تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
  • Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ ئۇيغۇر تۈركلىرى تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト

     پارول قايتۇرىۋېلىش
     تىزىملىتىش
    ئىزدەش
    ئاۋات ئىزدەش: ئۇيغۇر تۈركي تارىخ
    جەمئىي مىكروبلوگ 545 تال  

    مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

    • جاۋاپ 2015-4-16 16:03 [ئىنكاس(0)] [...]

      دۇنيادىكى ئەڭ ئسېىل سوغا سۆيگۈ، دۇنيادىكى ئەڭ يېرگىنىشلىك ئىش خائىنلىق!!!

    • پەلەك 2015-4-13 11:57 [ئىنكاس(0)] [...]

      بارچە ئۈمىدىمىز ياشلاردىدۇر......مۇستاپا كامال

    • جاۋاپ 2015-4-8 16:59 [ئىنكاس(0)] [...]

      بىر بالادىن قانچە تەز قۇتۇلسا، ئۆزى ئۈچۈن شۇنچە ياخشى!

    • ساداقەت 2015-4-6 21:24 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار بەزەن سەۋەبلەردىن مۇنبەرگە كىرەلمىدىم ئەمدى كۈندە كىرىشكە تىرىشىمەن.

    • گېتلېر 2015-3-21 11:30 [ئىنكاس(2)] [...]

      نەۋرۇز   بايرىمىڭلارغا    مۇبارەك   بولسۇن ،باسقان  قەدىمىڭلاردىن گۇللەر ئۇنسۇن قىرىنداشلىرىم

    • شەيدائى 2015-3-18 16:18 [ئىنكاس(1)] [...]

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. تورداشلار ھەممىڭلار شۇنداق ئالدىراشمۇ؟ قېنى ياخشى تېمىلار؟ جىمىپ كەتمەيلى.

    • دېھقان 2015-3-15 21:08 [ئىنكاس(0)] [...]

      ئادەم قانچىلىك بولسا ،شۇنچىلىك سۆزلەيدۇ .

    كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 6
    بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

    قىرىم تاتارلىرى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
    ساھىبخان
    يوللىغان ۋاقتى 2015-4-21 17:37:59 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   گېتلېر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-21 17:39  

    قىرىم تاتارلىرى
    تۇغى

    قىرىم تاتارلىرى
    ئىنگىلىزچە نامى: Crimean Tatars
    خەنزۇچە نامى: 克里米亚鞑靼人
    ئومۇمىي نوپۇسى: 500 مىڭدىن 6 مىليون 500 مىڭغىچە: ئۇكرائىنادا 300 مىڭ؛ ئۆزبېكىستاندا 188 مىڭ 772؛ تۈركىيەدە 150 مىڭدىن 6 مىليونغىچە؛ رۇمىنىيەدە 24 مىڭ 137؛ رۇسىيەدە 2449؛ بۇلغارىيەدە 1803؛ قازاقىستاندا 1532؛
    تىلى: قىرىم تاتار تىلى، رۇس تىلى، تۈرك تىلى، ئۇكران تىلى
    دىنى: ئىسلام سۈننىي مەزھىپىدە (ھەنەفى مەزھىپىدە)
    قىرىم تاتارلىرى
    ۋولگا تاتارلىرى، قازان تاتارلىرى، قىرىم تاتارلىرى دەپ ئۈچكە بۆلىنىدۇ.
    قىرىم تاتارلىرى ئۈچ كىچىك ئېتىنىك بىرلىكلەرگە بۆلىنىدۇ:
    بىرىنچى، 1944-يىلدىن بۇرۇن قىرىمنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ياشايدىغان تاتلار (%55 ئەتراپىدا)؛  
    ئىككىنچى، قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبى قىرغاقلىرىدا ياشايدىغان يالىبويۇ (the Yaliboyus)لار (%30 ئەتراپىدا)؛  
    ئۈچىنچى، نوغايلار-قىرىم يايلاقلىرىنىڭ بۇرۇنقى ئاھالىلىرى.
    يالىبويۇلار ۋە تاتلار كاۋكازچە ئاق تەنلىك،نوگايلاردا بەزى موڭغۇلچە ئالاھىدىلىكلەر ساقلانغان.  
    قىرىم تاتارلىرى ئەسلىدە قىرىم يېرىم ئارىلىدا تۇرىدىغان تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان مىللەت، قىرىم خانلىقى دەۋرىدە تۈرك-موڭغۇل گۇرۇپپىسى ئىدى، ئۇلار قىرىم تاتار تىلى، رۇس تىلى ۋە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدۇ، قايسى تىلدا سۆزلىشىشى مۇھىتقا باغلىق. ئاممىۋى ئىشلار ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا رۇس تىلى ئىشلىتىدۇ، تۈرك قان سىستېمىسىدىن بولغان تاتارلار تۈرك تىلى ئىشلىتىدۇ، ئۇكرائىنالىقلار كۆپ جايدىكىلەر ئۇكران تىلى ئىشلىتىدۇ.
    غۈبئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىنىڭ 2001-يىلدىكى دوكلاتىدا 248 مىڭ 200 قىرىم تاتارى بارلىقى دېيىلدى. بۇنىڭدا 243 مىڭ 400 ئادەم قىرىمدا، 1800 قىرىم تاتارى سېۋاستىپولدا ئولتۇراقلاشقان.
    2012-يىلغىچە، ئۇكرائىنادا تەخمىنەن 500 مىڭ مۇسۇلمان بولۇپ، بۇنىڭ تەخمىنەن 300 مىڭى قىرىم تاتارلىرى. تەخمىنەن 150 مىڭ قىرىم تاتارى ئوتتۇرا ئاسىيادا سۈرگۈندە بولۇپ، ئاساسلىقى ئۆزبېكىستاندا. تۈركىيە ھۆكۈمەت سانلىق مەلۇماتىدا
    قىرىم تاتارلىرىنىڭ سانى 150 مىڭ، بەزى يۇقىرى مۆلچەرلەردە 6 مىليون دېيىلىدۇ. ئاساسلىقى ئەسكىشەھىر ۋىلايىدە ئولتۇراقلاشقان.
    تاتار دىگەن ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپ 5-ئەسىردە مۇڭغۇلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بايقال كۆلى ئەتراپىدىكى كۆچمەن چارۋىچى تۈركىي قەبىلىلەر ئارىسىدا كۆرۈلۈشكە باشلىغان.بۇلار كۇمانلار (kumans) ياكى قىپچاقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. جوڭگوچە ئاتىلىشى دادا (Dada) بولۇپ، تاڭ خاندانلىقىنىڭ ئاخىرلىردا كۆرۈلگەن مەخسوس شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ. باشقىچە ئاتىلىشى دادان (dadan)، تاتان(tatan) .
    تاتارلار ئۇرۇشتا
    13-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ھەرخىل كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر چىڭگىزخاننىڭ قوشونىغا قوشۇلدى،بۇنىڭ بىلەن تۈركىي قەبىلىلەر ۋە مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئارىسىدا يۇغۇرلۇش يۈز بەردى ھەمدە ھونگىرىيە ۋە رۇس قاتارلىق جايلارغا تاجاۋۇز قىلغانلارنى ياۋرۇپالىقلار تاتارلار دەپ ئاتىغان. مۇڭغۇل ئېمپىرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن، تاتارلار ئاساسلىقى بولۇپمۇ ئېمپىرىيىنىڭ غەربىدىكى-ھازىرقى روسىيىنىڭ ياۋرۇپا قىسىمى-ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ خەلىقلىرىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
    قىرىم تاتارلىرىنى سىكىزاي، گرېكلار، گوتلار، شەرقىي
    سىلاۋىيانلار، چېركىسلاربىلەن تۈركلەر، بولۇپمۇ ھون، ھازارلار ۋە قىپچاقلارنىڭ يۇغۇرۇلىشىدىن شەكىللەنگەن دېيىشكە بولىدۇ، ھەم پانتۈركىزىمنى ئەڭ بۇرۇن تەشۋىق قىلغان مىللەت. ئۇلار ۋولگا تاتارلىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئالتۇن ئوردا خانلىقى دەۋرىدە مۇسۇلمان بولغان.
    قىرىم تاتارلىرى ئاساسلىقى قىرىم يېرىم ئارىلىدا ياشايدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئەڭ بۇرۇنقى قىرىم يېرىم ئارىلى ئاھالىسى بولغان كېلتلارنى تاپقىلى بولىدۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 7-ئەسىردە سىكىزايلار ئۇلارنى قوغلاپ چىقارغان، پەقەت تاغلىق رايوندا يەنە ئاز ساندا كېلتلار بار. بۇنىڭ بىلەن بىرگە گرېكلەر دېڭىز قىرغىقىدا مۇستەملىكە قۇرۇشقا باشلىغان.
    مىلادىدىن ئىلگىرىكى 438-يىلى بۇ جايدا بوسپوران خانلىقى (Bosporan Kingdom) قۇرۇلغان، بۇ دۆلەت بىلەن ئافىنانىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئافىناغا بۇغداي ۋە باشقا ئەشيالارنى تەمىنلىگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 15-يىلى، قىرىم يېرىم ئارىلى دېڭىز قىرغىقىدىكى دۆلەت ۋە شەھەرلەر رىم ئىمپېرىيىسىگە بېقىندى دۆلەتلەر بولۇپ قالغان.
    كېيىن قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئىشغال قىلىپ كەلدى: 250-يىلى گوتلار، 376-يىلى ھونلار، 8-ئەسىردە ھازارلار، 1016-يىلى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، 1050-يىلى
    قىپچاقلار، 1237-يىلى موڭغۇللار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان.
    13-ئەسىردە ئىتالىيەنىڭ سودا شەھىرى گېنويە ئۆزىنىڭ رەقىبى ۋېنىتسىيەنى قىرىم يېرىم ئارىلىدىن قوغلاپ چىقاردى ھەمدە يېرىم
    ئارالنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا كۆپلەپ شەھەر بىنا قىلدى. بۇ گۈللەنگەن سودا شەھەرلىرى تاكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلغانغا قەدەر مەۋجۇت بولۇپ تۇردى.
    بۇ چاغدا تاتارلار يېرىم ئارالنىڭ ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسىمىنى ئىشغال قىلدى. ئالتۇن ئوردا خانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جۇجىنىڭ بىر ئەۋلادى خانلىق قۇردى. ئەڭ دەسلەپ قىرىمنى باشقۇرغىنى تۇقا تېمۇر، ئۇ باتۇ خاننىڭ ئىنىسى. 1430-يىلىغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئەۋلادى ھاجى گىراي رەسىمىي دۆلەت قۇردى. ئۇ ساداقەتمەن مۇسۇلمان، شۇڭا خانلىقنىڭ كۈچلۈك ئىسلام پۇرىقى بار. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئىككىنچى ئوغلى بىلەن ئالتىنچى ئوغلى مەڭلى گىراي تەخت تالاشتى، كېيىن مەڭلى گىراي غەلبە قىلدى. 1468-يىلى ئۇ كاففانى زىيارەت قىلدى، بىرلا ۋاقىتتا ئوسمان ئىمپېرىيىسى كاففانى تارتىۋېلىشقا ئەۋەتتى. تۈركلەر 1475-يىلى مەڭلى گىراينى قاماققا ئالدى، ئەمما تۈركلەر قىرىم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىكىگە ھۆرمەت قىلدى، ئىككى يىلدىن كېيىن قويۇپ
    بېرىلىپ، سۇلتاننىڭ ۋاسسال بەگلىكى بولدى. سۇلتان يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، قىرىم خانى يېرىم ئارالنىڭ باشقا جايلىرىغا ۋە شىمالىدىكى يايلاقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى، ئۆزىنىڭ پۇلىنى تارقاتتى. ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە بولۇپ، تۈرك ئىمپېرىيەسى ھەر قېتىم ئۇرۇش قىلغاندا تاتارلار ياردەم بېرىپ كەلگەن. 1502-يىلى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى تەلتۆكۈس يىمىرىلگەندىن كېيىن، قىرىم ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالدى.
    تاتارلار بىلەن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئەجدادلىرى موڭغۇلىيە ئېگىزلىكىدىن كەلگەن، ئۇرۇشتا ئكز ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولىدىغان ئىتتىپاقداشلار. تۈركلەرنىڭ ئۆتكۈچ قىلىچىنىڭ ھىمايىسىدە، قىرىم تاتارلىرى نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان ئىزچىل تۆت ئەتراپتىكى قوشنىلىرىغا ئۇرۇش قوزغاپ كەلدى، رۇسىيە، ئۇكرائىنا ۋە پولشانىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋالدى ھەمدە يەرلىك نوپۇسنى بۇلاپ، ئۇلارنى قۇل قىلىپ ساتتى.
    16-ئەسىردىن كېيىن، رۇسىيە پەيدىنپەي كۈچىيىپ، باشقا ئۈچ خانلىقنى بوي سۇندۇردى، رۇسىيەگە باش ئېگىشنى خالىمىغان قىرىم خانلىقى تۈركلەرگە بېقىندى بولۇپ، چاررۇسىيە بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلدى.
    رۇسىيە 1783-يىلى قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۆزىنىڭ خەرىتىسىگە
    كىرگۈزۈپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئىنتىزار بولغان قارا دېڭىزغا چىقىش پورتىغا ئېرىشتى. قىرىم تاتارلىرى رۇسىيە تورىدا ئوبلاستىنىڭ باشقۇرۇشىغا قوشۇۋېتىلدى. 1918-يىلى تورىدا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەنىڭ ئەزاسى بولدى. 1921-يىلى رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق قىرىم تاتار سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىتى قۇرۇلدى.
    ئەمما تاتارلار ئەزەلدىن ئۇتتۇرغىنىغا تەن بەرگەن ئەمەس، ئۇلار ھەر ۋاقىت رۇسىيەنىڭ كونتروللىقىدىن قۇتۇلۇپ، قىرىم يېرىم ئارىلىدا قايتىدىن باش كۆتۈرۈشنى ئويلاپ كەلدى. شۇڭا ھەر قېتىم قىرىمدا ئۇرۇش پارتلىسا، كۆپ قىسىم تاتار ئاممىسى رۇسىيەنىڭ دۈشمىنىگە بولۇشتى. مەيلى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىكى قىرىم ئۇرۇشى بولسۇن، ياكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبە قىلغاندىن كېيىنكى سوۋېت رۇسسىيەسى ئىچكى ئۇرۇشىدا بولسۇن، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە قانلىق ئۇرۇش يېتىپ كەلگەندە، قىرىم تاتارلىرى ھەمىشە تۇغ كۆتۈرۈپ قوزغىلىپ، ئۆتكۈر قىلىچىنى رۇسىيەنىڭ دۈمبىسىگە سانجىپ كەلدى. قىرىم تاتارلىرى بىلەن رۇسىيەنىڭ ئۆچمەنلىكى شۇنچىلىك چوڭقۇر بولۇپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىمۇ، نۇرغۇن تاتارلار قىلچە ئىككىلەنمەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەقىبى گېرمانىيە تەرەپتە
    تۇردى.
    1941-يىلى، گېرمانىيە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قوزغىغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى مەملىكەت مىقياسىدا ئۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلدى، 20 مىڭغا يېقىن تاتار ياشلىرى قىزىل ئارمىيەگە قوشۇلدى. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى خەلق كومىتېتىنىڭ ھۆججىتىدە دېيىلىشىچە، بۇ تاتار ياشلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك گېرمانىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن. گېرمانىيە ئارمىيىسى قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغاندا، كۆپ قىسىم كەنت ئاممىسى گېرمانلارنى قارشى ئېلىش پائالىيىتىگە قاتناشقان. كەنت ئاممىسى ئۈزۈم، مېۋە ۋە ھاراق قاتارلىق ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىنى گېرمانىيە ئەسكەرلىرى بەرگەن. تاتارلار ھەقىقەتەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزىنىڭ قۇتقازغۇچىسى دەپ قارىدى. گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، قىرىمدا ئىسلام كومىتېتى قۇرۇلدى. بۇ ئاساستا يەنە سىمفېروپولدا تاتار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلدى.
    ئۇرۇشتىن كېيىن، سىتالىن قىرىم تاتارلىرىنى گېرمانىيە بىلەن تىل بىرىكتۈردى دېگەننى باھانە قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلدى، سۈرگۈن بولغان تەخمىنەن %46 ئادەم ئاچلىق ۋە كېسەللىك بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. كۆپ قىسىمى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت ۋە سەمەرقەنت رايونىدا ئورۇنلاشتى. مۇھىتقا ماسلىشالمىغانلىقى سەۋەبلىك، 1944-يىلدىن 1948-
    يىلغىچە، ئۆزبېكىستانغا بارغان قىرىم تاتارلىرىنىڭ %29.6 تى ئۆلۈپ كەتتى. سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، قىرىم تاتارلىرى زېمىنىغا قايتىدىن ئاياغ باستى، ئەمما ئۇلارنىڭ زېمىنى رۇسلار ۋە ئۇكرانلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى، قىرىم تاتارلىرى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.
    1954-يىلى، خېرۇششېۋ رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى قارار ماقۇللاپ، قىرىمنى ئۇكرائىناغا بۆلۈپ بەردى. 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 5-كۈنى، قىرىم يېرىم ئارىلى مۇستەقىللىق جاكارلىدى، كېيىن ئۇكرائىنانىڭ بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بولۇشنى قارار قىلدى. قىرىم تاتارلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن كۆچۈشكە مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، باشقا مىللەتلەر تاتارلارنىڭ زېمىنى ئىگىلىۋالغان بولۇپ، بۈگۈنكى قىرىم تاتارلارنىڭ قىرىمى بولماي قالدى.
    ۋىكىپېدىيە ۋە خۇدوڭ قامۇسىدىن ئەكبەر تەرجىمە قىلدى.

    بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

    0

    تېما

    0

    دوست

    118

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    دىۋان
    يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    بىر تەقدىرى كاژ ، جەسۇر مىللەت .  ئاللاھ ئۇلارغا ئاسانلىق بەرگەي .

    0

    تېما

    0

    دوست

    118

    جۇغلانما

    لەشكەر

    Rank: 1

    يىكەنداز
    يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    بۇ مۇنبەردە بىر نەرسە يازساملا ، كاتەكچە چىقىۋالىدۇ ، راۋۇرۇس يوللانغان يازمىدىمۇ ، بىر - ئىككى كۈن ئۆتسە ئاشۇنداق كاتەكچىلەر پەيدا بولۇپ قالىدىكەن ، بۇ نىمىدىن ؟

    3

    تېما

    1

    دوست

    1701

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    گىلەم
    يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
    sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2015-4-22 12:13
    بىر تەقدىرى كاژ ، جەسۇر مىللەت .  ئاللاھ ئۇلارغا ئاسانل ...


    جەسۇر بولغاچقا،كۆزگە يېقىن.

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    5#
    يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:17 |ئايرىم كۆرۈش


    تاتار مىللىتى



        تاتارلار رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تاتارىستان جۇمھۇرىيتىدە ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتكە چېگرىداش ھەر قايسى جۇمھۇرىيەت ئوبلاستلارغا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. بولۇپ 2007-يىلى يىل ئاخىرىدىكى سىتاتىسكىدا رۇسىيەدىكى تاتارلارنىڭ ئۇمۇمى نوپۇسى 5مىلىيۇن 890مىڭ بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىدە 2مىلىيۇن 100مىڭ بولۇپ تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ 53%نى ، باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتىدە بىر مىلىيۇن بولۇپ باشقىرتىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇمۇمى نوپۇسىنىڭ 24% تەشكىل قىلغاندىن باشقا يەنە تۈمەن ئوبلاستىدا 250مىڭ، سىۋىردولوۋىسكى ۋە ئوليانوۋىسكى ئوبلاستىدا 170مىڭدىن،  چېليابىنىسكى ئوبلاستىدا 210مىڭ، موسكۋادا 170مىڭ، سامارا ئوبلاستىدا 130مىڭ، سانكىت پىتىربورگدا 50مىڭ، ئاستىراخان ئوبلاستىدا 100مىڭ، ئۇدمۇرت جۇمھۇرىيىتىدە 110مىڭ، ئورېنبورگدا 166مىڭ، پىرىم ئوبلاستىدا 140مىڭ، كېمېروۋ، سارىتاۋ، ئومىسكى، كىراسنويارىسكى، كىروۋ، موردوۋا جۇمھۇرىيىتى، مارىئېل جۇمھۇرىيىتى، چۇۋاش جۇمھۇرىيىتى قاتالىق جايلاردا 50مىڭدىن تارقالغان. ئۇنىڭدىن باشقا روسىيەنىڭ ۋە سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا دىگۈدەك تاتارلار ئولتۇراقلاشقان. تاتارلار يەنە رۇسىيەدىن سىرتقى دۆلەتلەردىن  ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتى ( 650مىڭ) ، يەنە تاجىكىستان (100مىڭ)، قىرغىزىستان (40 مىڭ)، قازاقىستان (260 مىڭ)، تۈركمەنىستان (30 مىڭ)  ۋە تۈركىيە(130مىڭ)، سەئۇدى ئەرەبىستان(51مىڭ)، ئامېرىكا(29مىڭ)، ئاۋستىرالىيە(31)، گېرمانىيە(18مىڭ)، كانادا(3700) قاتارلىق ئەللەر ۋە رايونلارغىمۇ تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 8مىليۇنغا يېقىنلىشىدۇ ئاشىدۇ.
         تاتارلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ موڭغۇل، ھىندى - پامىر تىپى ۋە كاۋكاز ئىرقىنىڭ ئارىلاشمىسىغا كىرىدۇ. ئالتاي تىللىرى سىستېمسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسى بۇلغار تىللىرى ئائىلىسى(گاھىدا شىمالى تىللار ئائىلىسى دىيىلىدۇ)گە تەۋە تاتار تىلىنىڭ قازان، ئاستىراخان، سىبىرىيە قاتارلىق كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ؛ ئەسلىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار ئىدى، سوۋېت ئىستىلاسىدىن كېيىن سىلاۋيان يېزىقىنىمۇ قوللىنىپ كەلگەن.
        تاتارلار بارلىق تۈركى مىللەتلەرگە ئوخشاشلا تارىختا شامان، زەردۇشىت، بۇددا، مانىزم قاتارلىق قەدىمكى دىنلارغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن. 10-ئەسىردە مۇسۇلمان بولغان، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. لېكىن سانى 30مىڭ ئۆپچۆرىسىدە بولغان كەرشىنۋاي تاتارلىرى 16-18ئەسىرلەردە رۇسلارنىڭ مەجبۇرى ئاستىدا پىروۋىسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلدۇرۇلغان بولۇپ بۈگۈنگىچە پىروۋىسلاۋ بولۇپ كەلمەكتە.
        تاتارلار ناھايىتى بالدۇرلا شەھەرلەشكەن بولۇپ ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودىغا ماھىر مىللەت. تاتارلار ئاساسەن شەھەرلەشكەن بولۇپ دېھقان- چارۋىچىلار يوقنىڭ ئورنىدا .
        تاتارلار ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمىي مىللەت تۈركلەرنىڭ بىرقىسمى بولۇپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3-ئەسىردە شەرقى ياۋروپادىكى تۇنجى پادىشاھلىق ھىساپلانغان ئىفتالىتلار(ئاق ھۇن) خانلىقى ھازىر تاتارلار ياشىغان ئىدىل(ۋولگا) ۋادىلىرىغىچە كېڭەيگەن. كېيىن ئۇلارنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ھۇن ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ياۋروپا يۈرۈشلىرىگە قاتناشقان. مىلادى 10- ئەسىردە ئاستىراخاندىكى  بۇلغار(ھازىرقى تاتار) خانى ئەرەپ خەلىپىلىكىنىڭ ئەلچىسىنى قوبۇل قىلىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن، 13-ئەسىردە تاتارلار ئولتۇراقلاشقان رايون چىڭگىزخان قوشۇنلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا چۈشۈپ قالغان.  14 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا چاغاتاينىڭ تۈركلەشكەن  ئەۋلادلىرىدىن بولغان باتۇخان ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەخمىنەن 400مىڭ ئەتراپىدا تۈركى خەلقنى ئەسكەر قىلىپ كەڭ روسىيە تۈزلەڭلىكىنى بويسۇندۇرغا ، قوشۇندىكى سانى 5مىڭغا يەتمەيدىغان موڭغۇللار تۈركلىشىپ كەتكەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىديادىن بارغانلار ئەسلىدىكى تۈركى خەلق بۇلغارلار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ بۈگۈنكى تاتارلار شەكىللەنگەن. گۈللەنگەن ئالتۇن ئوردا پادىشاھلىقى شەرقتە سىبىرىيەدىن تارتىپ غەرپتە موسكۋا چېگرىسىغىچە، جەنۇپتا ئاستىراخاندىن شىمالدا مۇز ئوكيانغىچە  بولغان كەڭ زىمىننى بويسۇندۇرۇپ مەدەنىيەتلىك دۆلەت قۇرغان. 15 - ئەسىردە ئالتۇن ئوردا خانلىقى پارچىلىنىپ قازان خانلىقى، ئاستىراخان خانلىقى، قىرىم خانلىقى، سىبىرىيە خانلىقى قاتارلىق ئۇششاق بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. 1565-يىلى رۇسلار قازان خانلىقىنى ئىشغال قىلىپ دەھشەتلىك ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغا ۋە قازان تاتارلىرىنىڭ 70% بۇ قىرغىنچىلىقتا قىرىپ تۈگىتىلىپ قالغان ئاز ساندىكىلىرىنىڭمۇ نۇرغۇنلىرى باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغان.
        دۇنيادا تاتارلاردەك ئېغىر مىللى ئىكىسپولاتسىيەگە ئۇچرىغان ئىككىنچى مىللەتنى تاپماق تەس. ئۇلار 4ئەسىر مىللى كىملىكىنى قوغداش يولىدا ئۈن-تۈنسىز كۈرەش قىلىپ سانسىز قىرغىنچىلىق، مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيا، دىن ئۆزگەرتىش، ئۆز يۇرتىدىن تۈركۈملەپ سۈرگۈن قىلىنىشتەك تەقدىرلەرگە يۈزلىنىپمۇ ئۆزىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيتىىنى ناھايىتى ياخشى ساقلاپ كېلىش بىلەن بىرگە رىزائىدىن پەخرىدىن، ئابدۇللا توقاي قاتارلىق ئالىملار  ۋە سانسىز بىجاندىل تۆھپىكارلار ئارقىلىق ئەتراپتىكى تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولغان.      1917 - يىلى سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلۇپ، تاتارلار تاتارىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاھالىسى بولۇپ مىللى كىملىكى قىسمەن كاپالەتكە ئىگە بولغان. 1924 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى «تاتارىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيتى» قۇرۇلغان ۋە رۇسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ تەركىۋى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان؛
        1990 - يىلى تاتارسىتان سوۋېتى (جۇمھۇرىيەت پارلامېنتى) «ئىگىلىك ھوقۇقى خىتابنامىسى» نى ماقۇللىغان. 1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئەممە بىر يېرىم يىلدىن كېيىن قايتىدىن رۇسىيە بىلەن شەرتنامە تۈزۈشۈپ موسكۋا بىلەن تەڭ ھوقۇقلۇق فىدىراتسىيە كېلىشىمىگە قول قويغان. نۆۋەتتە تاتارلار رۇسىيەدە  رۇسلاردىن قالسا ئىككىنچى چوڭ مىللەت، تاتار   تىلى روسىيە فىدىراتسىيەسى تەۋەسىدە رۇس تىلىدىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ تىل بولۇپ تاتار تىلىدا باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتلار دەرسى ئۆتۈلىدۇ. تاتار تىلىدا گېزىت ژورنال، كىتاپلار نەشىر قىلىنىشتىن سىرت فىلىملەر ئىشلىنىۋاتىدۇ...

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    6#
    يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:20 |ئايرىم كۆرۈش
    قىرىم   تاتارلىرى  بىلەن   قازان  تاتارلىرىنىڭ   پەرقى  بار  بولغاچقا     بۇنى  يەنە   يوللىدىم    ئەمما   ۋولگا  تاتارلىرىنىڭ    تارىخىنى  بىلىش   ئۇچۇن  ماتىريال  ئىزدەپ  تاپالمايۋاتىمەن  .
    تاتارلار   (قىرىم  تاتارلىرى ،  قازان  تاتارلىرى   ۋولگا  تاتارلىرى ) دەپ  ئۇچكە  بۆلىنىدۇ   شۇڭا   تورداشلارنىڭ  ۋولگا  تاتارلىرى  توغۇرلۇق  ماتىريال   بولسا   بۇ  تىمىنى  تولوق  بولوپ  كەتسە   دىگەن  ئۇمۇتتىمەن

    23

    تېما

    11

    دوست

    2741

    جۇغلانما

    مىڭ بېشى

    Rank: 3Rank: 3

    لەشكەر يۈز بېشى مىڭ بېشى

    7#
    يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:46 |ئايرىم كۆرۈش
    تاتارىستان 1991- يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان ئىدى. موسكۋا رۇسىيە فىدىراتسىيىسى ئىچىدىكى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. تاتارىستان ۋە چېچېنىيە مۇستەقىللىقىنى قەتئى قوغداش پرىنسىپىدا چىڭ تۇردى. بارلىق ئەسكەر ۋە خەلقنى، ۋەتەننى قوغداشقا سەپەرۋەر قىلدى. رۇسىيە تاتارىستان بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، تاشقى دىپلوماتىيەدىن باشقا بارلىق ھوقۇقلارنى تاتارىستانغا بېرىش شەرتى بىلەن تەكرار كېلىشىم ھاسىل قىلدى. تاتارىستان مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچتى.
    تاتارىستاننىڭ يەر مەيدانى 68000 كۋادرات كىلومېتىر.(ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 24 تىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. (
    نوپۇسى (2005.يىلدىكى مەلۇمات) 3.642.000.
    پايتەختى – قازان
    تاتارلار 13-ئەسىردە ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇ رايونغا كەلگەن تۈركى مىللەتلەرگە مەنسۇپ قىپچاقلارنىڭ بىر قولىدۇر. 922-يىلى ئىسلامىيەتنى قوبۇل قىلدى ۋە قېرىمدىن سىبىريىگىچە سوزۇلغان پايانسىز زېمىنلاردا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇردى.
    -15ئەسىردە ئاقساق تۆمۈرنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئىچكى ئىتتىپاقسىزلىقتىن خانلىق پارچىلاندى. قازان، قېرىم، قاسىم، ئاستىراخان، نوغاي خانلقلىرى ئورنىغا چىقتى.
    تاتار خانلىقلىرىنى بىر-بىرلەپ يۇتۇش ئارقىلىق كۈچەيگەن رۇس كىنەزلىكى 1552-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى تۈركى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بۈشۈگىدىن بىرسى بولغان قازاننى ۋە تاتارسىتاننىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلدى.
    تاتارىستاندا رۇسلارغا بولغان قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى توختاپ قالمىدى. 1917-يىل، رۇسسىيەدە بولشىۋىك ئىنقىلابى باشلانغاندا، تاتارلار دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. 1917-يىلى 6-ئايدا رۇسىيە-سىبىرىيە تاتار قۇرۇلتىيى قازاندا ئېچىلدى. 120 كىشىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سايلاندى. خەلق قۇرۇلتىيى "مۇسۇلمان تۈرك-تاتار مۇختارىيىتى"نى ئېلان قىلدى. 1917-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى “ئىدىل-ئۇرال دۆلىتى”قۇرۇلغانلىقى جاكالاندى. بۇ دۆلەت 1918-يىلى بولشېۋىكلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. بولشېۋىكلار مەۋجۇت تاتارىستاننى ئىككىگە بۆلۈپ، بىرىنىڭ ئىسمىنى باشقۇرۇتسىتان(باشقۇرت-بۆرىنىڭ باشلۇغۇچىسى ياكى بۆرىنىڭ سەركىسى -دېمەكتۇر)ئاتىدى. باشقۇرتىستان سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1919-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، تاتارىستان سوۋىت سوتسالىستىك جۇمھۇرىيىتى 1920-يىلى5-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېلان قىلىندى.
    تاتارىستان نوپۇسىنىڭ 53% تاتار.(1991-يىلى 46% ئىدى)، 40% رۇس. 3.5% چۇۋاش (تۈركى خەلقلەرنىڭ بىر تۈرى)، قالغان قىسمى باشقا ئېتنىك مىللەتلەردىن تەركىب تاپماقتا.
    تاتارىستان زېمىنى دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىققا مۇۋاپىق، ھۆل-يېغىن مول بولغان بىر مەملىكەت. سانائەت جەھەتتە، نېفىت ئايرىش، گاز، خمىيەۋى ئوغۇت، ئايروپىلان، ماشىناسازلىق، كومپيۇتېر، پاراخۇت، تۆمۈر-پولات، پىلاستىك ...سانائەت تەرەققىياتى دۇنيا بىلەن رىقابەت قىلىش كۇچىغا ئىگە.
    تاتارىستان 1994-يىلى موسكۋا بىلەن تۈزگەن كېلىشىم ئارقىلىق، يەر ئۈستى-يەر ئاستى بايلىقلىرىنى ئۆزى ئېچىش ۋە سېتىش ھوقۇقىنى تامامەن ئۆز كونترولىغا ئالغان ئىدى. يىللىق ئىشلەپچىقىرىۋاتقان نېفىت مىقدارى 100 مىليون توننادىن ئارتۇق.
    -1995يىلى تاتارىستان پارلامېنتى چەتئەللىك مەبلەخ سالغۇچىلارنى جەلپ قىلىلىدىغان يېڭى قانۇنلارنى چىقاردى. چەتەللىكلەرگە ئۆي، يەر-زىمىن سېتىۋېلىش، باجلارنى كەچۈرۈم قىلىش… قاتارلىق يېڭى ئىمكانىيەتلەر، چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىشتا پەۋقۇلئاددە مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى.
    تاتارىستاننىڭ تاشقى تىجارىتىگە رۇسىيە ئارىلاشمايدۇ، ئارىلىشالمايدۇ. ھازىر رۇسىيە فىدىراتسىيەسى ئىچىدە ئەڭ كۆپ مەبلەغ كەلگەن ۋە ئەڭ كۆپ تاشقى پىرۋوتقا ئىگە بولغان ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت تاتارىستاندۇر.
    تاتارىستاندا مائارىپ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان. نوپۇسىنىڭ 99% ساۋاتلىق. تاتارلار 1926-يىلى لاتىن يېزىقىغا ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنلا تۈركىيىمۇ لاتىن يىزىغىغا ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن، خەتەرلىك ھېسابلىنىپ، ستالىن تاتارلارنىڭ لاتىن يىزىغىنى ئىشلىتىشىنى بۇيرۇق بىلەن ئەمەلدىن قالدۇردى. 1940-يىلدىن كېيىن تاتارىستاندا رۇس يىزىغى مەجبۇرى يولغا قويۇلدى.
    تاتارىستاندا 13 ئۇنىۋېسىتىت بار بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېسىتىتلەردە 70.000 نەپەر ئوقۇغۇچى ئوقۇماقتا. قازان ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپانىڭ 3.قەدىمى ئۇنىۋېرسىتېتى ھېسابلىنىدۇ. لېنىنمۇ قازان ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن پاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن.
    تاتارلار، دۇنيادا كىتاب ئوقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر مىللەت ھېسابلىنىدۇ. تاتارىستاندا 1800 كۇتۇپخانا بار. 135 خىل گېزىت-ژورنال نەشر قىلىنماقتا.
    قازان شەھىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 1000 يىللىغىنى خاتىرىلەش بايرىمى ئۆتكەن يىلى تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن داغدۇغىلىق تەبىرىكلەندى.
    تارىختا، داۋاملىق بېسىم ۋە ۋەتىنىدىن كۆچۈپ كېتىشكە مۇجبۇرلانغان تاتارلار دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە تارقاپ كەتكەن بولۇپ، تاتارىستاندىكى تاتار نۇپۇسىدىن 3 ھەسسە ئارتۇق تاتار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشىماقتا. تاتارلار ئەڭ كۆپ ياشاۋاتقان دۆلەتلەر شۇلاردۇر؛ تۈركىيە، فىنلاندىيە، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، رۇمىنىيە،پولشا.
    تاتارلار،20.ئەسىردە ئەڭ ئېغىر مىللىي پاجىئەگە ئۇچرىغان خەلق.
    ھەقىقى ئاپتونومىيىگە ئېرىشكەن تاتار خەلقى، ھەقىقى ئەركىنلىك ۋە باياشاتلىق، ھۇزۇر ئىچىدە ياشىماقتا. ئامما، تاتارىستاندا ۋە چەتئەلدىكى تاتار دىياسپورىسى ئىچىدە، تاتار خەلقىگە ھەقىقى ۋە ئەبىدىلىك بەخىت-سائادەت مۇستەقىل بولغاندىلا كىلىدىغانلىغىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيە، تەشكىلات ۋە گۇرۇپپالار بار. زوراۋانلىق ئىشلەتمىگەن بۇ پىكىر-ئىقىملارنى موسكوۋا ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە.
    ئەمگەك كۇچىغا بولغان ئېھتىياج كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقان تاتارىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئىشسىز قېرىنداشلىرىغا كەڭ قۇچاق ئاچماقتا، ئۇلارنى باغرىغا باسماقتا.
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

    تىز ئىنكاس:

    يانفۇن|Archiver|Uyghur Ejdad Tarih Tori ,شىنجاڭ تارىخ تورى , 新疆维吾尔族历史网站 ,Uyghur History Website ,ウイグル族の歴史サイト ( 新ICP备11003746号-1 )

    GMT+8, 2015-4-29 09:49 , Processed in 0.136482 second(s), 29 queries .

    Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

    © 2001-2012 Comsenz Inc.

    چوققىغا قايتىش