تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
  • Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 545 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • جاۋاپ 2015-4-16 16:03 [ئىنكاس(0)] [...]

      دۇنيادىكى ئەڭ ئسېىل سوغا سۆيگۈ، دۇنيادىكى ئەڭ يېرگىنىشلىك ئىش خائىنلىق!!!

    • پەلەك 2015-4-13 11:57 [ئىنكاس(0)] [...]

      بارچە ئۈمىدىمىز ياشلاردىدۇر......مۇستاپا كامال

    • جاۋاپ 2015-4-8 16:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىر بالادىن قانچە تەز قۇتۇلسا، ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى!

    • ساداقەت 2015-4-6 21:24 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بەزەن سەۋەبلەردىن مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ئەمدى كۈندە كىرىشكە تىرىشىمەن.

    • گېتلېر 2015-3-21 11:30 [ئىنكاس(2)] [...]

      نەۋرۇز   بايرىمىڭلارغا    مۇبارەك   بولسۇن ،باسقان  قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئۇنسۇن قىرىنداشلىرىم

    • شەيدائى 2015-3-18 16:18 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تورداشلار ھەممىڭلار شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ قېنى ياخشى تېمىلار؟ جىمىپ كەتمەيلى.

    • دېھقان 2015-3-15 21:08 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئادەم قانچىلىك بولسا ،شۇنچىلىك سۆزلەيدۇ .

    كۆرۈش: 605|ئىنكاس: 17
    بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

    مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
    ساھىبخان
    يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونى
    مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونى Mindanao Muslim A.R
    مەركىزى :كوتاباتو. ئاھالىسى 300مىڭ.
    زىمىنى : 26974كىۋادىرات كىلومېتىر،
    ئاھالىسى: فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مىندانائو ئاپتونۇم رايونىنىڭ 2007-يىلى 12-ئايدىكى
    ئاھالىسى 4مىليۇن 125مىڭ بولۇپ، ئۇمۇمى جەھەتتىن مىندانائو ئارىلى(ماراناۋ، ماگىنداناۋ ئۆلكىسىنى ئۆز ئچىگە ئالىدۇ) ۋە تاقىم ئارال (باسىلان ئارىلىنىڭ جەنۇبى، سۇلۇ تاقىم ئاراللىرى، تاۋى-تاۋى تاقىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈركۈمگە بۆلۈش مۈمكىن. بۇنىڭ ئىچىدە مىندانائو ئارىلىدىكى ماگىنداناۋ مىللىتىنىڭ ئاھالىسى تەخمىنەن 1مىليۇندىن كۆپرەك، ماراناۋ مىللىتى 700مىڭ ئەتراپىدا سۇبانۇنلار 300مىڭ ئەتراپىدا . سۇلۇ تاقىم ئارىلىدىكى تاۋسۇگلار بىر مىليۇن، سامالار 500مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ ، مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونى  ئاھالىسىنىڭ 95% ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبى شافىئى فىقھىسىدە. قالدى3% ئاھالە يەرلىك ئىپتىدائى دىنلارغا، يەنە 2% خىرىستان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئىسلام دىنى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مىندانائو ئارىلىغا تەخمىنەن 1380-يىللىرى دېڭىز ئارىلاپ سودا قىلىدىغان دېڭىزدىكى سىگانلار دەپ نام ئالغان سولولار تەرىپىدىن تارقىلىپ كىرگەن بولۇپ، فىلىپپىنىڭ كۆپ قىسىم ئاھالىسىنى ئىگللەيدىغان لوزۇن ۋە سېبۇ ئارىلىدىكى ئاھالىلەر تېخى ئىپتىدائى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ يۈرگەندە مىندانائو ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى تاقىم ئاراللاردا قۇرۇلغان سولو سۇلتانلىقى ۋە مىندانائو ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى سۇلتان قۇدرەتنى مەركەز قىلغان ماگىنداناۋ سۇلتانلىقى پەن-مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى جەھەتلەردە يۈكسەك تەرەققى قىلغان ئىدى.
    1580-يىلى ئىسپانىيە پىلە قۇرتىدەك بېسىپ كىرىپ ئاھالىسىنىڭ 80% دىگۈدەك ئىپتىدائى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان فىلىپپىننى بېسىۋالغاندا بۇ ئىككى سۇلتانلىق بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىپ ئۇلارنى بوي سۇندۇرالمىغان ئەمما ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماي، بۇ ئىككى سۇلتانلىقنى ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مالاي تاقىم ئاراللىرىنىڭ شەرقىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ يەرلىك ئاپتونومىيىسى دەپ ئاتىۋالغان. بۇ ئىككى ئارال ئاھالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە  ئىسپانىيەنى بويسۇندۇرغان ئافرىقىدىكى مورلار قوشۇنلىرىغا ئوخشاش ئىبادەت ۋە تۇرمۇش شەكلى تۈپەيلى ئىسپانىيەلىكلەر فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ مورولار دەپ ئاتىغان( ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبى خوشنىسى بولغان ئافرىقىدىكى موروككو-ماراكەش، ۋە ماۋرتانىيە دىگەن دۆلەت نامىمۇ مۇشۇ مورو دىگەن نامدىن كېلىپ چىققان).
    1890-يىلى ئامېرىكا ئىسپانىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىسپانىيە ئۇرۇش تۆلىمى سۈپىتىدە فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى، جەنۇپتىكى ئۆزلىرى تېخى بويسۇندۇرالمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى سۇلتانلىقىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ ئېتىراپ قىلمىغان ھالدا
    ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئامېرىكا فىلىپپىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە گەرچە ئوخشاشلا يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ ئەمما شىمالدىن كەلگەن فىلىپپىن قورچاق ئەسكەرلىرىنى ئىشقا سېلىپ قانلىق بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. ئايىقى چىقماس ئۇرۇشتىن زېرىككەن ئامېرىكا 1946-يىلىغا كەلگەندە بويسۇندۇرۇلغان ئەمما تېخى ئۇرۇش ئوتى ئۆچمىگەن بۇ زىمىننى فىلىپپىنننىڭ يەرلىك خىرىستانلاردىن تەشكىل تاپقان ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. كونا مىندانائو سۇلتانلىقىنىڭ ۋارىسى ئوسمانىيە يېڭى قۇرۇلغان فىلىپپىننىڭ ئازادلىق ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن دۆلەتتە مۇئاۋىن پىرىزدېنت بولۇپ سايلانغان.
    1950-يىللاردىن كېيىن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئاھالە بىر قەدەر زىچ ھىساپلانغان، خىرىستانلار ئولتۇراقلاشقان نامرات
    شىمالدىن جەنۇپتىكى ئاھالە شالاڭراق ، بىر قەدەر باي بولغان مىندانائو ئارىلىغا پىلانلىق تۈردە كۆچمەنلەرنى يۈتكەپ، ياخشى تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆچمەنلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن. نەتىجىدە يەرلىك مۇسۇلمانلار بۇ سىياسەتكە نارازى بولۇپ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تېرورلۇق ھەركەت قوللانغان. فىلىپپىن ھۆكۈمىتىمۇ بۇ مەسىلىنى مەركەزدە ھوقۇق تۇتقان مۇسۇلمان رەھبەرلەردىن كۆرۈپ ئۇلارنى چەتكە قاققان. نەتىجىدە فىلىپپىندا شىمالدىكى خىرىستانلار ھۆكۈمىتى، ئوتتۇرا قىسىم ۋە سېبۇ ئارىلىدىكى فىلىپپىن كومۇنىستىك ھەركىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى، جەنۇپتىكى مۇسۇلمانلاردىن ئىبارەت ئۈچ كۈچ پۇت تېپىشىپ ئۈزۈلمىگەن ئىچكى ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 1968-يىلى مىندانائو ئارىلىدىكى كوتاباتو ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى ماندالان «مىندانائو ئارىلى مۇستەقىللىق ھەركىتى»نى قوزغىغاندىن كېيىن جايلاردىكى مۇسۇلمان قوراللىق كۈچلىرى سۇلۇ ۋە باسلان ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمىنى قوراللىق بېسىۋالغان. سىرتقا ئەمگەك كۈچى چىقىرىش ۋە نېفىت ئىمپورتى ساھەسىدە ئىسلام دۇنياسىغا ئېھتىياجلىق بولغان فىلىپپىن ھۆكۈمىتى دۇنيا ئىسلام كېڭىشىنى ئىككى ئارىدا كېلىشتۈرگۈچى بولۇشقا چاقىرغان. نەتىجىدە 1974-يىلى لىبىيە پىرىزدېنتى كازافىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئاستىدا مورو مىللى ئازادلىق فىرونتى دۇنيا ئىسلام كېڭىشىگە كۈچەتكۈچى ئەزا بولۇش بىلەن بىللە قوراللىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا ئاپتونومىيە ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان.
    1996-يىلى ۋە 1998-يىلىدىكى ئاپتونومىيە ھەركىتىدە مورو خوشاللىق تەشكىلاتى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن يەنىمۇ ئىلگىلىگەن ئاساستا تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ قوراللىق كۈچ، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، مائارىپ جەھەتلەردە زور بولغان ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ھازىر مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونى گەرچە ھۆكۈمەتنىڭ ئەبۇ سايىف قوراللىق كۈچلىرى بىلەن بولغان كۈرىشى تەسىرىدە يەنىلا مەلۇم تېنچسىز ۋە فىلىپپىن بويىچە ئىقتىسادى بىر قەدەر قالاق رايون ھىساپلىنىدۇ.
    ئاپتونۇم رايوننىڭ ھۆكۈمەت تور بېتى:http://www.armm.gov.ph
    مەنبە   ئوكيان  تورى

    ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىشۆھرەت تىللا قىزغىنلىق يىغىش سەۋەبى
    تۇنجى + 4 + 4 + 4 جاپا چەكتىڭىز

    ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرەت + 4  تىللا + 4  قىزغىنلىق + 4   باھا خاتىرىسى

    8

    تېما

    3

    دوست

    399

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    دىۋان
    يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
        پىلىپىن مۇسۇلمانلىرى كۆپ بەدەل تۆلىدى.
        دۇنيانىڭ نەرىگىلا قارايدىغان بولساق ئاساسەن مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى دىندىكىلەرلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ۋە كەسكىن كۈرەشلەرنى كۆرىمىز. ئەمما ھەر كۆرگىنىمىزدە مۇسۇلمانلار ئاجىز، ئارقىسىدا ياردەم قىلىدىغان تۈزۈك دۆلەت يوق.
       سۆزلەپ كەلسەك گەپ بىلەن دەرت كۈچىيىپ كېتىدۇ.

    0

    تېما

    0

    دوست

    56

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يىكەنداز
    يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،اللە رەخمەت قىلسۇن
    م.ھجرانى.

    0

    تېما

    0

    دوست

    118

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    گىلەم
    يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    يىڭى مەزمۇن ، يىڭى ئۇچۇر ئىكەن ، تىما ئگىسىگە رەھمەت .

    2

    تېما

    15

    دوست

    4611

    جۇغلانما

    سەردار

    Rank: 6Rank: 6

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    5#
    يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    بۇرۇنلادا تېلىيۋېزوردا تۇلا ئاڭلايتىم، ئەسلى مۇشۇ خەقكەندە فىلىپىن ئاشۇلارغا جېنى يەتمەيدۇ- جۇڭگوغا شىلتىڭ ئاتىدۇ دە

    157

    تېما

    22

    دوست

    8349

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    6#
    يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 06:05 |ئايرىم كۆرۈش
    جاۋاپ يوللىغان ۋاقتى  2015-4-26 00:02
    بۇرۇنلادا تېلىيۋېزوردا تۇلا ئاڭلايتىم، ئەسلى مۇشۇ خەق ...

    مىسال : بۈگۇن تۇرمۇشۇمغا يەتكىدەك يىنىمدا 50سوم پۇل بار ، ئەگەر كۆپ بولسا ئىدى باشقىلارغا ياردەم قىلاتتىم.
    شۇڭا ئاۋۋال ئۆزۇمنى ، ئائىلەمنى ئۆيلىدىم.

    2

    تېما

    15

    دوست

    4611

    جۇغلانما

    سەردار

    Rank: 6Rank: 6

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    7#
    يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:26 |ئايرىم كۆرۈش
    سالمان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-27 06:05
    مىسال : بۈگۇن تۇرمۇشۇمغا يەتكىدەك يىنىمدا 50سوم پۇل با ...

    شۇنداق ئاكا، ئالدىبىلەن تاھام- ئاندىن كالام.....

    0

    تېما

    1

    دوست

    28

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    8#
    يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:04 |ئايرىم كۆرۈش
    ئەجرىڭىزگە كۆپ تەشەككۇر،مەن ئاڭلاپ رايونكەندۇق، بىلىۋالىدم.
    قايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ!

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    9#
    يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:27 |ئايرىم كۆرۈش
    مورو مىللى خوشاللىق فرونتى
          مورو مىللى خوشاللىق فرونتى (Moro National Liberation Front):
         فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلاتى. 1972-يىلى قۇرۇلغان.1977-يىلىدىن كېيىن سىرتقى دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىنىڭ ئازىيىشى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسى گۇرۇھلارنىڭ كۈرەش ئۇسۇلى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن  ئىچىكى جەھەتتە مەلۇم مۇناسىۋىتى بولغان مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى ۋە مورو ئاپتونومىيە ئىتىپاقى بۇ تەشكىلاتتىن بۆلۈنۈپ چىققان.
        1996-يىلى مورو ئاپتونومىيە ئىتىپاقى مىندانائو ئارىلىدىكى مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدىغان 6ئۆلكىدىكى(ئۇ چاغدا تۆت ئۆلكە ئىدى) مورو خەلقىگە ۋاكالىتەن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن يۇقارقى 6ئۆلكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونوم رايونىنى تەشكىللەش تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندا نارازى بولغا بىر بۆلۈك كۈچلەر ئاپتونومىيە ئىتىپاقىدىن ئايرىلىپ مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. كۈچىيىپ كەتكەن، 15مىڭدىن ئارتۇق قوراللىق خادىمى بولغان ھاشىم سالامەت باشچىلىقىدىكى مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى «پۈتۈن مىندانائو ۋە پالاۋان  ئارىلىدائۈزۈل-كېسىل مۇستەقىل بولغان، ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلغان» دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلىپ خەلقارا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ مۇئەييەن قوللىشىغا ئىگە بولغان ۋە 1998-يىلى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن مورو خەلقىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىدىغان يەنە بىر تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تېرورچى دەپ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىغاچقا فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ قوراللىق باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان. ھازى مورو مىللى خوشاللىق فىرونتىنىڭ نۇر مىسسۇئارى باشچىلىقىدىكى ئاساسى قىسمى مىندانائو ئاپتونوم رايونىدا ھوقۇق تۇتىۋاتقان پارتىيە شۇنداقلا «خەلقارا ئىسلام كېڭىشى»نىڭ كۈزەتكۈچى ئەزاسى ھىساپلىنىدۇ.

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    10#
    يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:33 |ئايرىم كۆرۈش
    مورولار

    مورولار ماھىيەتتە فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق ئاتىلىشى بولۇپ، ئىسپانىيىلىكلەر فىلىپپىنغا كەلگەندە بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپانىيەنى بويسۇندۇرغان ئافرىقا قوشۇنلىرىغا ئوخشاش ئىبادەت ۋە تۇرمۇش شەكلى تۈپەيلى ئىسپانىيەلىكلەر فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۇمۇملاشتۇرۇپ مورولار دەپ ئاتىغان( ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبى خوشنىسى بولغان ئافرىقىدىكى موروككو-ماراكەش، ۋە ماۋرتانىيە دىگەن دۆلەت نامىمۇ مۇشۇ مورو دىگەن نامدىن كېلىپ چىققان).
          مورولار چوڭ جەھەتتىن ئاھالىسىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسلام دىنىغا ئىشىنىدىغان تاۋى-تاۋى ۋە پالاۋان تاقىم ئاراللاردىكى مالاي تىل سېستىمىسى بىسايان تىللار ئائىلىسىگە تەۋە تاۋسۇگ(نوپۇسى بىر مىليۇن) قاتارلىق مىللەتلەر بىلەن  باسلان ئارىلىدىكى مېسو تىللىرى ئائىلىسىگە تەۋە ياكان(200مىڭ)، ساما(550مىڭ) قاتارلىق مىللەتلەر ۋە مىندانائو چوڭ ئارىلىدىكى  جەنۇبى فىلىپپىن تىل ئائىلىسىگە تەۋە ماگۇنداناۋ(بىر مىليۇن820مىڭ)، ماراناۋ(نوپۇسى بىر مىلىيۇن50مىڭ)، مىنداناۋنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى سۇبانۇن( نوپۇسى 370مىڭ)، سۇلۇ(نوپۇسى200مىڭ) قاتارلىق چوڭراق مىللەتلەر ۋە نوپۇسى يۈز مىڭغا توشمايدىغان 20دىن كۆپ  قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان ئون نەچچە مىللەتنى كۆرسىتىدىغان مىللەتلەر تۈركۈمى بولۇپ، مالاي، ئەنگىلىز ۋە ئەرەب تىللىرى بۇ رايونلاردا مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ.
         2007-يىلىدىكى سىتاتىسكىدا فىلىپپىندىكى مورولارنىڭ جەمى نوپۇسى 8مىليۇن230مىڭ بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونىدىن باشقا يەنە مىندانائو ئارىلىسىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە ۋە  پالاۋان قاتارلىق جەنۇپتىكى ئاراللارغا تارقالغان. مورولارنىڭ مالايسىيا ۋە ھىندونوزىيەدىكى مىللەتلەر بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار.
        مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونۇم رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، مورولار ئىلگىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋە مورو مىللى خوشاللىق فىرونتى «مورو جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇشنى نىشان قىلغان مىندانائو ۋە پالاۋان ئارىلىنىڭ 21مىليۇن نوپۇسىدا مورولار31%نى ئىگەللەيدۇ.
        مورولار ياشىغان رايون تارىختا بىرۇنىي سۇلتانلىقى، سۇلۇ سۇلتانلىقى ۋە ماگىنداناۋ سۇلتانلىقى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. ئامېرىكا كېلىشتىن بۇرۇن ئاساسەن ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن نىسبى مۇستەقىل ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ ئىسپانىيە كاتولىك مەدەنىيىتى مورولارغا ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتەلمىگەن. ئامېرىكا فىلىپپىنغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە گەرچە يەرلىك سۇلتانلارنىڭ ھوقۇقى ئېلىپ تاشلانغان بولسىمۇ ئەمما سۇلتان جەمەتى يەنىلا دىنى داھىلىق ئورنىنى ساقلاپ قالغان.
        مورولار مول بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز قاتنىشى سودا تارىخىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت تىپىغا ئىگە.

    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2015-4-29 06:56 , Processed in 0.121310 second(s), 32 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش