نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (9)
بىلىمخۇمار
2015-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئىلاۋە: مەن ئەسلىدە سىڭلىمىز مارۋايىتنى مۇشۇ ھەپتە (24-ئاپرېل كۈنى) تونۇشتۇرغان ئىككى نەپەر سىڭلىمىز بىلەن بىللە تونۇشتۇرماقچى بولغان ئىدىم. ئەمما بەزى كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مارۋايىتنىڭ ماتېرىيالىنى ئالدىنقى جۈمە كۈنىگە ئۈلگۈرتەلمەي قالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەزمۇننى ھازىر مەن ھازىرغىچە تونۇشتۇرغان 31-قېرىندىشىمىز سۈپىتىدە ئايرىم تېما قىلىپ يوللۇدۇم.
يىپەك يولىدىكى كارۋان - رەسسام مارۋايىت ھاپىز
1-رەسىم: مارۋايىت ھاپىز ياۋۇروپادا ئاچقان بىر كۆرگەزمىنىڭ زالىدا.
سىڭلىمىز مارۋايىت ھاپىز ۋەتەننىڭ شەرقىي دىيارى قۇمۇل ئاستانا كەنتىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئېسىنى بىلگەندە، ئۇلارنىڭ ئۆيى ئاسمان بىلەن يەر تۇتاشقان ئۇپۇق سىزىقى كۆرۈنىدىغان، 5 ئائىلىلىك ئولتۇراقلاشقان چەت ۋە بىر ئويمانلىقتا ئىكەن. ئۇنىڭ دادىسى ھاپىز ئاسىپ قارىي ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا چېلىشقا بەكمۇ ھەۋەس قىلاتتى. ئۆيىدە دۇتار، تەمبۇر، غېجەك، داپ قاتارلىق ئۇيغۇرچە مۇزىكا چالغۇ ئەسۋابلىرى بار ئىدى. دادىسى بوش ۋاقىتلىرىدا توختىماي مۇزىكا چالاتتى ۋە ناخشا ئېيتاتتى. بەزىدە دادىسى مۇزىكا چېلىپ ناخشا ئېيتسا، مارۋايىتنىڭ ئۆيىدىكى ھەممەيلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئۆيىدە مەشرەپ بولۇپ كېتەتتى. قىش كۈنلىرى دادىسى دائىم ئۆيدە بولمايتتى. چۈنكى قۇمۇلدا قىش كۈنلىرىدە ئۆي-ئۆيلەردە ئۆچىرەت بىلەن قۇمۇل كۆك مەشرەپلىرى ئەۋج ئېلىپ كېتەتتى. كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە مارۋايىتنىڭ دادىسى بولمىغان مەشرەپ قىزىمايدىكەن.
مارۋايىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بىر بەكمۇ گۈزەل ۋە مول مېۋىلىك بېغى بار ئىدى. دادىسى تەبىئەتنى ۋە گۈزەللىكنى ناھايىتىمۇ سۆيىدىغان بىر ئادەم بولۇپ، باغۋەنچىلىككە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ باھاردىن باشلاپلا پۈتۈن بوش ۋاقىتلىرىنى مېۋىلىك بېغىدا ئۆتكۈزەتتى. ئۇ تولىمۇ ئاقكۆڭۈل، مېھرىبان، مېھماندوست، خۇش چاقچاق ئادەم بولغاچقا، ياز كۈنلىرى مارۋايىتنىڭ ھويلىسىدىن مېھمانلار ئۈزۈلمەيتتى. دادىسىنىڭ دوستلىرى يىراق-يىراق جايلاردىن ئالاھىدە كېلىپ، دادىسى ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى يەپ كېتەتتى. مارۋايىتنىڭ چوڭ بولغاندا باشقىلاردىن ئاڭلىشىچە، ئۇ چاغلاردا ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاستانە كەنتىدە ئۇنداق گۈزەل ۋە مېۋىلىرى مول بولغان باغ ناھايىتى ئاز ئىكەندۇق. مارۋايىتنىڭ ياز كۈنلىرىمۇ باغدىن مېۋە توشۇش بىلەن ئالدىراش، ئەمما ناھايىتىمۇ خۇشال ۋە كۆڭۈللۈك ئۆتەتتى. ئەپسۇسكى مارۋايىتقا ئەڭ تەسىر قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئىش، مارۋايىت 1977-يىللىرى بىر يازلىق تەتىلدە ئۈرۈمچىدىن ئۆيىگە تەتىل قىلىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ بېغىنىڭ بىر قانچە تۈپلا مېۋىلىك دەرىخى قاپتۇ. مارۋايىت بۇ ئەھۋالدىن شۇنچىلىك ئازابلاندىكى، ھازىرمۇ شۇ چاغدىكى ئىشنى ئويلىسا مارۋايىتنىڭ ئىچى ئېچىشىدۇ. دادىسى ناھايىتى چوڭقۇر ئۇف تارتىپ تۇرۇپ، ھەسرەت بىلەن مارۋايىتقا: «كەنت مەسئۇللىرى مېنى كاپىتالىزم يولىغا ماڭدىڭ، بۇرژۇئازىيىچە ھايات كەچۈرۈشكە ئۇرۇندۇڭ، قانۇنسىز باغۋەنچىلىك قىلدىڭ، دېگەن قالپاقلار بىلەن مېنى ئەيىبلەپ، بۇ باغنىڭ مېۋىلىك دەرەخلىرىنى كېسىۋەتتى قىزىم» دېگەن ھەسرەتلىك ھالىتى مارۋايىتنىڭ ئېسىدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئەسلىمىلەر مارۋايىتنى ھازىرمۇ چوڭقۇر ئازابلارغا باشلاپ كېتىدۇ.
2-رەسىم: تەكلىماكان قىزى، ماي بوياق، 120 x 100، 2011-يىلى گېرمانىيە
مارۋايىتنىڭ ئاپىسى بولسا قولى تولىمۇ ئۇز ئايال بولۇپ، توختىماي قۇمۇل كەشتىسى، يەنى دوپپا، ياستۇق بېشى قاتارلىق بەكمۇ چىرايلىق ئۆرنەكلەرنى ئۆزى سىزىپ ئويۇپ كەشتە تىكەتتى. ئاپىسىنىڭ كەشتىگە ئىشلەتكەن يۇمران رەڭگارەڭ رەڭلىك يىپەك يىپلىرى مارۋايىتنىڭ يۈرەكلىرىنى تىترىتىۋېتەتتى. مارۋايىتنى ئاجايىپ تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەل بىر تۇيغۇغا باشلايتتى. مارۋايىتمۇ ئاپىسىنى دوراپ، تاملارغا، يەرلەرگە، قەغەزلەرگە توختىماي رەسىم سىزاتتى. تور توقۇيتتى. نەپىس ئىشلارغا بەكلا ھەۋەس قىلاتتى. ئاپىسى ئۇنىڭ ھەۋىسىدىن بەكمۇ سۆيۈنەتتى ۋە قوللايتتى.
ئەگەر ھەر قانداق بىر ئادەم مارۋايىتتىن «سىزنىڭ بىر رەسسام بولۇشىڭىزغا نېمە سەۋەب بولدى؟» دەپ سورىسا، مارۋايىت قىلچە ئىككىلەنمەستىن، شۇنداق دەپ كەسكىن جاۋاب بېرىدۇ: «مېنىڭ بىر رەسسام بولۇشۇمغا مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىن، مەن ياشىغان مۇھىت، شۇنداقلا ئانامنىڭ يۇمران، گۈزەل، ۋە ھەر خىل رەڭلىك يىپەك يىپلىرى ۋۇجۇدۇمغا سەنئەت ئۇرۇقلىرىنى سالدى».
3-رەسىم: «بازار 3»، ماي بوياق، 40 x 40، 2012-يىلى گېرمانىيە
مارۋايىت 1976-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1-ئوتتۇرا تولۇقسىز ئىككىنچى يىللىقىدا شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ رەسساملىق كەسپى ئىمتىھانىدىن پەۋقۇلئاددە تاللانغان ئوقۇغۇچى سۈپىتىدە تاللىنىپ ئوقۇشقا كىردى. 1979-يىلى غەربىي-شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى (لەنجۇ) گۈزەل-سەنئەت ئىنستىتۇتىغا مەخسۇس ماي بوياق كەسپى ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قوبۇل قىلىندى. 1983-يىلى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىدى. 1991-يىلى دوتسېنتلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئىشلەش جەريانىدا ئۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا دۇنيا رەسساملىقىنىڭ ھەر خىل ئېقىملىرى ۋە ھەر خىل ئىلغار رەسساملارنىڭ رەسىملىرىنى تەتقىق قىلىش، ئۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىگە خاس بولغان بىر ئىجادىي روھ ۋە ئىجادىي پىكىر يارىتىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ھەقىقىي ئۆزىگە خاس بولغان بىر رەسىم سىزىش ئىستىلى يارىتىش ئۈچۈن، چوڭقۇر ئىزدەندى. شۇ جەرياندا ئۇ «مېنىڭ بۆشۈكۈم»، «ھاپىزلار»، «قۇياش ۋە ئىنسان»، «مەن پەقەت مەن»، «ياشانغان بىر جۈپ» قاتارلىق ئىجادىي ئەسەرلىرىنى سىزدى. ئۇنىڭ بۇ ئەسەرلىرى ئارقىمۇ-ئارقا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كۆپلىگەن كۆرگەزمىلەرگە قويۇلۇپ، رەسساملار ساھەسىدە چوڭ غۇلغۇلا قوزغاشقا باشلىدى. مارۋايىت نۇرغۇنلىغان گېزىت-ژۇرناللاردا مەخسۇس بەتلەر ئاجرىتىلىپ تونۇشتۇرۇلدى.
1992-يىلى قازاقىستان ئالماتا دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيخانىسىدا ئۆزىنىڭ مەخسۇس كۆرگەزمىسىنى ئاچتى. 1994-يىلى جۇڭگو مەخسۇس ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسىگە قويۇلغان «يالقۇنتاغ ئېتىكىدە» ناملىق ماي بوياق رەسىمى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاللىشى بىلەن، بېيجىڭدىكى جۇڭگو سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى، ۋە مەخسۇس ئىشلەنگەن توپلامغا كىرگۈزۈلدى.
4 - رەسىم: 2013-يىلى گېرمانىيە دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا. سىڭلىم مارۋايىت «مەنىڭ ھويلام» ناملىق ئۆز ئەسىرى ئالدىدا.
1994-يىلى مارۋايىتنىڭ نەتىجىلىرى جۇڭگو مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن مەخسۇس فىلىم قىلىپ ئىشلەپ تونۇشتۇرۇلدى. 1995-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەلقئارا خەنزۇ بۆلۈمىدە ئۇنىڭ نەتىجىلىرى توغرۇلۇق مەخسۇس فىلىم ئىشلەپ تونۇشتۇرۇلدى. شۇ يىلى قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت يۇرتىدا مارۋايىت ئۈچۈن مەخسۇس كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ رەسىملىرىنى قۇمۇل دىيارىغا تونۇشتۇرۇلدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ كەسپىي نەتىجىلىرى كەسپىي ساھەدە ۋە جەمئىيەتتە چوڭ تەسىر قوزغاشقا باشلىدى. شۇنداق بولغان بولسىمۇ، مارۋايىت يەنىلا بۇ كەسىپكە بولغان چەكسىز سۆيگۈ ۋە ئىشتىياقى، شۇنداقلا تېخىمۇ يۈكسىلىش ئارزۇسى بىلەن، ئۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان رەسساملار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە دۇنياغا مەشھۇر رەسساملارنىڭ ئەسەرلىرى ساقلانغان سەنئەت خەزىنىسى بولغان ياۋروپاغا كېلىپ، ئۆزىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارزۇسى بىلەن، 1996-يىلى ياۋروپانىڭ مەركىزى بولغان گېرمانىيەگە كەلدى.
5-رەسىم: «ئۆيىگە قايتىش»، ماي بوياق، 140 x 100، 2013-يىلى ئىستانبۇل
مارۋايىت گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن، بىرەر كۆرگەزمە ئېچىشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ دۇنيادا ئۇنتۇلغان بىر مىللەتنىڭ سەنئەتكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانداق قىلىپ بىر ئاسانراق يول بىلەن ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ۋە سەنئەتكارغا خاس ئىجادىي روھىنى گېرمان جەمئىيىتىگە بىلدۈرەلەيدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ باش قاتۇردى. ئەڭ ئاخىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى بارلىق كۆرگەزمىلىرىنىڭ باش تېمىسىنى «يىپەك يولىدىكى كارۋان» دېگەن سۆز بىلەن باشلاش قارارىغا كەلدى.
مارۋايىت 2000-يىلى ميۇنخېندىكى گېرمانىيە دۆلەتلىك پىسخولوگىيە بىناسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان 45 پارچە ماي بوياق رەسىمى بىلەن بىرىنچى قېتىملىق كۆرگەزمىسىنى ئاچتى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ رەسىملىرى ياۋروپالىقلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ، ئۇ بىر ناھايىتى نەتىجىلىك كۆرگەزمە بولدى. مارۋايىت بۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ۋە كەسپىگە نىسبەتەن يېڭىدىن كۈچلۈك ئىشەنچكە ئېرىشتى. بولۇپمۇ شۇ قېتىملىق كۆرگەزمە مارۋايىتنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتى مەزمۇن قىلىنغان رەسىملەرنى داۋاملىق سىزىشىغا بىر مۇھىم تۈرتكە بولدى.
مارۋايىت سەنئەت دۇنياسىدىكى ئەۋزەللىكلەرگە چوڭقۇر ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا، توختاۋسىز ھالدا رەسىملىرىنىڭ بەدىئىيلىك قىممىتىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرۈش ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەندى. نۇرغۇن رەسساملار ۋە رەسىم مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مەسلىھەتلىرى ۋە ياردەم قىلىپ يول كۆرسىتىشى ئارقىلىق، گېرمانىيەنىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۆزىنىڭ مەخسۇس كۆرگەزمىلىرىنى ئاچتى. شۇنداقلا مارۋايىتنىڭ سەنئەت نەتىجىلىرى ۋە كۆرگەزمىلىرى گېرمانىيەنىڭ مۇھىم مەتبۇئاتلىرىدا نۇرغۇن قېتىم خەۋەر قىلىندى ۋە تونۇشتۇرۇلدى.
6-رەسىم: 2009-يىلى سىڭلىمىز مارۋايىت ئامېرىكىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرىگە كېلىپ، شۇ يەردە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىدە ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇپ بەردى، ھەمدە يىغىنغا كەلگەن مېھمانلارغا بىر رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىپ بەردى.
ۋەتەندىن 15 مىڭ كىلومېتىر يىراققا جايلاشقان ياۋروپادا ياشاپ، ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ھىجران ئازابى مارۋايىتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى مەزمۇن قىلغان ئەسەرلەرنى يارىتىش ھېسسىياتىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. ئۇ 2003- يىلى ۋەتەنگە بېرىش رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بېجىرىپ بولالماس سەۋەبتىن، ئاتا- ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنى سېغىنىش، ۋەتەن ھىجران ئازابى بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى دۇنيادا بىر ئالاھىدە ساياھەتنى باشلىدى. ئۇ يىلىنى مارۋايىت ئىجادىي پىكرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن دەۋرى دەپ ئويلايدۇ. شۇنداق: ئۇ روھىي كارۋانلىرى بىلەن ساياھەتنى تەكلىماكاندىن باشلىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ يۈكسەك ھېسسىيات ۋە چوڭقۇر پىكىرگە ئىگە بولغان، شۇنداقلا يۈكسەك بەدىئىي قىممەتكە ئىگە بولغان 8 پارچە ماي بوياق ئەسىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. «تەكلىماكان»، «كارۋان»، «قىزىل تاغ»، «بازار»، «باھار»، «ساتىراش»، «قىزىل چاي»، ۋە «قەدىمىي كوچا» قاتارلىقلار. ئىجادىي تەپەككۇر ۋە ئىلھامىنى شەكىل ۋە بوياق بىلەن ئىپادىلەپ بولالمىغان كەيپىياتى تۆۋەندىكى مىسرالار بىلەن ئارام تاپتى:
كارۋان
مەن بىر سارايسىز كارۋانمەن،
قار يامغۇرلۇق تاغۇ دەريالاردا ۋەيرانىمەن.
چۆل-جەزىرىلەردە سەرسانىمەن،
خەلقىم ئىشقىدا مەستانىمەن.
قەدىمىي كوچىلاردا بىز قېنى دەپ،
شۇ ھارابىلىقلاردىكى روھانىمەن.
روھانىمەن، روھانىمەن،
روھۇم كەبى ۋەتەن ھىجرانىدا لەيلانىمەن.
2003- يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى، گېرمانىيە
7-رەسىم: «ئېزىتقۇ»، ماي بوياق، 60 x 50، 2014- يىلى گېرمانىيە
2005-يىلىدىن باشلاپ گېرمان زامانداش رەسساملار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆرگەزمىگە مارۋايىتنىڭ «قۇياش ۋە ئىنسان» ناملىق ئەسىرى تاللىنىپ، ميۇنخېندىكى چوڭ سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، رەسساملار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە رەسىم ھەۋەسكارلىرىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. شۇنىڭدىن باشلاپ مارۋايىتنىڭ ئەسەرلىرى ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆرگەزمىگە تاللىنىپ، كۆرگەزمىگە قويۇلماقتا، شۇنداقلا ئۇنىڭ رەسىملىرى ھەر يىلى بىر قېتىم چىقىرىلىدىغان «رەسىم توپلىمى» غا كىرگۈزۈلۈپ كېلىۋاتماقتا.
2013- ۋە 2014-يىلى گېرمان دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان چوڭ كۆرگەزمىگە مارۋايىتنىڭ رەسىملىرى تاللىنىپ، كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ھازىر ئۇ گېرمانىيە ميۇنخېن زامانداش رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ۋە گېرمانىيە دۆلەتلىك رەسساملار جەمئىيىتىنىڭمۇ ئەزاسى.
8-رەسىم: «قەدىمىي ھويلا»، ماي بوياق، 120 x 100، 20014-يىلى گېرمانىيە
2010-يىلى خەلقئارالىق تۈركىي مىللەتلەر رەسساملىرى (TÜRKSOY) جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مارۋايىت ئىستانبۇلدا 18 تۈركىي مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقان رەسساملار بىلەن بىللە رەسىم سىزدى، ۋە ئۇ رەسىملىرىمۇ ئىستانبۇل ئارخېئولوگ مۇزېيخانىسىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى. مارۋايىتنىڭ «قەشقەر» ناملىق ئەسىرى «يىپەك يولى شائىرلىرى» توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلدى. 2013-يىلى خەلقئارا سەنئەت كولونىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، مارۋايىت ئىستانبۇلدا سىزغان «ئۆيىگە قايتىش» ناملىق ماي بوياق رەسىم تۈركىيە خەلقئارا سەنئەت كولونىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئەنقەرە «PORT ART» سەنئەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى. ئۇ رەسىمى يەنە بىر قېتىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاللىشى بىلەن 2014-يىلى ئىستانبۇل مۇستاپا كامال مەدەنىيەت مەركىزى كۆرگەزمە زالىدا كۆرگەزمىگە قويۇلدى، ۋە شۇ كۆرگەزمە ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەنگەن «رەسىم توپلىمى» غا كىرگۈزۈلدى.
9-رەسىم: «قەدىمىي ھويلا»، ماي بوياق، 72 x 65، 2014-گېرمانىيە
يىراق قىرلاردا تۇرۇپ ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ھىجرانى، شۇنداقلا ئۆز مەدەنىيىتىگە بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ھەمدە ئۆز يۇرتىغا بولغان سۆيگۈ ۋە مۇھەببىتى، مارۋايىتنىڭ ئۆز رەسىملىرىدە ئۇيغۇرلار ھاياتىنى، ۋەتەننىڭ تاغۇ-دەريالىرى، قەدىمىي كوچىلىرى، ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىپادىلىشىگە تېخىمۇ زور تۈرتكە بولغۇسى. مارۋايىت 2009-يىلى تۇرپان تۇيۇققا چۈشكىنىدە شۇ تۇيغۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدى ۋە قەلبىدە ئاتەش كەبى يالقۇنجايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇيغۇرلار مەدەنىيىتىنى، ئۇ زېمىننى چوڭقۇر ۋە چەكسىز سۆيىدىغانلىقى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى. شۇ قەدىمىي تاملارغا سەنئەتكار، بىر پارچە كېسەك بولۇپ قاتۇرۇلۇپ كەتكۈسى كەلدى. مارۋايىت 2011-يىلىدىكى گېرمانىيە پىسخولوگىيە ئاكادېمىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن شەخسىي كۆرگەزمىسىنىڭ تەكلىپنامە ۋارىقى ئۈستىگە تۆۋەندىكى سۆزلەرنى گېرمان تىلى بىلەن يازدى:
ۋەتەندىكى شۇ قەدىمىي تاملارغا بىر پارچە كېسەك بولۇپ قوپۇرۇلۇپ كەتكۈم كېلىدۇ …
چۈنكى، بۇ مارۋايىتنىڭ ئىجادىي روھى. شۇ قېتىم مارۋايىت ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھاياتى، قەدىمىي كوچىلار ۋە ئۆيلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن 52 پارچە ماي بوياق رەسىمى بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر كۆرگەزمە ئاچتى.
10-رەسىم: «قەدىمىي كوچا»، ماي بوياق، 80 x 60، 2014-يىلى گېرمانىيە
مارۋايىت ئۆزىنىڭ ئىجادىي روھىنى، ئىجادىيەت ئىدىيىلىرى ۋە ھېسسىياتلىرىنى ھېچ قانداق ئىككىلەنمەي تۇرۇپ مۇنداق دەپ خۇلاسىلەيدۇ: سەنئەت - روھ، سۆيگۈ ۋە ھىجران.
سانسىزلىغان دۇنيا رەسىم ھەۋەسكارلىرى مارۋايىتتىن ھەيرانلىق ئىچىدە: «سىز ۋەتەندىن ئايرىلغىلى شۇنچە ئۇزۇن يىل بولسىمۇ، ئەسەرلىرىڭىز سىز ئۇلارنى خۇددى شۇ زېمىندا تۇرۇپ سىزغاندەك تۇيغۇ بېرىدىكەن. ئۇنىڭدىكى تۇرمۇش پۇرىقى شۇنچە كۈچلۈك ئىكەن. بۇ ئىلھاملارنى سىز نەدىن ئالىسىز؟» دەپ سورايدۇ. مارۋايىت ئۇ سوئاللارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىدۇ: «مەن ئىلھامنىڭ نەدىن، قانداق ۋاقىتتا، قانداق مۇھىتتا، قانداق ۋەزىيەتتە، قانداق ئەھۋالدا، ۋە قانداق كەيپىياتتا كېلىدىغانلىقىغا ھېچ قانداق بىر ئىجادكار ئېنىق ۋە كەسكىن جاۋاب بېرەلمەيدۇ، دەپ قارايمەن. بىز ‹ئىلھامىم بار، ئىلھامىم يوق›، دېگەندەك ئاددىي جۈملىلەر بىلەن ئاتايمىز. مەن ئىلھامىمنى ۋەتەن ھىجرانى، ۋەتەن سۆيگۈسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ روھىدىن ئالىمەن دېسەم، بەزىدە ئىلھامنى ‹تەپەككۇرنىڭ جەۋھىرى›، دەيمەن. يەنە بەزىدە مەن ئىلھامنى ئاللاھنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسىغا ئاتا قىلغان ئەقىل-پاراسىتى ۋە تۇيغۇ-جەۋھەرلىرىنىڭ ساداسى دەپ قارايمەن.»
مارۋايىت مۇنداق دەيدۇ: «ۋەتەن ھىجرانىدا قىلغان سۆزلىرىم ۋە سىزغان ئەسەرلىرىمنى ۋەتەننىڭ تاشلىرىغا ئابىدە قىلىپ ئويۇۋەتكۈم كېلىدۇ.»
11-رەسىم. ئۈستۈنكى رەسىم سولدىن ئوڭغا: سولدىن ئونغا تونۇلغان تۈرك رەسسام، 2-خانىم ئىتالىيەلىك، 3-خانىم ئەنگلىيىلىك، ئوتتۇردىكىسى سىڭلىم مارۋايىت، بەشىنچىسى تۈرك رەسسام، ۋە شۇ پائالىيەتنىڭ مەسئۇلى دەنىجان ئۆزەر(Denizhan Özer ) ئەپەندىلەر. 2013-يىلى 6-ئايدا تۈركىيە خەلقئارا سەنئەت كولونىسى ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەت، ئىستانبۇل ساپانچا كۆلىدە. تۆۋەندىكى رەسىم ئوڭدىن سولغا: يۇگوسلاۋىيەلىك داڭلىق رەسسام Stoyan Milano ۋە ئەنگلىيەلىك رەسساملار بىلەن ساپانچا (Spanca) كۆلىدە.
مەن سىڭلىمىز مارۋايىت بىلەن تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدا بىر قېتىمدىن بىللە بولۇپ، ئۇ سىزغان ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى كۆردۈم. مارۋايىت ئۆزى سىزغان بىر قانچە پارچە رەسىمنى ماڭا سوۋغات قىلىشتەك شەرەپكىمۇ ئېرىشتىم. گەرچە مېنىڭ رەسساملىق ئىلمىدىن خەۋىرىم بولمىسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىنىڭ دائىرىسى ئىچىدە ئۇ سىزغان رەسىملەردىن ئىنتايىن تەسىرلەندىم. مەن سىڭلىمىز مارۋايىتنىڭ خەلقئارالىق رەسسامچىلىق سەھنىسىدە بىر ئۇيغۇر رەسسامى بولۇپ ، ئۆزىنىڭ چامىسى يەتكەن دائىرە ئىچىدە دۇنيا خەلقىنى «ئۇيغۇر» دەپ بىر مىللەتنىڭ بارلىقىدىن، ھەمدە بۇ مىللەتنىڭ مارۋايىتتەك تالانتلىق كىشىلىرىمۇ بارلىقىدىن خەۋەرلەندۈرۈۋاتقانلىقىغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
12-رەسىم: «قەدىمىي مەھەللە»، ماي بوياق، 40 x 50، 2014 - گېرمانىيە
13- رەسىم: «قەدىمىي كوچا II»، ماي بوياق، 72 x 65، 2014 گېرمانىيە.
14- رەسىم: «تار كوچا»، ماي بوياق، 75 x 60، 2013-يىلى گېرمانىيە.
15-رەسىم: «قىزىل چاي»، ماي بوياق، 40 x 40، 2003- يىلى گېرمانىيە
16-رەسىم: «بازار II»، ماي بوياق، 70 x 60، 2015-يىلى گېرمانىيە
17-رەسىم: «بازار III»، ماي بوياق، 80 x 100، 2015-يىلى گېرمانىيە.
18-رەسىم: ئۈستۈنكى رەسىمدە سىڭلىمىز مارۋايىت 2009-يىلى مۈنچەن زامانداش رەسساملا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى Oberlande ئەپەندىم، سەنئەتكارلانى قوللاش ۋە قوغداش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى Ulrike Amend خانىملار بىلەن بىللە. ئاستىنقى رەسىمدە مارۋايىت مۈنچەندىكى سەنئەت سارىيىدىكى كۆرگەزمىدە ئۆز ئەسىرى ئالدىدا.
19-رەسىم: 2014-يىلىدىكى سچلوسس بلۇتېنبۇرگ مەدەنىيەت مەركىزىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش.
20 - رەسىم: سولدىن ئوڭغا: مارۋايىت، تاشمەمەت ۋە بىلىمخۇمار ئىستانبۇلدا. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى.
21-رەسىم: «ئەپيۇن گۈلى»، ماي بوياق، 80 x 60، 2012-يىلى گېرمانىيە.
22-رەسىم: «ئەپيۇن گۈلى II»، ماي بوياق، 60 x 30، 2012- يىلى گېرمانىيە.
23-رەسىم: سىڭلىمىز مارۋايىت ھاپىز. 2014-يىلى بېرلىن، دالەم مۇزېيخانىسى.
24-رەسىم: 2011-يىلىدى گېرمانىيە دۆلەتلىك پىسخولوگىيە ئاكادېمى بىناسىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر. ئاستىنقى رەسىم ئوڭدىن سولغا 1-كىشى ئاتاقلىق گېرمان رەسسام، زامانداش رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ بۇرۇنقى رەئىسى Kneutinger ئەپەندى. 2-كىشى ئۇنىڭ خانىمى ۋە مارۋايىتنىڭ سەنئەتكار دوستلىرى.
25-رەسىم: «قۇياش ۋە ئىنسان»، ماي بوياق، 100 x 80، 1993-يىلى ئۈرۈمچى.
26-رەسىم: «يامغۇر» ماي بوياق، 45 x 55، 2013-يىلى گېرمانىيە.
27-رەسىم: «يامغۇرلۇق» ماي بوياق، 2013-يىلى گېرمانىيە.
ئالدىنقى « نەتىجىلىك ئۇيغۇرلار (8)» نىڭ تور ئادرېسى:
/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=3260
بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.
|