داۋۇتساۋۇت
خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرت ئىقتىساد ۋە مەدىنىيەت جەﻫەتتە تەرەققىي قىلغان، ئىچكى-تاشقى سودىسى گۇلەنگەن بىر باسقۇچقا قەدەمباسقان. بۇ دەۋردىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يۇكسەلگەنلىكى، مەدەنىيەتنىڭ گۇللەنگەنلىكى ﻫەققىدە تارىخىي ماتىرياللاردا كۆپلەپ خاتىرە قالدۇرۇلغان، بۇئاساسەن شەﻫەر كۆلىمىنىڭ كەڭەيگەنلىكى ،پۇلنىڭ كەڭ كولەمدە ئوبرۇتقىلىنغانلىقى قاتارلىق جەﻫەتلەردىمۇ گەۋدىلىك بولۇپ، مول ئارخىلوگىيلىك ئاساسلار ئارقىلىق دەلىللەپ چىقىلغان. بولۇپمۇ، تاڭ سۇلالىسىدەۋردىكى غەربىي يۇرت بازارلىرىدا يەرلىك پۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپاپۇللىرىنىڭ ئوبرۇت قىلىنغانلىقى يەقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخىلوگىيلىكتەكشۇرۇشلەردە نۇرغۇن ماددىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاندى. بۇ ئىچكى-تاشقى سودىنىڭگۇللەنگەنلىكى، يىپەك يولىنىڭ ئاۋاتلاشقانلىغىنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ. تېخىمۇ مۇﻫىمى بازارلارنىڭ كۆلىمى، ئىقتىدارى، شەكلى ۋە قىياپىتىنىڭ زور دەرىجىدەياخشىلانغانلىقىنى كورسىتىپ بېرىدۇ.
تۆۋەندە شۇ دەۋردىكى بىر قانچە بازارلارنىڭ تەرەققىيات ئەﻫۋالىنىقىسقىچە تۇنۇشتۇرماقچى:
قوچۇبازىرى:
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي شەﻫەر-بازارلىرى ۋە بۇجايلاردا بولىدىغان مول مەزمۇنلۇق سودا-ئالاقە ئىشلىرى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئىنتايىنروناق تاپقان ئىدى. مەشﻬۇر يىپەك يولى سودىسى تازاگۈللەنگەن بۇ دەۋرىدە كارۋانلار نۇرغۇن شەﻫەر-بازارلارنىبېسىپ ئۆتۈپ، سودا-سېتىق قىلاتتى. ئۇلار بىر جايغا بېرىشتىن ئىلگىرى شۇ جاي ئېﻬتىياجلىق بولغان ماللارنى تاللايتتى ۋە كارۋان تەشكىللەپ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپئېلىپ كېلەتتى. ماللارنى سېتىپ بولۇپ، شۇ جايدىن يەنە باشقا جايلاردا بازارتاپىدىغان ماللارنى ئېلىپ كېللەتى. مۇشۇنداق قىلىپ شەﻫەرمۇ-شەﻫەر ، بازارمۇ –بازار كېزىپ يۈرۈپ ئاخىر نۇرغۇن پايدىغا ئىگە بولاتتى. ئەلۋەتتەبىر قىسىم ماللار يىپەك يولىنىڭ ئۇ چەتىدىن بۇ چەتىگە توشۇلاتتى. بۇ خىل ماللارنىڭمىقدارى ئاز بولسىمۇ، ئەمما قىممىتى ئەڭ يوقۇرى، پايدىسىمۇ ئەڭ كوپ ئىدى.
يىپەك يولى سودىسى تەمىنلىگەن ئەۋزەل شارائىتتا تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمىي، شەﻫەر-بازارلار جانلىنىپ قايناپ تاشقىنلىققا چومگەن ئىدى. بولۇپمۇ قوجۇ، سۇلى، پىشامشان، كوسەن، ئۇدۇن قاتارلىق شەﻫەرلەردىكى بازارلارنىڭكۆلىمى مۇشۇ دەۋرىدە تەز سۇرئەت بىلەن كەڭەيگەن.
قوجۇ شەﻫىرى مىلادىيە 4-5-ئەسىرلەردىلا ئىچكى-تاشقى سودا بويىچە زورتەسىرگە ئىگە ئىدى. يىپەك بازىرىنىڭ موﻫىم ئۆتەڭ بازىرى ﻫېسابلىنىدىغان بۇ قەدىمىي شەﻫەر ئەينى دەۋرلەردەخەلقئارا بازارغا ئايلىنىپ، شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرسىدىكى ئەڭ چوڭ مال ئالماشتۇرۇشمەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئارخىئولىگىيلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگەقارىغاندا، شۇ دەۋرىدە شەﻫەرنىڭ شەﻫەر قۇرۇلۇشىدا تىپىك سودا شەﻫىرىنىڭ ئالاﻫىدىلىكى ئەكس ئەتكەن. ئۇنىڭدا يايمىچىلار تىجارەت قىلىدىغان مەيداندىن سىرىتيەنە بىر-بىرىگە تۇتاش ئورۇنلاشقان دۇكانلارمۇ بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە كەسپىي تىجارەت ئورۇنلىرىئاشلىق رەستىسى، قازان-قۇمۇش رەستىسى، يىپەك ماللار رەستىسى……..قاتارلىق رەستىلەربولغان. تۇرپاندىن تېپىلغان “كىيۇ جەمەتى ﻫوججىتى”دەخاتىرلىنىشىچە قوجۇدا يەنە “قۇل بازىرى” مۇ بولغان.
قوجۇ شەﻫىرى ئىچكى شەﻫەر، تاشقى شەﻫەر رايۇنىدا سودىگەرلەر، ﻫۇنەرۋەنلەر ۋە باشقا ﻫەر-خىل كەسىپتىكى ئاﻫالىلەر ئولتۇراقلاشقانئىدى. “مانى ئىبادەتخانىسىنىڭ ﻫوججىتى” دە خاتىرلىنىشىچە، قوجۇدا “شىمالىي شەﻫەرىستان”، “جەنۇبىي شەﻫەرىستان” بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. “قوجۇدىن تېپىلغان ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ﻫوججەتلەر” دە “قوجۇ بازىرىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالدىدا…”؛ “باﻫاسىنى قوجۇ بازىرىدا ئوتىدىغان ئىككى بېنىغا سىززىقچە يول چۇشۇرۇلگەن، ئوتتۇرسىغا تامغا بېسىلغان يۇز قانىپۇغا كېلىشتۇق ” دېگەندەك بايانلار بار. بۇلاردىنقوجۇ بازىرىنىڭ ئاۋاتلىقى ۋە ئىقتىسادىي ئورنىنىڭ مۇﻫىملىقىنىكىرىۋالغىلى بولىدۇ.
ئۇدۇنبازىرى:
ئۇدۇن غەربىي يۇرتتىكى ئەللەر ئىچىدە ئىقتىساد ۋە مەدىنيىتى بىر قەدەر بۇرۇنتەرەققىي قىلغان قەدىمىي شەﻫەرلەرنىڭ بىرىدۇر. تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇدۇننىڭ تاشقى سودىسىمۇ خېلى بۇرۇن راۋاجتاپقان بولۇپ، ئەنەتكەك(ﻫىندىستان) سودىگەرلىرىبىلەن بولغان سودا ئالاقىسى خېلى قويۇق ئىدى. بۇددا دىنىنىڭ ﻫىندىستاندىن ئۇدۇنغا غەربىي يۇرت بويىچە ئەڭ بۇرۇن تارقىلىپ كىرىشىمۇ بۇنوقتىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.
ئۇدۇننىڭ قەدىمقى زامان تاشقى سودىسى قاشتېشىدىن باشلانغان ﻫەمدە “يىپەك يولى” دىن بۇرۇنلا “قاشتەشى يولى” ئېچىلىپ، يىراق ئەللەرگىچەتونۇلغان. “قاشتەشى يولى” ئۇدۇندىن باشلىنىپ شەرقتە چەرچەن، كىروران، دۇنخۇاڭنى؛ غەربتە سۇلى، كوسەن، قوجۇ، ئىۋىرغۇلنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ ئىككى يول يۇمەن قوۋۇقى، جىئۇ چۇئەن قاتارلىق ئىككى جايدا قوشۇلۇپ، ئاندىن داۋاملىق شەرققە قاراپ سوزۇلۇپ، ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىكى ﻫەر قايسى شەﻫەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، چاڭ ئەن، لوياڭ قاتارلىق شەﻫەرلەرگەبارغان. “قاشتەشى يولى” يەنە غەرىپتە كابۇن، ئىسپاﻫان، باغدات ئارقىلىپ ئوتتۇرا دېڭىزغا تۇتاشقان.
غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇدۇننىڭ ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك سۇلالىرى بىلەن سودائالاقىسى تېخىمۇ كۇچەيگەن. ئات، قاشتەشى بۇيۇملىرى ئۇدۇننىڭ تاشقى سودىسىدا مۇﻫىم ئورۇندا تۇراتتى. ئۇدۇن سودىگەرلىرى ئوتتۇرا تۇزلەڭلىكتىن چاي، يىپەك، مىس، تۇمۇردىن ياسالغان بۇيۇملارنى ئەكىلىپ، خانلىقنى تەمىنلەيتتى ۋە بازارلارداساتاتتى. تەتقىقاتچىلار ئەينى دەۋردىكى ئۇدۇننىڭ تاشقى سودا ئىشلىرىنى باشقۇرۇشتۇزۇمىنى يولغا قويغانلىقىنى دەلىللەپ چىقتى. ئۇدۇن خانلىقى ئوز تەۋەسىدىكىجايلاردا جازا-توساقلارنى قۇرۇپ، مەخسۇس ئەمەلدار تەيىنلەپ، كارۋان سودىسى ۋە باشقائۇزۇن يوللۇق قاتناش ئىشلىرىنى باشقۇرغان. ئۇلار چەگرا ئەﻫگىزىداتۇرۇپ كارۋانلار ۋە ئەلچىلەرنىڭ رەسمىيەت ﻫەميول خەتلىرىنى، ماللىرىنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش، مەنئىي قىلىنغان تاۋارلارنىكىرگۇزمەسلىك، مۇسادىرە قىلىش، رەسمىيەت ﻫەققى، يول بېجى، تاۋار(مال) بېجى ئېلىش، ئامانلىق ساقلاش ۋە خەۋەرچىلىك قىلىش قاتارلىقۋەزىپلەرنى ئۈستىگە ئالغان، چەتئەللىك سودىگەرلەردىن يۇقۇرى باج ئالغان.
قارۇشتى يېزىقىدىكى پۇتۇكلەردە خاتىرلىنىشىچە، شۇ چاغلاردا سودىگەرلەر ئاز دېگەندە، نەچچە ئون كىشى، كوپ بولغاندا يۇز نەچچە كىشى بىر كارۋان تەشكىلى بولۇپ، ماليۆتكەيتتى.
ئۇدۇن پايتەختى يىپەك يولىدىكى موﻫىم مال ئالماشتۇرۇش، يۆتكەش بازىرى ئىدى. نىيە خارابىسىدىن تېپىلغان تارشا پۇتۇكتە كورسىتىلىشىچە، نىيەشەﻫىرىنىڭ يېنىدا بىر تەكشۈرۈش ئېغىزى بولۇپ، سودىگەرلەر يول خېتىگە ئاساسەنئوتكۇزىلەتتى. بۇ ئەﻫۋال گۇما ناﻫيىسى سانجۇدىكى قىيا تاشرەسىمىدە مۇنداق تەسۋىرلىگەن: يولنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرغان بىر ئادەم بەش يۇلتۇزلۇقبىر تاختاينى ئەگىز كوتىرىپ، يولدا ئاتلىق ﻫەمپىيادە كېلىۋاتقانلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان. تاختايغا خەت ﻫەم بەلگىلەر ئۇيۇلغان. بۇنى كورگەن يولوچىلارنىڭ بەزىلىرى ئارقىغا قايتىپماڭغان، يەنە بەزىلىرى ئوتەلمەي تۇرۇپ قالغان. بۇ سۇرەتلنىڭ ئومۇمىي كورىنىشىدىنقارىغاندا، قەدىمدە بۇ جايدا بىر تەكشۈرۈش ئورنى بولۇپ، سودا كارۋانلىرى، ئەلچىلەرئومىگى ۋە باشقا يولوچىلارنى قاتتىق تەكشۇرۇپ ئوتكۇزگەن. قارۇشتى يېزىقىدىكى ﻫۆججەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بۇ تەكشۈرۈش ئورنىدىن ئوتىدىغانكىشىلەرنىڭ يول خېتى بولۇشى كېرەك ئىدى. يول خېتىگە شۇ كىشىنىڭ ئىسمى، يېشى، چىرايشەكلى، كىيىم-كىەچىگى، مىللىتى، بەگلىكى، مېلى، ئات، توگە سانى يېزىلاتتى. نىيەخارابىسىدىن تېپىلغان تارشا پۇتۇكتە خاتىرلىنىشىچە، بىر توپ سودىگەرنىڭ بىرقېتىمدا ئېلىپ ماڭغان تاۋار-دۇردۇنى ئۇچيۇز ئون توققۇز توپ، يەنە بىر تۇركۇمسودىگەرلەرنىڭ ئېلىپ ماڭغان تاۋار-دۇردۇنى توتمىڭ ئۇچيۇز يىگىرمە ئالتە توپبولغان، بۇنىڭدىن ئۇدۇن بازىرىدا تاۋار-دۇردۇن سودىسىنىڭ ئىتتىكلىكىنى كىرىۋالغىلىبولىدۇ.
ئۇدۇنغا باشقا ئەللەرنىڭ تاۋارلىرى زور مىقداردا كەلتۇرۇلگەندىن سىرىت، ئۇدۇننىڭئۆزىمۇ تاشقى سودا بىلەن شۇغۇنلۇنۇپ، ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك ۋە ﻫىندىستان قاتارلىق ئەللەرگە قاشتەشى، بوز رەخت، كىگىز، ياۋرۇپادىن كىرگۇزۇپيوتكەيدىغان ئەينەك قاتارلىق ماللارنى چىقىراتتى. يىپەك ماللار ئىچكى بازار ۋە قوشنابەگلىكلەردە سېتىلاتتى.
ئىچكى سودىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ زور بولۇپ، ئۇدۇننىڭ قول-ﻫۇنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، يەرلىك مەﻫسۇلاتلىرى ۋە خەلقئارابازارلاردىن كەلتۇرۇلگەن تۇرلىك ماللارنىڭ تاڭ دەۋرىدا “ئۇدۇننىڭ پايتەخت شەﻫىرى توت تەرەپكە سەككىز-توققۇز چاقىرىم كەڭەيگەن، ئۇنىڭ تەۋەلىگىدە بەش چوڭشەﻫەر، ئون نەچچە كىچىك شەﻫەر بولغان” . ئىقتىسادپۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلانغان بولۇپ، ﻫەرقايسى جەﻫەتلەردە ئالدىنقى دەۋىرلەرنىڭكىدىن ئېشىپ كەتكەن. شەﻫەر-بازارلارنەچچە ئونغا يەتكەن. شەﻫەر-بازارلاردا “خەلىقخۇددىي يۇلتۇزلاردەك ئولتۇراقلاشقان”. ئۇدۇننىڭ “خان شەﻫرىدەئوي-كوچىلار رەتلىك سېلىنغان، مەۋە-چىۋە، كۆكتاتلار ئوتتۇرا تۇزلەڭلىك بىلەنئوخشاش”، “ئوي، مەﻫكىمە، قورو، بازارغا ئالما، ئامۇت، كوتاتلار تولغان” ئىدى. “فاشىيەننىڭ سەپەر خاتىرى” گە ئاساسلانغاندا، “ئۇدۇننىڭ خان تۇرۇشلۇق شەﻫرىدە خەلق زىچ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، سانى ناﻫايتىكوپ ئىدى ”، “نىيە شەﻫىرىنىڭ دائىرىسى كەڭ، شەرقتىن غەربكە ۋە جەنۇپتىن شىمالغاسوزۇلغان شەﻫەر كوچىسى بار ئىدى. يەنە تاۋارلارنى توپلايدىغان ۋەتارقىتىدىغان بازارلىرى بار ئىدى ”. ئۇدۇن شەﻫىرىنىڭغەربىي جەنۇبىدىن ئۇچيۇز سەكسەن چاقىرىم يىراقلىقتا گۇما شەﻫرى، غەربىي ئىككى يۇز چاقىرىم يىراقلىقتا گۇچىڭ بازىرى، ئۇچيۇز توقسانچاقىرىم يىراقلىقتا گولىئاڭ بازىرى، جەنۇپتىن ئالتەيۇز چاقىرىم يىراقلىقتا ﻫۇنۇ بازىرى، شەرىقتىن ئۇچيۇز توقسان چاقىرىم يىراقلىقتا كىۋەنچىڭ بازىرى بارئىدى. چەت ياقىدىكى بۇ بازارلارنىڭ مەﻫسۇلاتلىرىنىڭ كوپىنچىسىئۇدۇن شەﻫرىدىن كەلتۇرىلەتتى. دېمەك، ئۇدۇن بۇ بازارلارغا نىسپەتەنمەركىزىي بازار(توپ تارقىتىش بازىرى) ئىدى.
سۇلىبازىرى:
خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى، قەشقەر يىپەك يولىنىڭ جەنۇبىي لىنىيىسىدىكى مۇﻫىم تۇگۇن ئىدى. قاتناش سودا بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان سودا كارۋانلىرى سۇلىبازىرىدا چۇشكۇن قىلىپ، بىر قىسىم ماللارنى ئالماشتۇراتتى. يەنە بىر قىسىمماللىرىنى سۇلى بازىرىدا سېتىۋېتىپ، ئورنىغا سۇلىنىڭ يەرلىك مەﻫسۇلاتلىرىنى سېتىۋالاتتى. بولۇپمۇ بۇ جايدىن چىقىدىغان كىمخاپ بىلەن قاشتەشىداڭلىق بولۇپ، يىراق ئەللەرگىچە تۇشۇلۇپ سېتىلاتتى.
خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سۇلى غەربىي يۇرتتىكى ئوتتۇز ئالتە بەگلىكنىڭ بىرى ئىدى. ئاستانسى سۇلى بولۇپ، شەﻫەر رايۇنىدا ئاﻫالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان. سۇلى بازىرى دەل مۇشۇ رايۇندا بولۇپ، قول ﻫۇنەرۋەنلەر، ئۇششاق تىجارەتچىلەر، دۇكاندار ۋە چەتئەل سودىگەرلىرى توپلانغانجاي ئىدى. “خەننامە غەربىي يۇرت تەزكىرىسى” دە خاتىرلىنىشىچە ، سۇلى ئاستانىنىڭئايلانمىسى بەش چاقىرىم كېلىدۇ. چوڭ شەﻫەردىن ئون ئىككىسى، كىچىكقەلئەلەردىن نەچچە ئونى بار ئىدى. “كىيىنكى خەننامە” دە سۇلى بەگلىكىنىڭ ئاﻫالىسى يىگىرمە بىرمىڭ تۇتۇن(ئائىلە) ئىكەنلىكى خاتىرلەنگەن. دېمەك سۇلىبۇنىڭدىن ئىككىمىڭ يىل ئىلگىرىلا شەﻫەر تۇرمۇشىغا كوچكەنبولۇپ، شەﻫەر كۆلىمى كىچىك ئەمەس ئىدى. سۇلى بازىرى سۇلى شەﻫرىدە بولۇپ، سۇلى بەگلىكىگە قاراشلىق يىگىرمە بىر چوڭ شەﻫەرنىڭ ئىچىدە مەركىزىي شەﻫەر ئىدى. مەركىزىي شەﻫەرنىڭ سودا-بازارلىرى ئىنتايىن ئاۋات بولۇپ، باشقا شەﻫەر-بازارلارنى ﻫەر خىل ماللار بىلەن تەمىنلەيتتى.
سۇلى بازىرى-شەرق بىلەن غەرب ئوتۇرسىدىكى موﻫىمسودا مەرگىزى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نۇرغۇن شەﻫەرلەر بىلەنمۇ قۇيۇق سودا ئالاقىسى بار ئىدى.
ئوتتۇرا ئاسىيا سودا كارۋانلىرى سۇلى بازىرىدىن غەرب ۋە شەرقنىڭ ئېسىل ماللىرىنىسېتىۋېلىپ كېتەتتى. كېيىنكى مەزگىللەردە سەمەرقەنت شەﻫىرىجەنۇبىي دەرۋازىسىنىڭ “قەشقەر دەرۋازىسى” دەپ ئاتالغانلىقى سۇلى بازىرىنىڭ ئوتتۇرائاسىيا شەﻫەرلىرىدىكى ئورنىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپبېرىدۇ. |