• Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 374 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • ئەنسار ئۈلۈشكۈن 22:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      يىقىلغاننى يۇلىمىسەڭ مەيلى لىكىن دەسسىمە ...............

    • شىرتكىن 2014-4-23 15:55 [ئىنكاس(3)] [...]

      مۇنبەردە بىر چىشى پىت پاشا پەيدا بولۇپ مۇنبەرنىڭ ئارامىغا ئىغىر دەخلى قىپتۇ!

    • ھېدايەت 2014-4-22 15:05 [ئىنكاس(2)] [...]

      سەن تۈزەلگەندىن كىيىن مەن ساڭا تاشقى دۇنيانى تۈزەپ كۆرسىتىمەن

    • ئاقسۇ 2014-4-18 14:40 [ئىنكاس(0)] [...]

      تۆرت كۈن ئىچىندە تاھارەت ئېلىش ھەققىدە 7 تېما يوللىنىپتۇ... ھەممىسىنى بىراقلام يوللىماي...

    • جاۋاپ 2014-4-12 01:41 [ئىنكاس(2)] [...]

      مىنىڭ كىملىگىم مېنىڭ مىللىتىم،مىللىتىم روھى مىنىڭ تىنىغىم!!

    • ئاباسوف 2014-4-11 17:18 [ئىنكاس(3)] [...]

      ئاخىرى مۇنبەرنى زاۋال تاپقۇزدىغان بولدىدە..

    • admin 2014-4-6 00:29 [ئىنكاس(3)] [...]

      تەرەقىياتنىڭ ئاساسى مەۋجۇتلۇق . بىزنى تىللىغانلار بىركۈن بىزدىن خوش بوپ قاللار . نەدە بولساق ئامان بولا.....

    كۆرۈش: 2628|ئىنكاس: 3

    ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    295

    تېما

    26

    دوست

    3 تۈمەن

    جۇغلانما

    قوماندانى ئالىي

    Rank: 9Rank: 9Rank: 9

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار تۆرە خەلپەت سول ۋەزىر ئوڭ ۋەزىر قوماندانى ئالىي ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2012-2-4 11:10:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى



    ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى __ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا پەيدا بولۇش ، راۋاجلىنىش ، تەرەققىي قىلىش ۋە مۇكەممەللىشىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتۈپ ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى . «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى» ئۆزىنىڭ تەرەققىيات داۋامىدا تەسىرى زور بولغان گۈللىنىش دەۋرلىرىنى بەرپا قىلىپ ، شۆھرىتى دۇنياغا يېيىلغان مەشھۇر ئەربابلار ، ئالىملار ، يازغۇچى ، شاىرلار كىتابلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىنى نۇرلۇق ئابىدىگە ئايلاندۇردى . بۇلاردىن كۇمراجىۋا ، تونيۇقۇق ، فارابى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، مەھمۇد قەشقىرى ، ئەخمەت يۈكنەكى ، ئەلىشىر نەۋاى ، مۇھەممەت مىرزا ھەيدەر ، خىرقىتى ، زەلىلى ، ئەرشى ، ئابدۇرېھىم نىزارى ، مۇللا بىلال نازىمى ، تەجەللى قاتارلىق مۇتەپەككۇر ، ئالىم ، يازغۇچى ، شاىرلار كۈچلۈك پلسەپىۋىلىككە ئىگە بولغان ، دۇنياغا تەسىرى كۈچلۈك «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، «قۇدادغۇبىلىك» ، «ئەتەبەتۇل ھەققايىق» «خەمسە» ، «خەزاىنۇل ماانى» ، «تارىخىي رەشىدى» ، «زەلىلى دىۋانى» ، «دىۋان ئەرشى» ، «نىزارى داستانلىرى» ، «غەزەلىيات» ، «نۇزۇگۈم» ، «گۈل ۋە نەۋرۇز» قاتارلىق كىتاب ۋە ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرلىرىنىڭ شاھىدلىرىدۇر . ئۇلارنىڭ بۇ كىتابلىرى (ئەسەرلىرى) بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ ، كەڭ خەلق تەرىپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلماقتا . بۇ شەۋكەتلىك كىتابلاردىن «تۈركىي تىللار دىۋانى» ، «قۇدادغۇبىلىك» ، مەھمۇد قەشقىرى ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋەكىللىكىدىكى 11-ئەسىر ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتى گۈللىنىش دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولسا ، «خەمسە» بىلەن «خەزا ئىنۇل مەانى» ، «گۈل ۋە نەۋرۇز» 15-ئەسىر ئۇيغۇر قەدىمكى كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىش دەۋرلىرىنىڭ شاھىدلىرىدۇر . (ئابدۇراخمان باقى )


    ئوغۇزنامە



    «ئوغۇزنامە» ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قەھرىمانلىق ئىپوسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئىپتىداىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يېزىلغان . ئۇنىڭدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆز جاسارىتىنى كۆرسەتكەنلىكى ، كېيىنكى قىسمىدا ئوغۇزنىڭ خان بولۇشى ، ئۇنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرى بايان قىلىنغان . ئەسەردە مول تارىخى ۋە ئىتنۇگرافىك ماتېرىياللار بولۇپ ، ئۇنى قەدىمكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ بەدىئىي قامۇسى دەپ قاراشقا بولىدۇ . «ئوغۇزنامە» ئەجدادلىرىمىزنىڭ يىراق قەدىمكى ماددىي ۋە مەنىۋى ھاياتىنى ھەرقايسى تەرەپتىن مۇپەسسەل يۇرۇتۇپ بەرگەن . «ئوغۇزنامە» ئىپوسىنىڭ ئەسلى تېكىستىنىڭ تېرانسىپىكسىيىسى قىسمى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسى بىرگە ئىشلەنگەن ئەسەر بولۇپ ، بۇ كىتاب مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1981-يىلى نەشر قىلىنغان . (ئابدۇراخمان باقى )



    ئىككى تېكىننىڭ ھېكايىسى



    بۇنىڭدا «بىر تېكىن» ياخشىلىقنىڭ ، «يەنە بىر تېكىن» يامانلىقنىڭ سىمۋولى قىلىنغان بولۇپ ، ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئوبراز ۋە ئىككى خىل خاراكتېرنى ئىنتايىن جانلىق ۋە يارقىن سۈرەتلەش ئارقىلىق ، ئاجىز بىچارىلەرنى ئازاب-ئوقىبەتتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئىنتىلىشتەك يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك ئىدىيە قىزغىن مەدھىيىلەنگەن . شۆھرەتپەرەسلىك ، ھەسەتخورلۇق ، شەخسىيەتچىلىك ، قارانىيەتلىككە ئوخشاش ئىنسانىيەت ئەخلاقىغا زىت بولغان يامان ئىللەتلەر پاش قىلىنغان . رىۋايەتتە تەزۋىرلەنگەن چوڭ تېكىن بۇددا دىنىغا قاتتىق ئېتىقاد قىلىدىغان ، ئۇنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ بىردىن-بىر بۇرچى ھېسابلايدىغان ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ، ساپ دىل ، سەمىمي ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن ، كەمبەغەل ، ئاجىز ، بىچارىلەرنىڭ جاپادا قالغانلىقىغا چىداپ تۇرالمايدۇ . تىرىكچىلىكنى دەپ گۇناھ ھېسابلانغان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئازابلىنىدۇ . شۇڭا ئۇ ئاجىز-بىچارىلەرنى گۇناھتىن خالى قىلىش ئۈچۈن ، چىنتەمەنى ئەنگۈشتەرنى ئەكېلىشتىن ئىبارەت خەتەرلىك ئىشقا بەل باغلايدۇ . جاپا-مۇشەھقەتتىن ، ھېرىش-چارچاشتىن قىلچە قورقۇپ قالمايدۇ . ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ، بىلىملىك ، دانىشمەنلىكى بىلەن بارلىق توسقۇنلارنى ، خېيىم-خەتەرلەرنى يېڭىپ چىقىدۇ . ئۇ ئاخىرىدا ھەقىقەتەن مۇددىاسىغا مۇۋاپىق نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ ، كەمبەغەل ، ئاجىز ، بىچارىلەرنى ، تىلەمچىلەرنى ئاچارچىلىقتىن ، يالىڭاچلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ھىمايىسىگە ۋە ئالچىشىغا سازاۋەر بولىدۇ . چوڭ تېكىن يۈكسەك خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىسىگە ئىگە پارلاق غايىۋى ئوبراز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . رىۋايەتتە ئۇنىڭدىن باشقا تېكىننىڭ ئىنىسىنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ، ئۇ قولىدىن ھېچ ئىش كەلمەيدىغان ، ئىچى تار ، ھەسەتخور ، ئۆز شەخسىيىتى ، نام-شۆھرىتى ئۈچۈن ھەر قانداق پەسكەشلىك ، يامانلىق قىلىشتىن يانمايدىغان ئۇچۇغا چىققان شەخسىيەتچى ، قارانىيەت ، سۈيقەستچىلەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . «ئىككى تېكىن»نىڭ ھېكايىسى ناملىق بۇ ئەسەرنى قارا خوجا ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان مەلۇم بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن سانسكرىت تىلىدىن ياكى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان دەپ پەرەز قىلىشقا بولىدۇ . بۇ كىتاب 80 بەت ، ھەر بىر بېتىدە 7-8 قۇردىن خەت يېزىلغان ، 640 قۇرغا يېقىن ھەجىمگە ئىگە چوڭ ئەسەر بولۇپ ، ئۇ ھازىر پارىجھ مىللىي كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا . بۇ ئەسەر تېپىلىپ ئارىدىن 6-7 يىل ئۆتكەندىن كېيىن (1914-يىللىرى) ، پىللىوت بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق تەتقىقات ماقالىسىنى ئېلان قىلدى . شۇنىڭدىن بۇيان بۇ ئەسەر ياۋروپا ۋە ئاسىيادىكى تۈركشۇناسلارنىڭ كۈچلۈك دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى . ئۇلار بۇ ئەسەرنى دۇنيادىكى خىلمۇ-خىل تىللارغا تەرجىمە قىلىپ ، خەلقئاراغا تونۇشتۇرغاندىن باشقا ، كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ ، بۇ ئەسەر ئۈستىدىكى ئۆز مۇلاھىزىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇنىڭدىن قارىغاندا ئىككى تېكىن رىۋايىتىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى ، قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىنى ، بۇددىزمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئېتىقادى ، چۈشەنچىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى بىلىش ھەم تەتقىق قىلىشىمىزدا نەقەدەر قىممەتلىك مەدەنىي يادىكارلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ . (ئابدۇراخمان باقى )
    ئالىپ ئەرتۇڭا داستانى «ئالىپ ئەرتۇڭا» داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى تارىخىي داستانى ياكى ئېپوسىدۇر . ئەسەر قەھرىمانى ئالىپ ئەرتۇڭا تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردىن 8-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەشھۇر قەھرىمانى ۋە خاقانىدۇر . قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۇنى «قاپلاندەك باتۇر» دېگەن مەنىدە ئالىپ ئەرتۇڭا دەپ ، تاجىك-پارىسلار «ئافراسىياپ» دەپ ئاتىغان . «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا بۇ داستاندىن پارچىلار بېرىلگەن . «شاھنامە» ۋە «قۇدادغۇبىلىك» داستانلىرىدا ، نەۋاىنىڭ «تارىخىي مۈلكى ئەجەم» ناملىق ئەسەرلىرىدە بۇ تارىخىي شەخس ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن . (ئابدۇراخمان باقى )



    ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى



    «ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى» لۇغەت بولۇپ ، قۇچۇ دەۋرىدە تۈزۈلگەن . مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى نەشر قىلىنغان . بۇ لۇغەت مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تۈزۈلگەن بولۇپ ، قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرىنى سېلىشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى لۇغەت . ئۇنىڭ نۇسخىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، بېيجىڭدا تۆت خىل نۇسخىسى ساقلانماقتا . (ئابدۇراخمان باقى )
    مايتىرى سىمىت «مايتىرى سىمىت» قۇچۇ دەۋرى تەرجىمە ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك نامايەندىسى بولغان . 27 پەردىلىك دراما ئەسىرى بولۇپ بۇددىزم ئەقىدىلىرىنى ئاساسىي تېما قىلغان . بۇ ئەسەرنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن 1988-يىلى نەشر قىلىنغان . ھازىر «مايتىرى سىمىت» نىڭ دۇنيادا ئالتە خىل قوليازما نۇسخىسى بار . ئۇنىڭ ئىككىسى تۇرپان سېڭگىمدىن ، ئىككىسى تۇرپان مورتۇقتىن تېپىلغان . 1956-يىلى قاراشەھەر شىكشىندىن تېپىلغان نۇسخىسىلا ئاپتونوم رايونلۇق موزىيىدا ساقلانماقتا . «مايتىرى سىمىت» چوڭ ھەجىملىك ئەسەر بولۇپ ، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلار ئىچىدە دەۋرى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بۇددا دىنى مەزمۇندىكى زور ھەجىملىك سەھنە ئەسىرى . بۇ ئەسەر مۇكەممەل بەدىى شەكىل ، كونكرېت ئوبراز ، مۇكەممەل سىيوجھىت ۋەقەلىكى ، جانلىق قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق مۇكەممەل ۋەقەلىكنى بايان قىلىپ بېرىدۇ . (ئابدۇراخمان باقى )



    ئالتۇن يارۇق




    «ئالتۇن يارۇق» قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى مەدەنىيىتىگە تەۋە . بۇ ئەسەرنىڭ ئىسمى «ئالتۇن ئۆڭلۈك يارۇغ يالتىراقلىق قۇتتا كۆتۈرۈلمىش نوم ئىلىك ئاتلىق نوم بىتىگ» (ئالتۇن نۇر چېچىپ ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغان شاھانە ئەسەر) بولۇپ ، ئۇ 10-ئەسىردە بەشبالىق (جىمسار) لىق ئەدىب سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ تەرىپىدىن خەنزۇچىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان . بۇ ئەسەردە بۇددا دىنىنىڭ جانلىقلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەقىدىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . بۇ ئەسەرنى مالۇۋ 1909- ، 1910-يىللىرى گەنسۇنىڭ سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ۋاڭفۇگۇ بۇدخانىسىدىن قولغا چۈشۈرگەن . ئۇنىڭ لىكوك تەرىپىدىن تۇرپان ۋە دۈنخۇاڭدىن تېپىۋېلىنغان قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئانچە توللۇق بولمىغان 2- ، 3-نۇسخىلىرىمۇ بار . (ئابدۇراخمان باقى )



    چاشتانى ئېلىك بەگ



    «چاشتانى ئېلىك بەگ» قىسسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە فولوكلور مىراسلىرىنىڭ بىرى . ئۇ 1914-يىلى تۇرپاندىن تېپىلغان . ئەسەر قەھرىمانى چاشتانى ئېلىك بەگ قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ جىنلارنىڭ ياۋۇزلۇقى تۈپەيلىدىن دۇچار بولغان كېسەللىك ئاپىتى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلىك ھاياتىدىن قۇتۇلۇپ ، تىنچ ، ئەركىن ياشاشتىن ئىبارەت ئارزۇ-غايىسىگە سىمۋول قىلىنغان . قەھرىمانلىق ، ئىتتىپاقلىق ، كوللېكتىۋىزملىق روھ يۈكسەك دەرىجىدە مەدھىيىلەنگەن . (ئابدۇراخمان باقى )
    دەدە قۇرقۇت داستانى «دەدە قۇرقۇت» داستانى قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۈركى تىللىق خەلقلەردە بۇ داستاننىڭ سىيۇجھىتى 8- 9-ئەسىرلەردە قەلەمگە ئېلىنغان . ئەسەردە ئوغۇز قەھرىمانلىرىدىن ، باياندىرخان ، قاراخان ۋە باشقىلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنىدۇ . دانىشمەن دەدە قۇرقۇت (قۇرقۇت ئاتا) دىن ئىبارەت غايىۋى ئوبرازنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مەدھىيلىنىش بىلەن خەلقنىڭ ئەركىنلىك ۋە نىجاتلىق غايىسى ئىپادىلەنگەن . (ئابدۇراخمان باقى )



    پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ئادىل پادىشاھ توغرىسىدا



    بۇ ئەسەرنى ئەبۇناسىر ئۇھەمەد فارابى (ئىلادىيە 870-950) يازغان بولۇپ ، بۇنىڭدا «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى ۋە ئۇنىڭغا كېرەكلىك بولغان ئادىل پادىشاھ» ئۈستىدە نۇقتىلىق توختىلىپ ، ئۆزى ياشىغان ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي قاتلىمىنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئوپېراتسىيە قىلىپ ، پادىشاھنىڭ ئادىل بولۇشىنىڭ لازىملىقى ، خەلققە ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇن-تۈزۈم ، ئەمىر-پەرمانلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلغاندىلا ، ئاندىن «پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىلىرىدىن» بولالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت تېماتىك مەزمۇن ئالغا سۈرۈلگەن . (ئابدۇراخمان باقى )



    دىۋانى لۇغەت-ئىت تۈرك



    مەزكۇر لۇغەتتە 11-ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى ، تىلشۇناس ۋە ئەدىب مەھمۇد قەقەرى بۇ دەۋردە ئىلىم-پەن تىلى دەپ ئاتالغان ئەرەب تىلى بىلەن تۈركىي تىلىنى «بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك» كېتىۋاتاتتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ . سىياسىي مۇناسىۋەت ، ئىقتىسادىي ئالاقە ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن ئەرەب ئابباسىيلارنىڭ ھۆكۈمران داىرلىرى ، سودا-ساناەت ساھەسى ۋە ئىلىم-مەرىپەت ئەھلى تۈركىي تىلىنى ئۆگىنىش زۆرۈرىيىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا ئىدى . مەھمۇد قەشقىرى ئەنە شۇ .ئېھتىياجنىڭ ھكددىسىدىن چىقىشقا بەل باغلاپ تەكشۈرۈش ، تەتقىق قىلىشقا كىرىشىدۇ . «خاقانىيە» ئۆلكىسىنى (جۈملىدىن قەشقەرىيە ، ئىلى ، يەتتە سۇ ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىنى) قىرغىز ، تاتار دالىلىرىنى ، بۇلغار ، قىپچاق سەھرالىرىنى ، شەرقىي ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى ، يېزىلىرىنى كېزىپ ، تۈركىي تىلىدا سۆزلەشكۈچى ئاساسىي قەبىلە ئايماقلارنىڭ تىللىرى بىلەن ئىنچىكىلەپ تونۇشىدۇ . تۈرلۈك تىل پاكىتلىرىنى ، شېىر-قوشاقلىرىنى ، ماقال-تەمسىللىرىنى ، چىرايلىق سۆز-ئىبارىلىرىنى توپلايدۇ . ئون نەچچە يىللىق ئەمەلىي ئىلمىي تەتقىقات ئاسىسىدا رەتلەپ چىقىش ئارقىلىق مىلادى 1072-1072-يىللىرى ئەرەب لۇغەتشۇناسلىقىنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىدىن ئىلغارراق ئۇسۇل بىلەن ، ئەرەب ئېلىپبەسىنىڭ تەرتىپى بويىچە ، تۈركىي تىل بىلەن ئەرەب تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق سېلىشتۇرما لۇغىتى «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»(«تۈركىي تىللار دىۋانى») ناملىق ئۈچ توملۇق قامۇسنى يېزىپ چىقىدۇ . ئەسەرنىڭ مەزمۇنى تۈركىي تىلىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر ، گرامماتىكىلىق قاىدىلەر ، ھەربىي-مەمۇرىي ئاتالغۇلار ، يېزا ئىگىلىك ، يېمەك-ئىچمەك ، مالىيە-سودا ، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، تېببىي دورىگەرچىلىك ، ھايۋانات ، ئۆسۈملۈك ۋە ئاسمان جىسىملىرىغا داىر سكزلەر ، قەبىلىلەر ، مۇھىم جۇغراپىيىلىك ناملار ، قەدىمكى زاماندىكى خەلق داستانلىرىدىن پارچىلار ، شېىر-قوشاقلار ، ماقال-تەمسىللەر ۋە رىۋايەتلەردىن ئىبارەت كەڭ داىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان . مەھمۇد قەشقىرى «دىۋان» نى باغداتتا قايتا تۈزەتكەندىن كېيىن ، تەخمىنەن 1076-يىلى باغدات خەلىپىسى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا مۇقتەدى بىھمرۇللاغا تەقدىم قىلغان . بۇ كىتابنى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ئابدۇسالام ئابباس ، ئىبراھىم مۇتىىي قاتارلىقلارنىڭ نەشرگە تەييارلىشى بىلەن 1984-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى نەشر قىلىنغان . (ئابدۇراخمان باقى )



    قۇتادغۇبىلىك



    يۈسۈپ خاس ھاجىپ (20 / 1019 – 6 / 1085) قاراخانىيلار خانلىقى زامانىسى (؟850 – 1212) دا ئۆتكەن مۇتەپەككۇر شائىر بولۇپ ، بالاساغۇندا تۇغۇلۇپ ، قەشقەردە ياشاپ ، شۇ يەردە ۋاپات بولغان .
    يۈسۈپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» ناملىق داستانى 1069 – 1070 – يىللىرى قەشقەردە يېزىلغان . 85 باب ، 290 ،13 مىسرا .
    «قۇتادغۇبىلىك» ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ، كۆپ دەۋرلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ كۈرەش قىلىپ ئىجتىھات بىلەن قولغا كەلتۈرگەن مەدەنىيەت دۇردانىسى . ئۇ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ھاۋاسىدا ، مەركەزلىك ھەم كونكرېت ھالدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئىلمىي ئىدىيىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى تەۋرەتكىلى بولمايدىغان ئورنىنى تىكلىگەن .
    مەيلى ئىدىيىۋى مەزمۇن ، مەيلى بەدىئىي شەكىلدىن قارىغاندا ، «قۇتادغۇبىلىك» ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تىپىك نەمۇنىسى بولۇپ ، ئۇ ئاساسلىقى قاراخانىيلارنىڭ ئىجتىمائىي رېئاللىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاڭ ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ . ئومۇمەن ، قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭ قارشى «قۇتادغۇبىلىك»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى ھاسىل قىلغان .
    «قۇتادغۇبىلىك»تە ئادالەت گەۋدە قىلىنغان باراۋەر ، ئىناق ۋە خاتىرجەم غايىۋى جەمئىيەت سۈرەتلەنگەن . خىسلەتلىك يېرى شۇكى ، مۇئەللىپ ئەسەردە مۇنداق غايىۋى جەمئىيەتنى سۈرەتلەش بىلەنلا قالماي ، يەنە بۇ غايىۋى جەمئىيەتكە بارىدىغان يول ئۈستىدە دادىل ئىزدەنگەن . بۇ يول قانۇن ، ئەخلاق ۋە بىلىمدىن ئىبارەت . قانۇن — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنى يۆلەپ تۇرىدىغان تېرەك . ئەخلاق — بۇ غايىۋى جەمئىيەتنىڭ ئىچكى بۆلەكلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان رىشتە . بىلىم — قانۇننىڭ ئىشقا ئېشىشى ، ئەخلاقنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشىشىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان تۈپ ئاساس .
    داستان ۋەقەلىكى باشتىن – ئاخىر دېگۈدەك ئۈچ چوڭ مۇناسىۋەتكە ۋەكىللىك قىلغۇچى تۆت پېرسوناژنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشى ۋە مۇنازىرىسى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ ، مۇئەللىپ مۇشۇنداق سۆزلىشىش ۋە مۇنازىرىلەر ئارقىلىق جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەرخىل مەسىلىلەر ھەققىدىكى ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنى بايان قىلغان . جەمئىيەتتىكى ھەرخىل تەبىقە ، گۇرۇڭلارنىڭ ئورنى ، ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالى — ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە كۈچ چىقىرىپ ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيەت تەرغىباتچىلىق رولىنى ئويناپ ، مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى مۇجەسسەملەپ چىققان . شۇنداق بولغاچقا ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز دەۋرىنىڭ ، مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شاھانە ئەسەر سۈپىتىدە گەۋدىلىنىپ تۇرغان .
    «قۇتادغۇبىلىك» تە مەركىزىي ئىدىيە مەركەزلىك ۋە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىش ئۈچۈن توققۇز نەپەر پېرسوناژ ئوبرازى يارىتىلغان . ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۈنتۇغدى ، ئايتولدى ، ئۆگدۈلمىش ، ئودغۇرمىش قاتارلىق تۆت نەپەر پېرسوناژ ئاساسىي ئوبراز بولۇپ ، ئۇلار توغرۇلۇق تەپسىلىي تەسۋىرلەر بېرىلگەن .
    كۈنتۇغدى قانۇن ، ئادالەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان . ئۇ بىلىملىك ، ئىقتىدارلىق ، ئىستېداتلىق ئادىل ھۆكۈمران ، «كىم ئەقىل – پاراسەتلىك بولسا ، ئۇنى يۈكسەلدۈرىدىغان» ، «ئەتراپىغا دۇنيادىكى ھەرخىل ئىدراكلىق ، بىلىملىك كىشىلەر زىچ توپلانغان» ، «ئەلنى تۈزەپ ، ئوڭلاپ ن خەلقنى بېيىتقان ، ئۇنىڭ زامانىدا بۆرە بىلەن قوي بىللە سۇ ئىچكەن» ئۇلۇغ شەخس سۈپىتىدە ئوقۇرمەن تەسەۋۋۇرىدا گەۋدىلىنىدۇ .
    داستاندا ئايتولدى كۈنتۇغدى ئىلىكنىڭ ۋەزىرى بولۇپ ، بەخت – سائادەت سىمۋولى قىلىنغان . ئۆگدۈلمىش ئايتولدىنىڭ ئوغلى ۋە ئىز باسارى ، ئۇ بىلىم ۋە ئەقىل – پاراسەتنىڭ سىمۋولى . ئودغۇرمىش كۈنتۇغدى ئىلىكنىڭ مەملىكىتىدە بىر غاردا پىنھان تۇرمۇشنى تاللىغان زاھىت بولۇپ ، قانائەت ۋە ئاقىۋەتنىڭ سىمۋولى قىلىنغان .
    دېمەك ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇبىلىك»تە ئۆزىنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ، سىياسىي ، ئىدىيىۋى سىستېمىسىنى مانا مۇشۇ تۆت ئاساسىي پېرسوناژ ئارىسىدىكى سۆھبەت ، مۇنازىرە ۋە دراماتىك توقۇنۇش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ ، جەمئىيەتنى ، جۈملىدىن دۆلەتنى قانۇن ، بىلىم ۋە ئەخلاق – پەزىلەت بىلەن ئىدارە قىلىش ھەققىدىكى بىر قاتار غايىۋى قاراشلىرىنى ئىپادىلىگەن ، ئۆز دەۋرىدىكى رېئاللىقنى ئىسلاھ قىلىشقا قارىتىلغان بەزىبىر ئىجتىمائىي تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان . رېئاللىقنى پەردازلاپ كۆرسەتمەستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىكى مەۋجۇت ئىللەتلەرنى دادىللىق ۋە رەھىمسىزلىك بىلەن پاش قىلغان ھەم سۆككەن ، ئادالەتلىكلەر ، پەزىلەتلىكلەر ، بىلىملىكلەر ھەم ئىستېداتلىقلار كۆپ بولغان غايىۋى بىر دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن .


    ئەتەبەتۇلھەقايىق



    ئەھمەد يۈكنەكىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەدىب ئەھمەد بىننى مەھمۇد يۈكنەكى . ئۇ تەخمىنەن قاراخانىيلار خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان . ئۇ ئەما شائىر بولۇپ ، ئۇنىڭدىن «ئەتەبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر بوسۇغىسى) ناملىق داستان مىراس قالغان . بۇ ئەسەرنىڭ يەنە «ھىبەتۇلھەقايىق» (ھەقىقەتلەر سوۋغىسى) دېگەن نامىمۇ بولغان .
    شائىر ئۆز ئەسىرىنى «تۈركىي كىتاب» دەپ ئاتىغان . ئەدىب ئەھمەدتىن كېيىنرەك ئۆتكەن ئەمىر ئارسلان خوجاتارقان دېگەن كىشى ئەسەرنىڭ ئاخىرىغا يازغان ئىلاۋىسىدە مۇنداق ئۇچۇرنى قالدۇرغان :

    تامامى ئەرۇر كاشغەر تىلى بىلە ،
    ئايتمىش ئەدىب رىققاتى دىل بىلە ،

    ئەگەر بىلەسە كاشغەر تىلىن ھەر كىشى ،
    بىلۇر ئول ئەدىبنىڭ نەكىم ئايتمىشى .

    «ئەتەبەتۇلھەقايىق» 14 باب ، 484 مىسرادىن تەركىب تاپقان . ئۇنىڭغا كېيىنرەك باشقىلار تەرىپىدىن يەنە ئۈچ پارچە شېئىر قوشۇلۇپ 512 مىسراغا يەتكەن .
    داستاندا بىلىم ، ئەخلاق ، ئادالەت توغرىسىدىكى قاراشلار چىرايلىق بەدىئىي تىل ۋە مۇكەممەل شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن .
    شائىر بىلىم ، ئىلىم – مەرىپەتنىڭ ئورنى ، رولى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر ، ئوبرازلىق پىكىر قىلغان . شائىر داستاندا ئەخلاق مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ توختالغان . ئۇ ئىلىم – مەرىپەتكە ، بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشقان كىشىلەرگە ، مەردلىك ، كەمتەرلىك ، كۆيۈمچانلىق ، ئادالەتلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق ئىنسانىي خىسلەتلەرگە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇيدۇ . بىلىمسىزلىك ، توخۇ يۈرەكلىك ، قاباھەتلىك ، تەكەببۇرلۇق ، ۋاپاسىزلىق ، خەسىسلىك ، ئاچ كۆزلۈك قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ . ① «ئەھمەد يۈكنەكى ، «ئەتەبەتۇلھەقايىق» ، مىللەتلەر نەشرىياتى ، 1980 – يىل نەشرى .»



    خەمسە نەۋائى



    «خەمسە» ئىجادىيىتى — شەرق ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن يىرىك ئەدەبىي ئېقىم بولۇپ ، ئەلىشىر نەۋائى «خەمسە» يېزىش رىقابىتىگە قاتنىشىپ زور ئۇتۇق قازىنىپ «خەمسە نەۋائى»نى يېزىپ چىقتى . «خەمسە نەۋائى» قىسقارتىلىپ «خەمسە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ . نەۋائى بۇ ئەسەرنى 1483 — 1485 – يىللىرى ھېرات شەھىرىدە ئۇيغۇر – تۈركىي تىلىدا يېزىپ چىققان . ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى بەش داستان كىرگۈزۈلگەن : ① «ھەيرەتۇلئەبرار» (ياخشى كىشىلەرنىڭ ھەيرانلىقى) ② «پەرھاد ۋە شېرىن» ③ «لەيلى ۋە مەجنۇن» ④ «سەبئى سەييارە» (يەتتە سەييارە) ⑤ «سەددى ئىسكەندەر» (ئىسكەندەر سېپىلى) . بۇ بەش داستان جەمئىي 52 مىڭ مىسرادىن تەشكىل تاپقان .

    شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.
    ئەسلى مەنبەسى گۈلىستان تورى|www.gulistan.cn ئەسلى تېكىستى:http://gulistan.cn/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=56
    ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ كەسپىيلەشكەن تارىخ تورى قۇرۇپ چىقايلى .
    ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
    ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

    31

    تېما

    22

    دوست

    1458

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يوللىغان ۋاقتى 2013-7-28 20:31:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھەي ...بېراق ھازىر باشقىلا بۇ ئالىملىرىمىزنى ۋە كىتاپلىرىمىزنى ئۆزنىڭ قىلىۋىلىپ شۇلار نامىدا ئۇنۋىرسىتلارنى قۇرۇپ يۇۈرشۋاتىدۇ....يەنە شۇندا كىتىۋىرىدىغان بولساق بېزنىڭ كەلگۈسىمىز تازا ياخشى بولماي قالىدۇ جۇما....
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    تاقاش

    ئەجداد تەۋسىيەسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2014-5-3 06:51 , Processed in 0.230872 second(s), 32 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش