تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
  • Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 545 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • جاۋاپ 2015-4-16 16:03 [ئىنكاس(0)] [...]

      دۇنيادىكى ئەڭ ئسېىل سوغا سۆيگۈ، دۇنيادىكى ئەڭ يېرگىنىشلىك ئىش خائىنلىق!!!

    • پەلەك 2015-4-13 11:57 [ئىنكاس(0)] [...]

      بارچە ئۈمىدىمىز ياشلاردىدۇر......مۇستاپا كامال

    • جاۋاپ 2015-4-8 16:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىر بالادىن قانچە تەز قۇتۇلسا، ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى!

    • ساداقەت 2015-4-6 21:24 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بەزەن سەۋەبلەردىن مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ئەمدى كۈندە كىرىشكە تىرىشىمەن.

    • گېتلېر 2015-3-21 11:30 [ئىنكاس(2)] [...]

      نەۋرۇز   بايرىمىڭلارغا    مۇبارەك   بولسۇن ،باسقان  قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئۇنسۇن قىرىنداشلىرىم

    • شەيدائى 2015-3-18 16:18 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تورداشلار ھەممىڭلار شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ قېنى ياخشى تېمىلار؟ جىمىپ كەتمەيلى.

    • دېھقان 2015-3-15 21:08 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئادەم قانچىلىك بولسا ،شۇنچىلىك سۆزلەيدۇ .

    كۆرۈش: 804|ئىنكاس: 21
    بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

    كەلگۇسى جۇڭگۇ -ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ سەۋەپلىرى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    6

    تېما

    15

    دوست

    506

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
    ساھىبخان
    يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيزار97 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-23 22:49  

    1962-يىلى يۈز بەرگەن جڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ 53 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى مۇناسىۋىتى ۋە ھەرساھە ۋەزىيىتىگە ئائىت مۇلاھىزىلەر غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن كەڭ يەر ئالدى.

    گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە 13-14-ئۆكتەبىر كۈنلىرى جوڭگو-ھىندىستان ئۇرۇشىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك 20 پارچىدىن ئارتۇق سىياسىي ئانالىز، ئەسلىمە ۋە ۋىدىئو زىيارەت خاتىرىلىرى ئېلان قىلىندى. بۇلاردا، 1962-يىلى جوڭگو -ھىندىستان ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇش ئەسلەپ ئۆتۈلۈش بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىك تەرەپلىرى مۇلاھىزە قىلىندى ھەمدە جوڭگو  بىلەن ھىندىستاننىڭ كەلگۈسىدە ئاسىيا قىتئەسىنىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى تالىشىش يۈزىسىدىن قاتتىق تىركىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
    تۆۋەندە ھەر ساھە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
    1962-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى جوڭگو  ئازادلىق ئارمىيىسى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش رايونىغا تۇيۇقسىز تاجاۋۇز قىلغان. جوڭگو  ئىشغالىدىكى تىبەت چېگراسىدىن 40 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى تاۋاڭ دېگەن جايدا يۈز بەرگەن بۇ ئۇرۇشقا جوڭگو  ئارمىيىسى تەركىبىدە ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىر گۇرۇپپا ئەسكەر قاتناشتۇرۇلغان. بۇ ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئىسمائىل مەمەت ئىسىملىك بىر كىشى «ئۇرۇش قەھرىمانى» ئاتىلىپ، تاكى 1977-يىللىرىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ تەشۋىق قىلىنغان.
    بايان قىلىنىشىچە، ئىككى تەرەپتىن 2 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ئۇرۇش 1962-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى نەق بىر ئايدىن كېيىن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان سوغۇق ئۇرۇش ھازىرغا قەدەر يوشۇرۇن داۋاملاشماقتا. جوڭگو -ھىندىستان ئۇرۇشى يۈز بەرگەن بۇ جاي تىبەتنىڭ غەربىي قىسمىغا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، جوڭگو  ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بۇ ھەقتە زېمىن دەۋاسى قىلماقتا. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بولسا ئاران 10 مىڭ نوپۇسى بولغان، تاۋاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئاز سانلىق مىللەت رايونىدا ئۇرۇشتىن كېيىن ھەربىي ئىنستىتۇت قۇرۇپ، 180 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرى كۈچىنى يۇقىرى ماھارەتتە تەربىيىلەشنى بۈگۈنگىچە داۋاملاشتۇرماقتا.
    ئەينى چاغدا، جوڭگو  ئارمىيىسى ھىندىستان ئارمىيىسىدىن 10 ھەسسە ئارتۇق كۈچ بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. ھىندىستان تەرەپ بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن. ئەمما جوڭگو  ھۆكۈمىتى ھازىرمۇ زېمىن دەۋاسى قىلىۋاتقان بۇ زېمىننى شۇ چاغدا قولىغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە دەرھال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ، بېسىۋالغان زېمىندىن چىقىپ كەتكەن. ئەگەر بۇ زېمىن ھەقىقەتەن جوڭگو زېمىنى بولسا، جوڭگو  نېمە ئۈچۈن قولغا كەلتۈرۈپ بولغان غەلىبىسىدىن ۋاز كېچىدۇ؟ بۇ ھەقتە ھازىرغا قەدەر قايىل قىلارلىق بىر يەكۈن يوق. ھىندىستان خەلقى جوڭگو  ئالدىدا ئاجىز كەلگەنلىكتىن ئىبارەت بۇ ھاقارەتنى قوبۇل قىلالماي، شۇ چاغدىكى باش مىنىستىر نېھرونى قاتتىق ئەيىبلىگەن. بۇ ۋەقە ھىندىستان تارىخىدىكى بىر نومۇسلۇق داغ سانىلىپ، دەرسلىك كىتابلارغا قەدەر كىرگۈزۈلگەن.
    ھىندىستان بىلەن جوڭگونىڭ ئوخشاش تەرىپى: ھەر ئىككىسى نوپۇسى 1 مىلياردتىن ئارتۇق چوڭ دۆلەت. پەرقى بولسا: ھىندىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېموكراتىك دۆلەت، مۇستەقىل ئەدلىيە سىستېمىسىغا، ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ئىگە. جوڭگو كومپارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت. جوڭگو  بىلەن ھىندىستان ئارىسىدىكى چېگرا لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3500 كىلومېتىر. گېرمانىيىلىك سىياسىيون ئېبېرخارد ئەپەندىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، تېخى مۇقىم بېكىتىلمىگەن چېگرا ماجىراسى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ ئوت پىلتىسى. دالاي لاما ۋە ئۇنىڭ سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ھىندىستاندا بۆلىشىمۇ نازۇك بىر مەسىلە. بۇ ئىككى مەسىلىگە قوشۇلۇپ ھازىر ئۈچىنچى بىر مەسىلىمۇ ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇ بولسىمۇ، بىراخماپۇترا دەرياسى. بۇ دەريانىڭ سۈيىنى تالىشىش كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا سەۋەب بولىدۇ. چۈنكى، تىبەتتىن ئۆتىدىغان بۇ دەريانىڭ سۈيىگە ھىندىستان ۋە بېنگالنىڭ نۇرغۇن زېمىنى قاراشلىق. نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى، كىلىماتتىكى ئۆزگىرىش سۇ مەنبەلىرىنى بارغانسېرى قۇرۇتۇپ بارماقتا. جوڭگو  ئۆزىنىڭ شىمالىي رايونلىرىدىكى قۇرغاقچىلىقنى مۇشۇ سۇ بىلەن ھەل قىلىشنىڭ كويىدا. بۇ سۇ كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنى ماجىراغا سۆرەپ كىرىدۇ. يېڭى دېھلى دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزىدىكى جوڭگو شۇناس جاگارنات پاندانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرقى مەسىلە ئىككى دۆلەتنىڭ رايون ۋە خەلقئارادىكى رىقابىتى مەسىلىسى ئەمەس، چېگرا مەسىلىسىمۇ ئەمەس، بەلكى يەنە 5-10 يىلدا پەيدا بولىدىغان سۇ ماجىراسى مەسىلىسىدۇر.
    بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى جوڭگو لۇق سىياسىيون گۇ شۆۋۇنىڭ ئېيتىشىچە، جوڭگو  پاكىستاننى قولتۇقىغا قىستۇرۇۋېلىشى ۋە ھىندىستانغا يېقىن بولغان دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىكى نېفىتلارغا كۆز ئالايتىشى ھىندىستاننى سەزگۈرلەشتۈرمەكتە. تېخىمۇ مۇھىمى، ھەم جوڭگو ، ھەم ھىندىستاندا مىللەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچىيىپ بارماقتا. جوڭگو  پاكىستاننىڭ دېڭىز پورتىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، پارس قولتۇقىغا قەدەر كېلىش شارائىتىنى ياراتقاندىن كېيىن، ھىندىستان پاكىستاندىكى گۋادار پورتىنى جوڭگو نىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
    يېڭى دېھلى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ئىلمى پروفېسسورى سۇژىت دۇتتا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىندىستان بىلەن جوڭگو  ئافرىقا ئەللىرىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كەسكىن رىقابەتلەشمەكتە. جوڭگو  ھازىرغا قەدەر ئافرىقا ئەللىرىگە سالغان مەبلىغى 16 مىليارد دوللارغا يېتىدۇ. ھىندىستاننىڭ ئاران 6 مىليارد دوللار. 2015-يىلى 9 مىلياردقا چىقارماقچى. ھىندىستان ب د ت غا دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش ئىمتىيازىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئافرىقا ئەللىرىنىڭ ھىمايىسىگە موھتاج بولماقتا. ئەمما جوڭگو  بۇنى خالىمايدۇ. ھىندىستان يەنە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قورال-ياراق ئىمپورت قىلىۋاتقان دۆلەت.
    تارىختا 1835-يىلىدىن باشلاپ، ئاسىيا قىتئەسى ئەنگلىيە ۋە رۇسىيىنىڭ تەسىر دائىرە تالىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغان. ھىندىستان، پاكىستان، بېنگال قاتارلىق كۆپلىگەن جايلار ئەنگلىيە ئىشغالىغا ئۆتكەن. بۇ چاغدا ئارىلىقتا قالغان تىبەت، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەنگلىيىنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئۆتكەن. 1912-يىلى جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتى تىبەتكە قارىتا ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى قىلغاندىن كېيىن، 1913-يىلى تىبەت مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئەنگلىيە تەرەپ 1914-يىلى سىملا يىغىنىنى چاقىرغان. جوڭگو  ۋە تىبەت تەرەپنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان بۇ يىغىندا ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى تاشقى ئىشلار ۋەكىلى مەكماخۇن ئەنگلىيە ئىشغالىدىكى زېمىن بىلەن جوڭگو  زېمىنى ئارىسىغا بىر سىزىق سىزىپ، ئوتتۇرىدىكى چېگرا مەسىلىسىنى ۋاقتىنچە ھەل قىلغان. بۇ پاسىل تارىختا «مېكماخۇن سىزىقى » دەپ ئاتالغان.
    مەنبە. ھەر قايسى تورئۇچۇرلىرىدىن

    0

    تېما

    3

    دوست

    604

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    دىۋان
    يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىمىنوف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-24 00:17  

    چىگرا مەسلىسى چوڭ ئىش . پەقەت  ھىندىستان بىسىۋالغان تىبەتنىڭ زاڭنەن رايۇنىلا ئەمەس ، بەلكى شىنجاڭنىڭ ئاقسايچىن رايۇنىنىمۇ ھىندىستان بىزنىڭكى دەۋاتىدۇ . خەلقارالىق خەرىتىلەردىمۇ ئاقسايچىن رايۇنىنى ھىندىستانغا تەۋە دەپ سىزىۋاتىدۇ . بۇ بىر چوڭ خاتالىق . خەنزۇ دۆلىتى چوقۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەن تەشكىلاتىغا ئەرىز سۇنۇپ خەرىتىدىكى شۇ خاتالىقنى تۈزەتكۈزۈشنى ئۈمۈت قىلىمەن .

    70

    تېما

    54

    دوست

    5821

    جۇغلانما

    ئوڭ ۋەزىر

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت

    يىكەنداز
    يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    ئاقسايچىن رايۇنى بولسا ئاقسايچىن كۆلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان 30مىڭ كىۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان تاغلىق رايۇن
    بولۇپ، ئىقلىم تىپى مۇزلۇق تاغ ئىقلىمىغا تەۋە. بۇ رايۇن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ئايرىلماس بىرقىسىمىدۇر!
    ئاقسايچىن ھىندىچە अक्साई चिन يېزىلىدۇ.
    زاڭنەن رايۇنى (ھىندىلار ئارۇناچال شىتاتى دەپ ئاتايدۇ) ھىندىستان ئەمەلىي كونتىروللۇقىدىكى تۈبۈتلەر توپلىشىپ
    ئولتۇراقلاشقان رايۇن. مىكماخۇن چېگرا سىزىقى دەل مۇشۇ ئارۇناچال شىتاتى بىلەن تىبەت ئاپتونۇم رايۇنىنى ئايرىپ
    تۇرىدىغان چېگرا لىنيەسىدۇر.
    ئەرگىنەقۇن مەدەنىيەت كۇلۇبى ئۈندىدار ئىزدەش نامى: Erginequn

    2

    تېما

    15

    دوست

    4611

    جۇغلانما

    سەردار

    Rank: 6Rank: 6

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ ساداقەت

    گىلەم
    يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    ھېندىستان بىيۋاستە يالغۇز قۇرۇغلىقتا جۇڭگو بىلەن ئۇرۇش قىلالمايدۇ، چۈنكى ھېندىستا قۇرال ياساش( ئىلغار) تەخنېكىسى جۇڭگو دىن خىلىلا ئارقىدا ئىلغار بولغان ئىېغىر تېپتىكى قۇراللار، كۈرەشچى، بومباردىمانچى ئۇچقىلار، چەتلەلدىن كىرگۈزىدۇ مەسىلەن روسسىيە، فىرانسىيە قاتارلىق بىر قىسىم تەرەققي قىلغان دۆلەتلەردىن سېتىۋالىدۇ ( ھەر خىل تېپتىكى ئۇرۇش پارخۇتلىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئادىسى ھېندىلەر، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى مۇناپۇق مەينەت ،ئۈكىمەت پاكىستان بىلەنمۇ ئۇرۇش قىلىش كۈچى يوق نېمە ئۈچۈن دۆلەت ئىشلەپ چىقىرىش كۈچى ھاجىز خەلىق تۇرمىشى تېخى تۈۋەن، ئىقتىسات كەمچىل داۋالاش ئىشلىرى يىتەرلىك ئەمەس،چۈنكى ھېندىستان -جۇڭگو ئۇرىشىدىن كېىن بارلىق زېكنىنى قۇرال ياساشقا ۋە سېتىۋىلىشقا قاراتى ئىچكى ئىشلەپ چىقىرىش، پەن -تەخنېكىنى ئالغا سۈرۈش ئىشلىرى بىلەن ئانچە كارى بولمىدى، بۇنىڭ مىسالى-30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىپ قىلىپ بىر كۈرەشچى ئۈچقۇنى، ياساپ چىقالمىدى سەۋەبى( ئۇچقۇ گەۋدىسى ئىنتايىن ئىغىر لايھلەشتە خاتالىق چوڭ ماي سەرپىياتى ھەم شاۇقۇنى يۇقىرى ئىشلىتىلگەن تاشقى ماتىريللىرى ئۆلچەملىك ئەمەس) 2 يىلنىڭ ئادىدا ھېندىستا چېگىرسىدا ئېگىز تاغلادا مەشىق قىلۋاتقان 200.000- يىقى تاغ قاپلىنى دەپ ئاتىلىدىغان ھېندىستان ئارمىيسىنى تۇنۇشتۇرغان، ئۇلارنىڭ ئېگىز تاغلاردا ئۇرۇش قىلىشۋە ھەركەت قىلىش ئىقتىدارى ئىگىزلىكتە 3- ساھە تىن ئاشىدۇ ھەم روسسىيە ئارمىيسى بىلەن تاغ مەشىقى قىلغان بۇلۇپ روسسىيە ئەسكەرلىرى ئېگىزلىكنىڭ يېرمىگە چىققاندا ھاۋا يىتىشمەي ئاران بىر ساھەتكە بەرداشلىق بىرەلىگەن، بەلكىم پاكىستان بىلەن ئۇرۇش قىلسا جۇڭگو يەردەم قىلىدۇ دېيشىڭلا مۈمكۈن، جۇڭگو يەردەم قىلالمايدۇ، يەردەم قىلسا روسسىيە ئىككىلەنمەي لام ھېىندىلەرگە يەردەم قىلىدۇ، بونداق بولغاندا رايون خاراكتىرلىق بىر قېتىملىق دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۇرۇش كىلىپ چىقىدۇ، ئەلۋەتەت جۇڭگو روسسىيەدەك قۇرال كۈچى بىسېىم ئورۇندا تۇرغان بىر كۈچ بىلەن تۇتۇشىپ قېلىشنى خالىمايدۇ ھازىر دېگەن پەن تەخنېكا  دەۋىرى ئۇرۇش بۇلسا ئادەملەرى بۇلىشىغا تۈكىدىغان جۇڭەو دەۋىرى ئۈتۈپ كەتتى، ئەلۋەتتە جۇڭگو مۇ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى جۇڭگو ھازىر تېىز تەرەققي قىلۋاتقان دۆلەت ئۇرۇش بۇلۇپ قالسا ئىغىر تېپتىكى ساناھەت رايونلىرى مۇيۇم ئىشلەپ - چىقىرىش كارخانىلىرى تاشقى ئارمىينىڭ ئاساسى نېشانى بۇلۇپ قېلىشى مۈمكۈن، ھەم سۇنى قىسىپمۇ قالالمايدۇ، ئۇندا قىلسا خەلەق ئارادا بىردەك ئەيىپلەشكە ئۇچىرايدۇ دە ئۇڭايسىز ھالەتكە چۈۇ قالىدۇ شۇنداقلا يىتىم بوپ قالىدۇ، ب د ت دە، ئاۋازغا قۇيۇپ جۇڭگوغا بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلىشى تۇرغان گەپ،چۈنكى جۇڭگو سۇنى ئۈزىۋىتىدىكەن ئاز دېگەندىمۇ 300.000000- خەلىقنىڭ ئاشلىق ۋە سۇسىزلىق قەھەتچىلىگىنى كەلتۈرۈپ چىقىردۇ ھەم باشقىلارغا تېپىلماس پۇرسەت تېپىپ بىردۇ، جۇڭگو بۇ تەرپىنى ئوبدان بىلدۇ، شۇڭا ئۇرۇش قىلىش جۇڭگوغىمۇ تەسكە چۈشىدۇ.........

    6

    تېما

    15

    دوست

    506

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    5#
    يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    ئاقسايچىن چىگرا تالاش تارتىشى ھۇكۇمىتىمىزنىڭ ھىندىلارغا يول قۇيۇپ كىلىۋاتقان،ھۇكۇمىتىمىز پاسسىپ ئۇرۇندا تۇرۋاتقان ئەڭ چوڭ چىگرا مەسلىسى.ئاقسايچىننىڭ خەلىقئارالىق خەرىتىلەردە ھىندىستانغا تەۋە قىلىپ سىزىلىشى ھۇكۇكۇمىتىمىزنىڭ دۇنياۋىي شوھرىتى،ۋە يۇز ئابرۇيىغا ئېغىر تەسىر يەتكۇزىدۇ.1962-يىلىدىكى چىگرا ئۇرۇشىدا تۇكۇلگەن قانلار بىكارغا ئاقماسلىقى كىرەك.ھازىرقىدەك خەلىقئارالىق سىياسى مۇھىتتا ھۇكۇمىتىمىزنىڭ داۋاملىق ھىندىلارغا يول قۇيۇشىنىڭ ئاقىۋىتى بەك ئېغىر.چۇنكى ھۇكۇمىتىمىزنىڭ چىگرا تالاش تارتىشى يالغۇز ئاقسايچىنلا ئەمەس.ھۇكۇمىتىمىز بىلەن زىمىن دەۋاسى قىلىۋاتقانلار يالغۇز ھىندىستانلا ئەمەس.

    6

    تېما

    15

    دوست

    506

    جۇغلانما

    يۈز بېشى

    Rank: 2

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    6#
    يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    ئاقسايچىن چىگرا مەسلىسى كەينىگە سۇرۇلمەي تىزدىن ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا كىيىنچە بىز ھەم ئەۋلاتلىرمىز ئۇچۇن ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى،ۋە ئەڭ چوڭ چىگرا تالاش تارتىشى بۇلۇپ قالىدۇ.

    باھا سۆز

    جاۋاپ  ئۇنىڭدىن غەم قىلماڭ  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
    ئىمىنوف  توغرا.............  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

    157

    تېما

    22

    دوست

    8349

    جۇغلانما

    خەلپەت

    Rank: 8Rank: 8

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى تۈتۈن بەگ سەردار ساداقەت تارىخشوناس

    7#
    يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    مەنچە دۆلىتىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھازىرچە ھىندىستان بىلەن ئىچىشمايدۇ، ئاۋۋال جەنۇبى دىڭىز مەسىلىسى ،بۇ مەسىلە ھەممىدىن موھىم.

    67

    تېما

    32

    دوست

    2644

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    8#
    يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    ئۇيزار97 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-23 20:15
    ئاقسايچىن چىگرا مەسلىسى كەينىگە سۇرۇلمەي تىزدىن ياخشى ...

    ئۇندا بولمايدۇ.

    باھا سۆز

    ئۇيزار97  سىز كىسىپلا ئۇندا بولمايدۇ دەۋېتىپسىز.بۇنداق دىيىشىڭىزنىڭ سەۋەبى نىمە؟  تەپسىلاتى ئىنكاس يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

    67

    تېما

    32

    دوست

    2644

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    9#
    يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    سالمان يوللىغان ۋاقتى  2015-4-24 00:22
    مەنچە دۆلىتىمىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھازىرچە ھىندىست ...

    توغرا دەيسىز.

    67

    تېما

    32

    دوست

    2644

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    يۈز بېشى مىڭ بېشى

    10#
    يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    ئۇيزار97 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-23 20:15
    ئاقسايچىن چىگرا مەسلىسى كەينىگە سۇرۇلمەي تىزدىن ياخشى ...

    بۇلتۇ ئىچكىردە يولداشلار ھۆكمەتكە ئىتراز بىلدۇرۇپتىكەن . ھۆكمەت شىنجاڭغىلا كۆڭۇل بۆلۇپ بىزگە كۆڭۇل بولمىدى ياپۇن بىلەن ئۇرۇش قىلىپ قالسا ، شىنجاڭنى مۇداپىيە قىلسا بىزنى كىم مۇداپىيە قىلدۇ دەپ .... بىر خەنسۇ تونشۇم شۇندا دەۋاتقان ..

    باھا سۆز

    ئىمىنوف  بۇ كۆڭۈن بۆلۈشلەر ۋاقىتلىق . تۈپ سەۋەبى مۇقۇملۇق بىلەن شىنجاڭنى تۇتۇپ تۇرۇش .  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
    ساداقەت  ھا ھا ھا .........  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2015-4-29 09:51 , Processed in 0.118463 second(s), 29 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش