارەڭ ۋە باي مەدەنىيەت خەزىنىسىنى يارىتىشتا، جۈملىدىن ئاسىيا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش ھەمدە ئىلگىرى سۈرۈشتە تارىختا ئۆزىگە مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشقان. نەچچە مىڭ يىللىق مۇرەككەپ تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۆز ئانا تىلىنى ئالاقە ۋە كۈرەش قورالى قىلىپ كەلگەن.    مەلۇم بىر تىل تەرەققىي قىلىپ مۇئەييەن بىر باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن يېزىق پەيدا بولغان. يېزىقنىڭ تارىخى تىلنىڭ تارىخىغا قارىغاندا قىسقا، تىل كىشىلىك جەمئىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەنلا بارلىققا كەلگەن، يېزىق بولسا ناھايىتى ئۇزۇن دەۋرلەر ئۆتكەندىن كېيىن — ئىنسانلار مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن . يېزىق — تىلنى خاتىرىلىگۈچى بەلگىلەرنىڭ مۇئەييەن سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ ياردەمچى ۋاسىتىسى، كونكرېت بىر تىلغا بېقىنمايدىغان مۇستەقىل يېزىقنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. يېزىق تىلنى خاتىرىلىگۈچى ۋە كونكرېت بىر تىلغا بېقىنغۇچى شەرتلىك بەلگىلەرنىڭ مۇئەييەن سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولغانلىقى ئۈچۈن، تىل تەرەققىياتى يەنىلا يېزىق تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى ئامىللاردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . يېزىق ئۆزى بېقىنغان تىلغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. يېزىق تىلنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە، بېيىشىغا ۋە بىرلىككە كېلىشىگە ناھايىتى زور ياردەم بېرىدۇ. جەمئىيەت تەرەققىياتى تىل تەرەققىياتىنى ئالغا سۈرگۈچى كۈچ ھېسابلانسىمۇ، لېكىن دۇنيادىكى ھەر خىل تىللار ئىچىدە يېزىقى بار تىللار يېزىقى يوق تىللارغا قارىغاندا ھامان خېلىلا تەرەققىي تاپقان بولىدۇ .   كىشىلەر تىلدىن پايدىلىنىپ ئالاقە قىلىشقاندا، زامان ھەم ماكان جەھەتتىن ناھايىتى زور چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى تىلنىڭ مانا شۇ يېتىشسىزلىكىنى تولۇقلىدى. يەنى كىشىلەر يېزىق ئارقىلىق ئۆز تەجرىبىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە ھەم ئۇنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە مىراس قالدۇرۇشقا قادىر بولالىدى. يېزىقنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىنسانىيەتنىڭ پەن ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بەخت - سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن شەرت - شارائىت ھازىرلاپ بەردى.    ئۇيغۇر تىلىمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە تىل بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پۈتۈن تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا، بىر - بىرىنى چۈشىنىشكە، جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاساس بولۇپ كەلدى.    ھازىرقى زامان تىلشۇناسلىق ئىلمى شۇنداق دەپ ھېسابلايدۇكى، تىللارنىڭ تارىخى سېلىشتۇرما تەرەققىياتىنى ئېلىپ بېرىشتا ئاساسلىق قائىدىلەرنىڭ بىرى تىل تارىخىنى شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى خەلقنىڭ تارىخى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. پەقەت تىلنىڭ ئۆز پاكىتلىرىلا ۋە مەزكۇر خەلقنىڭ تارىخىلا شۇ تىلنىڭ ئالدىنقى ئەۋلاد تىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە بۇ تىل گۇرۇپپىسىدىكى ئۇل تىللار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ بېرەلەيدۇ.    ئۇيغۇرلار  بىر پۈتۈن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگۈچە بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئىتنوگراپىيىسى، ئىقتىسادىي - ئىجتىمائىي ھاياتى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەتلىرى قاتارلىقلارغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسىتىپ قالماي، بەلكى ئۇلارنىڭ تىل تەرەققىياتى، يېزىق تارىخى، ئەدەبىياتىدىمۇ باشتىن - ئاخىر چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇردى. شۇڭا، ئۇيغۇر يېزىق تارىخى ۋە ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى بايان قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى مۇھىم تارىخىي جەريانلار توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى ۋە نامى توغرىسىدا مەملىكىتىمىز ۋە چەت ئەل مەنبەلىرىدە نۇرغۇنلىغان تارىخىي خاتىرىلەر بار . ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك تەركىبىگە كىرگەن ئەڭ قەدىمىي قەبىلىلەر، دەسلەپتە، يەنى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرلەردىن باشلاپ ھۇن قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىدا بولغان. خەنزۇچە تارىخنامىلەردە تۇرا (丁零) دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. <تارىخىي خاتىرىلەر. ھۇنلار ھەققىدە قىسسە> دە: <تۇرالار (丁零)لار ئەڭ بۇرۇن دى لى (历狄)دەپ ئاتىلاتتى …>دەپ يېزىلغان. <خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى>دە: <روڭ، دىلار.. جۇ سۇلالىسى ئاجىزلاشقاندىن تارتىپ جىڭۋېي (بۈگۈنكى شەنشىنىڭ شىمالىدا) دەرياسىنىڭ شىمالىدا ئارىلاش ياشىغان> دېيىلگەن.    <ۋېينامە. تۆلۈسلەر (قانقىل) ھەققىدە قىسسە> دە: <قانقىل (高车)لار قەدىمكى تۇرا (狄)لارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، دەسلەپ تۇرا (狄历) دەپ ئاتالغان. ئۇلارنىڭ شىمالىي تەرەپتىكىلىرى تۇرا دەپ ئاتىلاتتى. ئۇلار تۇرا (狄)، ئۇيغۇر (袁纥)، قۇغۇرسۇ قاتارلىق ئۇرۇقلاردىن ئىبارەت …> دەپ يېزىلغان.    سۈينامە، تۇرالار ھەققىدە قىسسە>دە: <تۇرالار ھۇنلارنىڭ ئەۋلادى، ئۇرۇقلىرى ناھايىتى كۆپ … توغلا دەرياسىنىڭ شىمالىدا بۆكە توڭرا، بايئېرقو قاتارلىق ئۇرۇقلار بار ئىدى…> دېيىلگەن.    <كونا تاڭنامە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسەت> دە: <ئۇيغۇر (袁纥)لار ئەسلى ھۇنلارنىڭ پۇشتى بولۇپ، كېيىن شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە تۇرا (铁勒)دەپ ئاتالغان. ئۇلار چەبدەست، جەسۇر، كۆپىنچە ھارۋىدا يۈرىدۇ...> دېيىلگەن.    <يېڭى، تاڭنامە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسسە>دە: <ئۇيغۇر (回纥)لار ئەسلى ھۇنلاردىن كېلىپ چىققان. كۆپىنچە ئېگىز چاقلىق ھارۋىدا يۈرىدۇ. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە قانقىل (高车) ياكى تۇرا (敕勒)، تۇرا (铁勒)دەپمۇ ئاتالغان. ئۇلار ئۇيغۇر (袁纥)، سىر - تاردۇش، چەبگىرە، دوبا، كۈلىگەن دولانغۇت، بۆكە، بايئېرقۇ، توڭرا، قۇن، ئېركىن، ئادئېز قاتارلىق 15 قەبىلىدىن ئىبارەت…>دەپ پۈتۈلگەن.    ئومۇمەن، تارىخىي خاتىرىلەردىن يەنە بىرمۇنچە بايانلارنى كەلتۈرۈشكە بولسىمۇ، ئۇلارنى قىسقىچە خۇلاسىلىگەندە، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ھەر خىل ناملاردا مەسىلەن، مىلادى Ⅳ ئەسىرلەردە <ئۇيغۇر> (袁纥)، مىلادى Ⅴ ئەسىرلەردە <قانقىل> (高车)، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە <تۇرا> (铁勒)، <ۋېيخى> (韦纥)، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە <خۇيخى> (回纥)، مىلادى 778 - يىللىرىدىن كېيىن <خۇيگۇ> (回 - يەنى شۇڭقاردەك چەبدەست، باتۇر دېگەن مەنىدە)دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقىنىڭ ھەر خىل دەۋرلەردىكى خەنزۇچە ئاتىلىشى ئىدى.    مىلادى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۇيغۇرلار (جۈملىدىن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى) كۆك تۈرك خانلىقى (552 - 744 - يىللار)نىڭ تەركىبىگە كىرگەن ۋە ئۆز زامانىسىدىكى كۆك تۈرك مەدەنىيىتى (ئۇرخۇن - يېنسەي مەدەنىيىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشكە تېگىشلىك تۆھپە قوشقان. مىلادى 740 - يىلدىن كېيىن قۇرۇلغان. ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى (744 - 840) دەۋرىگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار باشقا تۈركىي تىلدىكى قەبىلىلەرنى نىسبەتەن كەڭ تۈردە بىرلەشتۈرۈش، بىرلىككە كەلگەن چوڭ فېئوداللىق خاندانلىقىنى تىكلەش ۋە خېلى يۈكسەك مەدەنىيەت يارىتىشتا چوڭ رول ئوينىغان.  ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق مەدەنىيىتى ۋە يازما ئەدەبىياتى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ دەۋردە روناق تېپىشقا باشلىغان.    Ⅸ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردە ئوتتۇرا ئاسىيادا مەيدانغا كەلگەن ئىككى چوڭ فېئودال خاندانلىقى — ئۇيغۇرخانلىقى (850 - 1250) بىلەن قارا خانلار سۇلالىسى (840 - 1212) ئۇيغۇرلار تارىخى ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغانىدى. بۇ دەۋرلەردە يەنە ئۇيغۇرلار مەدەنىي ھاياتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرى، ئىقتىسادى، جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، تىل - ئەدەبىياتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بۇددا مەدەنىيىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلىپ، خاندانلىق دائىرىسىدىكى قوچۇ (تۇرپان)، بېشىبالىق (ھازىرقى جىمسار ناھىيىسىدە)، كۈسەن (كۇچا) قاتارلىق مەركىزىي شەھەرلەر بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئوچاقلىرىغا ئايلانغان.    كاشىغەر (قەشقەر) ۋە بالاساغۇننى  پايتەخت قىلغان قاراخانىلار سۇلالىسى تەۋەسىدە ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى بولغانلىقتىن، بۇ دىننىڭ تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ جايلاردا قەشقەر ۋە بالاساغۇننى مەركەز قىلغان ئىسلام دىنىي مۇھىتىدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى مەيدانغا كەلدى.    <ⅩⅡ ئەسىردە، يۈز بەرگەن قارا خىتايلارنىڭ شىنجاڭ رايونى ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان يۈرۈشلىرى، بولۇپمۇ ⅩⅢ ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلانغان چىڭگىزخاننىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى ئۇيغۇر ئېتنىك تەركىبىنى تەشكىل قىلغۇچى خەلقلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا خەلقنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي تۈزۈمى ۋە مەدەنىي ھاياتىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنى مەدانغا  كەلتۈردى؛ ھەممىدىن ئاۋۋال، موڭغۇل بايلىقىدىن تارتىپ كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان كەڭ زېمىنلارنى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى نامى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈپ، بۇ كەڭ رايوندىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى قويۇقلاشتۇردى. كەڭ دائىرىدە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى. بۇنداق بىرلىشىشنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى  بۇ رايونلار ئۈچۈن ئورتاق بولغان مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىي تىلنىڭ مەيدانغا كېلىشى بىلەن خۇلاسىلەندى…   1514 - يىلدىن 1678 - يىلغىچە بولغان خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلدە يەركەننى پايتەخت قىلغان سەئىدىيە خانلىقى شىنجاڭ رايونىنى خېلى كەڭ دائىرىدە بىرلەشتۈردى. بۇ دەۋردە ئۆزئارا نىزا تۇراقسىز ۋەزىيەتكە بىرقەدەر ئۈنۈملۈك خاتىمە بېرىلگەنلىكتىن، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يۈكسىلىپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىمۇ گۈللىنىپ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويىدۇ. ⅩⅧ ئەسىردىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭنى ئاخىرقى ھېسابتا بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ رايونىنى ئاساس قىلغان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئېتنىك بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.>ئا.تۇردى: <ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان<   ئومۇمەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى (جۈملىدىن ئۇيغۇر يېزىق مەدەنىيىتى) يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مۇرەككەپ تارىخىي جەريانلاردا، ھەرقايسى دەۋرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ھەرقايسى دەۋرلەردە بەرپا بولغان ھەر خىل مەدەنىيەتلەردىن ئۆزىگە خاس ئوزۇق ئېلىپ، ئالاھىدە بىر مىللىي شەكىل بىلەن بېيىپ، تەرەققىي قىلغانىدى.    ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي ھۇن تارمىقى ئىچىدىكى قارلۇق تىللىرى تۈركۈمىگە كىرىدۇ. رەسمىي يېزىق ئىشلەتكەن دەۋردىن ئىلگىرىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېيىش ھازىرچە قىيىن. بۇ كەمگىچە تېپىلغان يادىكارلىقلارغا ئاساسەن چەت ئەللەردىكى ۋە مەملىكىتىمىزدىكى تىلشۇناسلار، تۈركولوگلارنىڭ پەرەزلىرى بويىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقتىن پايدىلانغاندىن بۇيانقى دەۋرلەردىكى تىلنى، ئۇنىڭ بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي جەريانلىرىغا قاراپ: قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، ئوتتۇرا ئەسىر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تىلى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت تۆت دەۋرىگە بۆلۈشكە بولىدۇ.    قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى قەدىمكى تۈرك رونىك يېزىقى (ئۇرخۇن — يېنسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ۋە باشقا تۈرك يېزىقىدىكى پۈتۈكلەردە؛ ئوتتۇرا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ۋە قىسمەن ئەرەب يېزىقى يادىكارلىقلىرىدا؛ يېقىنقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ⅩⅢ - ⅩⅣ ئەسىرلەردىن تاكى بىزنىڭ ئەسىرىمىزگىچە بولغان ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن ئۇيغۇر (ياكى چاغاتاي) يېزىقىدا پۈتۈلگەن يادىكارلىقلاردا كۆرۈلىدۇ. شۇڭا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنى ئەنە شۇ ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزگىرىشى، تەرەققىي قىلىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، مىللىي ئورتاق تىل دەيمىز. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرى شەكلى سۈپىتىدە شەكىللەنگەن ۋە قېلىپلاشقان مىللىي ئەدەبىي تىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.    ئۇيغۇرلار تارىختا تۈرلۈك يېزىقلارنى قوللانغان. لېكىن ئۇيغۇر زادى قايسى دەۋردىن باشلاپ ئېروگلىفلىق (تەسۋىرىي)يېزىقنى قوللانغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلانغانلىقى ھازىرچە بىزگە مەلۇم ئەمەس. چۈنكى بۇ ھەقتە دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئارخېئولوگىيىلىك تېپىلمىلار ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار يوق.    ئۇيغۇرلارنىڭ رەسمىي سىستېمىلاشقان يېزىقتىن پادىلىنىپ قالدۇرغان يادىكارلىقلىرىنىڭ بىزنىڭ دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەنلىرى 1600 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. مانا مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا، ئۇيغۇرلار جۈملىدىن باشقا تۈركىي خەلق ۋە مىللەتلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، 1)قەدىمكى تۈرك (ئۇرخۇن) يېزىقى؛ 2) قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى؛ 3) براھمىچە تۈرك يېزىقى؛ 4)قوچو (ئىدىقۇت) يېزىقى؛ 5) سوغدى يېزىقى؛ 6) سۇرىيە يېزىقى؛ 7) مانى يېزىقى؛ 8) ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى قاتارلىق بىر قانچە خىل يېزىقلارنى قوللىنىپ، ئۆز تىلىنى خاتىرىلەپ كەلدى. تۆۋەندە بۇ خىل يېزىقلار ئۈستىدە ئايرىم - ئايرىم توختىلىپ ئۆتىمەن.    1. قەدىمكى تۈرك (ئۇرخۇن) يېزىقى    ئۇيغۇرلارنىڭ بىزگە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمكى يېزىقلىرىدىن بىرى. بۇ يېزىق 38 دىن 40 قىچە ھەرپ بەلگىلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئۇنى ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىغان:   (1) بۇ يېزىقتا ئويۇلغان مەشھۇر مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ھازىرقى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئورخۇن يېنىسەي دەريا ۋادىلىرىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ئۇرخۇن يېنىسەي يېزىقى دەپمۇ ئاتايدۇ.    (2) بۇ يېزىقنىڭ شەكلى شىمالىي ياۋروپادا قوللىنىلغان قەدىمكى رونىك يېزىقىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، بەزىلەر ئۇنى رونىك يېزىقى ياكى <تۈرك - رونىك يېزىقى>، يەنە بەزىلەر ئۇنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى يېزىق دەپمۇ ئاتايدۇ. بىز ئۇنى قەدىمكى تۈرك (ئۇرخۇن) يېزىقى دەپ ئاتايمىز. قەدىمكى تۈرك (ئۇرخۇن) يېزىقى، ئومۇمەن، ئوڭدىن - سولغا توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن يېنىسەي ۋادىسىدىن تېپىلغان مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا سولدىن - ئوڭغا يېزىلغانلىرىمۇ بار. ئايرىم مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ھەتتا <قوش يول> يەنى (بىر يولى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر يولى سولدىن ئوڭغا) يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. سۆزلەر بىر - بىرىدىن تىك (ئاسما) چېكىت ( ئارقىلىق ئايرىلىدۇ. بەزى سۆز بىرىكمىلىرى بىر سۆز قىلىپمۇ يېزىلىدۇ. ئايرىم يادىكارلىقلاردا <~>سۆز ئايرىش بەلگىسى قىلىپ يېزىلغان.    بۇ يېزىقتا كۆپىنچە ئۈزۈك تاۋۇشلار ئاساس قىلىنغان. سەككىز سوزۇق تاۋۇش ئومۇمەن تۆت ھەرپ بەلگىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.    بۇ يېزىقتىكى ھەرپ شەكىللىرى سۆزنىڭ باش، ئوتتۇرا ۋە ئاياغلىرىدا ئاساسەن ئوخشاش شەكىلگە ئىگە.    قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى: y، t، sr، n، l، d، d دىن ئىبارەت سەككىز ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ھەربىرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ھەرپ (شەكىل) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ۋە باشقىلار.    قەدىمكى تۈرك (ئۇرخۇن) يېزىقى قەدىمكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا قوللىنىلغاندىن تارتىپ، ئومۇملاشقۇچە بىر نەچچە ئەسىر ۋاقىت ئۆتكەنلىكى ئەمەلىي ئەھۋال. شۇنى كۆزدە تۇتقاندا ئۇنىڭ دەسلەپكى قوللىنىلىشقا باشلىغان دەۋردىن تارتىپ، تۈرك خانلىقى دائىرىسىدە ئومۇملاشقان دەۋرگىچە بولغان ئارىلىقنى خېلى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولىدۇ.    قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ مەنبەسى ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۇ خىل يېزىقنى قايسى دەۋردىن باشلاپ قوللانغانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە نۇرغۇنلىغان ئالىملار ھەر خىل پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە بۇ مەسىلىلەر ئېنىقلانغىنى يوق.    قىسقىسى، بۇ يېزىقنىڭ ئەڭ دەسلەپ قوللىنىلغان ۋاقتى، جايى قاتارلىق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تەكشۈرۈشكە، تەتقىق قىلىشقا، ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللارغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. قەدىمكى تۈرك يېزىقىدىكى يادىكارلىقلار ئادەتتە مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ۋە قول يازما يادىكارلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنى تېپىلغان رايونلىرى بويىچە يەتتە رايونغا بۆلۈشكە بولىدۇ:   (1) شىمالىي موڭغۇل دالاسى (ئۇرخۇن)؛   (2) يېنىسەي دەرياسى ۋادىسى؛   (3) لېنا دەرياسى — بايقال كۆلى رايونى؛    (4) ئالتاي رايونى (سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەسىدىكى)؛   (5) شىنجاڭنىڭ تۇرپان، چاقىلىق (مىرەن) قاتارلىق جايلىرى ۋە دۇنخۇڭدىن تېپىلغانلىرى؛   (6) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەتتە سۇ، پەرغانە ئويمانلىقى قاتارلىق جايلار؛    (7) شەرقىي ياۋروپا (دوناي دەرياسى ۋادىسىدىن) تېپىلغانلىرى...   مەزمۇن بويىچە تۆۋەندىكى ئالتە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:   (1) تارىخىي تەزكىرە خاراكتېرىدىكىلىرى؛   (2) قەبرە (تاشلىرى)؛   (3) مەڭگۈ تاش ۋە تاملارغا ئويۇلغانلىرى؛   (4)دىنىي خاراكتېرىدىكىلىرى؛   (5) ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى؛    (6) تۇرمۇش بۇيۇملىرى (مېتال بۇيۇملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)غا ئويۇلغانلىرى ۋە باشقىلار.    قەدىمكى تۈرك خانلىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىغا مەنسۇپ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەنلا مەشھۇر بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ تارىخىي رېئاللىقىدىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى مۇھىم ھۆججەت، شۇنداقلا ئۆز زامانىسىدىكى تارىخ، تىل - ئەدەبىياتنىڭ يېگانە ماتېرىيالى سۈپىتىدە ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر تىل - ئەدەبىياتى خەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق ھېسابلىنىدۇ.    بۇ يادىكارلىقلاردا كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ ]مىلادى 552 - يىلى تۈرك قەبىلىلىرى ئىچىدىكى ئاشىنا ئۇرۇقى كۆپىيىپ، ئاقساقىلى تۈمەن (بومىن دەپمۇ يېزىلغان)نىڭ رەھبەرلىكىدە كۈچلۈك تۈرك خانلىقىنى قۇرۇپ، ئۆزىگە تۈمەن <ئېلىك قاغان>دەپ نام بەرگەن. بۇ خانلىق تارىختا كۆك تۈرك خانلىقى (ياكى شەرقىي تۈرك خانلىقى) دەپ ئاتىلىدۇ[ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى سۆزلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆل تېكىن (كۆك تۈرك خانلىقىنىڭ خاقانى بىلگە خاقاننىڭ ئىنىسى بولۇپ، 731 - يىلى 47 يېشىدا ۋاپات بولغان مەشھۇر سەركەردە، قەھرىمان)، تونيۇقۇق (بىر نەچچە خاقانلارغا مەسلىھەتچى بولغان، مەڭگۈ تاش 712 - 716 - يىللىرى ئارىلىقىدا ئورنىتىلغان، 62 قۇر خەت ئويۇلغان)، بىلگە خاقان، بايانچور (مويونچور، قۇتلۇق بىلگە خاقان) قاتارلىقلارنىڭ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا ئۇلارنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تىنچلاندۇرۇش ۋە كۈچەيتىش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرى بىر خىل نازۇك شائىرانە تىل بىلەن تەسۋىرلەنگەن. (بەزقى تەتقىقاتچىلار بۇ مەڭگۈ تاش تېكىستلىرىنى بىر خىل نەزم ئۇسلۇبىدا يېزىلغان دەپمۇ قارايدۇ). ئۇلاردا ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە - پارچىلىنىپ كەتكەن قەبىلىلەرنى قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچ ئاستىغا ئۇيۇشتۇرۇپ، كەڭ دائىرىدە بىرلىككە كەلگەن. كۈچلۈك فېئوداللىق دۆلەت قۇرۇشىنى مەقسەت قىلغان. ئۆز دەۋرىنىڭ ئارزۇ - تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى بۇ خىل ئىنتىلىش ئاساسىدا كۆك تۈرك خانلىقى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بارلىققا كېلىشى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈشتە ئىلغار رول ئوينىغان.    مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى — كۆك تۈرك ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى خاقانلارنىڭ نەسەبنامىسى، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر قەبىلىلەر ئارا بولغان ئۇرۇش يېغىلىقلار، ئۇيغۇر قاتارلىق  تۈركىي خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، قەبىلە، يەر ناملىرى ۋە باشقا ئىقتىسادىي ئەھۋاللىرى ھەققىدە بىزنى مۇھىم مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.    قىسقىسى، بۇ يادىكارلىقلارنى كۆك تۈرك ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرلىرىنىڭ بىرىنچى تۈركۈم ئەدەبىي ئەسەرلىرى، ئۇلارنى يازغۇچى شەخسلەرنى ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق ئەربابلىرى دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.    2. قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى    بۇ يېزىق ئۇيغۇرلار تارىختا ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ كۆپ قوللانغان ئىككىنچى خىل يېزىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ سوغدى يېزىقىدىن ئۆزگەرتىلگەن يېزىق بولۇپ، ئومۇمەن سولدىن ئوڭغا (بەزىلىرى ئوڭدىن سولغا) تىك ۋە تۈز شەكىلدە يېزىلىدۇ.    23 ھەرپلىك بۇ يېزىق مىلادى 744 - 840 - يىللاردا ئۇرخۇن ۋادىسىدا قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە خېلى كەڭ قوللىنىشقا باشلاپ، قوچو ئۇيغۇر (تەخمىنەن ئىشلىتىلگەن. تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردا تاكى ⅤⅩ ئەسىرگىچە، قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى ھېسابلانغان گەنسۇدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولسا تاكى ⅩⅧ ئەسىرگىچە ئىشلىتىلگەن. <ئالتۇن يارۇق>، <ئوغۇزنامە>، <شۇەنزاڭنىڭ تەرجىمىھالى>، <سەككىز يۈكمەك>، <چاستانائىلىك بەگ>، <ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى>، <مايتىرى سىمىت>، <قۇتادغۇبىلىك>، <ئەتەبەتۇل ھەقايىق> قاتارلىق بىر مۇنچە مەشھۇر ئەسەرلەر، بۇددا نوملىرى، مۇھىم ھۆججەت - ۋەسىقىلەر مۇشۇ يېزىقتا يېزىلغان.    <قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى> دەپ ئاتالغان. بۇ يېزىق ھەققىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى ئۆز ئەسىرى <تۈركىي تىللار دىۋانى>نىڭ بېشىدىلا ئېنىق قىلىپ: <قەدىمدىن بىرى قەشقەردىن يۇقىرى چىنغىچە بولغان ھەممە تۈرك يۇرتلىرىدا پارچە خاقانلار بىلەن سۇلتانلارنىڭ يارلىق ۋە خەت ئالاقىلىرى ئەنە شۇ يېزىقتا يېزىلىپ كېلىنگەن> دەپ كۆرسەتكەن. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ۋە ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئىشلىتىلىپ، پۇختا ئەدەبىي قېلىپقا چۈشۈرۈلگەن بۇ يېزىق ئومۇمىي تۈركىي تىللار ئۈچۈن خېلى مۇكەممەل يېزىق ئىدى. بۇ يېزىقتا ناھايىتى نۇرغۇن دىنىي ۋە دۇنياۋى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ۋۇجۇدقا كەلگەن. قاراخانىلار دەۋرىدىمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى دۆلەت يېزىقى بولغانىدى.    قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى 23  ھەرپنىڭ تۆتى سوزۇق تاۋۇشقا، قالغانلىرى ئۈزۈك تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئاساسەن سولدىن - ئوڭغا تىك ھالەتتە يېزىلىدۇ.   3. براھمىچە تۈرك يېزىقى    كۇچا، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان ئەسەرلەر تېپىلدى. دەسلەپتە بۇ خىل يېزىق براھمى يېزىقى دەپ قارا - قويۇق قارالغان. كېيىنكى تەتقىقاتلاردا ئۇنىڭ تىلى تۈرك تىلى بولغانلىقتىن <براھمىچە تۈرك يېزىقى> دەپ ئاتالدى.    بۇ يېزىق  توخرى B (توخرى تىلىنىڭ كۇچا شىۋىسى)يېزىقىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا بەزى مۇھىم ئۆزگەرتىشلەرمۇ بولغان، تۈركىي تىللارنى توغرىراق ئىپادىلەش ئۈچۈن بىر قىسىم بەلگىلەر قوشۇلغان. بۇ يېزىقتا يېزىلغان يادىكارلىقلارنىڭ بىر قىسمىنى مەشھۇر تۈركىي تىللار ئالىمى، گېرمانىيىلىك ئا.فۇن.گابائىن خانىم (مارىيە ئانا) تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلدى. بۇ خىل يېزىقتا يېزىلغان يادىكارلىقلاردا توخرى تىلىدىن تۈركىي تىللارغا قوبۇل قىلىنغان ئاتالغۇلار كۆپ ئۇچرايدۇ. ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا بۇ خىل يېزىقنى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقنىڭ قايسى تارمىقى قايسى دەۋردە قوللانغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق يەكۈن يوق ئىدى. بۇ يېزىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك تارىخىي بايانلار تۆۋەندىكىچە:   مىلادى 567 - يىلى غەربىي تۈرك دەپ ئاتالغان تۈرك قوۋمىلىرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان يەپتاكل (ئېفتالىت 哒ياكى ئاق ھونلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ)لارنىڭ ھاكىمىيەت ئورنىنى ئىگىلىدى، ئۇلار تارىختا غەربىي تۈرك خانلىقى دەپ ئاتالدى. مىلادى 258 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ خانلىق ئىچىدە بۆلۈنۈش كېلىپ چىقىپ، غەربىي تۈرك خانلىقى بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قىسىم رايونلار دائىرىسىدىلا چەكلىنىپ قالىدۇ. مىلادى 659 - يىلىغا كەلگەندە، بۇ خانلىق تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يىمىلىرىلدى. ئەنە شۇ زامانلاردا تۈركىي تىلىدىكى خەلقنىڭ بىر بۆلىكى كۇچانىڭ توخرى يېزىقلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن <براھمىچە - تۈرك يېزىقى> مەيدانغا كېلىدۇ.   4.     <شىمالىي سۇلالىلەر تارىخى>، <جۇنامە> قاتارلىق تارىخىي كىتابلارنىڭ ئىدىقۇت (تۇرپان) ھەققىدىكى بايانلىرىنىڭ ھەممىسىدە: <يېزىقى خۇاشياچىغا (华夏)ئوخشايدۇ، خۇ (胡 - خۇر، خۇز، غۇز) تىلىدا ئوقۇلىدۇ> دەپ ناھايىتى ئېنىق قەيت قىلىنغان. ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇت قەشقەرىمۇ ئۆز ئەسىرىدە: <قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ چىنلىقلارنىڭكىگە ئوخشايدىغان يەنە بىرخىل يېزىقى بار. رەسمىي ھۆججەت، خەت - چەكلىرىنى شۇ يېزىقتا يازىدۇ. ئۇ يېزىقنى تاتلار مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار بىلەن چىنلىقلاردىن باشقىلار ئوقۇيالمايدۇ> دەپ يەنە بىر قېتىم ناھايىتى ئېنىق ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن. بۇ خاتىرىلەر ئارخېئولوگىيە ئارقىلىق ئىسپاتلانماقتا.    تۇرپان ئاستانىدىكى قەدىمكى قەبرىلەر، سىڭگىم، مۇرتۇق قاتارلىق جايلاردىكى بۇددىزىم خارابىيلىرىدىن جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەر (Ⅲ - Ⅴ ئەسىرلەر) دەۋرىگە ئائىت ھۆججەت - ۋەسىقىلەر خېلى كۆپ تېپىلدى. لېكىن بۇ يازما يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بەزى ماتېرىياللاردا <خەنزۇ يېزىقى، خەنزۇ تىلى> دەپ يېزىۋاتىدۇ. لېكىن تارىختا ئىدىقۇت (تۇرپان) ئۇيغۇرلىرى قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن قوچۇ (高昌) يېزىقىنى تەڭ قوللانغان ئەھۋالىنىڭ بولغانلىقىنى يۇقىرىدا بايان قىلدۇق. بۇ خۇددى ھازىرقى ياپونىيىلىكلەر بىلەن كۇرىيە (چاۋشيەن)لىكلەر خەنزۇچە خەت ئارقىلىق ئۆز تىلىنى خاتىرىلىگىنىگە ئوخشايدۇ.    5.       6. مانى يېزىقى    مىلادى 247 - يىلى ئىراندا مانى دىنى بارلىققا كەلگەندە، بۇرۇن سۈرىيىنىڭ پالمېرا شەھىرىدە قوللىنىلغان يېزىق شەكلىگە ئاساسەن تۈزۈلگەن مانى يېزىقى قوللىنىلىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن مانى دىنىمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا تەدرىجىي تارقىلىشقا باشلىدى.    بۇ دىن ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە يەرلىشىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، مىلادى 762 - يىلى ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ دۆلەت دىنىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ مانى يېزىقى ئۇيغۇر تىلىنىمۇ خاتىرىلەيدىغان يېزىققا ئايلاندى.3،4،5،6، چۈشەندۈرۈشلەر ق.ۋەلىنىڭ <شىنجاڭدىن تېپىلغان تارىخىي يېزىقلار> دېگەن ماقالىسىدىن پايدىلىنىپ تەييارلاندى (ئا).  تۇرپان تەۋەسىدىن مانى يېزىقىدا يېزىلغان قول يازما يادىكارلىقلىرى تېپىلغانىدى. ئۆز زامانىسىدا تۇرپاندا مانى دىنى بىلەن بۇددا دىنى بىرلىكتە كەڭ تارقىلىش بىلەن بىللە، مانى دىنى مەدەنىيىتى بىلەن بۇددىزم  مەدەنىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل شەكىل پەيدا بولغان. بۇ ئەھۋالنى تۇرپان مىڭئۆي  سەنئىتىدىكى بەزى تام رەسىملىرى ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ.    تۇرپاندىن يەنە مانى دىنى مۇخلىسلىرىنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىدىكى تۆۋەنامىلىرى خاتىرىلەنگەن يادىكارلىقلارمۇ تېپىلغان. بۇ يادىكارلىقلار خېلى بۇرۇن چەت ئەلدە تەتقىق قىلىنىپ ئېلان قىلىندى.    7. ئەرەب يېزىقى (ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ).    ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ Ⅹ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە Ⅺ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئېتىبارەن بۇ يېزىق قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئورنىنى بېسىشقا باشلىغان. قاراخانىلار Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىسلام دىنىنى رەسمىي قوبۇل قىلىپ، دۆلەت دىنىغا ئايلاندۇردى. شۇ قاتاردا ئەرەب يېزىقىمۇ قوبۇل قىلىندى. بۇ يېزىق دەسلەپكى مەزگىلدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بىر قاتاردا قوللىنىلدى. مەسىلەن، قاراخانىلارنىڭ مىلادى 1067 - يىلىدىن باشلاپ چىقىرىلغان تەڭگە پۇللىرىدا قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەب يېزىقىنىڭ بىللە ئىشلىتىلگەنلىكى بۇنى ئىسپاتلايدۇ.    ئالاھىدە تەكىتلەشكە تېگىشلىك يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، ئەرەب يېزىقى قاراخانىلار تەۋەسىدە قوللىنىلغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇيغۇرلار ئۆلۈك ھالدا قوللانماي، بەلكى ئۇنى تېگىشلىك تۈردە ئىسلاھ قىلغان ۋە ئۆزگەرتكەنىدى.    1959 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بارچۇق (مارالبېشى ناھىيىسى تەۋەسىدە) شەھىرى خارابىسىدىن قېزىۋالغان بىر پارچە ھۆججەتتە ئەرەب يېزىقىنىڭ ئىسلاھ قىلىنغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدا بەزى ھەرپلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىسىغا زىچ ماسلاشتۇرۇلغان ھالدا ئىجادىي ئىسلاھ قىلىنغان.    ئەرەب  يېزىقى — ئەرەب ئىسلام ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان قانۇنىي يېزىقى ھېسابلانغاچقا، دىنىي، سىياسىي، ئەدەبىيات، تىلشۇناسلىققا دائىر ئەسەرلەر مۇتلەق ئەرەب تىلىدا يېزىلىشى كېرەك ئىدى. ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ مەركەزلىرىدە ئەرەب تىلى ئالىي ھاكىمىيەت تىلى بولغاندىن تاشقىرى، ئىلىم - پەن تىلى قىلىنغانىدى، شۇڭا تۈركىي خەلقلەردىن چىققان نۇرغۇن ئالىملار، ئەدىبلەر ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەرەب تىلىدا يازدى (<تۈركىي تىللار دىۋانى>مۇ ئەرەب يېزىقىدا يېزىلغان).    ئەرەب يېزىقى 1000 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىغا نىسبەتەن قوشۇمچە ۋاسىتە بولۇپ كەلدى ۋە مۇشۇ تارىخىي دەۋر ئىچىدە خېلى مۇھىم ئىجابىي رول ئوينىدى. ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان بىر قانچە مەشھۇر ئالىملار، ئەدىبلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىپ بىزگە قالدۇرغان.    ئومۇمەن، ئۇيغۇرلار قوبۇل  قىلغان ئەرەب يېزىقىنىڭ بەزى ھەرپ شەكىللىرى ئانچە تۇراقلىق بولمىغاچقا، ئۇيغۇرلار بۇ يېزىقنى قوبۇل قىلغاندىن بۇيان 20 دىن 30 غىچە ھەرپ شەكلىنى قوللانغان.    ئەرەب يېزىقى ئۈزۈك تاۋۇشلارغا ئاساسلانغان يېزىق بولغانلىقى ئۈچۈن، بەزى قىيىنچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىقلار داۋاملىق ساقلىنىپ كەلگەن. سوزۇق تاۋۇشلارغا ئالاھىدە مەخسۇس ھەرپلەر بولمىغاندىن تاشقىرى، مەلۇم بەلگە بىرقانچە تاۋۇشقا ۋەكىللىك قىلدۇرۇلغان. شۇڭا ئۇيغۇرلار تارىختا بۇ يېزىقنى قوللانغاندىن تارتىپ تاكى بۈگۈنكى دەۋرگە قەدەر كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلغان.    <ئىدىقۇت ۋە قاراخانىلار دەۋرىدە ئىگىلىك ۋە مەدەنىي ھاياتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن بىللە، ئىلمىي ئەدەبىيات بۇرۇنقى توققۇز ئۇيغۇر (ياكى توققۇز ئوغۇز) ئەنئەنىسى بويىچە تېخىمۇ راۋاجلاندى.    كۇچانىڭ شەرقىدە - ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىلىم ئەھلى ئىدىقۇت ۋە بېشبالىقتا تۇخار ۋە سانسېكرت (ئەنەتكەك)چە يېزىلغان مەشھۇر بۇددا نوملىرىنى ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى، شۇنداقلا خەنزۇچىدىن پەلسەپە ئەسەرلىرى، ئىدىيە ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈرۈش دەستۇرلىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۆزلىرىگە خاس دىنىي ۋە دۇنياۋ ئەدەبىياتنى راۋاجلاندۇرغان بولسا، كۇچانىڭ غەربىدە قاراخانىلا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇقۇمۇشلۇق تەبەقىسى ئەرەب خەلىپىلىكىدە تۈرلۈك مىللەت ئالىملىرى توپلىغان دۇنيا ئىلىم - پەن جەۋھەرلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللاندى. بۇنداق تەتقىقاتچلىقنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولدى؛ ئىسلام قانۇنىنى شەرھلەش، يۇناننىڭ داڭلىق پەيلاسوپلىرىنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىنى شەرھلەش تىلشۇناسلىق، قانۇشۇناسلىق، تېبابەتچىلىك، ئاسترونومىيە - كالېندارچىلىق  ۋە باشقا ساھەلەردىكى تەتقىقاتلار نۇرغۇن ئالىملارنى جەلب قىلغانىدى.    شۇنىسى روشەنكى، دىنىي جەھەتتىكى كەسكىن ئايرىمىنىڭ بولۇشىغا قارىماي، شەرقىي ۋە غەربىي ئۇيغۇرلار ئوخشاشلا قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلدى.><تۈركىي تىللار دىۋانى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981 - يىل نەشرى، بىرىنچى توم، 6 -، 7 - بەتلەر   ئۇيغۇر يېزىق  تىلىنىڭ تارىخىنى، بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنىڭ ئۆزگىرىشى، ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە تەرەققىيات جەريانلىرى بىلەن تېخىمۇ تەپسىلىي تونۇشۇش ئۈچۈن <خاقانىيە تىلى> ۋە <چاغاتاي تىلى> ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىپ  ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە بىز بۇ ھەقتە ئايرىم - ئايرىم چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمىز:    (1) <خاقانىيەت تىلى>:Ⅹ ئەسىردىن كېيىن ۋە مەھمۇد قەشقەرى دەۋرىدە قاراخانىلارنىڭ غەربىي قىسمىدىكى خەلقلەر تىلى <تۈرك تىلى> دەپ ئاتالدى. بۇ <تۈرك تىلى> قەدىمكى كۆك تۈرك ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجى بولۇپ، ئۇ، قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىدىكى چوڭ شىۋىنى ئاساس قىلغان ئورتاق ئەدەبىي تىل ئىدى. شۇڭا ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر تىلشۇناس مەھمۇد  قەشقەرى قاراخانىلارنىڭ مەركىزىي ئۆلكىسىدە ياشىغۇچى خەلقنىڭ تىلىنى ئومۇمىي ئەدەبىي تىلنىڭ ئاساسى دەپ ھېسابلىغان ۋە ئۇنىڭغا <خاقانىيە تىلى> دەپ نام بەرگەن. <تىللارنىڭ ئەڭ يېنىكى ئوغۇز تىلى، ئەڭ توغرىسى توخسى ۋە ياغما تىللىرى، شۇنىڭدەك ئىلى، ئېرتىش، يامار ۋە ئەتىل (ئىدىل) ۋادىلىرىدىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى خەلقلەرنىڭ تىللىرىدۇر>، <بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئوچۇق ۋە راۋان تىل خاقانىيە ئۆلكىسىدىكىلەرنىڭ تىلى ھېسابلىنىدۇ>، قەشقەر <… شەھەر ئىچى خەلقى خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ.><تۈركىي تىللار دىۋانى>، فاكىسىمىل، 1 - جىلد، 25 - بەت   <مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بۇ ھۆكۈمى  بويىچە شۇنداق خۇلاسىگە كېلىش  مۇمكىن: <تۈركىي تىللار دىۋانى> دا باشقا - باشقا تۈركىي قەبىلىلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلغان <تۈرك> - <خاقانىيە تۈركلىرى>دۇر؛ باشقا تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىللىرىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان <تۈرك تىلى> ئومۇمىي ئەدەبىي تىل بولغان <خاقانىيە تىلى>نىڭ قىسقارتىلغان ئاتالغۇسىدۇر. بۇ تىل ⅩⅥ - ⅩⅤ ئەسىرلەردە <چاغاتاي تىلى>، ئۇنىڭدىن كېيىن بولسا، <كاشىغەر تۈركچىسى> دەپ ئاتالغان تىلدۇر.    <خاقانىيە تىلى>دا ناھايىتى باي ئەدەبىي مىراسلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېتەكچى رولى بولغاندىن باشقا، غەربىي تۈركىي تىلنىڭ ئوبدان ئامىللىرىمۇ بار ئىدى. شۇڭا بۇ تىل شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئالاقە قورالىلىق رولىنى ئوينىغان. تۈركىي تىللارغا ئومۇمىي بولغان فونېتىكىلىق، مورفولوگىيىلىك ۋە لېكسىكىلىق خۇسۇسىيەتلەر يېتەكچى شىۋىدە مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن.><تۈركىي تىللار دىۋانى>، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981 - يىل نەشرى، بىرىنچى توم، 30 - 31 - بەتلەر.   (2)<چاغاتاي تىلى>: ⅩⅥ ئەسىردىن  ⅩⅩئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە تۈركىي خەلقلەر ئىچىدە ئورتاق قوللىنىلغان ئۇيغۇر يېزىق تىلى ئادەتتە <چاغاتاي تىلى>دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تىلنى باشقا تۈركىي ئەدەبىي تىللاردىن ئېنىق پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن خەلقئارادا ئاساسەن <چاغاتاي تىلى>دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئۇيغۇر يېزىق تىلىنىڭ <چاغاتاي تىلى> دەپ ئاتىلىپ  قېلىشىغا چاغاتاي خانلىقىنىڭ ۋە چاغاتاي ئەۋلادلىرى ئورناتقان باشقا خانلىقلارنىڭ بۇ تىلنى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ قوللانغانلىقى ئاساسىي سەۋەب بولغان.    چىڭگىزخان ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن موڭغۇل ئىمپېرىيىسىگە قاراشلىق زېمىننى ئوغۇللىرىغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەنىدى. شۇ چاغدا ماۋرائۇننەھر (ئامۇ دەرياسى بىلەن سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جايلار)، يەتتە سۇ رايونى (بالقاش كۆلىنىڭ شەرقى ۋە جەنۇقى)، پامىر ئەتراپلىرى ۋە ھازىرقى شىنجاڭ رايونى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغان قىلىپ بېرىلگەن. چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن مىلادى 1242 - 1306 - يىللاردا ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇ جايلارنى بىر خانلىق قىلىپ، ئۇنى <چاغاتاي خانلىقى> (ياكى <چاغاتاي ئۇلۇسى>) دەپ ئاتىغان. كېيىن بۇ خانلىق ئىككى قىسىمغا بۆلۈنۈپ، ماۋرائۇننەھر قىسمى  <غەربىي چاغاتاي خانلىقى>، يەتتە سۇ رايونى بىلەن ھازىرقى شىنجاڭ رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىسمى <شەرقىي چاغاتاي خانلىقى> (ياكى <موغۇلىستان>) دەپ ئاتالغان. 1348 - يىللىرى چاغاتاي ئەۋلادىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈرخان بۇ خانلىقنى يەنە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇنى <موغۇلىستان> دەپ ئاتىغان. تۇغلۇق تۆمۈر 1363 - يىللىرى ۋاپات بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ خانلىق تۆمۈرلەڭ (ئاقساق تۆمۈر) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ⅤⅩ ئەسىردىن باشلاپ پارچىلىنىشقا باشلىغان. مىلادى 1514 - يىلى تۇغلۇق تۆمۈر ئەۋلادىدىن بولغان سۇلتان سەئىدخان پارچىلانغان موغۇلىستاننى بىرلەشتۈرۈپ، تارىختىكى <سەئىدىيە خانلىقى>(ياكى <يەركەن خانلىقى>)نى قۇرغان.    چاغاتاي ئەۋلادلىرى قانداق نام ئاستىدىكى خانلىقلارنى قۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، <چاغاتاي> دېگەن نامنى ۋە ئۇيغۇر تىل - يېزىقىنى قوللانغان، شۇڭا ئۇيغۇر يېزىق تىلىمۇ <تۈرك تىلى>، <تۈركچە> دەپ ئاتىلىشى بىلەن بىر قاتاردا، <چاغاتاي تىلى> دەپ ئاتالغان.    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بايانلاردىن تۆۋەندىكىچە خۇلاسە چىقىرىشىمىز مۇمكىن.    تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئورتاق ئەدەبىي تىل قىلىپ قوللىنىش ئەنئەنىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، قەدىمكى تۈرك (ئۇرخۇن - يېنىسەي) يېزىقىدىكى مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرىدا <تۈرك تىلى > دەپ ئاتالغان تىل بىلەن Ⅷ ئەسىردىكى <ئۇيغۇر خانلىقى>دا قوللىنىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسەن ئوخشايدۇ. بۇ تىللار بىلەن ئىدىقۇت خانلىقىدا قوللىنىلغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە <خاقانىيە تىلى> ئوتتۇرىسىدىمۇ ئانچە چوڭ پەرق يوق. بۇ ھال Ⅷ ئەسىردىن بۇرۇنقى <قەدىمكى تۈرك تىلى>نىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر تىلى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، تۈركىي خەلقلەر يېزىققا ئىگە بولغاندىن تارتىپ تاكى ⅣⅩ ئەسىرگە كەلگۈچە قەدىمكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى ئورتاق  ئەدەبىي تىل قىلىپ قوللانغان. شۇڭا <قامۇسولئەئلام>نىڭ ئاپتورى شەمسىددىن سامى (تۈركىيىدە ھىجرى 1306 - يىلى، مىلادى 1888 - 1889 - يىللىرى نەشىر قىلىنغان)مۇ: <قەدىمكى ئۇيغۇرلار مەدەنىي خەلقلەر ئارىسىدا ئورتاق ئەدەبىي تىل ئىدى>، <چاغاتاي خان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن چاغدىكى ئۇيغۇر تىلى شۇ چاغدىن تارتىپ چاغاتاي تىلى دەپ مەشھۇر بولغان …> دەپ يازغانىدى.    چاغاتاي تىلىدا ئالەمشۇمۇل شاھانە ئەسەرلەرنى يېزىپ دۇنيادا شۆھرەت قازانغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىرى نەۋائى ئۆزىنىڭ دىۋانىغا يازغان كىرىش سۆزىدە چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بولغان لۇتفى ۋە سەككاكى ئۈستىدە توختىلىپ: <… ئۇيغۇر ئىبارىلىرىنىڭ ئۇستىلىرىدىن، تۈرك سۆزلىرىنىڭ ماھىرلىرىدىن مەۋلانە سەككاكى، مەۋلانە لۇتفىلارنى كۆرسىتىش كېرەككى، ھەربىرىنىڭ شېرىن شېئىرلىرى تۈركىستاندا چەكسىز شۆھرەت قازاندى ۋە بىرىنىڭ لەتىپ غەزەللىرى ئىراق ۋە خۇراساندا ئۈزۈلمەي تارقالماقتا> دەپ يازىدۇ. بىر شەيئىنى مەنىداش ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلەش چاغاتاي تىلىدىكى ستىلىستېكىلىق ئۇسۇللارنىڭ بىرى. نەۋائى، لۇتفى بىلەن سەككاكى قوللانغان تىلنى <ئۇيغۇر ئىبارىلىرى> ۋە <تۈرك سۆزلىرى> دېگەن مەنىداش سۆزلەر بىلەن ئىپادىلەش ئارقىلىق شۇ چاغدىكى <تۈرك تىلى> ياكى <چاغاتاي تىلى> دەپ ئاتالغان ئەدەبىي تىلنىڭ ئەمەلىيەتتە <ئۇيغۇر تىلى> ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن.    چاغاتاي تىلى فونېتىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتتە ئاساسەن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا راۋاجلىنىش بىلەن بىللە ئەرەب تىلى ۋە پارس تىلىدىن نۇرغۇنلىغان سۆز - ئىبارىلەرنى ھەم بىر مۇنچە ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىغا ئەرەب  پارس تىللىرى ئامىللىرىنىڭ كۆپلەپ كىرىشى ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تۈركىي خەلقلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقى ياشىغان رايونلارغا ئىسلام دىنى كىرگەندىن كېيىن مائارىپ ئىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرەب تىلى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. ئىسلام مەدەنىيىتى ئىزىغا چۈشكەن پارس ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى كۈنسايىن كۈچەيدى. ئەرەبچە، پارىسچە ئوقۇغان زىيالىيلار كۆپىيىشكە باشلىدى. ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئەرەب تىلى ۋە پارس تىلىدا يېزىش بىر خىل مودا بولۇپ قالدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئىسلام دىنى، ئىسلام مەدەنىيىتىگە ئائىت يېڭى ئۇقۇملار ئەرەبچە ياكى پارسچە ئاتىلىش بىلەنلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئەسلىدىن بار بولغان ئاتالغۇلارمۇ ئەرەبچە ياكى پارسچە ئاتالغۇلار بىلەن ئالماشتۇرۇلدى  ياكى بىللە قوللىنىلدى. ئەرەب تىلى ۋە پارس تىلىغا تەقلىد قىلىنغان جۈملە شەكىللىرى ۋە ئىبارىلەر كۆپەيدى. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئارىسىدا تاكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە داۋاملاشتى.    <چاغاتاي تىلى ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ئەدەبىي يېزىق تىلى سۈپىتىدە قوللىنىلغان 500 — 600 يىل ۋاقىت ئىچىدە رابغۇزى، ئاتايى، سەككاكى، لۇتفى، نەۋائى، بابۇرى، ھىرقەتى، زەلىلى، نەۋبەتى، مەجلىسى، موللا ئەئلەم شەھيارى، قەلەندەر، شائىر ئاخۇن، ئەھمەت خوجامنىياز ئوغلى، قەشقەرلىك قاسىمى، موللا مۇھەممەت تۆمۈر، مىر پازىل موللا كىچىك، موللا يۇنۇس ياركەندى، ھەيئەتى، ياركەنتلىك ئۆمەر باقى، موللا سىدىق ياركەندى، بەشىدى (مۇھەممەت سىدىق)، ئابدۇرېھىم نىزارى، زىيائى (نورۇز ئاخۇن كاتىپ)، غەربىي (تۇردۇش ئاخۇن)، سەبۇرى، مۇھەممەت سادىق كاشغەرى، گۇمنام، نىيازى، ئەھمەتشاھ قارىقاشى، سىيىت مۇھەممەت، موللاموسا سايرامى، موللا بىلال نارىمى، تەجەللى، مۆجىزى قاتارلىق نامى مەلۇم بولغان ۋە نامى ھازىرچە مەلۇم بولمىغان كۆپلىگەن ئالىم، ئەدىبلىرىمىز بۇ تىل بىلەن نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى ياكى باشقا تىللاردىكى، بولۇپمۇ پارس تىلىدىكى مۇھىم ئەسەرلەرنى بۇ تىلغا تەرجىمە قىلدى. بىزنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن بۇ قەدىمكى يازما يادىكارلىقلار سان جەھەتتىن ئەڭ كۆپ، مەزمۇن جەھەتتىن ئەڭ مول بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىن بۇيان ۋەتىنىمىز مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشقان قىممەتلىك تۆھپىلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى شانلىق مەدەنىيەت بايلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.    بۇ يازما يادىكارلىقلىرىمىزنى توپلاش، رەتلەش، نەشىر قىلىش ۋە ئۆگىنىش يېڭى مەدەنىيىتىمىزنىڭ قەدىمكى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ئىشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە><چاغاتاي تىلى>نىڭ چۈشەندۈرۈشى — خەمىت تۆمۈر، ئا.پولات يازغان <چاغاتاي تىلى> دېگەن كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدىكى بايانلارغا ئاساسەن تەييارلاندى (ئا.؛ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىنغان <ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبە لايىھىسى>نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى يەنە بىر قېتىم ئىسلاھ قىلىنىپ، ئەرەب، چاغاتاي يېزىقلىرىدىكى تەكرار ئاھاڭلار ئېلىپ تاشلاندى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇ، ئا، ئە قاتارلىق ھەرپلەر قوشۇلدى. 1950 - يىلى 10 - ئايدا <شىنجاڭدا تىنچلىقنى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىسلاھ قىلىش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى ۋە تىل - يېزىق كومىتېتى تەسىس قىلىندى. 1951 - يىلى ئالمۇتادا چاغاتاي يېزىقى ئاساسىدا ئىسلاھ قىلىنغان <ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبەسى>ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭغا ئۇلىشپلا 1951 - يىلى ئۈرۈمچىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى مۇمكىنقەدەر تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بەزى ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلدى. ئۇيغۇر تىلىدا زۆرۈرىيىتى يوق ، ت، خ،ن، خى، خي، خا، خا، غ قاتارلىق ھەرپلەر چىقىرىپ تاشلاندى. 1954 - يىللىرى يەنە بەزى تەدبىرلەر قوللىنىلىپ، ئەسلىدىكى ئېلىپبە تەركىبىدە بولمىغان بىر نەچچە ھەرپ ئىجاد قىلىنىپ، ئېلىپبە تەركىبىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى سوزۇق تاۋۇشلارنى ئىپادىلەيدىغان ھەرپلەر قوش بەلگە قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلدى. شۇنىڭدىن ئايرىم ھەرپلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن شەرتلىك بەلگىلەر قوشۇلدى. <ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئې، ئى>قاتارلىق ھەرپلەر مۇشۇ يول بىلەن ھەل قىلىنىپ، ئىملادا خېلى ياخشى ئوڭۇشلۇقلار بارلىققا كەلدى ۋە بۇ يېزىق ئۇيغۇر جانلىق تىلىغا  تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، ئوقۇش - ئوقۇتۇش ۋە مەتبۇئات ئىشلىرىدا كۆپ ئوڭايلىقلارنى يارىتىپ بەردى
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .

    0

    تېما

    0

    دوست

    43

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 16:30:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياشا ئۇيغۇر

    0

    تېما

    0

    دوست

    43

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    لەشكەر يۈز بېشى

    يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 16:30:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    0

    تېما

    0

    دوست

    97

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-2 18:43:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 06:59 , Processed in 0.259848 second(s), 30 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش